بايىنغولىن ئوبلاستلىق خەلق ھۆكمەت باش بېتى
باشقا يازمىلار
  • لى گاڭ جۇڭگو خەلقئارا ئېنېرگىيە گۇرۇھى پاي كونترول چەكلىك شىركىتى پارتگۇرۇپپىسىنىڭ شۇجىسى، مۇدىرىيەت رەئىسى ۋۇ گودى بىلەن كۆرۈشتى

لى گاڭ جۇڭگو خەلقئارا ئېنېرگىيە گۇرۇھى پاي كونترول چەكلىك شىركىتى پارتگۇرۇپپىسىنىڭ شۇجىسى، مۇدىرىيەت رەئىسى ۋۇ گودى بىلەن كۆرۈشتى

ئىككى تەرەپنىڭ ئەمەلىي ھەمكارلىقىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، ئۆزئارا مەنپەئەت يەتكۈزۈپ، ئورتاق پايدا ئېلىشنى تىرىشىپ ئەمەلگە ئاشۇرۇش كېرەك

    4ـ ئاينىڭ 11 ـ كۈنى چۈشتىن بۇرۇن، ئوبلاستلىق پارتكومنىڭ شۇجىسى لى گاڭ جۇڭگو خەلقئارا ئېنېرگىيە گۇرۇھى پاي كونترول چەكلىك شىركىتى پارتگۇرۇپپىسىنىڭ شۇجىسى، مۇدىرىيەت رەئىسى ۋۇ گودى بىلەن كۆرۈشتى. ئىككى تەرەپ ئېنېرگىيەنى ئېچىش ساھەسىدە ھەمكارلىقنى يەنىمۇ كۈچەيتىش توغرىسىدا چوڭقۇر پىكىر ئالماشتۇردى.     مۇخبىرىمىز ياڭ شياۋدۇڭ فوتوسى

    مۇخبىرىمىز ياڭ شياۋدۇڭ خەۋەر قىلىدۇ: 4 -ئاينىڭ 11 -كۈنى چۈشتىن بۇرۇن، ئوبلاستلىق پارتكومنىڭ شۇجىسى لى گاڭ جۇڭگو خەلقئارا ئېنېرگىيە گۇرۇھى پاي كونترول چەكلىك شىركىتى پارتگۇرۇپپىسنىڭ شۇجىسى، مۇدىرىيەت رەئىسى ۋۇ گودى ۋە ئۇنىڭ ھەمراھلىرى بىلەن  كۆرۈشتى. ئىككى تەرەپ ئېنېرگىيەنى ئېچىش ساھەسىدىكى ھەمكارلىقنى يەنىمۇ كۈچەيتىش توغرىسىدا چوڭقۇر پىكىر ئالماشتۇردى.

لى گاڭ ئالدى بىلەن ئوبلاستلىق پارتكوم، خەلق ھۆكۈمىتىگە ۋاكالىتەن ۋۇ گودى ۋە ئۇنىڭ ھەمراھلىرىنىڭ كەلگەنلىكىنى قىزغىن قارشى ئالىدىغانلىقىنى بىلدۈردى ھەمدە ئوبلاستىمىزنىڭ ئىقتىسادى، ئىجتىمائىي تەرەققىيات ئەھۋالىنى قىسقىچە تونۇشتۇردى. لى گاڭ مۇنداق دېدى: ئوبلاستلىق پارتكوم، خەلق ھۆكۈمىتى شى جىنپىڭنىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنى يېتەكچى قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرى ۋە ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ تەدبىر – ئورۇنلاشتۇرمىلىرىنى  

    ئوبلاستىمىزدا دەل جايىدا ئەمەلىيلەشتۈرۈپ يىلتىز تارتقۇزۇپ، چېچەكلەپ مېۋە بېرىشىنى پۇختا ئالغا سىلجىتتى. نۆۋەتتە، ئوبلاستىمىزدا جەمئىيەت ئىناق، مۇقىم، ئىقتىساد ساغلام تەرەققىي قىلغان، خەلق تۇرمۇشى سىجىل ياخشىلانغان، ھەر مىللەت خەلقى خاتىرجەم تىرىكچىلىك قىلىدىغان يېڭى ۋەزىيەت بارلىققا كەلدى.

    لى گاڭ مۇنۇلارنى بىلدۈردى: بايىنغولىن ئوبلاستى ـــ جەنۇبىي ۋە شىمالىي شىنجاڭ تۇتاشقان قىسىمغا جايلاشقان بولۇپ، شەرق بىلەن بىرلىشىپ غەربكە چىقىرىش، شىمال بىلەن جەنۇبنى تۇتاشتۇرۇشتەك ئىستراتېگىيەلىك ئورنى ئىنتايىن گەۋدىلىك؛ بايلىقى مول بولۇپ، ئېچىش يوشۇرۇن كۈچى زور، نېفىت ـ گاز بايلىقى جەھەتتە زور ئەۋزەللىكىگە ئىگە، قېزىلما بايلىق ئېنېرگىيەسى مول، سۇ، تۇپراق، قۇياش نۇرى، ئىسسىقلىق بايلىقى جەھەتتە ئەۋزەل شارائىتقا ئىگە، ئۆزگىچە يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرىنىڭ تۈرى كۆپ، ساياھەت بايلىقى مول؛ نېفىت، نېفىت – خىمىيە، توقۇمىچىلىق، كىيىم ـ كېچەك، يېزا ئىگىلىك قوشۇمچە مەھسۇلاتلىرىنى پىششىقلاپ ئىشلەش قاتارلىق تۈۋرۈك كەسىپلەر شەكىللەنگەن بولۇپ، دۆلەت دەرىجىلىك ئىقتىساد – تېخنىكا تەرەققىيات رايونىدىن بىرنى، ئاپتونوم رايون دەرىجىلىك سانائەت باغچا رايونىدىن توققۇزنى قۇرۇپ، بوشلۇق ئىقتىسادى رايونىنى تېز بەرپا قىلىپ، جۇڭگو -پاكىستان ئىقتىساد كارىدورى ئۇنىۋېرسال كۆتۈرۈش رايونىنى پىلانلاپ قۇرىدۇ. جۇڭگو خەلقئارا ئېنېرگىيە گۇرۇھى پاي كونترول چەكلىك شىركىتىنىڭ ئەمەلىي كۈچى كۈچلۈك بولۇپ، يېڭى ئېنېرگىيە، ئالاقە تورى پۇل مۇئامىلە قاتارلىق ساھەدە ئىلغار تېخنىكا ۋە مول تەجرىبىگە ئىگە. جۇڭگو خەلقئارا ئېنېرگىيە گۇرۇھى پاي كونترول چەكلىك شىركىتىنىڭ «بىر بەلباغ بىر يول» قۇرۇلۇشىنىڭ تارىخى پۇرسىتىنى چىڭ تۇتۇپ، ئۆزلۈك ئەۋزەللىكىنى تولۇق جارى قىلدۇرۇپ، ئىككى تەرەپنىڭ ئەمەلىي ھەمكارلىقىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، ئۆزئارا مەنپەئەت يەتكۈزۈپ ئورتاق پايدا ئېلىشنى تىرىشىپ ئىشقا ئاشۇرۇشىنى ئۈمىد قىلىمىز.

    ۋۇ گودى مۇنۇلارنى ئىپادىلىدى: جۇڭگو خەلقئارا ئېنېرگىيە گۇرۇھى پاي كونترول  چەكلىك شىركىتى بايىنغولىن ئوبلاستى بىلەن بولغان ئالاقىلىشىش، ئالماشتۇرۇشنى يەنىمۇ كۈچەيتىپ، مۇناسىۋەتلىك تۈرلەرنى پائال تۇتاشتۇرۇپ، بايىنغولىن ئوبلاستىنىڭ ئېنېرگىيەسىنى ئېچىش قاتارلىق ساھەلەردىكى ھەمكارلىقىنى كېڭەيتىپ، يەرلىكنىڭ ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي تەرەققىياتىنى ئالغا سىلجىتىشقا پائال تۆھپە قوشىدۇ.

جۇڭگو خەلقئارا ئېنېرگىيە گۇرۇھى پاي كونترول  چەكلىك شىركىتى ــــ ئالاھىدە چوڭ تىپتىكى كەسپىي گۇرۇھ، مۇكەممەل بولغان  كەسپىي تەرەققىيات زەنجىرىگە ئىگە، گۇرۇھ كەسپىنىڭ چېتىلىش دائىرىسى كەڭ، ئۇ خام نېفىت، كۆمۈر قاتارلىق ئەنئەنىۋى ئېنېرگىيە بۆلىكىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان بولۇپ، شامال ئېنېرگىيەسى ئارقىلىق توك چىقىرىش، يورۇقلۇق ۋولت ئېلېكتىر ئىستانسىسى، مېتانول بېنزىل، توختام ئارقىلىق ئېنېرگىيە باشقۇرۇش قاتارلىق  يېڭى ئېنېرگىيە بۆلىكى، ئەقلىي پەن ـ تېخنىكا سانائەت رايونى، يەر مۈلكىنى ئېچىش، يېشىل ماشىنا ۋە ئېلېكتىر ئۈسكۈنىلىرىنى باشقۇرۇش، ITئۇنىۋېرسال مۇلازىمەت قاتارلىق كەسىپلەر بار. شىركەتنىڭ باش ئىشتابى بېيجىڭغا جايلاشقان بولۇپ، دۆلەت ئىچى ـ سىرتىدا 240 تارماق شىركەت، 15مىڭ ئىشچى – خىزمەتچى بار بولۇپ،  يىللىق تىجارەت كىرىمى 70مىليارد يۈەنگە يېتىدۇ.

    كۆرۈشۈشتىن بۇرۇن، ۋۇ گودى ۋە ئۇنىڭ ھەمراھلىرى كورلا شاڭخو ـ چەرچى يۇقىرى يېڭى تېخنىكا كەسپى تەرەققىيات رايونى نېفىت، نېفىت – خېمىيە كەسىپ باغچىسىنىڭ نېفىت، كۆمۈر چەككىلەش تۈرى، ئېتاندىن ئېتىلىن ئىشلەش تۈرى، PTA تۈرى، كەسىپ مۇلازىمەت بازىرى ۋە كورلا ئىقتىساد ـ تېخنىكا تەرەققىيات رايونى شىنجاڭ لىتەي يېپەك يولى مەبلەغ سېلىش چەكلىك شىركىتىنى تەكشۈردى.

    ئوبلاستلىق پارتكومنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى، سىياسىي ـ قانۇن كومىتېتىنىڭ شۇجىسى، ئوبلاستلىق خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتى پارتگۇرۇپپىسىنىڭ شۇجىسى جۈ ۋېي، ئوبلاستلىق پارتكوم دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، دائىمىي مۇئاۋىن ئوبلاست باشلىقى ۋاڭ جيۇجۇڭ، ئوبلاستلىق سىياسىي كېڭەشنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى لى تيەنيوۋ، يىدېلى گۇرۇھى، گەنسۇ جىنتەي ئېلېكتىر كۈچى چەكلىك شىركىتى، شىنجاڭ خۇادى خۇيشىن ئېنېرگىيە پەن -تېخنىكا چەكلىك شىركىتى، خاڭجۇ فۇلى توقۇمىچىلىق چەكلىك شىركىتى، جۇڭگو چېڭتۇڭ كەيشېڭ ئېكولوگىيە قۇرۇلۇش چەكلىك شىركىتى، بېيجىڭ جۇڭكې چېڭى پەن ـ تېخنىكا تەرەققىيات چەكلىك شىركىتى قاتارلىق كارخانىلارنىڭ  مەسئۇللىرى يىغىنغا قاتناشتى.

رىزۋانگۈل ئىبراھىم تەرجىمىسى

(مەنبە:بايىغولىن گېزىتى)

  • 巴州政府电子政务办公室
    (0996)2689222
  • يانفۇن بېتى
    ئىككىلىك كودنى سىكانىرلاڭ
ئۇستى