بايىنغولىن ئوبلاستلىق خەلق ھۆكمەت باش بېتى
باشقا يازمىلار
  • ئوبلاستىمىزنىڭ مۇشتۇمزور – رەزىل كۈچلەرنىڭ قانۇنغا خىلاپ جىنايەت يىپ ئۇچى بىلەن تەمىنلىگەن ئاممىنى مۇكاپاتلاش توغرىسىدىكى چارىسى

ئوبلاستىمىزنىڭ مۇشتۇمزور – رەزىل كۈچلەرنىڭ قانۇنغا خىلاپ جىنايەت يىپ ئۇچى بىلەن تەمىنلىگەن ئاممىنى مۇكاپاتلاش توغرىسىدىكى چارىسى

(بېشى ئالدىنقى ساندا)

    9. رويخەتكە ئېلىنغان شىركەت، كارخانىلارنى ئاقارتىش ئارقىلىق قانۇنلۇق سالاھىيەتنى ھىمايە قىلىپ، ئۆز ئالدىغا قىمارخانا ئاچقان ياكى قىلتاق قۇرۇپ، زىيانغا ئۇچرىغۇچىنى «قەرز ئاز سوممىلىق، قەرز ھۆججىتى كۆپ سوممىلىق» بولغان يالغان قەرز ھۆججىتى كېسىپ ئازدۇرۇپ، پاراكەندىچىلىك سېلىش، قورقۇتۇش، تەھدىت سېلىش ئارقىلىق «سۆھبەتلىشىش»، «كېڭىشىش»، شىركەتنىڭ نامىنى بۇلغـاش قاتارلـىق ئۇسۇل، ۋاسىتىلەرنى قوللىنىپ، زىيانكەشلىككە ئۇچرىغۇچىنى باش ئىگىشكە قىستاپ، ئالدامچىلىق قىلىپ قانۇنسىز پايدا ئېلىپ، شۇنىڭـدەك «شەھۋانىيلىق، قىمارۋازلىق، زەھەركەشلىك»، «ئالداپ ئېلىپ قېچىش» قاتارلىق قانۇنغا خىلاپ جىنايەت بىلەن شۇغۇللىنىشنى كونترول قىلىۋالغان مۇشتۇمزور – رەزىل كۈچلەر. 10. قانۇن ئىجرا قىلغۇچىلارنى ئۆزىگە تارتىشنى كۆڭۈل قويۇپ پىلانلاپ، زىيانكەشلىككە ئۇچرىغۇچىنى قەرز ھۆججىتى كېسىپ بېرىشكە قىزىقتۇرۇپ ئالدىغان، زىيانكەشلىككە ئۇچرىغۇچىنى قەرزنى پەقەت نەق پۇلدا قايتۇرۇشقا، كارتا ئارقىلىق ئەۋەتمەسلىككە قىستاپ،  نەق پۇلنى ئېلىۋېلىپ ھۆججەت كەسمەي يەنە، ساختا دەۋا ئارقىلىق زىيانكەشلىككە ئۇچرىغۇچىنى قايتا – قايتا قەرز قايتۇرۇشقا مەجبۇرلاپ، قانۇن يوچۇقىدىن پايدىلىنىپ ئۆزىنى قانۇندىن قاچۇرۇشقا ئۇرۇنغان مۇشتۇمزور – رەزىل كۈچلەر. 11. تۈر قۇرۇلۇشىغا قول تىقىپ، كاشىلا قىلىپ، مونوپول قىلىپ، يامان غەرەزدە خېرىدار چاقىرىپ، قانۇنسىز يەر ئىگىلەپ، قالايمىقان ئېچىپ، قالايمىقان قېزىپ، زورلۇق ئىشلىتىش، تەھدىت سېلىش، پارا بېرىش قاتارلىق ۋاسىتىلەر بىلەن نورمال ئىقتىسادىي ۋە ئىجتىمائىي تەرەققىيات تەرتىپىنى قالايمىقانلاشتۇرغان مۇشتۇمزور- رەزىل كۈچلەر. 12. يەر ئېلىش، يەر ئىجارە ئېلىش، چېقىش – كۆچۈرۈش، دوختۇر – بىمار ماجىراسى جەريانىدا، تەشكىللىك ھالدا يامان غەرەزدە پىلانلاپ، قۇتراتقۇلۇق قىلىپ، ئۆز نەپسىگە چوغ تارتىدىغان مۇشتۇمزور- رەزىل كۈچلەر؛ قانۇنسىز مەبلەغ توپلاش، بىر ئۆينى كۆپ قېتىم سېتىش، ئاممىغا چېتىلىدىغان توردا شاخلىتىپ سېتىش، تېلېگراف تور ئالدامچىلىقى قىلىش، پۇقرالارنىڭ شەخسىي ئۇچۇرىغا دەخلى – تەرۇز قىلىش، خاككېر تورغا ھۇجۇم قىلىش جىنايىتى قاتارلىق ئىقتىسادىي تەرەققىيات مۇھىتىغا ئېغىر بۇزغۇنچىلىق قىلغان مۇشتۇمزور – رەزىل كۈچلەر. 13. چېگرا سىرتىدىكى مۇشتۇمزور – رەزىل كۈچلەرنىڭ چېگرىدىن كىرىپ تەرەققىي قىلىپ سىڭدۈرمىچىلىك قىلغان ھەمدە دۆلەت چېگراسىدىن ھالقىغان مۇشتۇمزور – رەزىل كۈچلەر قاتارلىق ئاممىنىڭ ئىنكاسى كۈچلۈك بولغان، تازىلاپ يوقىتىپ زەربە بېرىشكە تېگىشلىك مۇشتۇمزور – رەزىل كۈچلەر. قانۇنغا خىلاپ جىنايى ھەرىكەتلەر ئاساسلىقى، سودا قىلىشقا مەجبۇرلاش، قەستەن زەخىملەندۈرۈش، قانۇنـسىز سولاپ قويۇش، قاقتى – سوقتى قىلىش، مال – مۈلۈكنى قەستەن بۇزۇش، توپلىشىپ ئۇرۇشۇش، ئۆكتەملىك قىلىپ چاتاق چىقىرىش، شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا يەنە، قىمارخانا ئېچىشقا، ئىپپەت – نومۇسىنى سېتىشقا تەشكىللەش، ئىپپەت – نۇمۇسىنى سېتىشقا مەجبۇرلاش، زەھەر ئېلىپ سېتىش، زەھەر توشۇش، زەھەر ياساش، بۇلاڭچىلىق قىلىش، تارتىۋېلىش، توپلىشىپ جەمئىيەت تەرتىپىنى قالايمىقانلاشتۇرۇش، توپلىشىپ ئاممىۋى سورۇنلارنىڭ تەرتىپىنى، قاتناش تەرتىپىنى قالايمىقانلاشتۇرۇش ۋە توپلىشىپ«ئۇرۇش، چېقىش، بۇلاش» قاتارلىقلاردا ئىپادىلىنىدۇ؛ قارا ئەشيا ئوبوروتى، قارا خوجىلىق، قارا ساياھەت، قارا ۋاسىتىچىلىك، قارا پۇل ـ مۇئامىلە قاتارلىق ساھەلەردىكى قانۇنغا خىلاپ جىنايى ھەرىكەتلەر بىلـەن شۇغۇللىـنىدىغان مۇشتۇمزور – رەزىل كۈچلەر جىنايەت يىپ ئۇچى، شۇنىڭدەك زورلۇق بىلەن شاخلىتىپ سېتىش، قانۇنسىز توردا قەرز ئېلىش، قانۇنسىز قەرز بېرىش، قەرز سۈيلەش «يۈرۈشلۈك قـەرز» قاتارلىق مۇشتۇمزور – رەزىل كۈچلەر جىنايەت يىپ ئۇچى.

3    . مۇكاپاتلاش پىرىنسىپى ۋە شەرتى

    (1) پاش قىلغانلارنى مۇكاپاتلاش پىرىنسىپى

    1. پاش قىلىش، مۇكاپاتلاش ئوبيېكتى پىرىنسىپ جەھەتتە ھەقىقىي ئىسمى بىلەن پاش قىلىش بىلەنلا چەكلىنىدۇ، نامسىز ھالدا پاش قىلغان بولسا، دېلو پاش قىلىنغاندىن كېيىن، پاش قىلغۇچى بىلەن ئالاقىلاشقىلى بولىدىغان بولۇشى ھەمدە پاش قىلغۇچى مۇكاپات ئېلىشنى خالىسا، مۇكاپاتلاش كېرەك.

    2. بىر دېلـونى كـۆپ ئادەم ئايرىم – ئايرىم ھالدا پاش قىلسا، ئەڭ ئاۋۋال پاش قىلغۇچى مۇكاپاتلىنىدۇ؛ كۆپ ئادەم پاش قىلغان، ئەمما پاش قىلىش مەزمۇنىدا زور پەرق بولسىمۇ، دېلونى پاش قىلىشقا ئوخشاش بولمىغان دەرىجىدە ياردىمى بولسا، ئەھۋالغا قاراپ ئايرىم – ئايرىم مۇكاپاتلىنىدۇ؛ كۆپ ئادەم بىرلىشىپ بىر دېلونى پاش قىلغان بولسا، مۇكاپات سوممىسى تەڭ تەقسىم قىلىنىدۇ.

    .3 بىر پاش قىلغۇچى كۆپ جايدىكى، كۆپ تارماققا ئوخشاش بىر جىنايەت يىپ ئۇچىنى پاش قىلسا، قايتا مۇكاپاتلانمايدۇ.

    (2) پاش قىلغانلارنى مۇكاپاتلاش شەرتى

    1. ئېنىق پاش قىلىش ئوبيېكتى، كونكرېت پاش قىلىش پاكىتى ياكى دەلىل – ئىسپات ماتېرىيالى بار بولسا، جامائەت خەۋپسىزلىكى ئورگىنى تەكشۈرۈپ ئېنىقلىغاندىن كېيىن، مۇشتۇمزورلۇق، رەزىللىك جىنايىتى بار دەپ بېكىتىلگەن بولسا؛

    2. پاش قىلىش مەزمۇنىنى سىياسىي – قانۇن ئورگىنى ئەھۋال ئىگىلىگەن ياكى دېلو تۇرغۇزۇپ تەكشۈرگەن بولسىمۇ، لېكىن پاش قىلغۇچى ئىنكاس قىلغان ئەھۋال تېخىمۇ كونكرېت، تەپسىلىي بولۇپ، دېلونى پاش قىلىش، «مۇھاپىزەت كۈنلۈكى» يىپ ئۇچىنى تەكشۈرۈش قاتارلىقلاردا مۇھىم رول ئوينىغان بولسا؛

   3. پاش قىلىش مەزمۇنىنى مۇشتۇمزورلۇق، رەزىللىك جىنايىتى دەپ دېلو تۇرغۇزۇپ تەكشۈرگەن بولسىمۇ، لېكىن سىياسىي – قانۇن ئورگىنى تېخى بايقىمىغان ياكى ئىگىلىيەلمىگەن جىنايەت پاكىتى بولسا؛

   4. سـىياسىي – قانۇن ئورگانلىرى  ئىـزىغا چۈشىۋاتقان مۇشتۇمزور – رەزىل كۈچلەر جىنايەت گۇماندارىنىڭ كونكرېت يوشۇرۇن ئورنى قاتارلىق مۇھىم ئاخبارات يىپ ئۇچىنى پاش قىلغان بولسا؛

   5. مۇشتۇمزور – رەزىل كۈچلەرنىڭ «مۇھاپىزەت كۈنلۈكى»نى پاش قىلىپ، جامائەت خەۋپسىزلىكى ئورگىنى ياكى ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتى، رېۋىزىيە كومىتېتى قاتارلىقلار تەكشۈرۈپ راستلىقى ئېنىقلانغان ھەمدە دېلو تۇرغۇزۇپ تەكشۈرۈپ بىر تەرەپ قىلغان بولسا.

    تۆۋەندىكى ئەھۋاللارنىڭ بىرى بولسا مۇكاپاتلاش دائىرىسىگە كىرمەيدۇ:

    (1) جىنايەت گۇماندارىنى، قاماپ تۇرۇلغانلارنى، جازا ئۆتەۋاتقانلارنى پاش قىلغان بولسا؛

    (2) سىياسىي – قانۇن ئورگانلىرى ئىگىلەپ بولغان ئەھۋاللار بولسا؛

    (3) دۆلەتنىڭ فۇنكسىيەلىك تارماقلىرى ۋە خادىملىرى خىزمەت مەسئۇلىيىتى دائىرىسىدە يىپ ئۇچىنى بىلىۋالغان بولسا؛

    (4) ئالاھىدە مەجبۇرىيىتى بار كىشىلەر پاش قىلغان بولسا؛

    (5) مۇكاپاتلاش دائىرىسىگە كىرمەيدىغان باشقا ئەھۋاللار بولسا .

    4. مۇكاپاتلاش ئۆلچىمى

    (1) ج خ ئورگىنى تەكشۈرۈپ راستلىقىنى ئىسپاتلاپ، تەپتىش ئورگىنى قارا جەمئىيەت تۈسىنى ئالغان تەشكىلات جىنايىتى بىلەن ئەيىبلىگەن بولسا، ھەربىر دېلوغا 50 مىڭ يۈەندىن100 مىڭ يۈەنگىچە خەلق پۇلى بېرىلىدۇ.

    (2) ج خ ئورگىنى تەكشۈرۈپ راستلىقىنى ئىسپاتلىغان، تەپتىش ئورگىنى مۇشتۇمزور – رەزىل كۈچلەر جىنايەت گۇرۇھى دەپ ئەيىبلىگەن بولسا، ھەر بىر دېلوغا 30 مىڭ يۈەندىن 50 مىڭ يۈەنگىچە خەلق پۇلى بېرىلىدۇ.

    (3) جامائەت خەۋپسىزلىكى ئورگىنى تەكشۈرۈپ راستلىقىنى ئىسپاتلىغان، تەپتىش ئورگىنى مۇشتۇمزور – رەزىل كۈچلەر جىنايەت شايكىسى دەپ ئەيىبلىگەن بولسا، ھەربىر دېلوغا 10 مىڭ يۈەندىن 30 مىڭ يۈەنگىچە خەلق پۇلى بېرىلىدۇ.

    (4) مۇشتۇمزور – رەزىل كۈچلەرلەرنىڭ «مۇھاپىزەت كۈنلۈكى»يىپ ئۇچىنى پاش قىلىپ، جامائەت خەۋپسىزلىكى ئورگىنى، ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتى، رېۋىزىيە كومىتېتى قاتارلىق تارماقلار دېلوتۇرغۇزۇپ تەكشۈرۈپ بىر تەرەپ قىلغان بولسا، ھەر بىر دېلوغا 5000 يۈەندىن 20 مىڭ يۈەنگىچە خەلق پۇلى بېرىلىدۇ.

    (5) جامائەت خەۋپسىزلىكى ئورگىنىنىڭ تەكشۈرۈپ راستلىقىنى ئېنىقلىشى بىلەن، تەپتىش ئورگىنى يۇقىرىدا بايان قىلىنغان دائىم ئۇچرايدىغان مۇشتۇمزورلۇققا چېتىشلىق جىنايەت نامى قاتارلىق ئايرىم دېلولارنى ئەيىبلىگەن بولسا، ھەر بىر دېلوغا 500 يۈەندىن 5000 يۈەنگىچە خەلق پۇلى بېرىلىدۇ.

    (6) سىياسىي – قانۇن ئورگانلىرى يىپ ئۇچىغا ئاساسەن، قارا جەمئىيەت تۈسىنى ئالغان تەشكىلاتنىڭ قېچىپ يۈرگەن كاتتىبېشىنى قولغا چۈشۈرسە، ھەر بىر كىشى 5000 يۈەندىن 20 مىڭ يۈەنگىچە خەلق پۇلى بىلەن مۇكاپاتلىنىدۇ؛ سىياسىي – قانۇن ئورگانلىرى يىپ ئۇچىغا ئاساسەن، قارا جەمئىيەت تۈسىنى ئالغان تەشكىلاتنىڭ قېچىپ يۈرگەن غوللۇق ئەزالىرى، جىنايەتچىلەر گۇرۇھىنىڭ كاتتىبېشى ياكى باش جىنايەتچىسىنى قولغا چۈشۈرسە، ھەر بىرىگە 2000 يۈەندىن 5000 يۈەنگىچە خەلق پۇلى بېرىلىدۇ؛ سىياسىي – قانۇن ئورگانلىرى يىپ ئۇچىغا ئاساسەن، قارا جەمئىيەت تۈسىنى ئالغان تەشكىلاتنىڭ قېچىپ يۈرگەن ئادەتتىكى ئەزالىرى ۋە رەزىللىككە چېتىشلىق ئۇنسۇرلىرىنى قولغا چۈشۈرسە، ھەر بىر كىشىگە 500 يۈەندىن 1000 يۈەنگىچە مۇكاپات بېرىلىدۇ.

5    . قوشۇمچە پىرىنسىپ

    (1) ھەر قايسى  ناھىيە، شەھەرلەر، ئوبلاست دەرىجىلىك ئەزا ئورۇنلار مۇشۇ چارىدىن پايدىلىنىپ، ئەمەلىيىتىگە بىرلەشتۈرۈپ، مۇناسىپ پاش قىلىش مۇكاپات چارىسىنى تۈزۈپ چىقسا بولىدۇ. ھەر دەرىجىلىك مۇشتۇمزورلارنى تازىلاش ئىشخانىلىرى پاش قىلغانلارنى مۇكاپاتلاش چارىسىنى ئورنىتىپ ۋە مۇكەممەللەشتۈرۈپ، پاش قىلغانلارنى تىزىملاش، مۇكاپاتلاش ئىلتىماسى قىلىش، مۇكاپات ئېلىش قاتارلىق تۈزۈملەرنى مۇكەممەللەشتۈرۈشى كېرەك.

    (2) ئوبلاست دەرىجـىلىك سىـياسىي – قانۇن ئورگانلىرى مۇشتۇمزور – رەزىل كۈچلەرنىڭ قانۇنغا خىلاپ جىنايەت يىپ ئۇچىنى پاش قىلىش مۇكاپاتىنى ئوبلاستلىق مۇشتۇمزورلارنى تازىلاش ئىشخانىسى يولغا قويىدۇ. راسخوت خامچوتىنى ئىقتىسادىي تەپتىش، رېۋىزىيە تارماقلىرىنىڭ نازارەتچىلىكىنى قوبۇل قىلىدۇ.

    (3) مۇكاپاتلاش شەرتىگە ئۇيغۇن كەلگەن پاش قىلغۇچىلارغا قارىتا، ئوبلاستىمىز مۇشتۇمزورلۇقنى تازىلاش، رەزىللىكنى تۈگىتىش بويىچە مۇكاپاتلاش ئوبيېكتى ۋە سوممىسىنى ۋاقتىدا ئوتتۇرىغا قويۇپ، ئوبلاستلىق مۇقىملىقنى قوغداش قوماندانلىق ئىشتابىدىكى ئاساسلىق مەسئۇل يولداشلارنىڭ ماقۇللۇقىنى ئالغاندىن كېيىن، ج خ ئورگىنى مەسئۇل بولۇپ يولغا قويىدۇ، مۇكاپات پۇلى ئېلىش ئالاقىدار مالىيە بەلگىلىمىسى بويىچە ئېلىپ بېرىلىدۇ.

    (4) پاش قىلىش نامى بىلەن باشقىلارغا تۆھمەت چاپلاپ  زىيانكەشلىك قىلىش ياكى يالغاندىن مەلۇم قىلىش، مۇكاپاتنى باشقىلار نامىدا ئېلىۋىلىش قەتئىي مەنئىي قىلىنىدۇ. خىلاپلىق قىلغۇچىلارنىڭ قانۇنىي جاۋاپكارلىقى قانۇن بويىچە سۈرۈشتۈرۈلىدۇ.

    (5) ئورۇنلار، ناھىيە، شەھەرلەر مەخپىيەتلىكنى ساقلاش ئىنتىزامىنى چىڭىتىشى كېرەك، پاش  قىلغۇچى قوشۇلمىغان ئەھۋالدا، ھەر قانداق ئۇسۇل ئارقىلىق پاش قىلغۇچىنىڭ سالاھىيىتى، ئۇچۇرىنى، پاش قىلىش مەزمۇنى ۋە مۇكاپات سوممىسى قاتارلىقلارنى ئاشكارلاشقا بولمايدۇ. پاش قىلغۇچىنىڭ بىخەتەرلىكىگە كاپالەتلىك قىلىش كېرەك. خىزمەت ئىنتىزامى ۋە مەخپىيەتلىكىنى ساقلاش بەلگىلىمىسىگە خىلاپلىق قىلىپ ئېغىر ئاقىۋەت كەلتۈرۈپ چىقارغانلارنىڭ جاۋابكارلىقى قانۇن، ئىنتىزام بويىچە سۈرۈشتۈرۈلىدۇ. ج خ ئورگانلىرى پاش قىلغۇچىدىن ئۆچ ئالغانلارنىڭ قانۇنىي جاۋابكارلىقىنى قانۇن بويىچە قاتتىق سۈرۈشتۈرىدۇ.

    (6) پاش قىلىش مەخسۇس لىنىيەسى:1183883 ؛ توردا پاش قىلىش ئادرېسى bzshb@qq.com ؛ ئۈندىدار ئاممىۋى نومۇرى: ئوبلاستلىق  مۇشتۇمزورلۇقنى تازىلاش، رەزىللىكنى تۈگىتىش ئىشخانىسى.

    (7) مەزكۇر چارىنى ئوبلاستلىق مۇشتۇمزورلۇقنى تازىلاش، رەزىللىكنى تۈگىتىش ئىشخانىسى چۈشەندۈرۈشكە مەسئۇل بولىدۇ.

    (8) مەزكۇر چارە ئېلان قىلىنغان كۈندىن باشلاپ ئىجرا قىلىنىدۇ. پاش قىلىشنىڭ كـۈچكە ئىـگە  بولۇش مۇددىتى 2020 –يىلى 12-ئاينىڭ  31-كۈنىگىچە بولىدۇ.

ئامانگۈل روزى، رىزۋانگۈل ئىبراھىم تەرجىمىسى

(مەنبە:بايىنغولىن گېزىتى)

  • 巴州政府电子政务办公室
    (0996)2689222
  • يانفۇن بېتى
    ئىككىلىك كودنى سىكانىرلاڭ
ئۇستى