بايىنغولىن ئوبلاستلىق خەلق ھۆكمەت باش بېتى
باشقا يازمىلار
  • ئوبلاستىمىزنىڭ نامراتلارنى يۆلەشتىكى «تولۇقلىما بېرىشنىڭ ئورنىغا مۇكاپات بېرىش» سىياسىتىگە تۈزىتىش كىرگۈزۈلۈپ، مۇكەممەللەشتۈرۈلۈپ رەسمىي يولغا قويۇلدى

ئوبلاستىمىزنىڭ نامراتلارنى يۆلەشتىكى «تولۇقلىما بېرىشنىڭ ئورنىغا مۇكاپات بېرىش» سىياسىتىگە تۈزىتىش كىرگۈزۈلۈپ، مۇكەممەللەشتۈرۈلۈپ رەسمىي يولغا قويۇلدى

    نامرات ئائىلە ئۆز ئالدىغا ئىگىلىك تىكلىسە ئەڭ يۇقىرى  بولغاندا 5000 يۈەن تولۇقلىما بېرىلىدۇ.

    مۇخبىرىمىز شۆ يۈنشاۋ خەۋەر قىلىدۇ: 4 -ئاينىڭ 8 -كۈنى، مۇخبىرنىڭ ئوبلاستلىق نامراتلارنى يۆلەش ئىشخانىسىدىن ئىگىلىشىچە، بىر يىللىق ئەمەلىيەتتىن ئۆتكۈزۈش ئارقىلىق، ئوبلاستىمىز 2018 -يىلى تۈزگەن «تولۇقلىما بېرىشنىڭ ئورنىغا مۇكاپات بېرىش» سىناق لايىھەسىگە تۈزىتىش كىرگۈزۈپ مۇكەممەللەشتۈرۈپ، يېقىندا «ئاپتونوم ئوبلاستنىڭ ‹تولۇقلىما بېرىشنىڭ ئورنىغا مۇكاپات بېرىش› بويىچە كەسىپلەر ئارقىلىق، ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش ئارقىلىق نامراتلارنى يۆلەشنى ئالغا سىلجىتىشنى يولغا قويۇش لايىھەسى (تۈزىتىلگەن مۇكەممەل  نۇسخىسى)» (قىسقارتىلىپ «لايىھە» دەپ ئېلىندى)نى بېسىپ تارقاتقان، ھەمدە رەسمىي يولغا قويغان.

    ئىگىلىنىشىچە، «لايىھە»دە باقمىچىلىق، تېرىقچىلىق، ھويلا -ئاران ئىقتىسادى، ئۆز ئالدىغا ئىگىلىك تىكلەش، يۆتكىلىپ ئىشقا ئورۇنلىشىش قاتارلىق بەش جەھەتتىن مۇكاپاتلاش ۋە تولۇقلىما بېرىشنىڭ ئالدىنقى شەرتى ۋە ئۆلچىمى ئېنىق بېكىتىلگەن. كونكرېت تۆۋەندىكىچە:

    باقمىچىلىق جەھەتتە: شۇ يىلى يېڭىدىن سېتىۋېلىنغان ياكى تۇغۇلغان چىشى مال (ئېشەك، كالا، تۆگە) قاتارلىق چوڭ ماللار، ھەمدە بېقىلىش ۋاقتى بەش ئايدىن ئاشقانلارغا: تۇغۇلغان چىشى مالنىڭ ھەر بىرىگە 1500يۈەن تولۇقلىما بېرىلىدۇ، بوردالغان ھەر بىر ئەركەك مالغا 1000يۈەن تولۇقلىما بېرىلىدۇ، شۇ يىلى يېڭىدىن تۇغۇلغان مالنىڭ ھەر بىرىگە 800 يۈەن تولۇقلىما بېرىلىدۇ، ئەڭ يۇقىرى بولغاندا 3000 يۈەن تولۇقلىما بېرىلىدۇ؛ شۇ يىلى يېڭىدىن سېتىۋېلىنغان ياكى يېڭىدىن تۇغۇلغان چىشى قوي قاتارلىق مال، ھەمدە بېقىلىش ۋاقتى ئالتە ئايدىن ئاشقانلارغا: تۇغۇلغان چىشى قوينىڭ ھەر بىرىگە 100 يۈەن تولۇقلىما بېرىلىدۇ، بوردالغان ئەركەك ماللارنىڭ ھەر بىرىگە 80 يۈەن، شۇ يىلى يېڭىدىن تۇغۇلغان ياش ماللارغا 50 يۈەن (تۆللەش نىسبىتى، ئەي بولۇش نىسبىتى %80تىن ئاشقانلار) ئەڭ يۇقىرى بولغاندا 2500 يۈەن تولۇقلىما بېرىلىدۇ؛ شۇ يىلى يېڭىدىن سېتىۋېلىنىپ بېقىلغان توخۇ، ئۆردەك، كەپتەر، توشقان، غاز قاتارلىق تۈرلۈك ئۆي قۇشلىرى جەمئىي 50تىن ئاشقان ھەمدە  ئەي بولۇش ئۆلچىمىگە توشۇپ، ئەي بولۇش نىسبىتى %80تىن ئاشقانلارغا، ھەر بىرىگە 10 يۈەندىن تولۇقلىما بېرىلىدۇ، ئەڭ يۇقىرى بولغاندا 1000يۈەن  تولۇقلىما بېرىلىدۇ.

    تېرىقچىلىق جەھەتتە:  يېرىدە ئىقتىسادى زىرائەتلەرنى تېرىغان، ھەمدە مو بېشى مەھسۇلاتى شۇ يېزا (بازار)نىڭ  ئوتتۇرىچە مو بېشى مەھسۇلات سەۋىيەسىدىن ئاشقانلارغا، ھەر بىر موسىغا 100 يۈەندىن 200يۈەنگىچە تولۇقلىما بېرىلىدۇ، ئەڭ يۇقىرى بولغاندا 2000 يۈەن تولۇقلىما بېرىلىدۇ؛ يېرىدە باغ -ئورمان بەرپا قىلغان، دەرەخلەرنىڭ ئۆسۈش نىسبىتى%80تىن ئاشقانلارغا، ھەر بىر موسىغا 150يۈەندىن 200يۈەنگىچە تولۇقلىما بېرىلىدۇ، مېۋىلىك دەرەخلەرنىڭ پىشىش مەزگىلىدە مو مەھسۇلاتى شۇ يېزا (بازار)نىڭ ئوتتۇرىچە مو بېشى مەھسۇلات سەۋىيەسىدىن ئاشقانلارغا، ھەر بىر موسىغا 150 يۈەندىن 200 يۈەنگىچە تولۇقلىما بېرىلىدۇ، ئەڭ يۇقىرى بولغاندا 2000 يۈەن تولۇقلىما بېرىلىدۇ.

    ھويلا -ئاران ئىگىلىكى جەھەتتە: نامرات ئائىلە ئۆز ئالدىغا ھويلا -ئاران ئىگىلىكىنى تەرەققىي قىلدۇرسا ھەمدە شـۇ ناھىـيە (شەھەر)نىڭ ھويلا -ئاران ئىگىلىكى بويىچە  ئۈلگە كۆرسىتىش  ئۆلچىمىگە يەتسە، ھەر بىر ئائىلىگە 2000 يۈەندىن 4000يۈەنگىچە تولۇقلىما بېرىلىدۇ، چارۋىچىلىق ياكى باقمىچىلىق جەھەتتە «تولۇقلىما بېرىشنىڭ ئورنىغا مۇكاپات بېرىش»دىن بەھرىمەن بولغانلار ھويلا -ئاران ئىگلىكى تولۇقلىما ياردەم پۇلىدىن قايتا بەھرىمەن بولالمايدۇ.

    ئۆز ئالدىغا ئىگىلىك تىكلەش جەھەتتە: نامرات ئائىلە  ئۆز ئالدىغا ئاشپۇزۇل، دۇكان، ئېلېكتىرونلۇق سودا ئىشلىرى، ئىسكىلات ئېچىش، ئەشيا ئوبوروتى قاتارلىق يېزا ئىقتىسادىي ئەمەلىي گەۋدىسىنى تەرەققىي قىلدۇرسا ، سودا -سانائەتكە تىزىمغا ئالدۇرغان  ۋاقىتتىن باشلاپ ھېسابلىنىپ، تىجارەت ۋاقتى 1يىلدىن ئاشقانلارغا ھەر يىللىق كىرىمنىڭ %10دىن%20كىچە بىر قېتىمدىلا تولۇقلىما بېرىلىدۇ، ئەڭ يۇقىرى بولغاندا 5000 يۈەن تولۇقلىما بېرىلىدۇ.

    يۆتكىلىپ ئىشقا ئورۇنلىشىش جەھەتتە: ئاكتىپلىق بىلەن ئىشلەپ مائاش خاراكتېرلىك كىرىمنى قولغا كەلتۈرگەن، ئارخىپ تۇرغۇزۇلۇپ كارتا بېجىرىلگەن نامرات ئەمگەكچىلەرگە قارىتا،  يىللىق ئىش ۋاقتى 6ئايدىن ئاشقانلارغا بىر قېتىمدىلا 1000يۈەندىن  2000يۈەنگىچە تولۇقلىما بېرىلىدۇ؛ كارخانا، كوپىراتىپ قاتارلىق ئىقتىسادىي تەشكىلاتتا مۇقىم ئىشقا ئورۇنلاشقان خادىملار ئەمگەك توختامىنى ئىمزالاپ، ئىشقا ئورۇنلاشقان ۋاقتى بىر يىل ياكى بىر يىلدىن ئاشقانلارغا ھەمدە ئىلگىرىدەكلا مۇقىم ئىشقا ئورۇنلاشقان خادىملارغا، بىر قېتىمدىلا 2000يۈەندىن 3000 يۈەنگىچە تولۇقلىما بېرىلىدۇ؛ ئارخىپ تۇرغۇزۇلۇپ كارتا بېجىرىلگەن نامرات ئىشچى -خىزمەتچىلەرنى قوبۇل قىلغان كارخانا، كوپىراتىپ قاتارلىق ئىقتىسادى تەشكىلاتلارغا قارىتا، كارخانىلار ئارخىپ تۇرغۇزۇلۇپ كارتا بېجىرىلگەن نامرات ئائىلىدىن بىرنى مۇقىم ئىشقا ئورۇنلاشتۇرسا، ھەمدە ئۇلار بىلەن ئۈچ يىللىق ئەمگەك توختامىنى ئىمزالاپ، نامرات ئائىلىنىڭ شۇ يىلدىكى مۇقىم ئىشقا ئورۇنلاشقان ۋاقتى 9 ئايدىن ئاشقان بولسا، ھەر بىر ئادەمگە 1000يۈەندىن 2000 يۈەن ئۆلچەم بويىچە ھېسابلىنىپ كارخانا، كوپىراتىپقا تولۇقلىما بېرىلىدۇ، مۇكاپات سوممىسى 5000يۈەندىن ئاشمايدۇ.

رىزۋانگۈل ئىبراھىم تەرجىمىسى

(مەنبە:بايىنغولىن گېزىتى)

  • 巴州政府电子政务办公室
    (0996)2689222
  • يانفۇن بېتى
    ئىككىلىك كودنى سىكانىرلاڭ
ئۇستى