بايىنغولىن ئوبلاستلىق خەلق ھۆكمەت باش بېتى
باشقا يازمىلار
  • ئوبلاستىمىزدىكى ئوتتۇرا – باشلانغۇچ مەكتەپلەر، بالىلار باغچىلىرىدا مەكتەپ مەسئۇللىرى ئوقۇغۇچىلار بىلەن بىللە غىزالىنىش تۈزۈمى ئەمەلىيلەشتۈرۈلدى

ئوبلاستىمىزدىكى ئوتتۇرا – باشلانغۇچ مەكتەپلەر، بالىلار باغچىلىرىدا مەكتەپ مەسئۇللىرى ئوقۇغۇچىلار بىلەن بىللە غىزالىنىش تۈزۈمى ئەمەلىيلەشتۈرۈلدى

    4-ئاينىڭ 8 -كۈنى كورلا شەھەرلىك توبرىچى مەكتەپ پارتىيە ياچېيكىسىنىڭ شۇجىسى يۈ مىڭيۆ (ئوڭدىن 1 -كىشى)، مەكتەپ مۇدىرى جاڭ جۈەن (ئوڭدىن 2 – كىشى) ئوقۇغۇچىلار بىلەن بىللە چۈشلۈك تاماق يېدى.      مۇخبىرىمىز يۈەن خەيجۈن فوتوسى

    مۇخبىرىمىز يۈەن خەيجۈن خەۋەر قىلىدۇ: 4 – ئاينىڭ 9 – كۈنى مۇخبىرنىڭ بايىنغولىن ئوبلاستلىق مائارىپ ئىدارىسىدىن ئىگىلىشىچە، نۆۋەتتە ئوبلاستىمىزدىكى ئوتتۇرا – باشلانغۇچ مەكتەپلەر، بالىلار باغچىلىرىدا مەكتەپلەرنىڭ ئالاقىدار مەسئۇللىرىنىڭ ئوقۇغۇچىلار بىلەن بىللە غىزالىنىش تۈزۈمى ئومۇميۈزلۈك ئەمەلىيلەشتۈرۈلگەن.

     4- ئاينىڭ 8 – كۈنى، چۈشلۈك تاماق ۋاقتىدا كورلا شەھەرلىك توبرىچى مەكتەپ پارتىيە ياچېيكىسىنىڭ شۇجىسى يۈ مىڭيۆ، مەكتەپ مۇدىرى جاڭ جۈەن ئاشخانىغا كىرىپ ، ئوقۇغۇچىلار بىلەن بىللە ئۆچرەتتە تۇرۇپ تاماق ئالدى. ئارقىدىن ئۇلار تاماق ئۈستىلى يېنىغا كېلىپ ئولتۇرۇپ، 300دىن ئارتۇق باشلانغۇچ مەكتەپ ئوقۇغۇچىسى بىلەن بىللە چۈشلۈك تاماق يېدى.

    بۇ بىر يېزا مەكتىپى بولۇپ، مەكتەپ ئاشخانىسى بار، ئوقۇتقۇچىلار ۋە ئۆيى يىراق ئوقۇغۇچىلارنى چۈشلۈك تاماق بىلەن تەمىنلەيدۇ. شۇ كۈنى مەكتەپ ئاشخانىسى گۆش پولۇ، كۆكتات شورپىسى چىقاردى.

يۈ مىڭيۆ مۇنداق دېدى: مەكتەپتە ئوقۇغۇچىلار بىلەن بىللە غىزالىنىش تۈزۈمىنى يولغا قويۇشتىكى مەقسەت، ئەھۋالنى دەل ۋاقتىدا قايتما ئىنكاس قىلىپ، ئوقۇغۇچىلارنىڭ تامىقىنىڭ سۈپىتىنى ئۆستۈرۈپ، ئوقۇغۇچىلارنىڭ بىخەتەر، ساغلام غىزالىنىشىغا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىپ، ئاتا – ئانىلارنى خاتىرجەم قىلىشتىن ئىبارەت.

    تاماق يېيىش جەريانىدا، يۈ مىڭيۆ گۈرۈچنىڭ سەل قاتتىق بولۇپ قالغانلىقىنى ھېس قىلدى. ئۇ يېنىدىكى ئوقۇغۇچىلاردىن: – پولۇ يىرىك بولۇپ قاپتۇمۇ؟ – دەپ سورىدى، ئوقۇغۇچىلار – ئازراق يىرىك بولۇپ قاپتۇ، – دېيىشتى. ئۇ تاماقتىن كېيىن ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئىنكاسىنى ئاشپەزگە يەتكۈزدى. مەكتەپ ئاشخانىسىنىڭ ئاشپىزى تۇرسۇن قۇربان مۇنداق دېدى: كېلەر قېتىم پولۇنى يۇمشاقراق پىشۇراي. مەكتەپ رەھبەرلىرىنىڭ ئوقۇغۇچىلار بىلەن بىللە بىر قازاننىڭ تامىقىنى يېيىشى بىزنى ئەڭ ياخشى نازارەت قىلغانلىق.

    راھىلە رەھمىتۇللا مۇشۇ مەكتەپنىڭ 5 – يىللىق 1 – سىنىپىنىڭ ئوقۇغۇچىسى بولۇپ، ئۇنىڭ ئۆيى توبرىچى يېزىسى تۆۋەنكى ياقاتوغراق كەنتى 2 – گۇرۇپپىسىدا، مەكتەپتىن يىراقراق، چۈشلۈك تاماقنى مەكتەپتە يەيدۇ. راھىلە رەھمىتۇللا مۇنداق دېدى: ئوقۇغۇچىلارنىڭ تاماق سۈپىتىگە قارىتا قانداق پىكرى بولسا مەكتەپ مۇدىرىغا ئىنكاس قىلسا بولىدۇ.

    جاڭ جۈەن تونۇشتۇرۇپ مۇنداق دېدى: ئالدىنقى ھەپتە بىز ئاتا – ئانىلارنى بىللە غىزالىنىشقا تەكلىپ قىلدۇق، ئاتا – ئانىلار ئاشخانا، مەشغۇلات ئۆيى قاتارلىقلارنى يېقىن ئارىلىقتىن ئېكسكۇرسىيە قىلدى ھەمدە ئوقۇغۇچىلار بىلەن بىللە چۈشلۈك تاماق يېدى. مەكتەپ ھەمراھ بولۇپ غىزالىنىشقا ئالاقىدار تۈزۈملەرنى تۈزۈپ چىقتى ھەمدە ھەمراھ بولۇپ غىزالانغانلاردىن ھەر بىر ۋاق تاماققا باھا بېرىشنى تەلەپ قىلدى، يەنە «بىللە غىزالانغۇچىلارنى ئورۇنلاشتۇرۇش جەدۋىلى»، «بىللە غىزالىنىشنى خاتىرىلەش جەدۋىلى»، «بىر ھەپتىلىك تاماق تىزىملىكى» قاتارلىقلارنى تۈزۈپ چىقتى. مەكتەپ يەنە تېخىمۇ ئىلمىي، تېخىمۇ مۇكەممەل بولغان ئوزۇقلۇق رىسالىسىنى ئوتتۇرىغا قويۇپ، تاماقلارنىڭ گۆشلۈك، گۆشسىز بولۇشىنى مۇۋاپىق تەڭشەپ، تەمىنى ئوقۇغۇچىلارنىڭ غىزالىنىش ئېھتىياجىغا ماسلاشتۇردى.

    ئىگىلىنىشىچە، مائارىپ مىنىستىرلىقى، دۆلەت بازارنى نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش باش ئىدارىسى، دۆلەت سەھىيە – ساغلاملىق كومىتېتى بىرلىكتە ئېلان قىلغان «مەكتەپلەرنىڭ يېمەكلىك بىخەتەرلىكى ۋە ئوزۇقلۇق ساغلاملىقىنى باشقۇرۇش بەلگىلىمىسى» (تۆۋەندە قىسقارتىلىپ «بەلگىلىمە» دېيىلىدۇ ) 4 – ئاينىڭ 1 – كۈنىدىن باشلاپ يولغا قويۇلغان. «بەلگىلىمە»دە مۇنۇلار تەلەپ قىلىندى: «ئوتتۇرا – باشلانغۇچ مەكتەپلەر، بالىلار باغچىلىرى مەركەزلىك بىللە غىزالىنىش تۈزۈمى ئورنىتىشى، ھەر ۋاقـلىق تاماقتـا مەكتەپنىڭ ئالاقىدار مەسئۇلى ئوقۇغۇچىلار بىلەن بىللە غىزالىنىشى كېرەك»، «شارائىتى يار بېرىدىغان ئوتتۇرا – باشلانغۇچ مەكتەپلەر، بالىلار باغچىلىرى ئاتا – ئانىلار بىللە غىزالىنىش تۈزۈمى ئورنىتىشى كېرەك».

مەختۇمخان تۇردى تەرجىمىسى

(مەنبە:بايىنغولىن گېزىتى)

  • 巴州政府电子政务办公室
    (0996)2689222
  • يانفۇن بېتى
    ئىككىلىك كودنى سىكانىرلاڭ
ئۇستى