بايىنغولىن ئوبلاستلىق خەلق ھۆكمەت باش بېتى
باشقا يازمىلار
  • شۆھرەت زاكىر چېن دېرۇڭ ۋە ئۇنىڭ ھەمراھلىرى بىلەن كۆرۈشتى

    مۇخبىرىمىز دۇڭ شاۋخۇا خەۋەر قىلىدۇ: ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى، ئاپتونوم رايوننىڭ رەئىسى شۆھرەت زاكىر 8- ئاينىڭ 10- كۈنى چۈشتىن بۇرۇن جۇڭگو «باۋۋۇ» پولات- تۆمۈر گۇرۇھى چەكلىك شىركىتىنىڭ باش دىرېكتورى چېن دېرۇڭ ۋە ئۇنىڭ ھەمراھلىرى بىلەن كۆرۈشتى.

    چېن دېرۇڭ ۋە ئۇنىڭ ھەمراھلىرى بۇ قېتىم شىنجاڭغا ئاساسلىقى «باۋۋۇ» گۇرۇھىنىڭ شىنجاڭدىكى كەسپىنى كېڭەيتىش، شۇنداقلا «1- ئاۋغۇست» پولات- تۆمۈر شىركىتىنىڭ تىپ ئۆزگەرتىپ راۋاجلىنىشىنى ئىلگىرى سۈرۈش جەھەتلەردىكى ئەھۋاللىرىنى تەكشۈرۈشكە كەلگەن.

    شۆھرەت زاكىر «باۋۋۇ» گۇرۇھىنىڭ ئۇزاقتىن بۇيان شىنجاڭنىڭ ئىقتىسادىي ۋە ئىجتىمائىي تەرەققىياتىنى قوللىغانلىقىغا رەھمەت ئېيتتى. ئۇ مۇنداق دېدى: كۆپ يىللاردىن بۇيان، «باۋۋۇ» گۇرۇھى شىنجاڭنىڭ تەرەققىياتى ۋە قۇرۇلۇشىغا ئاكتىپ قاتنىشىپ، شىنجاڭنىڭ ئىقتىسادىي ۋە ئىجتىمائىي تەرەققىياتىغا پائال تۆھپە قوشتى. بۇ يىل كىرگەندىن بۇيان، شىنجاڭ باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ شىنجاڭ خىزمىتى توغرىسىدىكى بىر قاتار مۇھىم سۆزىنىڭ روھىنى ئەستايىدىل ئىزچىللاشتۇرۇپ، يېشىل تەرەققىيات ئىدىيەسى ۋە تەمىنلەش ھالقىسىدىكى قۇرۇلمىلىق ئىسلاھاتنى ئاكتىپ ئەمەلىيلەشتۈردى، بۇنىڭ بىلەن ئاپتونوم رايون ئىقتىسادىدا «مۇقىم ئاساستا ياخشىلىنىش، ئېشىش سۈرئىتى قايتا ئۆرلەش، باشلىنىشى ياخشى بولۇش»تەك تەرەققىيات ھالىتى شەكىللەندى. نۆۋەتتە شىنجاڭ يىپەك يولى ئىقتىساد بەلبېغى يادرولۇق رايونى قۇرۇلۇشىنى تېزلەتمەكتە، بولۇپمۇ قاتناش، ئېنېرگىيە، ئۇچۇر، بازارلاشتۇرۇش قۇرۇلۇشى قاتارلىق ساھەلەردە قۇرۇلۇش سالمىقىنى زورايتتى، شۇنداقلا ئىككى تەرەپنىڭ ھەمكارلىشىپ ئورتاق پايدا ئېلىشى ئۈچۈن تېخىمۇ زور تەرەققىيات بوشلۇقى ۋە تارىخىي پۇرسەت ياراتتى. «باۋۋۇ» گۇرۇھىنىڭ ئەۋزەللىكىنى داۋاملىق جارى قىلدۇرۇپ، يىپەك يولى ئىقتىساد بەلبېغى يادرولۇق رايونى قۇرۇش پۇرسىتىنى ئورتاق ئىگىلەپ، بەش چوڭ تەرەققىيات ئىدىيەسىنى چوڭقۇر ئىزچىللاشتۇرۇپ، يېشىل تەرەققىيات ۋە كەسىپلەرنىڭ تىپىنى ئۆزگەرتىپ، دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈشنى ئىلگىرى سۈرۈپ، ئاپتونوم رايون بىلەن بولغان چوڭقۇر ھەمكارلىقىنى كۈچەيتىپ، ئۆزئارا مەنپەئەت يەتكۈزۈپ، ئورتاق پايدا ئېلىپ، شىنجاڭنىڭ ئىجتىمائىي مۇقىملىقى ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىكى ئۈچۈن تۆھپە قوشۇشىنى ئۈمىد قىلىمەن.

    چېن دېرۇڭ ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم، خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇزاقتىن بۇيان «باۋۋۇ» گۇرۇھى، شۇنداقلا قارىمىقىدىكى كارخانا «1- ئاۋغۇست» پولات- تۆمۈر شىركىتىنى قوللىغانلىقىغا رەھمەت ئېيتتى. ئۇ مۇنداق دېدى: «باۋۋۇ» گۇرۇھى شىنجاڭدىكى تەرەققىياتىغا يۈكسەك ئەھمىيەت بېرىدۇ، يېڭى ئېنېرگىيە، يېڭى ماتېرىيال قاتارلىق تەرەپلەردىكى ئالماشتۇرۇش ۋە ھەمكارلىقنى يەنىمۇ كۈچەيتىپ، «بىر بەلباغ، بىر يول» قۇرۇلۇشىغا ئاكتىپ قاتنىشىپ، شىنجاڭنىڭ ئىجتىمائىي مۇقىملىقى ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىكىنى ئىشقا ئاشۇرۇشقا يېڭى تۆھپە قوشۇشنى ئۈمىد قىلىدۇ.


    ئاپتونوم رايوننىڭ مۇئاۋىن رەئىسى جاۋ چىڭ كۆرۈشۈشتە بىللە بولدى.


(مەنبە:شىنجاڭ گېزىتى)

  • 巴州政府电子政务办公室
    (0996)2689222
  • يانفۇن بېتى
    ئىككىلىك كودنى سىكانىرلاڭ
ئۇستى