بايىنغولىن ئوبلاستلىق خەلق ھۆكمەت باش بېتى
باشقا يازمىلار
  • ئوبلاستىمىزنىڭ مۇشتۇمزور – رەزىل كۈچلەرنىڭ قانۇنغا خىلاپ جىنايەت يىپ ئۇچى بىلەن تەمىنلىگەن ئاممىنى مۇكاپاتلاش توغرىسىدىكى چارىسى

ئوبلاستىمىزنىڭ مۇشتۇمزور – رەزىل كۈچلەرنىڭ قانۇنغا خىلاپ جىنايەت يىپ ئۇچى بىلەن تەمىنلىگەن

ئاممىنى مۇكاپاتلاش توغرىسىدىكى چارىسى

    ئوبلاستىمىزنىڭ مۇشتۇمزورلۇقنى تازىلاپ، رەزىللىكنى تۈگىتىش مەخسۇس كۈرىشىنى چوڭقۇر ئىلگىرى سۈرۈپ، كەڭ خەلق ئاممىسىنى ئاكتىپلىق بىلەن مۇشتۇمزور – رەزىل كۈچلەرنىڭ قانۇنغا خىلاپ جىنايەت يىپ ئۇچى بىلەن تەمىنلەشكە ئومۇميۈزلۈك سەپەرۋەر قىلىش ۋە رىغبەتلەندۈرۈش، مۇشتۇمزور ـ رەزىل كۈچلەرنىڭ قانۇنغا خىلاپ جىنايەتلىرىگە قاتتىق زەربە بېرىش ئۈچۈن، «ج ك پ مەركىزىي كومىتېتى، گوۋۇيۈەننىڭ مۇشتۇمزورلۇقنى تازىلاپ، رەزىللىكنى تۈگىتىش مەخسۇس كۈرىشىنى قانات يايدۇرۇش توغرىسىدىكى ئۇقتۇرۇشى» ۋە ئالىي خەلق سوت مەھكىمىسى، ئالىي خەلق تەپتىش مەھكىمىسى، ج خ مىنىستىرلىقى، ئەدلىيە مىنىستىرلىقى بىرلىشىپ ئېلان قىلغان «مۇشتۇمزور – رەزىل كۈچلەرنىڭ قانۇنغا خىلاپ جىنايەتلىرىگە قانۇن بويىچە قاتتىق زەربە بېرىـش توغرىسـىدىكى ئومۇمىي ئۇقتۇرۇشى»نىڭ ئالاقىدار روھىـغا ئاسـاسەن بۇ چارە تۈزۈلدى.

    بىـرىنچى، مـۇكاپـاتلاش ئوبيېكتى

    بايىنغولىن ئوبلاستىدىكى مۇشتۇمزور – رەزىل كۈچلەرنىڭ  قانۇنغا خىلاپ جىنايىتى ۋە «مۇھاپىزەت كۈنلۈكى» يىپ ئۇچىنى پاش قىلىپ، ئوبلاست دەرىجىلىك سىياسىي – قانۇن ئورگانلىرى، ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتى، رېۋىزىيە كومىتېتى قاتارلىقلارنىڭ قېچىپ يۈرگەن مۇشتۇمزور – رەزىل كۈچلەرنىڭ جىنايەت گۇماندارلىرىنى ۋە «مۇھاپىزەت كۈنلۈكى» دەپ گۇمان قىلىنغانلارنى تۇتۇشىغا ھەمكارلاشقان، مۇشۇ چارىنىڭ مۇكاپاتلاش شەرتىگە ئۇيغۇن كېلىدىغان ئامما، قانۇنىي ئىگىلەر ۋە باشقا تەشكىلاتلار (ئومۇملاشتۇرۇپ پاش قىلغۇچىلار دېيىلىدۇ)نى ئوبلاستلىق مۇشتۇمزورلۇقنى تازىلاش، رەزىللىكنى تۈگىتىش ئىشخانىسى مۇكاپاتلايدۇ.

    ئىككىنچى، پاش قىلىش يىپ ئۇچى دائىرىسى

    دۆلىتىمىزنىڭ«جىنايى ئىشلار قانۇنى»، «ئالىي خەلق سوت مەھكىمىسى، ئالىي خەلق تەپتىش مەھكىمىسى، جامائەت خەۋپسىزلىكى مىنىستىرلىقى، ئەدلىيە مىنىستىرلىقىنىڭ مۇشتۇمزور – رەزىل كۈچلەرنىڭ جىنايەت دېلولىرىنى بېجىرىشكە دائىر بىر قانچە مەسىلە توغرىسىدىكى يېتەكچى پىكرى» ( [ 2018 ] 1 – نومۇرلۇق) قاتارلىق ئالاقىدار بەلگىلىمىلىرىگە ئاساسەن، پاش قىلىش دائىرىسى مەركەز بېكىتكەن 12 تۈرلۈك نۇقتىلىق زەربە بېرىش ئوبيېكتى ۋە ئوبلاستلىق مۇشتۇمزور- رەزىل كۈچلەرگە چېتىشلىق 13» خىل نۇقتىلىق ئىپادىسى» بولغان ئوبيېكىتلار: 1. تەۋەلىكتىكى دىنىي ئەسەبىيلىك ئىدىيەسىنى تارقىتىشنى تەشكىللىگەن پەردە ئارقىسىدىكى قارا قوللار؛ «ئۈچ خىل كۈچ» بىلەن يوشۇرۇن تىل بىرىكتۈرگەن ۋە قوللىغان ياۋا ئاخۇنلار؛ زوراۋانلىق، تېررورلۇق شايكىلىرى بىلەن تىل بىرىكتۈرۈپ ئالاقە باغلىغان، پارتلىتىش سىنىقى، پارتلىتىش، بەدەن ئىقتىدارى مەشىقى بىلەن شۇغۇللىنىدىغان پەردە ئارقىسىدىكىلەر ۋە تايانچ ئەزالار. 2. سەھنىدە ئاشكارا ئىپادە بىلدۈرۈپ، تۆۋەندە بۆلگۈنچىلىك ئىدىيەسى تارقاتقان«ئىككى يۈزلىمىچى»لەر؛ بۆلگۈنچى ئۇنسۇرلارنى يوشۇرۇن تەشكىللىگەن، قانات ئاستىغا ئالغان، ئۇلارغا يول قويغان مۇشتۇمزور – رەزىل كۈچلەر، دىنىي ئەسەبىي كۈچلەرنى«مۇھاپىزەت كۈنلۈكى» بىلەن تەمىنلەيدىغان«ئىككى يۈزلىمىلىك» پارتىيە ئەزالىرى، دۆلەت خىزمەتچىلىرى؛ ئەدلىيە ئورگانلىرىنىڭ دېلو بېجىرىشىگە كاشىلا قىلىپ، توسقۇنلۇق قىلىپ، بۆلگۈنچى ئۇنسۇرلارغا خەۋەر يەتكۈزۈپ، بۆلگۈنچى كۈچلەرنىڭ «مۇھاپىزەت كۈنلۈكى» بولۇۋالغان پارتىيە ئەزالىرى، دۆلەت خىزمەتچىلىرى. 3. دىن بايرىقىنى كۆتۈرۈۋېلىپ، ھەقىقىي ئەھۋالنى بىلمەيدىغان ئاممىنى ئۆزىگە تارتىپ، ئۆزىگە توپلاپ، مەمۇرىيەت، ئەدلىيە، مائارىپ، پىلانلىق تۇغۇت قاتارلىق خىزمەتلەرگە كاشىلا قىلىپ، ئاساسىي قاتلام تەشكىلاتلىرىغا قارشى تۇرىدىغان دىن، جەمەت كۈچلىرى؛ دىنىي تونغا ئورۇنىۋېلىپ، ئاساسىي قاتلامنىڭ دىننى باشقۇرۇش خىزمىتىگە ئارىلىشىپ، دىنىي ئەسەبىيلىك ئىدىيەسىنىڭ ئەۋج ئېلىشىغا، يامرىشىغا تۈرتكە بولغان پەردە ئارقىسىدىكى قارا قوللار. 4. تۈرلۈك ۋاسىتىلەردىن پايدىلىنىپ، پارتىيەلىك كادىرلارنى ئۆزىگە تارتىپ، ئاساسىي قاتلام تەشكىلاتلىرىغا سوقۇنۇپ كىرىپ، ئاساسىي قاتلام ھاكىمىيىتىنى چاڭگىلىغا كىرگۈزۈۋېلىپ، يېزا بايلىقىنى مونوپول قىلىپ، دۆلەت ۋە كوللېكتىپنىڭ مال – مۈلكىنى يۇتۇۋالغانلار؛ يۇرتداش، جەمەت، دىن قاتارلىقلارنى ۋاسىتە قىلىپ شايكا توپلاپ، سىياسىي كاپىتالنى قولغا كەلتۈرۈش ئۈچۈن، ئاز – تولا نەپ بېرىپ، ۋەدە بېرىپ، سايلام بېلىتىنى ئالداپ ئېلىپ، ئاساسىي قاتلام سايلىمىنى كونترول قىلىپ، بۇزغۇنچىلىق قىلىپ، يۇقىرىنى، تۆۋەننى ئالداپ، ئاممىنىڭ مەنپەئىتىگە زىيان يەتكۈزۈپ، كادىرلار بىلەن ئاممىنىڭ مۇناسىۋىتىگە بۇزغۇنچىلىق قىلىدىغان مۇشتۇمزور – رەزىل كۈچلەر..5  قانۇنسىز مەنپەئەتنى كۆزلەپ، ھەقىقىي ئەھۋالنى بىلمەيدىغان ئاممىنى توپلىشىشقا ئازدۇرۇپ، قۇترىتىپ، يۇقىرىغا ئەرز قىلىش، مۇراجىئەت قىلىش قاتارلىق شەكىللەر ئارقىلىق ۋەقە تۇغدۇرغان، ئۆكتەملىك قىلىپ چاتاق چىقارغان، باشقۇرۇشقا بويسۇنمىغان مۇشتۇمزور ـ رەزىل كۈچلەر. 6. سودا بازىرى، توپ سېتىش بازىرى، ۋوگزال، پىرىستان، ساياھەت مەنزىرە نۇقتىلىرى قاتارلىق سورۇنلاردا بازارنى زومىگەرلىك بىلەن ئىگىلىۋالغان، زورلۇق بىلەن ئېلىپ ساتقان، توپلىشىپ پاراكەندىچىلىك سالغان  كوچا زومىگەرلىرى، شەھەر زومىگەرلىرى، يول زومىگەرلىرى، كەنت زومىگەرلىرى؛ خەتەرگە تەۋەككۈل قىلىپ، قورال – ياراق، پارتىلىتىش بۇيۇملىرى قاتارلىق قانۇنغا خىلاپ مەنئى قىلىنغان بۇيۇملارنى يوشۇرۇن ھايىنىغا ساتقان، يوشۇرۇن ساقلىغان پەردە ئارقىسىدىكـىلەر ۋە تايانچلار. 7. شىركەت، كارخانا قاتارلىق ئىقتىسادىي ئەمەلىي گەۋدىلەرنى قوغدىنىش ۋاسىتىسى قىلىپ، قانۇنسىز يۇقىرى ئۆسۈملۈك قەرز بەرگەن، ھەسسىلەپ پايدا  ئالغان، يامان غەرەزدە قەرزدىن قاچقان، كارخانا ۋە شەخسلەرنىڭ قانۇنلۇق مەنپەئىتىنى ئۇستىلىق بىلەن تارتىۋالغان مۇشتۇمزور – رەزىل كۈچلەر. 8. ئادەم توپلاپ قارا جەمئىيەت تەشكىللەپ، زوراۋانلىق، تەھدىت سېلىش ۋاسىتىسى بىلەن ئاستىرتىن يەر ئايرىپ، مەنپەئەت تالىشىپ، مەجبۇرىي قوغداش ھەققى ئېلىپ، مەجبۇرىي قەرز يىغىپ، خەلق ئارىسىدىكى ماجىرالارغا قول تىقىپ، «يەر ئاستى قانۇن ئىجرا قىلىش ئەترىتى» بولۇۋالغان مۇشتۇمزور – رەزىل كۈچلەر .(داۋامى بار) 

ئامانگۈل روزى تەرجىمىسى

(مەنبە:بايىنغولىن گېزىتى)

  • 巴州政府电子政务办公室
    (0996)2689222
  • يانفۇن بېتى
    ئىككىلىك كودنى سىكانىرلاڭ
ئۇستى