بايىنغولىن ئوبلاستلىق خەلق ھۆكمەت باش بېتى
باشقا يازمىلار
  • چىڭمىڭ بايرىمىلىق دەم ئېلىش مەزگىلىدە ئوبلاستىمىزنىڭ ساياھەتچىلىكتىن قىلغان ئومۇمىي كىرىمى 173 مىليون يۈەن بولدى

چىڭمىڭ بايرىمىلىق دەم ئېلىش مەزگىلىدە ئوبلاستىمىزنىڭ ساياھەتچىلىكتىن قىلغان ئومۇمىي كىرىمى 173 مىليون يۈەن بولدى

    مۇخبىرىمىز جوۋ خەيشيا، ئىختىيارىي مۇخبىرىمىز دۈەن خەيمىن خەۋەر قىلىدۇ: باھار كۆكلەم سەيلىسى قىلىشنىڭ ياخشى پەيتى. چىڭمىڭ بايرىمىلىق دەم ئېلىش مەزگىلىدە، ئوبلاستىمىزدىكى ھەر قايسى مەنزىرە رايونلىرى باھار ئاساسىي تېما قىلىنغان گۈللەردىن ھوزۇرلىنىش، لەگلەك ئۇچۇرۇش، كۆكلەم سەيلىسى قىلىش قاتارلىق ساياھەت پائالىيەتلىرىنى يولغا قويدى. 4 – ئاينىڭ 5 – كۈنىدىن 7 – كۈنىگىچە بولغان ئۈچ كۈن ئىچىدە ئوبلاستىمىزدا 209 مىڭ 400 ئادەم/قېتىم ساياھەتچى كۈتۈۋېلىنىپ، ساياھەت ئومۇمىي كىرىمى 173 مىليون يۈەن بولدى.

    چىڭمىڭ بايرىمىلىق دەم ئېلىشتا ھاۋا ئوچۇق بولۇپ گۈل سەيلىسى قىلىش ئۈچۈن شارائىت يارىتىپ بەردى، كورلا شەھىرىنىڭ كۆنچى دەرياسى، ئاققۇ دەرياسى، كاككۇك دەرياسى، ئاققوتان دەرياسى پۈتۈن سۇ سىستېمىسى ۋە ئىككى نەشپۈت چېچىكى مەنزىرىسى كوچىسى، باشئەگىمدىكى نەشپۈت چېچەكلىرى ساياھەتچىلەرنىڭ تاماشا قىلىشىدىكى قىزىق نۇقتىغا ئايلاندى. بۈگۈر ناھىيەسى قاراباغ يېزىسى ئەلا سۈپەتلىك ئۆرۈك چېچىكى بايلىقىغا تايىنىپ يېڭى ساياھەت ئېشىش   نۇقتىسى بەرپا قىلدى. ئۆرۈك چېچىكى كەنتى تۇنجى قېتىم تىجارەت باشلاپ نۇرغۇن ساياھەتچىلەرنى جەلپ قىلدى.

    دەم ئېلىش مەزگىلىدە، ئوبلاستىمىزدىكى بارلىق باش تېمىلىق ساياھەت پائالىيەتلىرىدە مەزمۇن ئاساسىي تېمىسى يادرو قىلىنىپ، ئالدىن قىزىقتۇرۇش، پائالىيەتنى ئەگىشىپ داۋاملاشتۇرۇش، كېيىن ئۇزارتىش ئەندىزىسى چۆرىدىلىپ، ساياھەت مەنزىلى يېڭى لىنىيە مەھسۇلاتلىرى بارلىققا كەلتۈرۈلدى. لوپنۇر لوپنۇرلۇقلار كەنتىدىكى قەدىمكى كىيىملەرنى نامايان قىلىش پائالىيىتى، قۇملۇق، كۆل بويىدىكى يېقىملىق قالۇن ئاۋازى، خېجىڭ يېزىلىرىدىكى يېڭى بۆلجۈرگەن، يەنجىدىكى گۈل ئويۇنى، غەربىي دىياردا ئەركىن چېپىۋاتقان يەنجى ئاتلىرىنىڭ ھەممىسى ئوبلاستىمىزنىڭ ھەرقايسى جايلاردىن كەلگەن ساياھەتچىلەرنى مەدەنىيەت ساياھىتىگە جەلپ قىلىشىدىكى يېڭى بەلگە بولۇپ قالدى. بايىنغولىن ئوبلاستىدىكى ئاممىۋى تەشكىلاتلار، ئويۇن قويۇش تەشكىلاتلىرى شەھەر مەيدانى، يادرولۇق مەنزىرىلەرنى ئاساس قىلىپ ۋەتەننى سۆيۈش، ئىتتىپاقلىشىش، ئۆزئارا ياردەم بېرىش قاتارلىق ئاساسىي تېمىلارنى ناخشا – ئۇسسۇل، كۇەيشەن قاتارلىق پائالىيەتلەرگە سىڭدۈرۈپ، يېڭى مەدەنىيەت يارقىن نۇقتىلىرىنى شەكىللەندۈردى.

    ھۆكۈمەت بىلەن بازار ھەمتۈرتكە بولۇپ، بايرام، بازار كەيپىياتىنى قويۇقلاشتۇردى. بۈگۈر ئۆرۈك چېچىكىنى تاماشا قىلىش، خەن، تاڭ مەدەنىيىتىدىن ھوزۇرلىنىش بىر كۈنلۈك ساياھىتى، يەنجى خورا تېغىنىڭ گۈل پەسلى مىللىي ئۆرپ – ئادەت مەدەنىيىتى بىر كۈنلۈك ساياھىتى، خېجىڭدىكى بۆلجۈرگەن ئۈزۈش بايرىمى، «باھارنى كۆرۈش» چوڭ جىلغىسى، قىزىل داشى ئېلېكتىرونلۇق سودا كەنتى، لوپنۇرلۇقلار كەنتى بىر كۈنلۈك ساياھىتى، چەرچەن باغۋەنلەر باغچىسى قاتارلىق ئورۇنلار ساياھەت قىزىق نۇقتىسىغا ئايلاندى. خېجىڭدىكى بۆلجۈرگەن ئۈزۈش بايرىمىدا بىر كۈندىلا 35 مىڭ ساياھەتچى كۈتۈۋېلىندى. بايىنغولىن ئوبلاستلىق فوتوگرافلار جەمئىيىتى 100گە يېقىن فوتوگرافنى ۋە ھەۋەسكارنى يىپەك يولى قەدىمىي كەنتى خورا تېغىغا بېرىپ، فوتو – سۈرەت مۇسابىقىسىگە قاتنىشىپ ئۆز تالانتىنى نامايان قىلىشقا تەشكىللىدى.

    چىڭمىڭ بايرىمىلىق دەم ئېلىش مەزگىلىدە يۇقىرى سۈرئەتلىك تاشيولدا ھەقسىز يول يۈرۈش سىياسىتىنىڭ يولغا قويۇلۇشى، چىڭمىڭ بايرىمىدا  قەبرە يوقلاش، سۈپۈرۈشكە چىققانلارنىڭ كۆپىيىشى قوشۇلۇپ، دەم ئېلىش كۈنلىرىدە ئىقتىسادنىڭ سىجىل ياخشىلىنىشىغا تۈرتكە بولۇندى.

ئوبلاستىمىز تەۋەسىدە ساياھەتكە ئائىت ئەرز قىلىش ۋەقەسى يۈز بەرمىدى.  مەختۇمخان تۇردى تەرجىمىسى

(مەنبە:بايىنغولىن گېزىتى)

  • 巴州政府电子政务办公室
    (0996)2689222
  • يانفۇن بېتى
    ئىككىلىك كودنى سىكانىرلاڭ
ئۇستى