بايىنغولىن ئوبلاستلىق خەلق ھۆكمەت باش بېتى
باشقا يازمىلار
  • تارىم نېفىتلىكىدە دۇنيا بويىچە ئەڭ چوڭ ئادەتتىن تاشقىرى چوڭقۇر قاتلامدىن ئۇيۇپ ئاجرىلىپ چىقىدىغان نېفىت – گاز ئىشلەپچىقىرىش بازىسى قۇرۇلدى

    تارىم نېفىتلىكىدە دۇنيا بويىچە ئەڭ چوڭ ئادەتتىن تاشقىرى چوڭقۇر قاتلامدىن ئۇيۇپ ئاجرىلىپ چىقىدىغان نېفىت – گاز ئىشلەپچىقىرىش بازىسى قۇرۇلدى

    مۇخبىرىمىز ياڭ شياۋدۇڭ خەۋەر قىلىدۇ: 4 ـ ئاينىڭ 4 ـ كۈنى مۇخبىرنىڭ جۇڭگو نېفىت تارىم نېفىتلىكى شىركىتىدىن ئىگىلىشىچە، تارىم نېفىتلىكى دىنار، ئوتتۇرا تارىم 1 ـ نومۇر قاتارلىق ئادەتتىن تاشقىرى چوڭقۇر، ئادەتتىن تاشقىرى يۇقىرى بېسىمدا مۇرەككەپ ئاجرىلىپ چىقىدىغان 14 گازلىقنى مۇۋەپپەقىيەتلىك ئېچىپ، دۇنيا بويىچە ئەڭ چوڭ ئادەتتىن تاشقىرى چوڭقۇر قاتلامدىن ئۇيۇپ ئاجرىلىپ چىقىدىغان نېفىت – گاز ئىشلەپچىقىرىش بازىسىنى قۇرۇپ چىققان، 3 – ئاينىڭ 25 – كۈنىگىچە جەمئىي 106 مىليارد 600 مىليون كۇب مېتىر تەبىئىي گاز، 24 مىليون 770 مىڭ توننا ئۇيۇپ ئاجرىلىپ چىقىدىغان نېفىت ۋە يېنىك ھىدروكاربون قاتارلىق نېفىت سۇيۇقلۇقى ئىشلەپچىقىرىلىپ، دۇنيا بويىچە چوڭقۇر قاتلاملىق، مۇرەككەپ بولغان ئۇيۇپ ئاجرىلىپ چىقىدىغان گازلىقنى ئېچىشنىڭ يېتەكچىسى بولۇپ قالغان.

    تونۇشتۇرۇلۇشىچە، ئۇيۇپ ئاجرىلىپ چىقىدىغان نېفىت – گاز تەركىبىدە ئاروماتىك ھىدروكاربون، يېنىك ھىدروكاربون قاتارلىق كەم ئۇچرايدىغان ھىدروكاربونلار مول بولۇپ، بۇ دۆلەت ھەربىي سانائىتى ۋە خەلق تۇرمۇشى ساھەسىگە جىددىي ئېھتىياجلىق بولغان يۇقىرى دەرىجىلىك نېفىت – خىمىيە سانائىتى خام ئەشياسى ئىكەن. دۇنيا بويىچە ئۇيۇپ ئاجرىلىپ چىقىدىغان نېفىت – گاز بايلىقى ئاساسلىقى ئوتتۇرا ئاسىيا، رۇسىيە ۋە شىمالىي ئامېرىكا قاتارلىق رايونلارغا تارقالغان، چوڭقۇرلۇقى كۆپىنچە 1500 مېتىردىن 4000 مېتىرغىچە بولۇپ، ئوتتۇرا تېيىز قاتلامدىكى نورمال بېسىملىق گاز زاپىسى ھېسابلىنىدۇ؛ ئېلىمىزدىكى ئۇيۇپ ئاجرىلىپ چىقىدىغان نېفىت – گاز زاپىسىنىڭ كۆپ قىسمى چوڭقۇر قاتلاملىق ئۇيۇپ ئاجرىلىپ چىقىدىغان گاز زاپىسى بولۇپ، تەكشۈرۈپ ئېنىقلانغان زاپاس مىقدارىنىڭ %80ىدىن كۆپرەكى تارىم ئويمانلىقىغا مەركەزلەشكەن.

ئادەتتىن تاشقىرى چوڭقۇر، ئادەتتىن تاشقىرى يۇقىرى بېسىمدا مۇرەككەپ ئۇيۇپ ئاجرىلىپ چىقىدىغان نېفىت – گاز زاپىسىنى يۇقىرى ئۈنۈملۈك ئېچىشنىڭ دۆلەت ئىچى – سىرتىدا مۇۋەپپەقىيەتـلىـك تـەجرىبىسى بولمىغاچقا،ئىزچىل دۇنياۋى قىيىن مەسىلە دەپ قارىلىپ كەلمەكتە. جۇڭگو نېفىتلىكى 2008 – يىلىدىن بۇيان داۋاملىق تۈردە تۈر تۇرغۇزۇپ ئۆتكەلگە ھۇجۇم قىلىپ، ئادەتتىن تاشقىرى يۇقىرى بېسىم ئارقىلىق ئۇيۇپ ئاجرىلىپ چىقىدىغان گازنى تەڭپۇڭسىز ھالەتتە يەر ئاستىدىن سىرغىتىش نەزەرىيەسىدە يېڭىلىق يارىتىپ، گاز كىرگۈزۈش ئېغىرلىق كۈچى مۆلچەردىن ئېشىپ كېتىش ۋە گاز قېچىشنى كونترول قىلىش قىيىن بولۇش مەسىلىسىنى ھەل قىلىپ،  ئۇيۇپ ئاجرىلىپ چىقىدىغان نېفىتنى سىجىل مۇقىم ئىشلەپچىقىرىشنى ئىشقا ئاشۇردى؛ ئادەتتىن تاشقىرى چوڭقۇر، ئادەتتىن تاشقىرى يۇقىرى بېسىملىق ئۇيۇپ ئاجرىلىپ چىقىدىغان گازلىقنى ئېچىشتىكى «قۇدۇقنى پاكىز تازىلاش، قۇدۇقنىڭ مۇكەممەللىكى، يۇقىرى بېسىم ئارقىلىق ئۇزۇن ئارىلىققا ئارىلاشتۇرۇپ توشۇش» قاتارلىق ئاچقۇچلۇق بولغان، قۇرۇلۇش تېخنىكىسىدىكى پاسسىپ ھالەتنى بۆسۈپ ئۆتۈپ، سانائەتلىشىشنى كۆلەملىك قوللىنىشنى تىرەك بىلەن تەمىنلىدى.

    نۆۋەتتە، بۇ بىر يۈرۈش يېڭىلىق يارىتىش نەزەرىيەسى ۋە تېخنىكىسى تارىم نېفىتلىكىنىڭ ئۇيۇپ ئاجرىلىپ چىقىدىغان گازلىقنى ئېچىش تېخنىكىسىنىڭ دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈپ، ئەۋلاد ئالماشتۇرۇشىنى ئىشقا ئاشۇرۇپ، ئۇيۇپ ئاجرىلىپ چىقىدىغان نېفىت، يېنىك ھىدروكاربون، سۇيۇقلاندۇرۇلغان گاز قاتارلىق كەم ئۇچرايدىغان بايلىقلار يىلىغا 2 مىليون توننىدىن، تەبىئىي گاز 10 مىليارد كۇب مېتىردىن ئاشىدىغان ئىشلەپچىقىرىش كۆلىمىنى شەكىللەندۈرۈپ، دۆلەت ئىچىدىكى يېڭىچە ئۇيۇپ ئاجرىلىپ چىقىدىغان نېفىت – گاز كەسىپ زەنجىرىنىڭ شەكىللىنىشىگە تۈرتكە بولۇپ، دۆلەتنىڭ ئېنېرگىيە بىخەتەرلىكىگە كاپالەتلىك قىلىش ۋە ئېلىمىزنىڭ ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈش ئۈچۈن مۇھىم تۆھپە قوشتى.  مەختۇمخان تۇردى تەرجىمىسى

(مەنبە:بايىنغولىن گېزىتى)

  • 巴州政府电子政务办公室
    (0996)2689222
  • يانفۇن بېتى
    ئىككىلىك كودنى سىكانىرلاڭ
ئۇستى