بايىنغولىن ئوبلاستلىق خەلق ھۆكمەت باش بېتى
باشقا يازمىلار
  • خېجىڭ ناھىيەسىدە تۆتىنچى نۆۋەتلىك بۆلجۈرگەن مەدەنىيەت ساياھىتى بايرىمى باشلاندى 35مىڭ ساياھەتچى خېجىڭ بۆلجۈرگىنىنىڭ داڭقىنى چىقىرىشقا تۈرتكە بولدى

خېجىڭ ناھىيەسىدە تۆتىنچى نۆۋەتلىك بۆلجۈرگەن مەدەنىيەت ساياھىتى بايرىمى باشلاندى

35مىڭ ساياھەتچى خېجىڭ بۆلجۈرگىنىنىڭ داڭقىنى چىقىرىشقا تۈرتكە بولدى

   4- ئاينىڭ  6-كۈنى، خېجىڭ ناھىيەسىدە تۆتىنچى نۆۋەتلىك بۆلجۈرگەن مەدەنىيەت ساياھىتى بايرىمى ئۆتكۈزۈلدى.   سۈرەتتە: پائالىيەتكە قاتناشقان كىشىلەر ئۆزلىرى ئۈزگەن بۆلجۈرگەنلەرنى كۆرسەتمەكتە.  مۇخبىرىمىز ۋۇ پېڭ فوتوسى

    مۇخبىرىمىز ليۇ ۋېنخۇا خەۋەر قىلىدۇ: بۆلجۈرگەنلەر قىپقىزىل پىشىپ، ئەتراپقا خۇشپۇراق تارقاتتى. چىڭمىڭ دەم ئېلىش  مەزگىلىدە، خېجىڭ ناھىيەسى يېزىلاردا تۇنجى قېتىم بۆلجۈرگەن مەدەنىيىتى ساياھەت بايرىمى ئۆتكۈزۈپ، 35مىڭ ساياھەتچىنى جەلپ قىلدى، خېجىڭ ناھىيەسىدىكى بۆلجۈرگەننىڭ خۇشپۇراق ھىدى ھەممە جاينى قاپلاپ، بايرامغا ھۆسىن قوشتى.

   4 -ئاينىڭ  6-كۈنى چۈشتىن بۇرۇن سائەت 11:00دا، خېجىڭ ناھىيەسىنىڭ   4-نۆۋەتلىك بۆلجۈرگەن مەدەنىيىتى ساياھەت بايرىمىنىڭ باشلىنىش مۇراسىمى خېجىڭ ناھىيەسى بارۇن خارمودۇن بازىرى ئىتتىپاق مەيدانىدا باشلاندى. ئۇسسۇل «بۆلجۈرگەن چېچەكلىدى»، كۆمە «ئات چاپتۇرۇش»، ئىتوت «ئاچا –سىڭىللارنىڭ بۆلجۈرگەنگە بېغىشلىغان مۇھەببىتى» قاتارلىق ئېسىل نومۇرلار تاماشىبىنلارنىڭ قىزغىن ئالقىشىغا ئېرىشتى. لەرزان مۇزىكا، ناخشا ساداسى، كۈلكە –چاقچاقلار كەنتنى شاد -خۇراملىققا چۆمدۈردى. بىر سائەتتىن ئارتۇق داۋاملاشقان يەرلىك مەدەنىيەت كۆرگەزمىسى ساياھەتچىلەرنى جەلپ قىلدى. بۆلجۈرگەنلەرنى سېلىشتۇرۇپ باھالاش ئويۇنى دېھقانلارنىڭ ئالقىشىغا سازاۋەر بولدى.

    ساياھەت ئاپتوموبىلى ھەر قايسى جايلاردىن كەلگەن ساياھەتچىلەرنى يېزا يوللىرىدا توشۇش بىلەن ئالدىراش بولۇپ كەتكەنئىدى. بۆلجۈرگەن ئۈزۈش نەق مەيدانىدا، ئەڭ خۇشال بولغىنى يەنىلا بالىلار بولۇپ، قىپقىزىل بۆلجۈرگەنلەر ۋە بالىلارنىڭ كۈلكە جىلۋىلەنگەن سەبىي چىرايلىرى، ئاتا –ئانىلارنىڭ يانغونىدا  ئەڭ كۆپ تارتىلغان سۈرەتلىرىگە ئايلاندى.

    دالا مەنزىرىسىنى  ياخشى كۆرىدىغان كورلىلىق ساياھەتچى دىڭ شىنرۇڭ ھەمراھلىرى بىلەن ئاپتوموبىلغا ئولتۇرۇپ پائالىيەت نەق مەيدانىغا يېتىپ كەلدى. ئۇ يېڭى بۆلجۈرگەنلەرنى سېتىۋېلىپلا قالماي، بازاردىن يەنە قۇرۇق لازا، گازىر مېيى، يەرلىك توخۇملارنى سېتىۋالدى. ئۇ مۇنداق دېدى: يېزىدا بۆلجۈرگەن بايرىمىنى ئۆتكۈزسە، بەك ياخشى بولىدىكەن. بىز يېڭى بۆلجۈرگەنلەرنى تېتىپلا قالماستىن، يەنە تېخى نۇرغۇنلىغان يەرلىك مەھسۇلاتلارنى سېتىۋالالايدىكەنمىز، بۇ كۆڭۈلدىكىدەك يېزا ساياھىتى بولدى.

    بۆلجۈرگەن پەرۋىشكارى لى يۈخۇانىڭ يول يۈرىشى ئانچە قولايلىق ئەمەس ئىدى. ئەمما ئۇ يەنىلا ئائىلىسىدىكىلەر بىلەن پائالىيەت نەق مەيدانىغا يېتىپ كەلدى. ئۇ ئارانلا بەش كىلوگرامغا يېقىن بۆلجۈرگەن ئېلىپ كەلگەن بولۇپ، بۇنى ساياھەتچىلەرگە تېتىتىپ باققۇزۇش ئارقىلىق ساياھەتچىلەرنى بۆلجۈرگەن ئۈزۈشكە تەكلىپ قىلىش ئويى بار ئىدى. ئۇ ساياھەتچىلەرگە بۆلجۈرگەننى تېتىپ باققۇزغاچ، مۇخبىرغا بۆلجۈرگەن بايرىمى ئۆتكۈزۈشنىڭ ناھايىتى ئەھمىيەتلىك ئىكەنلىكىنى، ساياھەتچىلەر كۆپ بولسا، كەنتتىكى بۆلجۈرگەنلەرنىڭمۇ داڭقى چىقىدىغانلىقىنى ئېيتتى. «ئۈمىد» يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرىنى ئىشلەپچىقىرىش ھەمكارلىق كوپىراتىپىنىڭ كېڭەش باشلىقى لۇ ياڭ خېجىڭ ناھىيەسى بارۇن خارمودۇن بازىرىدا بۆلجۈرگەننى ئەڭ ئاۋۋال ئۆستۈرگەن دېھقان ئىدى. ئۇ خۇشاللىقىنى باسالمىغان ھالدا مۇخبىرغا  ئۆزىنىڭ تۇنجى قېتىملىق بۆلجۈرگەن بايرىمىغا قاتناشقاندا، بارۇن خارمودۇن بازىرىدا بۆلجۈرگەن ئۆستۈرۈلگەن پارنىكنىڭ 30موغىمۇ يەتمەيدىغانلىقى، كېيىنچە خېجىڭ بازىرىدا بۆلجۈرگەن ئۆستۈرگەن دېھقاننىڭ بىر مو پارنىكتىن ئالغان پايدىسىنىڭ 10مىڭ يۈەندىن ئاشقاچقا، دېھقانلارنىڭ بۆلجۈرگەن ئۆستۈرۈش قىزغىنلىقى يۇقىرى كۆتۈرۈلگەنلىكىنى ئېيتىپ بەردى. ھازىر ئۇلارنىڭ كوپىراتىپىدا ئۆستۈرۈلگەن بۆلجۈرگەن103موغا يەتكەن بولۇپ، كوپىراتىپتىكى دېھقانلار بۆلجۈرگەن ئۆستۈرۈپ، ياخشى ئىقتىسادىي كىرىمنى قولغا كەلتۈردى.

    خېجىڭ ناھىيەلىك پارتكوم دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، تەشۋىقات بۆلۈمىنىڭ باشلىقى چىن لۇڭ مۇنداق دېدى:  بۆلجۈرگەن مەدەنىيىتى ساياھەت بايرىمى  ــــ خېجىڭ ناھىيەسى مەدەنىيەت ساياھىتى پائالىيىتىنىڭ مۇقەددىمىسى بولۇپ، يەنە28 مەيدان چوڭ تىپتىكى مەدەنىيەت ساياھىتى پائالىيىتى داۋاملىق ئېلىپ بېرىلىدۇ. ھەر قايسى جايلاردىكى ساياھەتچىلەرنىڭ خېجىڭدا ساياھەت قىلىپ، مەززىلىك تائاملارنى تېتىپ، گۈزەل مەنزىرىلەردىن قانغۇچە ھۇزۇرلىنىپ، خېجىڭنىڭ ھاياتىي كۈچكە تولغان يېزا ئىستىلىنى، ئۆزگىچە سىرلىق مەدەنىيىتىنى  ھېس قىلىـشىنى ئـۈمـىد قىلىمىز.   رىزۋانگۈل ئىبراھىم تەرجىمىسى

(مەنبە:بايىنغولىن گېزىتى)

  • 巴州政府电子政务办公室
    (0996)2689222
  • يانفۇن بېتى
    ئىككىلىك كودنى سىكانىرلاڭ
ئۇستى