بايىنغولىن ئوبلاستلىق خەلق ھۆكمەت باش بېتى
باشقا يازمىلار
  • ئوبلاستىمىز چىلان كۆچىتىنىڭ زىچلىقىنى ئۆزگەرتىشنى داۋاملىق ئىلگىرى سۈرىدۇ

چاقىلىق، چەرچەن ناھىيەلىرى باشلامچىلىق بىلەن بىر قىسىم چىلان كۆچىتى زىچ باغلاردا زىچلىقنى شالاڭلاشتۇرۇش سىناق نۇقتىسى بەرپا قىلىپ، ياخشى ئۈنۈمگە ئېرىشتى

    مۇخبىرىمىز جياڭ فېڭ، ئىختىيارى مۇخبىرىمىز جىن چۈنجى خەۋەر قىلىدۇ: 3 – ئاينىڭ ئاخىرىدا، ئوبلاستلىق ئورمانچىلىق ۋە ئوتلاق ئىدارىسى، تارىم داشۆسى قاتارلىق تارماقلاردىن ئاجرىتىلغان تېخنىكا مۇتەخەسسىسلىرىدىن تەشكىللەنگەن ئۆزگىچە باغ – ئورمانچىلىقنىڭ سۈپىتىنى يۇقىرى كۆتۈرۈپ ئۈنۈمىنى ئاشۇرۇش مۇلازىمەت ئۆمىكى چاقىلىق، چەرچەن ناھىيەلىرىگە بېرىپ چىلان كۆچىتىنىڭ زىچلىقىنى ئۆزگەرتىشكە ھەيدەكچىلىك قىلىش ۋە تېخنىكا مۇلازىمىتى خىزمىتىنى قانات يايدۇردى. 2018 – يىلىدىن بۇيان، ئوبلاستىمىزدا ئۆزگىچە باغ – ئورمانچىلىقنىڭ سۈپىتىنى يۇقىرى كۆتۈرۈپ ئۈنۈمىنى ئاشۇرۇش قۇرۇلۇشى باشلانغان بولۇپ، چاقىلىق، چەرچەن ناھىيەلىرى باشلامچىلىق بىلەن بىر قىسىم چىلان كۆچىتى زىچ باغلاردا زىچلىقنى شالاڭلاشتۇرۇش سىناق نۇقتىسى بەرپا قىلىپ، ياخشى ئۈنۈمگە ئېرىشتى.

    ئارىلىق قالدۇرۇپ شالاڭلاشتۇرۇش، ئىككى قۇر چىلان كۆچىتى ئارىلىقىدا بىر قۇر ئارىلىق قالدۇرۇش بولۇپ، بۇنىڭدا شامال ئۆتۈشۈش ۋە كۈن نۇرى چۈشۈش شارائىتىنى ياخشىلىغىلى، چىلاننىڭ سۈپەت ئۈنۈمىنى ئۆستۈرگىلى بولىدۇ. يېقىنقى بىر يىللىق تىرىشىش ئارقىلىق، چاقىلىق، چەرچەن ناھىيەلىرى چىلان كۆچىتىنىڭ زىچلىقىنى ئۆزگەرتىش خىزمىتىدە دەسلەپكى قەدەمدە ئۈنۈمنى قولغا كەلتۈردى، كۆچەتلەرنىڭ زىچلىقى ئۆزگەرتىلگەن چىلان باغلىرىنىڭ مەھسۇلات مىقدارى ۋە سۈپىتى ئۈنۈملۈك يۇقىرى كۆتۈرۈلۈپلا قالماي يەنە پايدا ئۈنۈمىمۇ مۇقىم ئېشىپ، ھەربىر كىلوگىرام چىلاننىڭ باھاسى 2017 – يىلدىكىگە قارىغاندا 2 يۈەندىن 3 يۈەنگىچە ئاشتى. چاقىلىق ناھىيەسىدىكى باغۋەن جاۋ يۈچېڭ مۇنداق دېدى: ئىلگىرى ھەمىشە چىلان كۆچىتىنى قانچە زىچ تىكسەك، مەھسۇلات مىقدارى شۇنچە كۆپ بولىدۇ، پايدىمۇ ياخشى بولىدۇ، دەپ ئويلاپتىكەنمىز، ھازىر كۆچەتلەرنىڭ زىچلىقىنى ئۆزگەرتىش ئارقىلىق شۇنى بىلدۇقكى، چىلاننىڭ سۈپىتى ئۆسكەندە، ئاندىن پايدىسى تېخىمۇ ياخشى بولىدىكەن.

    ئىگىلىنىشىچە، بۇلتۇر قىش، بۇ يىل ئەتىيازدىن بۇيان، ئوبلاستلىق پارتكوم، خەلق ھۆكۈمىتى چىلان كۆچەتلىرى زىچ ئۆستۈرۈلگەن باغلاردا كۆچەتلەرنىڭ زىچلىقىنى ئۆزگەرتىش خىزمىتى ئېلىپ بېرىشقا يۈكسەك ئەھمىيەت بېرىپ، ئۆزگىچە باغ – ئورمانچىلىق بويىچە قىش، ئەتىياز پەسىللىك باشقۇرۇش نەق مەيدان يىغىنى چاقىرىپ، 2019 – يىلى چىلان كۆچەتلىرىنىڭ زىچلىقىنى ئۆزگەرتىش قۇرۇلۇشىنى كۈچەپ ئىلگىرى سۈرۈش، كۆچەتلەرنىڭ زىچىلىقىنى ئۆزگەرتىش ۋەزىپىسىنى چوقۇم %100 ئورۇنداشنى ئوتتۇرىغا قويدى. چاقىلىق ناھىيەسى باغ -ئورمانچىلىقنىڭ سۈپىتىنى يۇقىرى كۆتۈرۈپ ئۈنۈمنى ئاشۇرۇش خىزمىتىگە رەھبەرلىك قىلىش گۇرۇپپىسى قۇردى، 2 – ئايدىن باشلاپ، ئەۋەتىلگەن چىلانچىلىق مەركىزىنىڭ تېخنىك خادىملىرى بىلەن يېزا – بازارلىق ئورمانچىلىق پونكىتىدىكى تېخنىك خادىملار بىرلىكتە ھەربىر يېزا – بازار، ھەرقايسى كەنت، گۇرۇپپىلىرىدا چىلان كۆچىتىنىڭ زىچلىقىنى ئۆزگەرتىش خىزمىتىنى قانات يايدۇردى ھەمدە باھالاپ تەكشۈرۈپ ئۆتكۈزۈۋالدى، ساقلانغان مەسلىلەرگە قارىتا نەق مەيداندا قايتما ئىنكاس قايتۇرۇپ، تەكشۈرۈپ ئۆتكۈزۈۋېلىش نەتىجىسىنى ھەرقايسى كەنت كومىتېتلىرىدا ئېلان قىلدى، پاش قىلىش تېلېفونى تەسىس قىلىپ، كەنت ئاھالىلىرىنىڭ نازارىتىنى قوبۇل قىلدى، چاقىلىق ناھىيەلىك پارتكوم، خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ چىلاننىڭ سۈپىتىنى يۇقىرى كۆتۈرۈپ ئۈنۈمىنى ئاشۇرۇش تەلىپىگە قاتتىق ئەمەل قىلغانلارغا مۇكاپات بېرىلدى. چەرچەن ناھىيەسى چىلان كۆچەتلىرىنىڭ زىچلىقىنى ئۆزگەرتىشنى ئاساس قىلغان تۈرلۈك  باغ – ئورمانچىلىقنىڭ سۈپىتىنى يۇقىرى كۆتۈرۈپ، ئۈنۈمنى ئاشۇرۇش نۇقتىلىق خىزمىتىنى ئاساسلىق رەھبەرلەر ئۆزى تۇتۇش، مەسئۇل رەھبەرلەر كونكرېت تۇتۇش ئۇسۇلىنى قوللاندى. 2 – ئاينىڭ ئوتتۇرىلىرىدىن باشلاپ، ناھىيەلىك خەلق ھۆكۈمىتى 10 يېزا، بازار (مەيدان)دىكى 42 كەنتتە 82 مەيدان(قېتىم)چىلان كۆچەتلىرىنىڭ زىچلىقىنى ئۆزگەرتىش نەق مەيدان يىغىنى ئاچتى. يۇقىرىقى تەدبىرلەرنى قوللىنىش ئارقىلىق، يېرىم ئايغا يەتمىگەن ۋاقىت ئىچىدە چاقىلىق، چەرچەن ناھىيەلىرى 35 مىڭ 500 مو كۆلەمدىكى باغدا كۆچەتلەرنىڭ زىچلىقىنى ئۆزگەرتىش ۋەزىپىسىنى تاماملاپ، بۇ يىللىق باغ – ئورمانچىلىق كەسپىنىڭ بولۇپمۇ چىلانچىلىق كەسپىنىڭ ئۈنۈمىنى يۇقىرى كۆتۈرۈپ سۈپىتىنى ئاشۇرۇشقا ياخشى ئاساس سالدى.

    چاقىلىق، چەرچەن چىلىنى گۆشلۈك، تەمى تاتلىق، ئۇرۇقى كىچىك، ئورگانىك بولۇش ئالاھىدىلىكىگە ئىگە بولۇپ، باھا جەھەتتىن باشتىن – ئاخىر پۈتۈن شىنجاڭ ھەتتا پۈتۈن مەملىكەتتىكى چىلان بازارلىرىدا ئالدىنقى ئورۇندا تۇرۇپ، بايىنغولىن ئوبلاستىمىزنىڭ «قالتىس» كوزۇر مەھسۇلاتىغا ئايلاندى. ھازىرغا قەدەر، ئوبلاستىمىزدىكى چىلانلىق باغ كۆلىمى 630 مىڭ موغا، مېۋە بېرىدىغان كۆلەم 530مىڭ موغا، يىللىق مەھسۇلات مىقدارى 180مىڭ توننىغا يەتتى.  ماھىرە تۇرسۇن تەرجىمىسى

(مەنبە:بايىنغولىن گېزىتى)

  • 巴州政府电子政务办公室
    (0996)2689222
  • يانفۇن بېتى
    ئىككىلىك كودنى سىكانىرلاڭ
ئۇستى