بايىنغولىن ئوبلاستلىق خەلق ھۆكمەت باش بېتى
باشقا يازمىلار
  • ئوبلاستىمىزدا 24 – قېتىملىق نېفىت بايرىمى تەبرىكلەندى

«ۋەتەن ئۈچۈن نېفىت تەقدىم قىلىمەن» ئۈچ مىنۇتلۇق كۇەيشەن پائالىيىتى قايناق كەيپىياتتا ئۆتكۈزۈلدى

    مۇخبىرىمىز جاۋ شۇاڭ خەۋەر قىلىدۇ: 4 – ئاينىڭ 6 – كۈنى، كورلا شەھىرى خەلق مەيدانىدا نۇرغۇن ئامما ئادەتتىكىگە ئوخشاش دەم ئېلىپ، كۆڭۈل ئېچىپ، شوخ ئۇسسۇل ئويناپ، تەيجى گۇمپىسى ئارقىلىق بەدەن چېنىقتۇرۇپ، بالىلىرىنى ئېلىپ لەگلەك ئۇچۇرتۇپ دەم ئېلىش كۈنلىرىدىن بەھرىمەن بولدى.

    «تاغ – دەريالار سۈرەتتەك گۈزەل، ۋەتەننىڭ گۈللىنىشى ئارغىماقتەك تېز، نېفىت ئىشچىسى بولۇش شەرەپلىك ماڭا، قالپاق كىيىپ بارىمەن يىراقلارغا»سائەت 11لەردە كىشىلەر توپى ئارىسىدا تۇيۇقسىز ناخشا ساداسى ياڭرىدى، خىزمەت كىيىمى كىيگەن 140 نېفىت ئىشچىسى دۆلەت بايرىقىنى ئېلىپ «ۋەتەن ئۈچۈن نېفىت تەقدىم قىلىمەن» دېگەن ناخشىنى ئېيتىپ پۈتۈن مەيداننى لەرزىگە سالدى.

    4- ئاينىڭ 10 -كۈنى ئاپتونوم ئوبلاستىمىزنىڭ 24 -قېتىملىق نېفىت بايرىمى، بۇ بايرامنى تەبرىكلەش ئۈچۈن، 4 – ئاينىڭ 6 – كۈنى بايىنغولىن ئوبلاستلىق پارتكوم تەشۋىقات بۆلۈمى، بايىنغولىن ئوبلاستلىق مەدەنىيەت _ تەنتەربىيە _ رادىيو _ تېلېۋىزىيە ۋە ساياھەت ئىدارىسى، كورلا مەدەنىيەت _ تەنتەربىيە _ رادىيو _ تېلېۋىزىيە ۋە ساياھەت ئىدارىسى باش بولۇپ، بايىنغولىن ئوبلاستلىق مەدەنىيەت يۇرتى، بايىنغولىن ئوبلاستلىق تېلېۋىزىيە ئىستانسىسى، بايىنغولىن ئوبلاستلىق ناخشا _ ئۇسسۇل ئۆمىكى ئۈستىگە ئېلىپ ئۇيۇشتۇرغان «شانلىق 70 يىل، ئالغا ئىلگىرىلىگەن يېڭى دەۋر _  ۋەتەن ئۈچۈن نېفىت تەقدىم قىلىمەن» ناملىق كۇەيشەن پائالىيىتى خەلق مەيدانىدا قايناق كەيپىياتتا ئۆتكۈزۈلدى.

    نېفىت ئىشچىلىرى «ۋەتەن ئۈچۈن نېفىت تەقدىم قىلىمەن» دېگەن ناخشىنى ئېيتقاندا دۆلەت بايرىقىنى كۆتۈرۈۋالغان كىچىك دوستلاردىن تەشكىللەنگەن ئىككى كوماندا غالتەكلىك ئاياق بىلەن ماھارەت كـۆرسەتتى، 100گەيېقىن ئوقۇغۇچى مۇزىكىغا ئەگىشىپ قولىدىكى گۈلدەستىلەرنى پۇلاڭلاتتى، نەق مەيدان ناخشا ساداسى ۋە گۈللەر دېڭىزىغا ئايلاندى. نۇرغۇن شەھەر ئاھالىسى ئاۋازنى ئاڭلاپ پائالىيەتكە قوشۇلدى.

    بىر ناخشا ئاخىرلىشىپ يەنە بىر ناخشا باشلاندى. «مەن ۋە ۋەتىنىم» ناملىق ناخشىنىڭ مۇزىكىسى ياڭرىغان ھامان، نەق مەيدان كەيپىياتى يۇقىرى دولقۇنغا كۆتۈرۈلدى، جۇشقۇن ناخشا ساداسى مەيدان ئاسمىنىدا ياڭرىدى، مىڭدىن ئارتۇق شەھەر ئاھالىسى چوڭقۇر ھاياجان ئىلكىدە بىللە ناخشا ئېيتىپ ۋەتەننى كۈيلىدى.

    شەھەر ئاھالىسى لياڭ جۈەن مۇنداق دېدى: بەك ھەيران قالدىم، بۇ مېنىڭ تۇنجى قېتىم نەق مەيداندا كۇەيشەن پائالىيىتى كۆرۈشۈم، پائالىيەتنىڭ ھەر بىر مىنۇتى قەلبىمنى لەرزىگە سېلىپ، ھاياجانغا تولدۇردى. بۇنداق كۇەيشەن پائالىيەتلىرى ئىنتايىن ئەھمىيەتلىك ئىكەن، يەنە بىر تەرەپتىن كۆپچىلىكنىڭ ۋەتەنگە بولغان قىزغىن مۇھەببىتىنى ئىپادىلەپ بېرىدىكەن. ئۈچ مىنۇتلۇق كۇەيشەن پائالىيىتى ئاخىرلاشقاندىن كېيىنمۇ، تاماشىبىنلارنىڭ مەيداندىن ئايرىلغۇسى كەلمىدى.

    بايىنغولىن ئوبلاستلىق مەدەنىيەت يۇرتىنىڭ باشلىقى، كۇەيشەن پائالىيىتىنىڭ رېژىسسورى فۇ جۈننىڭ تونۇشتۇرۇشىچە، جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى قۇرۇلغانلىقىنىڭ 70 يىللىقىنى تەبرىكلەش ئۈچۈن، ئاپتونوم ئوبلاستىمىزنىڭ 24 – قېتىملىق نېفىت بايرىمى يېتىپ كېلىش ئالدىدا ئۆتكۈزۈلگەن كۇەيشەن پائالىيىتىدە ئوبلاستىمىزدىكى ھەر مىللەت خەلقىنىڭ پارتىيەنىڭ رەھبەرلىكىدە، پائال ئالغا ئىلگىرىلەيدىغان روھىي قىياپىتى، ۋەتەنپەرۋەرلىك ھېسسىياتى ۋە ئىناق، ياخشى ئىجتىمائىي كەيپىياتىنى نامايان قىلىنغان، شۇنداقلا نېفىتلىك بىلەن يەرلىكنىڭ كەسىپ، مەدەنىيىتىنىڭ چوڭقۇر يۇغۇرۇلما تەرەققىياتى تولۇق نامايان قىلىنغان. فۇ جۈن مۇنداق دېدى: پائالىيەت ۋاقتى قىسقا بولسىمۇ، لېكىن نەق مەيدان كەيپىياتى قىزغىن بولۇپ، ھەر بىر قاتناشقۇچى ئاكتىپ ماسلىشىپ، تولۇپ تاشقان قىزغىنلىق بىلەن ھەممە ئادەمنى تەسىرلەندۈردى.   مەختۇمخان تۇردى تەرجىمىسى

(مەنبە:بايىنغولىن گېزىتى)

  • 巴州政府电子政务办公室
    (0996)2689222
  • يانفۇن بېتى
    ئىككىلىك كودنى سىكانىرلاڭ
ئۇستى