بايىنغولىن ئوبلاستلىق خەلق ھۆكمەت باش بېتى
باشقا يازمىلار
  • ئوبلاستىمىز ئورمان، ئوتلاق ئوت مۇداپىئە – ئوت ئۆچۈرۈش خىزمىتى بويىچە تېلېۋىزىيە – تېلېفون يىغىنى ئاچتى

ئوبلاستىمىز ئورمان، ئوتلاق ئوت مۇداپىئە – ئوت ئۆچۈرۈش خىزمىتى بويىچە تېلېۋىزىيە – تېلېفون يىغىنى ئاچتى

تۈرلۈك يوشۇرۇن ئاپەتلەرنى بىخ ھالىتىدە قەتئىي يوقىتىش كېرەك

    مۇخبىرىمىز جى شياۋجېن خەۋەر قىلىدۇ: 4 – ئاينىڭ 4 – كۈنى، ئوبلاستىمىز ئورمان، ئوتلاق ئوت مۇداپىئە – ئوت ئۆچۈرۈش خىزمىتى بويىچە تېلېۋىزىيە – تېلېفون يىغىنى ئاچتى. يىغىندا، 4 – ئاينىڭ 2 – كۈنىدىكى ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم دائىمىي كومىتېتى (كېڭەيتىلگەن) يىغىنىنىڭ روھى يەتكۈزۈلدى، ئوبلاستىمىزنىڭ يېقىنقى مەزگىلدىكى ئورمان، ئوتلاق ئوت مۇداپىئە – ئوت ئۆچۈرۈش بىخەتەرلىكىنى تەكشۈرۈش ئەھۋالى ئومۇمىي ئۇقتۇرۇش قىلىندى.

    يىغىندا مۇنۇلار كۆرسىتىلدى: ھەر قايسى ناھىيە، شەھەر، تارماقلار مەسئۇلىيەت تۇيغۇسى، تەخىرسىزلىك تۇيغۇسىنى يەنىمۇ كۈچەيتىپ، سىياسىي يۈكسەكلىكىنى ھەقىقىي يۇقىرى كۆتۈرۈپ، «تۆت ئاڭ»نى پۇختا تۇرغۇزۇپ، «تۆت ئىشەنچ»نى چىڭىتىپ، «ئىككىنى قوغداش»نى ئىشقا ئاشۇرۇپ، نۆۋەتتىكى ئورمان، ئوتلاق ئوت مۇداپىئە – ئوت ئۆچۈرۈشتىكى كەسكىن ۋەزىيىتىنى تولۇق تونۇپ، بوشاڭلىق، بىخۇدلۇق ئىدىيەسىنى قەتئىي يېڭىپ، ھەر ۋاقىت ئوتتىن مۇداپىئەلىنىش، ئاپەت زىيىنىنى ئازايتىش، ئاپەتتىن قۇتقۇزۇشتىن ئىبارەت بۇ كېرىچنى ھەر ۋاقىت چىڭىتىپ، «پارتىيە، ھۆكۈمەت تەڭ مەسئۇل بولۇش، بىر ئىش ئورنىدا قوش مەسئۇلىيەت بولۇش»نى ئومۇميۈزلۈك ئەمەلىيلەشتۈرۈش كېرەك. تەكشۈرۈش، ئالدىن سىگنال بېرىشنى كۈچەيتىشتە چىڭ تۇرۇپ، يەر يۈزىدە چارلاش، قوغداش، ھاۋادا چارلاش، تەكشۈرۈش، سىنلىق نازارەت قىلىش – تىزگىنلەش قاتارلىق كۆپ خىل ئۇسۇللارنى تولۇق قوللىنىپ، ئورمان قوغدىغۇچىلىرىنىڭ، ئوتلاق باشقۇرغۇچىلارنىڭ ئالدىنقى قاراۋۇللۇق رولىنى ھەقىقىي جارى قىلدۇرۇپ، ھەر ۋاقىت تەكشۈرۈش كېرەك. خەتەرلىك ئەھۋال يۈز بەرگەن ھامان، دەرھال مۇھاكىمە قىلىپ ھۆكۈم قىلىشقا تەشكىللەپ، قۇتقۇزۇش خىزمىتىنى ۋاقتىدا ئىلمىي قانات يايدۇرۇش كېرەك. جىددىي ئەھۋالغا تاقابىل تۇرۇش – بىر تەرەپ قىلىش ۋە ئىلمىي تەدبىر قوللىنىپ قۇتقۇزۇشنى كۈچەيتىش كېرەك. ھەر دەرىجىلىك جىددىي ئەھۋالغا تاقابىل تۇرۇش – باشقۇرۇش تارماقلىرى ئوت ئۆچۈرۈش، ئوتتىن مۇداپىئەلىنىش بويىچە جىددىي ئەھۋالغا تاقابىل تۇرۇش لايىھەسىنى يەنىمۇ مۇكەممەللەشتۈرۈپ، «مۇداپىئەلىنىش، تاقابىل تۇرۇش، چېكىنىش، قۇتقۇزۇش» قاتارلىق تۈرلۈك تەدبىرلەرنى قاراتمىلىق قوللىنىپ، قوشۇننى توپلاش، ماددىي ئەشيا تەييارلىقى قىلىش، ماشىنا – سايمانلارنى تەكشۈرۈپ رېمونت قىلىش، جىددىي ئەھۋالغا تاقابىل تۇرۇش مانىۋېرى قاتارلىق خىزمەتلەرنى پائال ياخشى ئىشلىشى كېرەك.

    يىغىندا مۇنۇلار تەكىتلەندى: ھەر قايسى ناھىيە، شەھەرلەر، ھەر قايسى ئورۇنلار يوشۇرۇن خەۋپ – خەتەرنى رەتكە تۇرغۇزۇپ تەكشۈرۈشنى تېزدىن قانات يايدۇرۇپ، تۈرلۈك يوشۇرۇن خەۋپ – خەتەرنى بىخ ھالىتىدە يوقىتىپ، ئومۇميۈزلۈك مۇداپىئەلىنىش ئاساسىدا، نۇقتىلىق ئورمانلىق، مەنزىرە رايونلىرى، مەنزىرە نۇقتىلىرى، قەبرىستانلىق قاتارلىق رايونلارنىڭ يوشۇرۇن خەۋپ – خەتىرىنى رەتكە تۇرغۇزۇپ تەكشۈرۈپ، تۈزەشنى چىڭ تۇتۇپ، ئەڭ قاتتىق تەدبىرلەرنى قوللىنىپ، تاغقا كىرىدىغان ئوت مەنبەسىنى قاتتىق باشقۇرۇپ، يوشۇرۇن خەۋپ – خەتەرنىڭ قېلىپ قالماسلىقى، يوچۇقلارنىڭ  قېلىپ قالماسلىقى، تەكشۈرۈلمىگەن جاينىڭ قېلىپ قالماسلىقىنى ئىشقا ئاشۇرۇشى كېرەك. نۆۋەتچىلىك قىلىش، نازارەت قىلىش – باشقۇرۇش، مۇداپىئەلىنىش تەدبىرلىرىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ ۋە ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، قانۇن ئىجرا قىلىش سالمىقىنى ئاشۇرۇپ، نۇقتىلىق رايونلارنىڭ قاتتىق ئالدىنى ئېلىپ، چىڭ ساقلاپ، ئورمانچىلىق، چارۋىچىلىق رايونلىرىنىڭ ئىشلەپچىقىرىش، تۇرمۇشتىكى ئوت ئىشلىتىشىنى قاتتىق كونترول قىلىپ، ئوتتىن مۇداپىئەلىنىش تەشۋىق – تەربىيەسىنى پۈتۈن كۈچ بىلەن كۈچەيتىپ، ئوتتىن مۇداپىئەلىنىش بىخەتەرلىك ئېڭى ۋە ئۆزى مۇداپىئەلىنىش، ئۆزىنى قۇتقۇزۇش ئىقتىدارىنى كۈچەيتىپ، خەلق ئاممىسىنىڭ ھاياتىي مال – مۈلۈك بىخەتەرلىكىگە كاپالەتلىك قىلىشى كېرەك.

    ئوبلاستلىق پارتكوم دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، مۇئاۋىن ئوبلاست باشلىقى سېرگىلىڭ يىغىنغا قاتناشتى ھەمدە سۆز قىلدى. ئوبلاست ۋە 2 – شىدىكى ئالاقىدار ئورۇنلارنىڭ مەسئۇللىرى ئاساسىي يىغىن مەيدانىدا يىغىنغا قاتناشتى. ھەر قايسى ناھىيە، شەھەرلەرنىڭ ئالاقىدار مەسئۇللىرى شۆبە يىغىن مەيدانىدا يىغىنغا قاتناشتى. ئامانگۈل روزى تەرجىمىسى

(مەنبە:بايىنغولىن گېزىتى)

  • 巴州政府电子政务办公室
    (0996)2689222
  • يانفۇن بېتى
    ئىككىلىك كودنى سىكانىرلاڭ
ئۇستى