بايىنغولىن ئوبلاستلىق خەلق ھۆكمەت باش بېتى
باشقا يازمىلار
  • تۈگجەجاپ لوپنۇر ناھىيەسىگە بېرىپ مەملىكەتلىك ئىككى يىغىننىڭ روھىنى يەتكۈزدى ھەمدە يېزىلارنىڭ يەر ئوبوروت قىلىش ئەھۋالىنى تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلدى

تۈگجەجاپ لوپنۇر ناھىيەسىگە بېرىپ مەملىكەتلىك ئىككى يىغىننىڭ روھىنى يەتكۈزدى ھەمدە يېزىلارنىڭ يەر ئوبوروت قىلىش ئەھۋالىنى تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلدى.

يەر ئوبوروت قىلىشنى ئاساسىي يېتەكچى كەسىپلەرنى يېتىشتۈرۈش، نامراتلارنى دەل جايىدا يۆلەش،

گۈزەل يېزا -كەنت قۇرۇلۇشى بىلەن بىرلەشتۈرۈشتە چىڭ تۇرۇش كېرەك.

    مۇخبىرىمىز شيې شياۋيەن خەۋەر قىلىدۇ: 4 – ئاينىڭ 4 – كۈنى، مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى ۋەكىلى، ئوبلاستلىق پارتكومنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى، ئوبلاست باشلىقى تۈگجەجاپ لوپنۇر ناھىيەسىگە بېرىپ، مەملىكەتلىك ئىككى يىغىننىڭ روھىنى بولۇپمۇ، باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مۇھىم سۆزىنىڭ روھىنى يەتكۈزدى، شۇنداقلا، لوپنۇر ناھىيەسىنىڭ يېزىلاردىكى يەرلەرنى ئوبوروت قىلىش قاتارلىق ئەھۋاللىرىنى تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلدى.

    تۈگجەجاپ مۇنداق دېدى: باش شۇجى شى جىنپىڭ ئىككى يىغىن مەزگىلىدە يېزا – كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈش خىزمىتىنى تىلغا ئالغاندا ئىلگىرى – كېيىن بولۇپ، «ئىختىساسلىقلار، يەر، كاپىتال قاتارلىق مۇھىم ئامىللارنى شەھەر، يېزا ئوتتۇرىسىدا قوش يۆنىلىشلىك يۆتكەش ۋە باراۋەر ئالماشتۇرۇش»، «يېزا ئىگىلىكىدىكى كۆپ خىل شەكىلدىكى مۇۋاپىق، كۆلەملەشكەن تىجارەتنى راۋاجلاندۇرۇش»، «دېھقانلار ئىگىلىكىنى قوللاش بىلەن زامانىۋى يېزا ئىگىلىكنىڭ تەرەققىياتىنى ئورگانىك جىپسىلاشتۇرۇش» قاتارلىق مۇھىم يوليورۇقلارنى بېرىپ، ئوبلاستىمىزنىڭ يېزا – كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈش خىزمىتىنى يەنىمۇ ئالغا سىلجىتىش ئۈچۈن ئۇسۇل، يول كۆرسىتىپ بەردى، مۇھىم مىزان بىلەن تەمىن ئەتتى، بىز چوقۇم ئەستايىدىل ئۆگىنىپ، چوڭقۇر ئۆزلەشتۈرۈپ، سىياسىي يۈكسەكلىكىمىزنى يۇقىرى كۆتۈرۈپ، «تۆت ئاڭ»نى مۇستەھكەم تۇرغۇزۇپ، «تۆت ئىشەنچ»نى چىڭىتىشىمىز، «ئىككىنى قوغداش»نى ئىشقا ئاشۇرۇپ، ئىدىيە ۋە ھەرىكىتىمىزنى باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مۇھىم يوليورۇقىنىڭ روھىغا قەتئىي بىرلىككە كەلتۈرۈپ، ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ «ئىسلاھات، ئېچىۋېتىش+3+3+1» خىزمەت ئورۇنلاشتۇرمىسى ۋە ئوبلاستلىق پارتكومنىڭ خىزمەت تەلەپلىرىنى ئىزچىللاشتۇرۇش، ئەمەلىيلەشتۈرۈش بىلەن زىچ بىرلەشتۈرۈپ، تۈرلۈك خىزمەتلەرنى چوڭقۇر، ئەمەلىي، ئىنچىكە ئىشلەپ، يېزا ئىگىلىكى كۈچلۈك، يېزىلىرى گۈزەل، دېھقانلار باي – باياشاد بولغان يېزا – كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈش يېڭى ۋەزىيىتىنى تىرىشىپ يارىتىشىمىز كېرەك.

    تۈگجەجاپ لوپنۇر ناھىيەسىنىڭ يېزىلاردىكى يەر ئوبوروت قىلىش جەھەتلەردىكى ئۇسۇللىرى ۋە نەتىجە – ئۈنۈمىنى تولۇق مۇئەييەنلەشتۈردى. ئۇ مۇنۇلارنى كۆرسەتتى: يېزىلاردىكى يەر ئوبوروتى كۆلەملەشكەن تىجارەتنى تەرەققىي قىلدۇرۇش ۋە يېزا ئىگىلىكىنى زامانىۋىلاشتۇرۇشنى ئىشقا ئاشۇرۇشنىڭ ئاساسى، يېزىلارنىڭ تەرەققىيات ئۇسۇلىنى ئۆزگەرتىش، ئىشلەپچىقىرىش تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈشنىڭ ئېھتىياجى شۇنداقلا يېزا ئىگىلىكى، يېزىلارنىڭ ئۇزاق مەزگىللىك تەرەققىيات مەسىلىسىنى ھەل قىلىشنىڭ ھالقىلىق ۋاسىتىسى. پەقەت دېھقانلارنى ئۆزلىرى خالىغان ئەھۋال ئاستىدا، تارقاق، بوش يەرلەر، كىچىك كۆلەمدىكى يەرلەرنى مۇۋاپىق دەرىجىدە تېرىقچىلىق ماھىرى، كەسپىي باي ئائىلە، دېھقانلار ھەمكارلىق كوپىراتىپى قاتارلىق يېڭى تىپتىكى يېزا ئىگىلىك تىجارىتى سۇبيېكتىغا مەركەزلەشتۈرۈپ، يېزا ئىگىلىكىدىكى كۆلەملەشكەن، كەسىپلەشكەن، تۈجۈپىلەشكەن تىجارەتنى يولغا قويۇشقا يېتەكلىگەندىلا ۋە رىغبەتلەندۈرگەندىلا،  ئاندىن يەرنىڭ مەھسۇلات ئۈنۈمى ۋە ئەمگەك ئىشلەپچىقىرىش ئۈنۈمىنى يۇقىرى كۆتۈرگىلى، يېزا ئىگىلىكى كەسپىنىڭ چوڭ كۆلەم، يۇقىرى سۈپەتكە قاراپ تەرەققىي قىلىشىنى ئىلگىرى سۈرگىلى، يېزا ئىگىلىكى كەسپىنىڭ گۈللىنىشىنى ھەقىقىي ئىشقا ئاشۇرغىلى بولىدۇ.

    نۆۋەتتىكى ۋە بۇنىڭدىن كېيىنكى بىر مەزگىللىك يېزا يەر ئوبوروتى خىزمىتىنى تىلغا ئالغاندا، تۈگجەجاپ مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: يەر ئوبوروتىنى ئالغا سىلجىتىشتا شۇ جاينىڭ ئەھۋالىغا قاراپ ئىش كۆرۈپ، دەل جايىدا تەدبىر قوللىنىپ،تەبىئىي شارائىت ۋە  ئىقتىسادىي تەرەققىياتنىڭ پەرقىنى بىر تۇتاش ئويلىشىپ، دېھقانلار ئاممىسىنىڭ سۇبيېكت ئارزۇسىغا تولۇق ھۆرمەت قىلىش كېرەك. يەر ئوبوروت قىلىشنى ئاساسىي يېتەكچى كەسىپنى يېتىشتۈرۈش، نامراتلارنى دەل جايىدا يۆلەش، گۈزەل يېزا – كەنت قۇرۇلۇشى بىلەن بىرلەشتۈرۈشتە چىڭ تۇرۇپ، يېزا ئىگىلىك قۇرۇلمىسىنى تەڭشەش پىلانى تۈزۈپ، يەر ئوبوروت رايونىدىكى ئاساسىي يېتەكچى كەسىپنى ئايدىڭلاشتۇرۇپ، يەرلەرنى يېتەكچى كەسىپكە مەركەزلەشتۈرۈشكە يېتەكلەپ، مۇۋاپىق كۆلەمدىكى تىجارەت ۋە تۈجۈپىلىك تىجارەتنى تەرەققىي قىلدۇرۇشتىكى «يەرنى ئوبوروت قىلىش+كەسىپ ئارقىلىق نامراتلارنى يۆلەش» ئەندىزىسىنى پائال ئومۇملاشتۇرۇپ، نامرات ئاھالىلەرنىڭ زامانىۋى يېزا ئىگىلىك ئىشلەپچىقىرىشىغا قاتنىشىشىغا تۈرتكە بولۇپ، مۇقىم نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇپ ۋە نامراتلىق «قالپىقى»نى چۆرۈپ تاشلاپ، بېيىشنى ئىشقا ئاشۇرۇش كېرەك؛ «يەر ئوبوروت قىلىش + گۈزەل يېزا – كەنت قۇرۇلۇشى»نىڭ يېڭى يولى ئۈستىدە ئىزدىنىپ، ئېكولوگىيە، كەسىپ، ساياھەت، ئىستراھەت بىر گەۋدىلەشكەن يېشىل يېزا – كەنت ئىقتىسادىنى پۈتۈن كۈچ بىلەن تەرەققىي قىلدۇرۇپ، يەرلىكنىڭ ئىقتىسادىنى تەرەققىي قىلدۇرۇش بىلەن بىر ۋاقىتتا، ئاسمىنى كۆك، يېرى يېشىل، سۈيى سۈزۈك، ئولتۇراقلىشىشقا ماس كېلىدىغان گۈزەل يېزا – كەنت بەرپا قىلىش كېرەك.

    شۇ كۈنى، تۈگجەجاپ ۋە ئۇنىڭ ھەمراھلىرى لوپنۇر ناھىيەسىنىڭ ئىجتىمائىي مۇقىملىق، ئورماننىڭ ئوتتىن مۇداپىئەلىنىش، ئەتىيازلىق تېرىلغۇغا تەييارلىق قىلىش، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش قاتارلىق ئەھۋاللىرىنى نەق مەيداندا تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلدى.  ئامانگۈل روزى تەرجىمىسى

(مەنبە:بايىنغولىن گېزىتى)

  • 巴州政府电子政务办公室
    (0996)2689222
  • يانفۇن بېتى
    ئىككىلىك كودنى سىكانىرلاڭ
ئۇستى