بايىنغولىن ئوبلاستلىق خەلق ھۆكمەت باش بېتى
باشقا يازمىلار
  • ئوبلاستىمىزدا باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مەكتەپ ئىدىيەۋى -سىياسىي نەزەرىيە دەرسى ئوقۇتقۇچىلىرى سۆھبەت يىغىنىدا قىلغان

ئوبلاستىمىزدا باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مەكتەپ ئىدىيەۋى -سىياسىي نەزەرىيە دەرسى ئوقۇتقۇچىلىرى سۆھبەت يىغىنىدا قىلغان

مۇھىم سۆزىنىڭ روھىنى ئۆگىنىش، ئىزچىللاشتۇرۇش بويىچە لېكسىيە سۆزلەش يىغىنى ئۆتكۈزۈلدى

ئوبلاستىمىزدىكى 500دىن ئارتۇق مائارىپ خىزمەتچىسى لېكسىيەنى ئاڭلىدى

    مۇخبىرىمىز يۈەن خەيجۈن خەۋەر قىلىدۇ: 4 -ئاينىڭ 1 -كۈنى، ئوبلاستىمىزدا باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مەكتەپ ئىدىيەۋى –سىياسىي نەزەرىيە دەرسى ئوقۇتقۇچىلىرى سۆھبەت يىغىنىدا قىلغان مۇھىم سۆزىنىڭ روھىنى ئۆگىنىش، ئىزچىللاشتۇرۇش بويىچە لېكسىيە سۆزلەش يىغىنى ئۆتكۈزۈلدى.

    ئوبلاستلىق پارتكوم مائارىپ خىزمىتى كومىتېتى شىنجاڭ يېزا ئىگىلىكى كەسپىي تېخنىكا شۆيۈەنى ماركسىزم شۆيۈەنىنىڭ باشلىقى، پىروفېسسور ۋاڭ شۆلىنى لېكسىيە سۆزلەشكە تەكلىپ قىلدى. 3 -ئاينىڭ 18  –كۈنى، باش شۇجى شى جىنپىڭ رىياسەتچىلىك قىلىپ ئاچقان ھەمدە مۇھىم سۆز قىلغان مەكتەپ ئىدىيەۋى –سىياسىي نەزىرىيە دەرسى ئوقۇتقۇچىلىرى سۆھبەت يىغىنىغا ۋاڭ شۆلى ۋەكىل بولۇپ قاتناشتى ھەمدە سۆز قىلدى.

    بۇ قېتىملىق لېكسىيەنى ئۆتكۈزۈشتىكى مەقسەت باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مەكتەپ ئىدىيەۋى – سىياسىي نەزەرىيە دەرسى ئوقۇتقۇچىلىرى سۆھبەت يىغىنىدا قىلغان مۇھىم سۆزىنىڭ روھىنى ئورتاق ئۆگىنىپ، ئۆزلەشتۈرۈپ، ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم مائارىپ خىزمىتى كومىتېتىنىڭ ئورۇنلاشتۇرما، تەلەپلىرىنى ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، يېڭى دەۋر مەكتەپ ئىدىيەۋى -سىياسىي نەزەرىيە دەرسى قۇرۇلۇشىنىڭ يېڭى ۋەزىيىتى، يېڭى ۋەزىپىسى، يېڭى تەلىپىنى چوڭقۇر چۈشىنىپ، ئىگىلەپ، پۈتۈن ئوبلاست مائارىپ سىستېمىسىدىكى كەڭ كادىرلار، ئوقۇتقۇچىلارنى بولۇپمۇ، ئىدىيەۋى –سىياسىي دەرسى ئوقۇتقۇچىلىرىنى، ئىدىيەنى يەنىمۇ بىرلىككە كەلتۈرۈپ، ئىشەنچىنى چىڭىتىپ، بايرىقى روشەن ھالدا مەردانىلىك بىلەن ئىدىيەۋى –سىياسىي نەزەرىيە دەرسىنى ياخشى ئۆتۈپ، ئەخلاق ئارقىلىق ئادەم تەربىيەلەشنىڭ تۈپ ۋەزىپىسىنى ئومۇميۈزلۈك ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، پارتىيە ئۈچۈن ئادەم تەربىيەلەش، دۆلەت ئۈچۈن ئادەم تەربىيەلەش يۆنىلىشىنى يەنىمۇ كۈچەيتىپ، قانداق ئادەم تەربىيەلەش، ئادەمنى قانداق تەربىيەلەش، كىم ئۈچۈن ئادەم تەربىيەلەشتىن ئىبارەت بۇ تۈپ مەسىلىنى كۈچەپ ياخشى ھەل قىلىپ، پارتىيەنى، ۋەتەننى، شىنجاڭنى قىزغىن سۆيىدىغان، مەسئۇلىيەتچان، خالس تۆھپە قوشىدىغان جۇڭگوچە سوتسىيالىزم قۇرغۇچىلىرى ۋە ئىزباسارلىرىنى يېتىشتۈرۈشتەك   مۇقەددەس ۋەزىپىنى تېخىمۇ ياخشى زىممىسىگە ئېلىپ، شىنجاڭنىڭ ئىجتىمائىي مۇقىملىقى ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىكىنى ئىشقا ئاشۇرۇشقا يېڭى، تېخىمۇ زور تۆھپىلەرنى قوشۇشقا سەپەرۋەر قىلىشتىن ئىبارەت.

    شۇ كۈنى، ئوبلاستقا بىۋاسىتە قاراشلىق  مەكتەپ رەھبىرىي كادىرلىرى، ھەر قايسى ناھىيە (شەھەر)لىك مائارىپ، پەن – تېخنىكا ئىدارىسىنىڭ مەسئۇللىرى، پۈتۈن ئوبلاستىدىكى ھەر دەرىجىلىك ھەر قايسى مەكتەپلەردىكى ئىدىيەۋى – سىياسىي مائارىپ خىزمىتىگە مەسئۇل خادىملار، ئەخلاق تەربىيەسىنىڭ تايانچىلىرى، ئىدىيەۋى –سىياسىي دەرسى ئوقۇتقۇچىلىرى ۋەكىلىدىن بولۇپ 500دىن ئارتۇق كىشى لېكسىيەگە قاتناشتى ھەمدە لېكسىيەنى ئەستايىدىل ئاڭلىدى.

    لېكسىيەدە، ۋاڭ شۆلى پىروفېسسور «باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ ئىدىيەۋى –سىياسىي مائارىپ تەربىيەسى توغرىسىدىكى مۇھىم بايانلىرىنى ئۆگىنىش ۋە ئۆزلەشتۈرۈش، ئەخلاق ئارقىلىق ئادەم تەربىيەلەشنىڭ بۇرچىنى زىممىسىگە ئېلىش» تېمىسىدا مەخسۇس دوكلات بېرىپ، باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مەكتەپ ئىدىيەۋى – سىياسىي نەزەرىيە دەرسى ئوقۇتقۇچىلىرى سۆھبەت يىغىنىدا قىلغان مۇھىم سۆزىنىڭ روھىنى ئۆگىنىش، ئىزچىللاشتۇرۇش توغرىسىدىكى تەسىراتى بىلەن ئورتاقلاشتى.

لېكسىيەدە، ۋاڭ شۆلى پىروفېسسور ئۆزىنىڭ كەسپى مەكتەپتىكى كۆپ يىللىق ئىدىيەۋى –سىياسىي مائارىپ ئوقۇتۇش خىزمىتى تەتقىقاتى ۋە ئەمەلىيىتىگە بىرلەشتۈرۈپ، ئىدىيەۋى –سىياسىي نەزىرىيە دەرسىنىڭ مۇھىملىقى، مەكتەپ باشقۇرۇش يۆنىلىشى، ئوقۇغۇچىلارنىڭ سىياسى ساپاسىنى ئۆستۈرۈش، ئوقۇتقۇچىلار قوشۇن  قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىش، ئىدىيەۋى –سىياسىي خىزمىتى ئىسلاھاتىدا يېڭىلىق يارىتىشقا تۈرتكە بولۇش قاتارلىق جەھەتلەردىن تەسىراتىنى ۋە تونۇشىنى سۆزلىدى.

    ئوبلاستلىق سەھىيە مەكتىپى ئىدىيەۋى –سىياسىي بۆلۈمىنىڭ باشلىقى موۋ فاڭيەن  مۇنداق دېدى: ۋاڭ شۆلى پىروفېسسورنىڭ لېكسىيەسىنى ئاڭلاپ، چوڭقۇر تەسىرات ئالدىم. مەن ئىدىيەۋى –سىياسىي دەرسى ئوقۇتقۇچىسى بولۇش سۈپىتىم بىلـەن، ئائىـلە، دۆلەتنـىڭ مېھىر –مۇھەببىتىنى ئوقۇغۇچىلارنىڭ قەلبىگە ئورنىتىپ، مېھىر –مۇھەببەت ئارقىلىق ئوقۇغۇچىلارنى تەسىرلەندۈرۈپ، مېھىر –مۇھەببەت تارقىتىش ئارقىلىق ئوقۇغۇچىلارغا كۈچلۈك تەسىر كۆرسىتىپ، ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئۆسۈپ يېتىلىشىدىكى يېتەكچىسى بولىمەن.

كورلا شەھەرلىك مائارىپ ئىدارىسىنىڭ باشلىقى شۈ خۇڭ مۇنداق دېدى: ئوتتۇرا، باشلانغۇچ مەكتەپلەرنىڭ ئىدىيەۋى – سىياسىي دەرسى «ئۈچ يېقىنلىشىش» پىرىنسىپىغا ئەمەل قىلىشى، ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئەمەلىيىتىگە يېقىنلىشىشى، تۇرمۇشىغا يېقىنلىشىشى، قورامىغا يەتمىگەنلەرگە يېقىنلىشىشى كېرەك. ئىدىيەۋى –سىياسىي دەرسىنىڭ نەزەرىيەۋىلىكى، ئىدىيەۋىلىكى ۋە يېقىشلىقىنى ئۈزلۈكسىز ئۆستۈرۈپ، ياش –ئۆسمۈرلەرنى ئۆز كەچۈرمىشلىرى ۋە ھېس قىلىش جەريانىدا ئۆسۈپ يېتىلىشكە تەربىيەلەشكە، ئوقۇغۇچىلارنى ۋەتەنپەرۋەرلىك ھېسسىياتى، دۆلەتنى قۇدرەت تاپقۇزۇش ئىرادىسى، ۋەتەنگە جان پىدا قىلىش ھەرىكىتىنى شەخس ئارزۇسى ۋە جۇڭگو ئارزۇسىنى ئىشقا ئاشۇرۇش ھەرىكىتىگە ئاڭلىق سىڭدۈرۈشكە يېتەكلەش كېرەك.

    ئوبلاستىمىزدىكى ئىدىيەۋى –سىياسىي پەن ئوقۇتقۇچىلىرى لېكسىيەنى ئاڭلىغاندىن كېيىن بەس –بەستە مۇنۇلارنى ئىپادىلىدى: يېڭى دەۋردىكى مەكتەپ ئىدىيەۋى –سىياسىي نەزىرىيە دەرسى قۇرۇلۇشىنىڭ يېڭى ۋەزىيىتى، يېڭى ۋەزىپىسى، يېڭى تەلىپىنى چوڭقۇر چۈشىنىپ، ئىگىلەپ، قەتئىي تەۋرەنمەي ئىدىيەۋى – سىياسىي نەزەرىيە دەرسىنى ئەخلاق ئارقىلىق ئادەم تەربىيەلەشنىڭ ئاچقۇچلۇق دەرسى قىلىپ، ئوقۇغۇچىلارنىڭ روھىنى تاۋلايدىغان ئاساسىي بازىسى قىلـىپ، يېڭى دەۋر ئىدىيەۋى –سىياسىي نەزەرىيە دەرسىنىڭ سۈپىتى ۋە سەۋىيەسىنى پۈتۈن كۈچ بىلەن ئۆستۈرۈپ، ئىدىيەۋى –سىياسىي دەرسنى ئوقۇغۇچىلار ھەقىقىي ياخشى كۆرىدىغان، ئۇلارغا ئۆمۈرلۈك نەپ بېرىدىغان كىشىلىك تۇرمۇش دەرسى قىلىمىز.   رىزۋانگۈل ئىبراھىم تەرجىمىسى

(مەنبە:بايىنغولىن گېزىتى)

  • 巴州政府电子政务办公室
    (0996)2689222
  • يانفۇن بېتى
    ئىككىلىك كودنى سىكانىرلاڭ
ئۇستى