بايىنغولىن ئوبلاستلىق خەلق ھۆكمەت باش بېتى
باشقا يازمىلار
  • مەركەز مۇھىت ئاسراشنى نازارەت قىلىش 8–گۇرۇپپىسى مۇھىت ئاسراشقا ئالاقىدار مەسىلىلەرنى كۆپ خىل تىلدا ئەرز قىلىش، پاش قىلىش يولى ئاچتى

مەركەز مۇھىت ئاسراشنى نازارەت قىلىش 8–گۇرۇپپىسى مۇھىت ئاسراشقا ئالاقىدار مەسىلىلەرنى كۆپ خىل تىلدا ئەرز قىلىش، پاش قىلىش يولى ئاچتى

 ۋاڭ يايۈن خەۋەر قىلىدۇ: مەركەز مۇھىت ئاسراشنى نازارەت قىلىش 8–گۇرۇپپىسى 8–ئاينىڭ 11–كۈنى سائەت 12دە مەخسۇس نۆۋەتچىلىك تېلېفونى ۋە مەخسۇس پوچتا خەت ساندۇقى تەسىس قىلدى، 8–ئاينىڭ 11–كۈنى سائەت 22 گىچە ئامما پاش قىلغان مەسىلىدىن 61 نى تاپشۇرۇۋالدى، بۇنىڭ ئىچىدە تېلېفوندا پاش قىلىنغان ئۈنۈملۈك مەسىلە 58 تۈرلۈك بولدى. ئاپتونوم رايونلۇق ‹‹12369›› مۇھىت ئاسراشقا ئالاقىدار پاش قىلىنغان مەسىلىلەرنى قوبۇل قىلىش مەركىزىدىكى ئاز سانلىق مىللەت تايانچلىرى مەركەز مۇھىت ئاسراشنى نازارەت قىلىش 8–گۇرۇپپىسىنىڭ تۇنجى تۈركۈمدىكى ئەرزىيەت، پاش قىلىش دېلولىرىنى ئوڭۇشلۇق تاپشۇرۇپ بېرىشىدە ياخشى رول ئوينىدى.

 ئىگىلىنىشىچە، مەركەز مۇھىت ئاسراشنى نازارەت قىلىش 8–گۇرۇپپىسىدىكى ئەرزىيەت تېلېفونىنى قوبۇل قىلغۇچى 12 خادىم خەنزۇ، ئۇيغۇر، قازاق مىللىتىدىن ئىكەن، ئاپتونوم رايونلۇق مۇھىت نازارەتچىلىك باش ئەترىتى ‹‹12369›› مۇھىت ئاسراشقا ئالاقىدار مەسىلىلەرنى پاش قىلىش مەركىزى، بىڭتۈەن مۇھىت نازارەتچىلىك سىستېمىسى ۋە ۋىلايەت، ئوبلاستلىق مۇھىت نازارەتچىلىكى 1–سېپىدىن كەلگەن بۇ خادىملار خەنزۇچە، ئۇيغۇرچە، قازاقچە ئۈچ خىل تىلدا ئاممىنىڭ ئەرزلىرى، پاش قىلغان ئالاقىدار مەسىلىلەرنى قوبۇل قىلىدىكەن ھەم ئۇيغۇرچە ۋە قازاقچە يازما ئىنكاس–ئەرزلەرنى تەرجىمە قىلىدىكەن.

 ئاپتونوم رايونلۇق مۇھىت ئاسراش نازارىتى بۇ يىلنىڭ بېشىدا مەخسۇس مەبلەغ ئاجرىتىپ، ئەسلىدىكى ‹‹12369›› سۇپىسىنىڭ دەرىجىسىنى ئۆستۈردى. ئۆزگەرتىلگەندىن كېيىن، ‹‹12369›› سۇپىسىدا تېلېفون قوبۇل قىلىش ئورنىدىن 11ى تەسىس قىلىنىپ، خەنزۇچە، ئۇيغۇرچە، قازاقچە ئۈچ خىل تىلدا تېلېفون قوبۇل قىلىنىدىغان بولدى، تېلېفوننىڭ 24 سائەت راۋان بولۇشىغا كاپالەتلىك قىلىنىپ، مەملىكەت بويىچە ئەرز ئىشلىرى ئۈچ خىل تىلدا قوبۇل قىلىنىدىغان بىردىنبىر ‹‹12369›› مۇھىت ئاسراشقا ئالاقىدار مەسىلىلەرنى پاش قىلىش مەركىزى بولۇپ قالدى. مەركەز مۇھىت ئاسراشنى نازارەت قىلىش گۇرۇپپىسى كېلىشتىن ئىلگىرى ئاپتونوم رايونلۇق مۇھىت ئاسراش نازارىتى ‹‹12369›› تېلېفون مەشغۇلات سۇپىسىدىكى خادىملارنى مۇلازىمەت تىلى ۋە تېلېفون قوبۇل قىلىش ماھارىتى بويىچە سىستېمىلىق تەربىيەلەپ ۋە مەشىقلەندۈرۈپ، تېلېفون مەشغۇلات سىستېمىسىنىڭ ئەمەلىي مەشغۇلات ئىقتىدارىنى ئۆستۈردى.


(مەنبە:تەڭرىتاغ تورى)

  • 巴州政府电子政务办公室
    (0996)2689222
  • يانفۇن بېتى
    ئىككىلىك كودنى سىكانىرلاڭ
ئۇستى