بايىنغولىن ئوبلاستلىق خەلق ھۆكمەت باش بېتى
باشقا يازمىلار
  • ئوبلاستىمىزدىكى كەنتتە تۇرۇشلۇق خىزمەت ئەترەتلىرى «چاغاننى كۈتۈۋېلىش» بىرلەشمە دوستلۇق پائالىيىتىنى قانات يايدۇردى

ئوبلاستىمىزدىكى كەنتتە تۇرۇشلۇق خىزمەت ئەترەتلىرى «چاغاننى كۈتۈۋېلىش» بىرلەشمە دوستلۇق پائالىيىتىنى قانات يايدۇردى

شاد – خۇراملىق ئىچىدە چاغاننى كۈتۈۋېلىپ، ناخشا ـ ئۇسسۇللىرىمىز بىلەن ئەلنى مايىل قىلايلى

    مۇخبىرىمىز جاڭ خۇيجياڭ خەۋەر قىلىدۇ: چاغاننىڭ يېقىنلىشىشىغا ئەگىشىپ، ئوبلاستىمىزدىكى ھەرقايسى «ئەلرايىنى بىلىش، ئەلگە نەپ يەتكۈزۈش، ئەلنى مايىل قىلىش» بويىچە كەنتتە تۇرۇشلۇق خىزمەت ئەترەتلىرى بەس – بەستە «چاغاننى كۈتۈۋېلىش» بىرلەشمە دوستلۇق پائالىيىتىنى قانات يايدۇرۇپ، زور كۈچ بىلەن شاد –خۇرام ھالدا چاغاننى كۈتۈۋېلىش، ناخشا ـ ئۇسسۇل ئارقىلىق ئەلنى مايىل قىلىش قويۇق كەيپىياتى ياراتتى شۇنداقلا كەڭ كەنت ئاھالىلىرىنىڭ مەنىۋىي مەدەنىيەت تۇرمۇشىنى ھەقىقىي بېيىتىپ، كۆپچىلىككە پارتىيەنىڭ ھىممىتىگە مىننەتدارلىق بىلدۈرۈش، پارتىيەنىڭ سۆزىنى ئاڭلاش، پارتىيـەگە ئـەگىشىـپ مېڭـىش ئىشەنچىسى ۋە ئىرادىسىنى مۇستەھكەم تۇرغۇزۇش جەھەتتە تەربىيە بـەردى ۋە ئـۇلارنى يېتەكلىدى.

    ئوبلاستلىق خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتى ئورگىنىنىڭ يەنجى ناھىيە شىكشىن بازىرى شىكشىن كەنتىدە تۇرۇشلۇق «ئەلرايىنى بىلىش، ئەلگە نەپ يەتكۈزۈش، ئەلنى مايىل قىلىش» خىزمەت ئەترىتى ۋە كەنت ئىككى كومىتېت بەنزىسىدىكىلەر كەنت ئاھالىلىرىنى كۆڭۈللۈك ھالدا بىر يەرگە جەم بولۇپ، «چاغاننى كۈتۈۋېلىش» بىرلەشمە دوستلۇق پائالىيىتىنى قانات يايدۇرۇشقا تەشكىللەپ، خۇشاللىق بىلەن چاغاننى كۈتۈۋېلىش ئۈچۈن تەنتەنە قىلىشتى.

    پائالىيەتتە يەنە مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى ــ تەرەققىياتىنى بەرپا قىلىش بويىچە زېھىن سىناش مۇسابىقىسى ئۆتكۈزۈلدى، ھەرمىللەت كەنت ئاھالىلىرى جۇشقۇن كەيپىياتتا سوئاللارغا تالىشىپ جاۋاب بېرىپ، كۆپچىلىكنىڭ مۇقىملىققا تەلپۈنۈش، ئىتتىپاقلىقنى ئىلگىرى سۈرۈش، تەرەققىياتنى كۆزلەش جەھەتتىكى كۈچلۈك يۈرەك ساداسىنى ئىپادىلىدى.

    ئوبلاستلىق ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتى، رېۋىزىيە كومىتېتىنىڭ يەنجى ناھىيەسى شىكىشىن بازىرى خۇردۇن كەنتىدە تۇرۇشلۇق خىزمەت ئەترىتىدىكىلەر پۈتۈن كەنتتىكى 140 دىن ئارتۇق ئەدەبىيات – سەنئەت ھەۋەسكارىنى يېزا، كەنت كوچا ئويۇنى ئەترىتى قۇرۇشقا تەشكىللىدى، كوچا ئويۇنى ئەترىتىدىكىلەر شىر ئۇسسۇلى، ئەجدىھا ئۇسسۇلى، يەلپۈگۈچ ئۇسسۇلى، بەل دۇمباق چېلىش قاتارلىق تۈرلەر بويىچە مەشىق ئېلىپ بېرىپ، يېزا، كەنتلەردە چاغانلىق خۇشال – خۇرام كەيپىيات ياراتتى. بەل دۇمباق ئەترىتىنىڭ ئەزاسى گۈزەل مۇتەللىپ خۇشال ھالدا مۇنداق دېدى: «مەن كىچىكىمدىن باشلاپلا ئۇسسۇل ئويناشنى، قاينام – تاشقىنلىققا تولغان بايراملىق كەيىپىياتنى ياخشى كۆرىمەن، بۇ قېتىم كەنتنىڭ بەل دۇمباق ئەترىتىگە ئەزا بولغىنىمدىن بەك خۇش بولدۇم، گەرچە ھاۋا سوغۇق بولسىمۇ ئەمما كۆپچىلىك بىرلىكتە غەيرەت قىلىپ بەل دۇمباق ئويۇنىنى مەشىق قىلىۋاتىمىز.»

ئوبلاستلىق پارتىيە مەكتىپىنىڭ يەنجى ناھىيە يەنجى بازىرى جياشىڭ مەھەللىسىدە تۇرۇشلۇق خىزمەت ئەترىتىدىكىلەر تەۋەلىك رايونىدىكى ئاھالىلەر، پارتىيە ئەزالىرى، يۇرتىغا قايتقان ئوقۇغۇچىلار، قىيىنچىلىقى بار ئامما ۋە قوشماق تۇغقانلارنى  تەشكىللەپ، مول مەزمۇنلۇق مەدەنىيەت پائالىيەتلىرى ئارقىلىق چاغاننى كۈتۈۋالدى. پائالىيەتتە، خىزمەت ئەترىتىدىكىلەر ئاھالىلەر ۋە پارتىيە ئەزالىرىغا «ئەسلى مەقسەت ۋە تاللاش» ناملىق كىتابنى سوۋغا قىلدى، قىيىنچىلىقى بار ئامما ۋە تۆۋەن  تۇرمۇش كاپالىتىگە ئىگە ئائىلىلەرگە گۈرۈچ، ماي قاتارلىق بايراملىق ھال سوراش بۇيۇملىرىنى ئاپىرىپ بەردى، يۇرتىغا قايتقان ئوقۇغۇچىلارغا ۋاسكىتبول، پۇتبول قاتارلىق تەنتەربىيە بۇيۇملىرىنى سوۋغا قىلدى.

    ئوبلاستلىق سودا – سانائەت مەمۇرىي باشقۇرۇش ئىدارىسىنىڭ خېجىڭ ناھىيە خېجىڭ بازىرى كۇڭخار كەنتىدە تۇرۇشلۇق خىزمەت ئەترىتى ۋە كەنت پارتىيە باش ياچېيكىسى كەنت ئاھالىلىرىنى «چاغاننى كۈتۈۋېلىش»بىرلەشمە دوستلۇق پائالىيىتىنى قانات يايدۇرۇشقا تەشكىللىدى.كۆپچىلىك پائالىيەت جەريانىدا ئىتتىپاقلىقنى تەكىتلەپ، دوستلۇقنى كۈيلەپ، تەرەققىياتنى كۆزلەپ، كەلگۈسى توغرىسىدا پىكىرلەشتى، پائالىيەتتە 11 نەپەر«تۆت پېشقەدەم»نىڭ ھەر بىرىگە 500يۈەندىن بايراملىق ھال سوراش پۇلى تارقىتىپ بېرىلدى، 60 نەپەر نامرات ئاھالىگە بايراملىق ھال سوراش يۈزىسىدىن 24 مىڭ يۈەن قىممىتىدىكى ئۇن، ماي، گۈرۈچ قاتارلىق تۇرمۇش بۇيۇملىرى تارقىتىپ بېرىلدى.

    ئوبلاستلىق تەمىنات – سودا كوپىراتىپىنىڭ كورلا شەھىرى سايباغ كوچا باشقارمىسى نەشپۈتزار مەھەللىسىدە تۇرۇشلۇق خىزمەت ئەترىتى ئەدەبىيات – سەنئەت كۆرىكى ئۆتكۈزۈش ئارقىلىق، تەۋەلىك رايونىدىكى كادىر، ئاممىغا بىر مەيدان رەڭدار بايراملىق مەرىكە ئۆتكۈزۈپ بەردى. پائالىيەت باشلىنىشى بىلەن رەڭدار توز ئۇسسۇلى ئەترىتىدىكىلەر ئورۇندىغان «گۈزەل شىنجاڭ كورلا سىزنى قارشى ئالىدۇ» ناملىق ئۇسسۇل نەق مەيدان كەيپىياتىنى تېزلىكتە يۇقىرى كۆتۈردى، تەۋەلىك رايونىدىكى پېشقەدەملەر  ئورۇندىغان «ياڭشى تەيجى گۇمپىىسى» قاتارلىق نومۇرلار تاماشىبىنلارنىڭ قىزغىن ئالقىشىغا ئېرىشتى.   ماھىرە تۇرسۇن تەرجىمىسى

(مەنبە:بايىنغولىن گېزىتى)

  • 巴州政府电子政务办公室
    (0996)2689222
  • يانفۇن بېتى
    ئىككىلىك كودنى سىكانىرلاڭ
ئۇستى