بايىنغولىن ئوبلاستلىق خەلق ھۆكمەت باش بېتى
باشقا يازمىلار
  • باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسىنىڭ 12 -قېتىملىق كوللېكتىپ ئۆگىنىشىدە قىلغان مۇھىم سۆزى ئوبلاستىمىزدىكى ئاخبارات خىزمەتچىلىرى ئارىسىدا قىزغىن ئىنكاس قوزغىدى

باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسىنىڭ 12 -قېتىملىق كوللېكتىپ ئۆگىنىشىدە قىلغان مۇھىم سۆزى ئوبلاستىمىزدىكى ئاخبارات خىزمەتچىلىرى ئارىسىدا قىزغىن ئىنكاس قوزغىدى

يۇغۇرما تەرەققىيات جەريانىدا ئاساسىي ئېقىم ئاممىۋى پىكرىنى زورايتىپ ۋە كۈچەيتىپ، مۇقىملىق، تەرەققىياتنى كۈچلۈك ئاممىۋى پىكىر مەدىتى بىلەن تەمىنلەيمىز

    مۇخبىرىمىز ياڭ شياۋدۇڭ خەۋەر قىلىدۇ: 1 -ئاينىڭ 25 -كۈنى، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسى پۈتۈن تاراتقۇ دەۋرى ۋە تاراتقۇلارنىڭ يۇغۇرما تەرەققىياتى توغرىسىدا 12 – قېتىملىق كوللېكتىپ ئۆگىنىش قىلدى. باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ ئۆگىنىشكە رىياسەتچىلىك قىلغاندا قىلغان مۇھىم سۆزى ئوبلاستىمىزدىكى ئاخبارات خىزمەتچىلىرى ئارىسىدا كۈچلۈك ئىنكاس قوزغىدى. كۆپچىلىك بەس ـ بەستە مۇنۇلارنى بىلدۈردى: باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مۇھىم سۆزىنىڭ روھىنى چوڭقۇر ئۆگىنىپ ۋە ئىزچىللاشتۇرۇپ، تاراتقۇلار يۇغۇرما تەرەققىياتىنىڭ دەۋر يۈزلىنىشىنى ئېنىق تونۇپ، ئاممىۋى پىكرى ئېكولوگىيەسى، تاراتقۇلار ئەندىزىسى، تارقىتىش شەكلىنىڭ چوڭقۇر ئۆزگىرىشىگە پائال تاقابىل تۇرۇپ، ئۇچۇر ئىنقىلابى نەتىجىلىرىدىن پايدىلىنىپ، ئىلمىي، قوللىنىشقا بولىدىغان تەرەققىيات يولى ئۈستىدە ئىزدىنىپ، يۇغۇرما تەرەققىيات جەريانىدا ئاساسىي ئېقىم ئاممىۋى پىكرىنى زورايتىپ ۋە كۈچەيتىپ، ئوبلاستىمىزنىڭ مۇقىملىق، تەرەققىياتقا دائىر تۈرلۈك خىزمەتلىرىنى قۇدرەتلىك مەنىۋى كۈچ ۋە كۈچلۈك ئاممىۋى پىكىر مەدىتى بىلەن  تەمىنلەيمىز.

    بايىنغولىن گېزىتى ئىدارىسى خەنزۇچە ئاخبارات توپلاش مەركىزىنىڭ مۇئاۋىن مۇدىرى گو يۇڭلى مۇنداق دېدى: باش شۇجىنىڭ مۇھىم سۆزىدە پارتىيە گېزىتى، پارتىيە ژۇرنىلى، پارتىيە قانىلى، پارتىيە تورى قاتارلىق ئاساسىي تاراتقۇلارنىڭ دەۋرگە يېقىندىن ئەگىشىپ، يېڭى تېخنىكا، يېڭى مېخانىزم، يېڭى ئەندىزىنى دادىل قوللىنىپ، يۇغۇرما تەرەققىيات قەدىمىنى تېزلىتىپ، تەشۋىقات ئۈنۈمىنى ئەڭ زور، ئەڭ ياخشى دەرىجىدە ئىشقا ئاشۇرۇش كېرەكلىكى ئېنىق تەلەپ قىلىندى. باش شۇجىنىڭ سۆزى بىزنىڭ ئىشەنچىمىز ۋە ئىرادىمىزنى چىڭىتتى. كۆپچىلىككە تاراتقۇلارنىڭ يۇغۇرما، چوڭقۇر تەرەققىيات مەزگىلىدە زىممىسىگە يۈكلەنگەن زور مەسئۇلىيىتى ۋە بۇرچنى ھېس  قىلدۇردى. ئۇ مۇنداق دېدى: باش شۇجىنىڭ مۇھىم سۆزى بىزگە يېڭى باسقۇچتىكى تاراتقۇلارنىڭ يۇغۇرما تەرەققىيات يولىنى كۆرسىتىپ بەردى. بىز دەۋر بىلەن تەڭ ئىلگىرىلەپ ئۆگىنىشىمىز كېرەك. ھەم ئالدىنقى قاتاردىكى يېڭىلىق يارىتىش نەزەرىيەسىگە ئەھمىيەت بېرىشىمىز ھەم ئەڭ يېڭى تېخنىكا، ئەڭ يېڭى تارقىتىش ۋاسىتىسى ئارقىلىق ئۆزىمىزنى قوراللاندۇرۇشىمىز كېرەك. ئۆگىنىش دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈشنى چىڭ تۇتۇپ، بايىنغولىن ھېكايىسىنى ياخشى سۆزلەپ، يېڭى تاراتقۇلارنىڭ  ئاممىۋى پىكىر تەشۋىقات ئۈستۈنلىكىنى ئىگىلىشىمىز كېرەك.

    بايىنغولىن تېلېۋىزىيە ئىستانسىسىنىڭ مۇخبىرى باتۇردالەي مۇنداق دېدى: باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مۇھىم سۆزى بىز ئاخبارات خىزمەتچىلىرىنى ئىلھاملاندۇردى، ئىشەنچىمىزنى ئاشۇردى، بىزنى جاسارەت بىلەن ئىلگىرىلەشكە ئۈندىدى. يېڭى ۋەزىيەت، يېڭى تەلەپلەر ئالدىدا، بىز بۇرچ تۇيغۇمىزنى يەنىمۇ كۈچەيتىپ، ئوبلاستىمىزنىڭ ئۆزگىچە ئالاھىدىلىكى بىلەن بىرلەشتۈرۈپ، تاراتقۇلارنىڭ يۇغۇرما تەرەققىيات قەدىمىنى تېزلىتىپ، «مەركىزىي ئاشخانا»نىڭ خەۋىرىدىن ياخشى پايدىلىنىپ، ئوبلاستىمىزدىكى ناھىيە، شەھەرلەر، يېزا -بازارلار، ھەر قايسى ئاساسىي قاتلام ئورۇنلىرىدا ئۈن -سىن سانلىق مەلۇماتلارنى قوش يۆنىلىشلىك، كۆپ يۆنىلىشلىك، ھەمتۈرتكىلىك يوللاشنى ئىشقا ئاشۇرۇپ، گېزىت، رادىيو، تېلېۋىزور، تور بېكىتى قاتارلىق تاراتقۇلارنىڭ سانلىق مەلۇمات ئالاقىنى راۋاجلاندۇرۇشنى يۇقىرى كۆتۈرۈپ، تەشۋىقات ئۈنۈمىنى ئەڭ زور ۋە ئەڭ ياخشى دەرىجىدە ئىشقا ئاشۇرۇپ، ھەر مىللەت ئاممىسىنى تېخىمۇ كۆپ، تېخىمۇ ياخشى مەدەنىيەت ۋە ئۇچۇر مۇلازىمىتى بىلەن تەمىنلىشىمىز كېرەك.

    بايىنغولىن خەلق رادىيو ئىستانسىسىنىڭ مۇخبىرى جياڭ شىن مۇنداق دېدى: يېڭى تاراتقۇ دەۋرىدىكى مۇخبىر بولۇش سۈپىتىم بىلەن، مەن مەسئۇلىيىتىمىنىڭ ئېغىر ئىكەنلىكىنى چوڭقۇر تونۇپ يەتتىم. يۇغۇرما تاراتقۇلار تەرەققىي قىلىپ بۈگۈنگە كەلگەندە، مۇخبىرلىق ۋە تەھرىرلىك قىلىشتا كۆپ تاراتقۇلار ۋاسىتىسىنى جانلىق قوللىنىش مۇقەررەر يۈزلىنىش بولۇپ قالدى. يېڭى تېخنىكىنى ئىگىلەپ، يېڭى ئۇسۇلنى ئۆگەنگەندىلا، تارقىتىش كۈچى ۋە تەسىر كۈچگە ئىگە ياخشى خەۋەرلەرنى بارلىققا كەلتۈرگىلى بولىدۇ. مەن  باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مۇھىم سۆزىنىڭ روھىنى چوڭقۇر ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئاساسىي قاتلامغىچە كېڭەيتىش، ئاممىغا يېقىنلىشىشقا  كۈچ سەرپ قىلىپ، زىيارەت قىلىشنى ئاساسىي قاتلامغىچە چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، ئامما ئارىسىغا چوڭقۇر چۆكۈپ، مول مەزمۇنلۇق، يېقىشلىق تاراتقۇ ئەسەرلىرىنى يارىتىمەن.

    چاقىلىق ناھىيەلىك رادىيو – تېلېۋىزىيە ئىستانسىسىنىڭ باشلىقى جاڭ شى مۇنداق دېدى: باش شۇجىنىڭ سۆزى كىشىلەرگە زور ئىلھام بېغىشلايدۇ. شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، زىممىمىزدىكى  مەسئۇلىيەتنىڭ زور ئىكەنلىكىنى ھېس قىلدۇق. ئۇنىڭدا كەلگۈسى تاراتقۇلار يۇغۇرما تەرەققىياتىنىڭ خىزمەت نىشانى يەنىمۇ ئېنىق كۆرسىتىپ بېرىلدى. ئاساسىي قاتلام ئاخبارات خىزمەتچىسى بولۇش سۈپىتىم بىلەن، مەن باش شۇجى شى جىنپىڭ كۆرسىتىپ بەرگەن يۆنىلىش بويىچە ئالاقە تورى تەرەققىياتىنىڭ ۋەزىيىتىگە ماسلىشىپ، ئاخبارات خىزمەتچىلىرىنىڭ مۇھىم بۇرچىنى ئەستە چىڭ ساقلاپ، خىزمەتتە توغرا ئاممىۋى پىكىر يۆنىلىشىدە، پارتىيەۋىلىك پىرىنسىپىدا چىڭ تۇرۇپ، مۇخبىرلارنى ئاساسىي قاتلامغا، ئامما ئارىسىغا چوڭقۇر چۆكۈپ، يېقىشلىق ئاخبارات ئەسەرلىرىنى كۆپرەك ئىجاد قىلىپ، ياخشى ھېكايىلەرنى سۆزلەپ، ياخشى سادانى ياڭرىتىپ، ئاكتىپ ئېنېرگىيەنى تارقىتىشقا تەشكىللەيمەن.   رىزۋانگۈل ئىبراھىم تەرجىمىسى

(مەنبە:بايىنغولىن گېزىتى)

  • 巴州政府电子政务办公室
    (0996)2689222
  • يانفۇن بېتى
    ئىككىلىك كودنى سىكانىرلاڭ
ئۇستى