بايىنغولىن ئوبلاستلىق خەلق ھۆكمەت باش بېتى
باشقا يازمىلار
  • بۇ يىل ئوبلاستىمىز بەش تۈرلۈك تەدبىر ئارقىلىق نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش خىزمىتىنى ئىلگىرى سۈرىدۇ

بۇ يىل ئوبلاستىمىز بەش تۈرلۈك تەدبىر ئارقىلىق نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش خىزمىتىنى ئىلگىرى سۈرىدۇ

    مۇخبىرىمىز شۆ يۈنشاۋ خەۋەر قىلىدۇ: 1 – ئاينىڭ 24 – كۈنى مۇخبىرنىڭ ئوبلاستلىق  نامراتلارنى يۆلەش ئىشخانىسىدىن ئىگىلىشىچە ، 2018 ـ يىلىنىڭ ئاخىرىغىچە، ئوبلاستىمىز بويىچە 28 مىڭ 920 ئائىلىلىكتىكى 82 مىڭ 388 نوپۇس نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇلۇپ، 38 نامرات كەنتنىڭ ھەممىسى نامراتلىقتىن قۇتۇلغان بولۇپ، قېپقالغان ئارخىپ تۇرغۇزۇلۇپ كارتا بېجىرىلگەن 63 ئائىلىلىكتىكى 219 نوپۇسنى بۇ يىل نامراتلىقتىن قۇتۇلـدۇرۇش پىلانلانغان.

ئوبلاستلىق نامراتلارنى يۆلەش ئىشخانىسىنىڭ مـۇدىـرى ۋاڭ يۈەنمىڭنىڭ تونۇشتۇرۇشىچە، بۇ يىل ئوبلاستىمىز ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ «ئىسـلاھات، ئېچـىۋېتىش+3+3+1» خىزمەت ئورۇنلاشتۇرمىسى بويىچە، نامراتلارنى دەل جايىدا يۆلەش، نامراتلىقتىن دەل جايىدا قۇتۇلدۇرۇش ئاساسىي تەدبىرىدە چىڭ تۇرۇپ، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇشنى مۇستەھكەملەش ۋە ئۆستۈرۈش خىزمىتىنى ئومۇميۈزلۈك ئىلگىرى سۈرۈپ، قېلىپ قالغان 63 ئائىلىلىكتىكى 219 نوپۇسنىڭ ھەممىسىنى نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇشنى تاماملاشقا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىش ئاساسىدا، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش نەتىجىلىرىنى ئۈزلۈكسىز مۇستەھكەملەپ، ئوبلاستىمىزدىكى  ئارخىپ تۇرغۇزۇلۇپ كارتا بېجىرىلگەن نامرات ئائىلىلەرنىڭ 2020 – يىلى پۈتۈن مەملىكەت ۋە ئاپتونوم رايونىمىزدىكى ئامما بىلەن بىرلىكتە ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەتكە قەدەم قويۇشىغا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىدىكەن.

    1 – ئاينىڭ 22 – كۈنى خوشۇت ناھىيەسى شىنـتارا يېزىسـىدا 2019 – يىللىق كەنت دەرىجىلىك كوللېكتىپ ئىقتىسادى ھويلا – ئارام ئىگىلىكى تەرەققىياتىنى تېزلىتىش خىزمىتى يىغىنى ئېچىلدى. يىغىندا، ھويلا – ئارام ئىگىلىكىدىكى ئۈلگىلىك ئائىلىلەر تەسىرات ۋە تەجرىبىلىرىنى سۆزلەشكە تەكلىپ قىلىندى ھەمدە ئۈلگىلىك، نەمۇنىلىك رولىنى جارى قىلدۇرۇپ، باشقا دېھقان – چارۋىچى ئاممىغا باشلامچىلىق قىلىپ، ھويلا – ئارام ئىگىلىكىنى زور كۈچ بىلەن تەرەققىي قىلدۇرۇشقا پائال يېتەكلەندى.

    شىنتارا كەنتى ئاھالىسى لى جىلى مۇنداق دېدى: بۇلتۇر ئايالىم بىلەن ھويلىمىزغا  ھەر خىل كۆكتاتلارنى تېرىپ، ئۆي قۇشلىرى باققانىدىم، يىل ئاخىرىدا كىرىمىم 10 مىڭ يۈەندىن كۆپرەك ئاشتى. بۇ يىل مەن يـەنە كەنتىـمىزدىكى ھويلا – ئارام ئىگىلىكىدە ئۈلگىلىك ئائىلىلەردىن ئۆگىنىپ، تۇرمۇشۇمنى تېخىمۇ ياخشىلايمەن.

    شىنتارا يېزىلىق پارتكومنىڭ شۇجىسى جاڭ جۈن مۇنداق دېدى: بۇ يىل بىز ئوبلاستىمىزنىڭ نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش خىزمىتىنىڭ مۇستەھكەملەش، ئۆستۈرۈش جەھەتلەردىكى ئالاقىدار تەلەپلىرىنى زىچ چۆرىدەپ، شارائىتقا قاراپ ئىش كۆرۈپ، «بىر كەنتكە بىر تەدبىر» بەلگىلەش ئارقىلىق دادىل ئىزدىنىپ، تۈرلۈك خىزمەتلەرنى پۇختا ئىلگىرى سۈرۈپ، ھويلا – ئارام ئىگىلىكى تەرەققىياتىدا ئەمەلىي ئۈنۈمنى قولغا كەلتۈرۈشكە ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىمىز. ئىگىلىنىشىچە، ئوبلاستىمىز بۇ يىل نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش خىزمىتىنى چۆرىدەپ، مۇستەھكەملەش، ئۆستۈرۈش جەھەتتە بىرىنچىدىن، كەسىپلەر ئارقىلىق نامراتلارنى يۆلەشنى چىڭ تۇتۇپ، نامرات ئاممىنىڭ مۇقىم تىجارەت خاراكتېرلىك كىرىمى بولۇشىغا كاپالەتلىك قىلىش؛ ئىككىنچىدىن، ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش ئارقىلىق نامراتلارنى يۆلەشنى چىڭ تۇتۇپ، نامرات ئاممىنىڭ مۇقىم مائاش خاراكتېرلىك كىرىمى بولۇشقا كاپالەتلىك قىلىش؛ ئۈچىنچىدىن، مۈلۈك پايدىسى ئارقىلىق نامراتلارنى يۆلەشنى ئىلگىرى سۈرۈپ، مۇقىم مۈلۈك خاراكتېرلىك كىرىمى بولۇشقا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىش؛ تۆتىنچىدىن، «قايتا قاراش»، «قايتا ياردەم بېرىش» نى چىڭ تۇتۇپ، نامرات ئاممىنىڭ مۇقىم ئەڭ تۆۋەن تۇرمۇش كاپالىتىگە ئىگە بولۇشىغا كاپالەتلىك قىلىش؛ بەشىنچىدىن، «تولۇقلىما ئورنىدا مۇكاپاتلاش» نى چىڭ تۇتۇپ، كەسىپلەر ئارقىلىق نامراتلارنى يۆلەشنى، ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش ئارقىلىق نامراتلارنى يۆلەشنى ئىلگىرى سۈرۈپ، نامرات ئاممىنىڭ ئىچكى ھەرىكەتلەندۈرگۈچ كۈچىنى ئومۇميۈزلۈك قوزغايدىكەن. مەختۇمخان تۇردى تەرجىمىسى

(مەنبە:بايىنغولىن گېزىتى)

  • 巴州政府电子政务办公室
    (0996)2689222
  • يانفۇن بېتى
    ئىككىلىك كودنى سىكانىرلاڭ
ئۇستى