بايىنغولىن ئوبلاستلىق خەلق ھۆكمەت باش بېتى
باشقا يازمىلار
  • مەسىلىلەرگە دادىل يۈزلىنىپ، بىر تەرەپتىن نازارەت قىلىپ، بىر تەرەپتىن تۈزىتەيلى

 شىنجاڭ گېزىتى ئوبزورچىسى

 پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى، گوۋۇيۈەننىڭ تەستىقلىشى بىلەن، مەركەز مۇھىت ئاسراشنى نازارەت قىلىش 8–گۇرۇپپىسى يېقىندا شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى، شىنجاڭ ئىشلەپچىقىرىش–قۇرۇلۇش بىڭتۈەنىگە كېلىپ، مۇھىت ئاسراشنى نازارەت قىلىش خىزمىتىنى باشلىدى.

 نازارەت قىلىش گۇرۇپپىسى تۇنجى تۈركۈمدە ئامما تېلېفوندا ئىنكاس قىلغان 14 تۈرلۈك مەسىلىنى دەرھال ئاپتونوم رايونغا تاپشۇردى. نازارەت قىلىش گۇرۇپپىسىنىڭ تېز ھەرىكەتكە كېلىشتەك خىزمەت ئىستىلى ۋە خىزمەت ئۈنۈمى ئاپتونوم رايوننىڭ مۇھىت ئاسراش خىزمىتىگە ئۈلگە بولۇپلا قالماي، ‹‹مۇھىت ئاسراشتا كىچىك ئىش يوق›› دېگەن كۈچلۈك سىگنالنى تارقاتتى. ئاپتونوم رايونىمىزدا يۇقىرىدىن تۆۋەنگىچە ھەممەيلەن تېز ھەرىكەتكە كېلىپ، يۈكسەك سىياسىي مەسئۇلىيەت تۇيغۇسى ۋە بۇرچ تۇيغۇسى بىلەن مەسىلىلەرگە دادىل يۈزلىنىپ، بىر تەرەپتىن نازارەت قىلىپ، بىر تەرەپتىن تۈزىتىپ، پۇختا ھەرىكەت، ئەمەلىيەتچىل ئۈنۈم ئارقىلىق ئېكولوگىيە قۇرۇلۇشىدىكى كەمتۈكلۈكلەرنى تولۇقلاپ، خەلقنىڭ ئارزۇسىغا ئىنكاس قايتۇرۇپ، مەركەزنىڭ قارار–ئورۇنلاشتۇرمىلىرىنىڭ ئاپتونوم رايونىمىزدا يەنىمۇ ئەمەلىيلىشىشىنى ئىلگىرى سۈرۈشى كېرەك.

 مەسىلىلەرگە دادىل يۈزلىنىش، بىر تەرەپتىن نازارەت قىلىپ، بىر تەرەپتىن تۈزىتىشتە تېز ھەرىكەتكە كېلىش كېرەك. نازارەت قىلىش گۇرۇپپىسى تېپىپ چىققان مەسىلىلەر مەيلى قانداق يوسۇندا ئىپادىلەنسۇن، قايسى قاتلامدا بولسۇن، بايقىغان ھامان تۈزىتىش، بىر تەرەپتىن ئۆگىنىپ، بىر تەرەپتىن تۈزىتىشتە چىڭ تۇرۇش كېرەك. قانداق مەسىلە بولسا شۇ مەسىلىنى كۈچەپ ھەل قىلىش، قايسى مەسىلە گەۋدىلىك بولسا شۇ مەسىلىنى نۇقتىلىق ھەل قىلىش كېرەك. كونكرېت خىزمەتلەردە دەرھال تۈزىتىشكە بولىدىغان مەسىلىلەرنى بىر تەرەپتىن نازارەت قىلىپ، بىر تەرەپتىن تۈزىتىش، نازارەت قىلىش داۋامىدا تېزدىن جايىدا تۈزىتىش؛ قىسقا ۋاقىتتا تۈزەتكىلى بولمايدىغانلىرىنى ۋاقىت جەدۋىلى، لىنىيە خەرىتىسى بېكىتىپ، مەسئۇل بولغۇچى ۋە سۈرئەت تەلىپىنى ئېنىق ئوتتۇرىغا قويۇپ، تۈزىتىشنى قەرەلىدە تاماملاش كېرەك.

 مەسىلىلەرگە دادىل يۈزلىنىپ، بىر تەرەپتىن نازارەت قىلىپ، بىر تەرەپتىن تۈزىتىپ، ھادىسىدىنمۇ، ماھىيەتتىنمۇ تۈزەش كېرەك. تۈزىتىش داۋامىدا مەسىلىسى بار كارخانىنى ئاددىيلا قىلىپ ئىشلەپچىقىرىشنى توختىتىشقا بۇيرۇشقا، ئالاقىدار كىشىنى ئاددىيلا بىر تەرەپ قىلىپ ئىشنى تۈگىتىشكە، ئادەمنى ئاددىيلا بىر تەرەپ قىلىپ تۈزىتىش جەريانىنى تاماملاشقا بولمايدۇ. مەنبەدىن سەۋەبىنى تېپىشقا ئەھمىيەت بېرىپ، تۈزۈم ئورنىتىپ، يوچۇقنى ئېتىپ، قايسى جايدا مەسىلە كۆرۈلسە، تۈزۈمنى شۇ يەرگىچە مۇكەممەللەشتۈرۈش؛ خىزمەت قەيەرگىچە ئىلگىرى سۈرۈلسە، تۈزۈمنى شۇ يەرگىچە ئەمەلىيلەشتۈرۈش، مەسىلىنىڭ قايتا كۆرۈلۈشىدىن قەتئىي ساقلىنىش كېرەك.

 مەركەزنىڭ مۇھىت ئاسراشنى نازارەت قىلىشى ھەم مۇھىت ئاسراشنى نازارەت قىلغانلىق، ھەم سىياسىي جەھەتتىن نازارەت قىلغانلىق، شۇنداقلا مۇھىت ئاسراش خىزمىتى، كادىرلار ئىستىلىنى تەكشۈرگەنلىك. بىز بۇ قېتىمقى نازارەت قىلىشنى پۇرسەت بىلىپ، ئەڭ قەتئىي پوزىتسىيە، ئەڭ قاتتىق تۈزۈم، ئەڭ كۈچلۈك تەدبىر بىلەن تۈزىتىش خىزمەتلىرىنى تېز، ئۈنۈملۈك تاماملاپ، يېڭى تەرەققىيات ئىدىيەسىنىڭ ئەمەلىيلىشىشىگە تۈرتكە بولۇپ، گۈزەل شىنجاڭ قۇرۇلۇشىنىڭ يېڭى پەللىگە كۆتۈرۈلۈشىنى جاسارەت بىلەن ئىلگىرى سۈرۈشىمىز كېرەك.


(مەنبە:تەڭرىتاغ تورى)

  • 巴州政府电子政务办公室
    (0996)2689222
  • يانفۇن بېتى
    ئىككىلىك كودنى سىكانىرلاڭ
ئۇستى