بايىنغولىن ئوبلاستلىق خەلق ھۆكمەت باش بېتى
باشقا يازمىلار
  • ئوبلاستىمىزدىكى «قىزىل گالىستۇكلۇقلار كىچىك دەرسخانىسى»دا دەرس باشلاندى

    مۇخبىرىمىز لى لىڭ خەۋەر قىلىدۇ: 1 -ئاينىڭ 21 -كۈنى چۈشتىن بۇرۇن، لوپنۇر ناھىيەسى تارىم يېزىسى بوستان كەنتىدىكى دېھقان -چارۋىچىلار كەچلىك مەكتىپىدە بالىلارنىڭ كىتاب ئوقۇغان جاراڭلىق ئاۋازى ئاڭلىنىپ تۇراتتى. دەرس ئۆتۈۋاتقان مۇئەللىم شىنجاڭ داشۆسىنىڭ ئىككىنچى يىللىقىدا ئوقۇۋاتقان مۇنىرە سۇلايمان ئىدى. ئۇ 2017 -يىلدىن باشلاپ ھەر يىلى قىشلىق، يازلىق تەتىلدە لوپنۇرغا قايتىپ، «قىزىل گالىستۇكلۇقلار كىچىك دەرسخانىسى»دا دەرس ئۆتۈپ، ئۆزىنىڭ ئىجتىمائىي ئەمەلىيەت تۇرمۇشىنى بېيىتتى. بۇ يىل قىشلىق تەتىلدە، بوستان كەنتىدىكى «قىزىل گالىستۇكلۇقلار كىچىك دەرسخانىسى»دا 1 -ئاينىڭ 14 -كۈنى دەرس باشلاندى. 132ئوقۇغۇچى ئارقا – ئارقىدىن كېلىپ دەرسكە قاتناشتى. دەرسخانىدا، مۇنىرە  ۋە بوستان كەنتىدىكى يۇرتىغا قايتقان باشقا تۆت ئالىي مەكتەپ  ئوقۇغۇچىسى بالىلارغا دەرستىن سىرتقى كونسۇلتاتسىيە قىلىش، دۆلەت ئورتاق تىلى بويىچە تەربىيەلەش ۋە مەدەنىيەت – تەنتەربىيە پائالىيىتىگە يېتەكچىلىك قىلىش قاتارلىق مۇلازىمەتلەرنى قىلىپ، بالىلارنىڭ بىردەك ئالقىشىغا ئېرىشتى.

    ـــ بۇ مەن ئۈچۈن ئېيتقاندا، بىر قېتىملىق ئىجتىمائىي ئەمەلىيەت بولۇپلا قالماستىن، دەرس ئۆتۈش ئىقتىدارىمنىڭ ئۆسۈشىدە تۈرتكىلىك رول ئوينىدى. مەن بالىلار بىلەن ناھايىتى چىقىشىپ قالدىم، -دېدى، مۇنىرە سۇلايمان.

    لوپنۇر ناھىيەسى تارىم يېزىسى يېڭىنۇر كەنتىدە، «قىزىل گالىستۇكلۇقلار كىچىك دەرسخانىسى» ـ لوپنۇر ناھىيەسىدىكى خەلق سەنئەتكارى غالىپنىڭ مەدەنىيەت قورۇسىغا ئورۇنلاشتۇرۇلغان ئىدى. غالىپ ھەر كۈنى بالىلارغا دەرستىن سىرتقى  كونسۇلتاتسىيە قىلىشتىن باشقا  يەنە مۇزىكا چېلىش، خەتتاتلىقنى ئۆگەتتى. قورۇدا  دائىم بالىلارنىڭ كۈلكە ساداسى ئاڭلىنىپ تۇراتتى.

    لوپنۇر ناھىيەسى ئىككىنچى باشلانغۇچ مەكتەپ 6 – يىللىقنىڭ ئوقۇغۇچىسى رەيھانگۈل مەخمۇت مۇنداق دېدى: «قىزىل گالىستۇكلۇقلار كىچىك دەرسخانىسى» تەتىللىك تۇرمۇشۇمنى بېيىتتى، كىچىك دوستلار بىلەن بولغان دوستلۇقۇمنى كۈچەيتتى.

    ئىگىلىنىشىچە، «قىزىل گالىستۇكلۇقلار كىچىك دەرسخانىسى» ئاپتونوم رايونلۇق ئىتتىپاق كومىتېتى، پىئونېرلار خىزمىتى كومىتېتىنىڭ ئاپتونوم رايونىمىزدا قانات يايدۇرغان بىر تۈرلۈك چوڭ تىپتىكى پائالىيىتى ئىكەن. ئوتتۇرا، باشلانغۇچ مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرىنىڭ قىشلىق، يازلىق تەتىلدە تۇرمۇشى «باشقۇرۇشسىز قېلىش» ۋە تاپشۇرۇق ئىشلىشى قىيىن بولۇش، تور ئويۇنلىرىغا بېرىلىپ كېتىش قاتارلىق گەۋدىلىك مەسىلىلىرىگە قارىتا، كوممۇنىستىك ياشلار ئىتتىپاقى قىشلىق، يازلىق تەتىل مەزگىلىدىكى نۇرغۇنلىغان ئالىي مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرىنىڭ يۇرتىغا قايتىش، ئىجتىمائىي ئەمەلىيەت ئارقىلىق ئۆزىنى چېنىقتۇرۇش ئېھتىياجىنى قاندۇرۇشقا بىرلەشتۈرۈپ، چوڭ قول كىچىك قولنى تۇتۇش، ئالىي، ئوتتۇرا تېخنىكوم ئوقۇغۇچىلىرى ئىجتىمائىي ئەمەلىيەت داۋامىدا ماھارىتىنى ئۆستۈرۈش، ئۆزىنى چېنىقتۇرۇش ئىمكانىيىتىگە ئىگە قىلدى؛ بالىلارنى ئاساسىي تېمىلىق تەربىيە، دۆلەت ئورتاق تىلى ئۆگىنىش، دەرستىن سىرتقى كونسۇلتاتسىيە ۋە ئۆزلىرى  قىزىقىدىغان پائالىيەتتىن بىلىم ئىگىلىشىگە شارائىت ھازىرلاپ، ئىتتىپاقلىقنى كۈچەيتىش ئىمكانىيىتىگە ئىگە قىلدى. ئوبلاستلىق ئىتتىپاق كومىتېتى پىئونېرلار بۆلۈمىنىڭ باشلىقى ساغانخالىق مۇخبىرغا مۇنداق دېدى: بۇ يىل قىشلىق تەتىلدە، ھەر دەرىجىلىك كوممۇنىستىك ياشلار ئىتتىپاقىنىڭ تەشكىللىشى بىلەن، ئوبلاستىمىزدىكى 250 «قىزىل گالىستۇكلۇقلار كىچىك دەرسخانىسى»دا دەرس باشلاندى. ئاپتونوم رايونلۇق ئىتتىپاق كومىتېتى شىنجاڭ داشۆ، شىنجاڭ يېزا ئىگىلىك داشۆسى، شىنجاڭ سىفەن داشۆسى قاتارلىق شىنجاڭدىكى توققۇز ئالىي مەكتەپتىن ئوبلاستىمىزغا قايتقان ئالىي، ئوتتۇرا تېخنىكوم ئوقۇغۇچىلىرى ئارىسىدىن سىياسىي جەھەتتە لاياقەتلىك، ئەخلاقتىمۇ، ئۆگىنىشتىمۇ ياخشى بولغان بىر تۈركۈم كوممۇنىستىك ياشلار ئىتتىپاقى ئەزالىرى پىدائىيلىرىنى دەرس ئۆتۈشكە تاللىدى. «قىزىل گالىستۇكلۇقلار كىچىك دەرسخانىسى» ئوبلاستلىق ئىتتىپاق كومىتېتىنىڭ قىشلىق، يازلىق تەتىلگە قويۇپ بەرگەن ئوقۇغۇچىلار ۋە يۇرتىغا قايتقان ئوقۇغۇچىلارنى تەشىكىللەش، تەربىيەلەش، يېتەكلەش، مۇلازىمەت قىلىش ۋە باشقۇرۇشىدىكى ئۈنۈملۈك ئىزدىنىشى ھېسابلىنىدۇ.   رىزۋانگۈل ئىبراھىم تەرجىمىسى

(مەنبە:بايىنغولىن گېزىتى)

  • 巴州政府电子政务办公室
    (0996)2689222
  • يانفۇن بېتى
    ئىككىلىك كودنى سىكانىرلاڭ
ئۇستى