بايىنغولىن ئوبلاستلىق خەلق ھۆكمەت باش بېتى
باشقا يازمىلار
  • ئوبلاستلىق پارتكوم دائىمىي كومىتېت (كېڭەيتىلگەن) يىغىنى ۋە پارتكوم ئىقتىساد خىزمىتى يىغىنى ئېچىلدى

    ئاپتونوم رايونلۇق «ئىككى يىغىن»نىڭ روھىنى ئەستايىدىل ئىزچىللاشتۇرۇپ، تۈرلۈك خىزمەتلەرنى پۇختا، ياخشى ئىشلەپ، ئىجتىمائىي ئومۇملۇقنىڭ مۇقىملىقىنى، ئىقتىسادنىڭ سىجىل ساغلام تەرەققىياتىنى تىرىشىپ ئىشقا ئاشۇرۇش كېرەك.

    1 -ئاينىڭ 22 -كۈنى، ئوبلاستلىق پارتكوم دائىمىي كومىتېت (كېڭەيتىلگەن) يىغىنى ۋە پارتكوم ئىقتىساد خىزمىتى يىغىنى ئېچىلدى. ئوبلاستلىق پارتكومنىڭ شۇجىسى لى گاڭ يىغىنغا رىياسەتچىلىك قىلدى ۋە سۆز قىلدى.

    1-ئاينىڭ 22 -كۈنى، ئوبلاستلىق پارتكوم دائىمىي كومىتېت (كېڭەيتىلگەن) يىغىنى ۋە پارتكوم ئىقتىساد خىزمىتى يىغىنى ئېچىلدى.

سۈرەتلەرنى مۇخبىرىمىز ياڭ شياۋدۇڭ تارتقان

    مۇخبىرىمىز ياڭ شياۋدۇڭ خەۋەر قىلىدۇ: 1 -ئاينىڭ 22 -كۈنى، ئوبلاستلىق پارتكوم دائىمىي كومىتېت (كېڭەيتىلگەن)يىغىنى ۋە پارتكوم ئىقتىساد خىزمىتى يىغىنى ئېچىلدى. يىغىندا ئاپتونوم رايونلۇق «ئىككى يىغىن»نىڭ روھى يەتكۈزۈلدى ھەمدە ئاپتونوم رايونلۇق «ئىككى يىغىن» ۋە پارتكوم ئىقتىساد خىزمىتى يىغىنىنىڭ روھىنى ئىزچىللاشتۇرۇش توغرىسىدا ئورۇنلاشتۇرۇش قىلىندى. ئوبلاستلىق پارتكومنىڭ شۇجىسى لى گاڭ يىغىنغا رىياسەتچىلىك قىلدى ھەم سۆز قىلدى.

    ئوبلاست رەھبەرلىرىدىن شى جيەنيۇڭ، جيا چۈنلىن، جۈ ۋېي، ئەركىن قاسىم، فەن چېڭخۇا، سۈي جىنسۇڭ، ئەنۋەر ئابلا، ۋاڭ جيۇجۇڭ، ئەن فېڭ، جاڭ شۇشىن، داڭ فېڭ، تيەن فېڭ، دۇڭ بىن يىغىنغا قاتناشتى.

    يىغىندا مۇنۇلار كۆرسىتىلدى: ئەمدىلا يېپىلغان ئاپتونوم رايونلۇق 13 -نۆۋەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى 2 -يىغىنى ۋە ئاپتونوم رايونلۇق سىياسىي كېڭەش 12 – نۆۋەتلىك كومىتېتى 2 -يىغىنى _ ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ يۇقىرىدىن –تۆۋەنگىچە شى جىنپىڭنىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسى ۋە پارتىيە 19 ـ قۇرۇلتىيىنىڭ روھىنى چوڭقۇر ئۆگىنىش، ئىزچىللاشتۇرۇش، ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەت قۇرۇپ چىقىشتا ھەل قىلغۇچ غەلىبە قىلىش، بىرىنچى 100 يىللىق كۈرەش نىشانىنى ئىشقا ئاشۇرۇشتىكى ھالقىلىق يىلدا ئېچىلغان بىر قېتىملىق مۇھىم يىغىن. يىغىندا 2018 ـ يىللىق خىزمەتلەر سىستېمىلىق خۇلاسىلىنىپ، 2019 -يىللىق خىزمەتلەر ئومۇميۈزلۈك ئورۇنلاشتۇرۇلدى. بۇ يىغىن ئاپتونوم رايونىمىزدىكى ھەر مىللەت كادىرلار، ئاممىنىڭ ئىدىيە ۋە ھەرىكىتىنى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ تەدبىر – ئورۇنلاشتۇرمىلىرى ۋە ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ كونكرېت تەلىپىـگە بىـرلىككە كەلتۈرۈش،     

    ھەرقايسى تەرەپلەرنىڭ خىزمەت ئاكتىپلىقىنى قوزغىتىش، يېڭى دەۋر جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىدىن ئىبارەت جۇڭگو ئارزۇسىنىڭ شىنجاڭ سەھىپىسىنى پۈتۈشتە ئىنتايىن مۇھىم ئەھمىيەتكە ئىگە.

    يىغىندا مۇنۇلار كۆرسىتىلدى: ئاپتونوم رايونلۇق «ئىككى يىغىن»نىڭ روھىنى يەتكۈزۈش، ئۆگىنىش، ئىزچىللاشتۇرۇش خىزمىتىنى چىڭ تۇتۇش كېرەك. ئاپتونوم رايونلۇق «ئىككى يىغىن»نىڭ روھىنى ئىزچىللاشتۇرۇشنى  باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ شىنجاڭ خىزمىتى توغرىسىدىكى مۇھىم سۆزى ۋە مۇھىم كۆرسەتمىسى، تەستىقىي يوليورۇقىنىڭ روھىنى ئۆگىنىش، ئىزچىللاشتۇرۇش بىلەن بىرلەشتۈرۈپ، ئاپتونوم رايونلۇق 9 -نۆۋەتلىك پارتىيە كومىتېتى 6 -ئومۇمىي يىغىنى، ئىقتىساد خىزمىتى يىغىنى ۋە ئاپتونوم ئوبلاستلىق 10 -نۆۋەتلىك پارتىيە كومىتېتى 6 -ئومۇمىي يىغىنىنىڭ روھىنى ئىزچىللاشتۇرۇش ۋە ئەمەلىيلەشتۈرۈش بىلەن بىرلەشتۈرۈپ، بېكىتىلگەن نىشاندا چىڭ تۇرۇپ، خىزمەت تەسەۋۋۇرىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، زېھىن ۋە كۈچنى مۇقىملىق، تەرەققىياتنى ئىلگىرى سۈرۈشكە مەركەزلەشتۈرۈپ، خەلق تۇرمۇشىنى ئۈنۈملۈك ياخشىلاپ، ئوبلاستىمىزنىڭ تۈرلۈك خىزمەتلىرىنى يېڭى پەللىگە يۈكسەلدۈرۈشكە تۈرتكە بولۇشى كېرەك. ئاپتونوم رايونلۇق «ئىككى يىغىن»نىڭ روھىنى ئەستايىدىل ئىزچىللاشتۇرۇپ، تۈرلۈك خىزمەتلەرنى پۇختا ۋە ياخشى ئىشلەش كېرەك. بايرىقىمىز روشەن ھالدا سىياسىيغا ئەھمىيەت بېرىپ، شى جىنپىڭنىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسى ۋە پارتىيە 19 ـ قۇرۇلتىيىنىڭ روھىنى چوڭقۇر، داۋاملىق ئۆگىنىپ، تەشۋىق قىلىپ ۋە ئىزچىللاشتۇرۇشىمىز كېرەك.  يادرولۇق مۇھىم مەزمۇنىنى يەنىمۇ ئۆزلەشتۈرۈپ، روھىي ماھىيىتىنى ئىگىلەپ، باشتىن – ئاخىر باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مۇھىم سۆزى، مۇھىم كۆرسەتمىسى، تەستىقىي يوليورۇقلىرىنىڭ روھى ۋە ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ تۈرلۈك تەستىقىي يوليورۇقى، ئورۇنلاشتۇرمىلىرىنى ئىزچىللاشتۇرۇش ۋە ئەمەلىيلەشتۈرۈشنى مۇھىم سىياسىي ۋەزىپە، مۇھىم سىياسىي مەسئۇلىيەت، مۇھىم سىياسىي ئىنتىزام، سىياسىي قائىدە قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، ئەمەلىيلەشتۈرۈشنى چىڭ تۇتۇپ، ئىز قوغلاپ ئۈنۈمنى سۈرۈشتۈرۈپ، كۈچلۈك سىياسىي ئىجرا قىلىش كۈچى  ئارقىلىق پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى ۋە ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ ئەمىر – پەرمانلىرىنىڭ ئوبلاستىمىزدا توسالغۇسىز، راۋان بولۇشىغا كاپالەتلىك قىلىش كېرەك؛ باشتىن –ئاخىر ئەمەلىيلەشتۈرۈشنى چىڭ تۇتۇپ، يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىـزىـي كومـىتېتىـنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىـلىش تەدبىرلىرىـنى ئىزچـىللاشـتۇرۇپ ۋە ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىك باش نىشانىنى زىچ چۆرىدەپ، مـۇقـىملىق، تەرەققىياتتىن ئىبارەت ئىككى چوڭ ئىشنى چىڭ تۇتۇپ، «ئىسلاھات، ئېچىۋېتىش+3+3+1» خىزمەت ئورۇنلاشتۇرمىلىرىنى پۇختا تۇتۇپ، ئوبلاستىمىزنىڭ  تۈرلۈك ئىشلىرىنىڭ ئەمەلىيلىشىشى، ئالدىنقى قاتارىدا مېڭىشىنى تىرىشىپ ئىلگىرى سۈرۈش كېرەك؛ خەلق تۇرمۇشىغا نەپ يەتكۈزۈشنى ئىزچىل قەتئىي داۋاملاشتۇرۇپ، خەلقنى مەركەز  قىلغان تەرەققىيات ئىدىيەسىنى قەتئىي تەۋرەنمەي ئەمەلىيەتتە كۆرسىتىپ، مېخانىزمنى مۇكەممەللەشتۈرۈش، تۆۋەن چەكنى ساقلاشتا چىڭ تۇرۇپ، ئامما ئويلىغاننى ئويلاپ، ئامما ئالدىرىغىنىغا ئالدىراپ، ھەر مىللەت ئاممىسىنى ئىسلاھات، تەرەققىيات نەتىجىلىرىدىن تېخىمۇ كۆپ، تېخىمۇ ئادىل مەنپەئەتلەندۈرۈش كېرەك. ئىستىلى دۇرۇس، كەيپىيات توغرا بولغان ياخشى سىياسىي ئېكولوگىيەنى يەنىمۇ بەرپا قىلىپ، مەڭگۈ داۋاملاشتۇرۇش غەيرىتى بىلەن ئىستىلنى توغرىلاپ، ئىنتىزامنى چىڭىتىپ، چىرىكلىككە قارشى تۇرۇپ، سالماقنى كېمەيتمەسلىك، ئۆلچەمنى بوشاشتۇرماسلىق، رېتىمنى ئۆزگەرتمەسلىكنى ئىشقا ئاشۇرۇپ، ياخشى پارتىيە ئىستىلى ئارقىلىق  ھۆكۈمەت ئىستىلى ۋە ئىجتىمائىي كەيپىياتنىڭ داۋاملىق ياخشىلىنىشىنى ئىلگىرى سۈرۈش كېرەك.

    يىغىندا مۇنۇلار كۆرسىتىلدى: باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مەركەز ئىقتىساد خىزمىتى يىغىنىدا قىلغان مۇھىم سۆزىدە، نۆۋەتتىكى خەلقئارا ۋە دۆلەت ئىچىدىكى ئىقتىسادىي تەرەققىيات ۋەزىيىتى  چوڭقۇر تەھلىل قىلىنىپ، 2018 -يىللىق ئىقتىساد خىزمىتىدە قولغا كەلتۈرۈلگەن نەتىجىلەر ۋە قانۇنىيەتلىك تونۇش ئومۇميۈزلۈك يەكۈنلىنىپ، دۆلىتىمىز تەرەققىياتىدىكى مۇھىم ئىستراتېگىيەلىك پۇرسەت مەزگىلىنى قانداق توغرا تونۇش كېرەكلىكى ئىلمىي شەرھىلىنىپ، ئىقتىساد خىزمىتىدىكى بىر قاتار مۇھىم نەزەرىيە ۋە ئەمەلىي مەسىلىلەرگە سىستېمىلىق جاۋاب بېرىلىپ، بۇ يىللىق ئىقتىساد خىزمىتىنىڭ ئومۇمىي تەلىپى، ئاساسلىق نىشانى، سىياسەت يۆنىلىشى، خىزمەت فاڭجېنى ۋە مۇھىم ۋەزىپىسى ئېنىق ئوتتۇرىغا قويۇلۇپ، بىزنىڭ مۇرەككەپ ئىقتىسادىي ۋەزىيەتكە تاقابىل تۇرۇشىمىز ۋە بۇنىڭدىن كېيىنكى بىر مەزگىللىك ئىقتىساد خىزمىتىنى ياخشى ئىشلىشىمىزگە ئىلگىرىلەش يۆنىلىشى ئېنىق كۆرسىتىپ بېرىلدى ھەمدە تۈپ قوللانما بىلەن تەمىنلىدى. ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم ئىقتىساد خىزمىتى يىغىنىدا يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتقا ئائىت ئون نۇقتىلىق ۋەزىپىنى چىڭ تۇتۇش كېرەكلىكى، نۆۋەتتىكى ۋە بۇنىڭدىن كېيىنكى بىر مەزگىللىك ئىقتىساد خىزمىتىنى ياخشى ئىشلىشىمىزگە كونكرېت تەلەپلەر ئوتتۇرىغا قويۇلدى. مەركەز ۋە ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ ئىقتىساد خىزمىتى يىغىنىنىڭ روھىنى ئەستايىدىل ئۆگىنىش ۋە ئۆزلەشتۈرۈش ــــ نۆۋەتتىكى ۋە بۇنىڭدىن كېيىنكى بىر مەزگىللىك مۇھىم ۋەزىپە. بىز ئىدىيە ۋە ھەرىكىتىمىزنى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ ھۆكۈمى ۋە تەدبىر –ئورۇنلاشتۇرمىلىرىغا بىرلىككە كەلتۈرۈپ، ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ  كونكرېت تەلەپلىرى  ۋە ئىنچىكە ئورۇنلاشتۇرمىلىرىغا بىرلىككە كەلتۈرۈپ، ئىزچىللاشتۇرۇش ۋە ئەمەلىيلەشتۈرۈشنىڭ ئاڭلىقلىقى ۋە قەتئىيلىكىنى ئۈزلۈكسىز كۈچەيتىشىمىز كېرەك.

    يىغىندا مۇنۇلار كۆرسىتىلدى: يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتنى ئىلگىرى سۈرۈشتىكى ئىشەنچىنى چىڭىتىش كېرەك.     2018-يىلى، بىز شى جىنپىڭنىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىقتىسادىي ئىدىيەسىنى ئەستايىدىل ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىك باش نىشانىنى زىچ چۆرىدەپ، يېڭى تەرەققىيات ئىدىيەسىنى ئىزچىللاشتۇرۇپ، مۇقىملىق ئاساسىدا ئىلگىرىلەش خىزمەت باش رېتىمىدا چىڭ تۇرۇپ، يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتتا چىڭ تۇرۇپ، تەمىنات تەرەپلىك قۇرۇلمىلىق ئىسلاھاتنى ئاساسىي لىنىيە قىلىپ، مۇقىم ئاشۇرۇش، ئىسلاھاتنى ئىلگىرى سۈرۈش، قۇرۇلمىنى تەڭشەش، خەلق تۇرمۇشىغا نەپ يەتكۈزۈش، خەۋپ – خەتەرنىڭ ئالدىنى ئېلىش، مۇقىملىققا كاپالەتلىك قىلىشتىكى تۈرلۈك خىزمەتلەرنى بىر تۇتاش پىلانلاپ ئىلگىرى سۈرۈپ، ئوبلاستىمىزنىڭ ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي ئىشلىرىدا مۇقىملىق ئاساسىدا ئىلگىرىلەش، مۇقىملىق ئاساسىدا ياخشىلىنىشقا يۈزلىنىشتىكى ۋەزىيەتنى ساقلىدۇق. ئىقتىسادىي تەرەققىياتتا قولغا كەلتۈرۈلگەن نەتىجىلەرگە قارىتا، بىز ئىشەنچىگە تولۇپ، غەيرەت ئۈستىگە غەيرەت قوشۇشىمىز كېرەك؛ ئىرادىنى چىڭىتىپ، دادىل يۈزلىنىشىمىز كېرەك؛ ئىقتىسادنى ئايلىنىشتا دۇچ كەلگەن قىيىنچىلىقلارغا قارىتا بىز مۇقىملىق، تەرەققىياتتىكى مەسىلىلەرگە قارىتا چىڭ تۇتۇپ، پائال تاقابىل تۇرۇپ، ئۈنۈملۈك ھەل قىلىشىمىز  كېرەك.

    يىغىندا مۇنۇلار تەكىتلەندى: بۇ يىل جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى قۇرۇلغانلىقىنىڭ 70 يىللىقى، ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەت قۇرۇپ چىقىشتا ھەل قىلغۇچ غەلىبە قىلىدىغان، بىرىنچى 100 يىللىق كۈرەش نىشانىنى ئىشقا ئاشۇرىدىغان ھالقىلىق يىل. بۇ يىللىق ئىقتىساد خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەشتە، شى جىنپىڭنىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنى يېتەكچى قىلىپ، پارتىيە 19 – قۇرۇلتىيى ۋە پارتىيە 19 – نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتنىڭ   2-،3  ـ ئومۇمىي يىغىنلىرىنىڭ روھىنى ئومۇميۈزلۈك ئىزچىللاشتۇرۇپ، مەركەزنىڭ ئىقتىساد خىزمىتى يىغىنى، يېزا خىزمىتى يىغىنىنىڭ روھىنى ئىزچىللاشتۇرۇپ ۋە ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرىنى، بولۇپمۇ ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىك باش نىشانىنى ئىزچىللاشتۇرۇپ ۋە ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ئاپتونوم رايونلۇق 9 – نۆۋەتلىك پارتىيە كومىتېتىنىڭ 6 – ئومۇمىي يىغىنى، ئىقتىساد خىزمىتى يىغىنىنىڭ كونكرېت ئورۇنلاشتۇرمىلىرى بويىچە، مۇقىملىق ئاساسىدا ئالغا ئىلگىرىلەش خىزمەت باش رېتىمىدا چىڭ تۇرۇپ، يېڭى تەرەققىيات ئىدىيەسىدە چىڭ تۇرۇپ، يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتقا تۈرتكە بولۇشتا چىڭ تۇرۇپ، تەمىنلەش تەرەپلىك قۇرۇلمىلىق ئىسلاھاتنى ئاساسىي لىنىيە قىلىپ، بازارلاشتۇرۇش ئىسلاھاتىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇش، يۇقىرى سەۋىيەلىك ئېچىۋېتىشنى كېڭەيتىشتە چىڭ تۇرۇپ، ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ «ئىسلاھات، ئېچىۋېتىش+3+3+1 » خىزمەت ئورۇنلاشتۇرمىسىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، مۇقىم ئاشۇرۇش، ئىسلاھاتنى ئىلگىرى سۈرۈش، قۇرۇلمىنى تەڭشەش، خەلق تۇرمۇشىغا نەپ يەتكۈزۈش، خەۋپ – خەتەرنىڭ ئالدىنى ئېلىش، مۇقىملىقنى قوغداش خىزمىتىنى  بىر تۇتاش پىلانلاپ ئالغا سىلجىتىپ، ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇشنى مۇقىملاشتۇرۇپ، پۇل مۇئامىلىنى مۇقىملاشتۇرۇپ، تاشقى سودىنى مۇقىملاشتۇرۇپ، تاشقى مەبلەغنى مۇقىملاشتۇرۇپ، سېلىنمىنى مۇقىملاشتۇرۇپ، كۆزلىمىنى مۇقىملاشتۇرۇپ، بازار ئىشەنچىنى ئۇرغۇتۇپ، ئىجتىمائىي ئومۇملۇقنىڭ مۇقىملىقى ۋە ئىقتىسادنىڭ سىجىل، ساغلام تەرەققىياتىنى ساقلاپ، ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەت قۇرۇشنى تاماملاشقا ھەل قىلغۇچ ئاساس سېلىپ، ئەلا نەتىجىلەر ئارقىلىق، جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى قۇرۇلغانلىقىنىڭ 70 يىللىقىنى كۈتىۋېلىشىمىز كېرەك.

    بىرىنچى، ئۈچ چوڭ ئۆتكەلگە ھۇجۇم قىلىش جېڭىنى ئۈزلۈكسىز ياخشى قىلىش كېرەك. زور خەۋپ – خەتەرنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە ئۇنى تۈگىتىش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش جېڭىنى  ياخشى قىلىپ، ھۆكۈمەت قەرزى خەۋپ – خەتىرىنىڭ يۈز بەرمەسلىك، سىستېمىلىق پۇل – مۇئامىلە خەۋپ ـ خەتىرى يۈز بەرمەسلىك تـۆۋەن چېكـىنى قەتئىي سـاقلاش كېرەك. دەل جـايىـدا نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش جېڭىنى ياخشى قىلىپ، نامراتلارنى يۆلەش خىزمىتىنىڭ مۇھىم نۇقتىسى، سىياسەت جەھەتتىن قوللاشنىڭ مۇھىم نۇقتىسى، جەمئىيەت يۆلەشنىڭ مۇھىم نۇقتىسىنى  14 ئېغىر نامرات يېزا – بازار ۋە 16 ئېغىر نامرات كەنتكە مايىللاشتۇرۇپ، بۇ يىل ئېشىپ قالغان 63 ئائىلىلىك 219 ئادەمنىڭ ھەممىسىنى نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇشقا كاپالەتلىك قىلىش كېرەك. بۇلغىنىشنىڭ ئالدىنى ئېلىش –  تىزگىنلەش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش جېڭىنى ياخشى قىلىپ،  ئېكولوگىيەنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش، مۇھىت ئاسراش، يېشىل تەرەققىياتتىن ئىبارەت ئۈچ خىزمەتنى ئومۇميۈزلۈك ياخشى ئىشلەش كېرەك.

    ئىككىنچى، «ئۈچ تۈرلۈك مۇھىم نۇقتا»نى سىجىل، چوڭقۇر ئىلگىرى سۈرۈش كېرەك. جۇڭگو ـ پاكىستان ئىقتىساد كارىدورى ئۇنىۋېرسال كۆتۈرۈشچان رايونى قۇرۇلۇشىنى چىڭ تۇتۇش كېرەك. يېزا – كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈش ئىستراتېگىيەسىنى زور كۈچ بىلەن يولغا قويۇپ، زامانىۋى يېزا ئىگىلىك كەسىپ سىستېمىسى، ئىشلەپچىقىرىش سىستېمىسى، ئىگىلىك باشقۇرۇش سىستېمىسى بەرپا قىلىشنى تېزلىتىپ، يېزىلاردىكى 1 -، 2 -، 3 – كەسىپنىڭ يۇغۇرۇلما تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈش كېرەك. ساياھەتچىلىك كەسپىنى زور كۈچ بىلەن راۋاجلاندۇرۇپ، ساياھەت ئارقىلىق ئوبلاستىمىزنى گۈللەندۈرۈش ئىستراتېگىيەسىنى قەتئىي تەۋرەنمەي يولغا قويۇپ، پۈتۈن رايون ساياھىتى تەرەققىياتىنى پائال ئىلگىرى سۈرۈش كېرەك.

    ئۈچىنچى، ئەمەلىي ئىقتىسادنى زورايتىش ۋە سەرخىللاشتۇرۇش كېرەك. ئەمەلىي ئىقتىسادنى گۈللەندۈرۈشتە تەۋرەنمەي چىڭ تۇرۇپ، ئۆزگىچە ئەۋزەللىككە ئىگە كەسىپلەر ۋە ئىستراتېگىيەلىك گۈللەنمە كەسىپلەرنى ئاساسىي ھۇجۇم نىشانى قىلىپ، بىرقەدەر كۈچلۈك رىقابەت كۈچىگە ئىگە چوڭ كارخانا، چوڭ گۇرۇھلارنى يېتىشتۈرۈپ ۋە زورايتىپ، زامانىۋى كەسىپ سىستېمىسىنىڭ ئاساسلىق تىرىكىنى شەكىللەندۈرۈپ، يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتنىڭ ئاساسىنى ئۈزلۈكسىز پۇختىلاش كېرەك.

    تۆتىنچى، ئىسلاھات، ئېچىۋېتىشنى ئومۇميۈزلۈك ئىلگىرى سۈرۈش كېرەك. نۇقتىلىق ساھەلەرنىڭ ئىسلاھاتىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، جەمئىيەتنى ئىدارە قىلىش سىستېمىسىدا يېڭىلىق يارىتىپ، تەمىنلەش تەرەپلىك قۇرۇلمىلىق ئىسلاھاتنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، دۆلەت مۈلكى، دۆلەت كارخانىلىرى ئىسلاھاتىنى تېزلىتىپ، مالىيە، باج، پۇل مۇئامىلە تۈزۈلمىسى ئىسلاھاتىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، ھۆكۈمەت ئورگانلىرى ئىسلاھاتىنى چوڭقۇر ئالغا سىلجىتىپ، «بېرىش، باشقۇرۇش، مۇلازىمەت قىلىش» ئىسلاھاتىنى ئۈزلۈكسىز چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، ئاساسىي قاتلامنىڭ يېڭىلىق يارىتىش ئۈستىدە دادىل ئىزدىنىشىگە ئىلھام ۋە مەدەت بېرىش كېرەك؛ ستېرېئولۇق ئومۇميۈزلۈك ئېچىۋېتىش ئەندىزىسى بەرپا قىلىشنى تېزلىتىپ،«بىر بەلباغ، بىر يول» قۇرۇلۇشى، يېڭى بىر نۆۋەتلىك غەربىي رايوننى ئېچىش، ئېچىۋېتىش قاتارلىق پۇرسەتلەرنى چىڭ تۇتۇپ، ئومۇميۈزلۈك ئېچىۋېتىش ھەمكارلىق ئىستراتېگىيەسىنى زور كۈچ بىلەن يولغا قويۇپ، تىرىشىپ ئاپتونوم رايون بويىچە ئالدىنقى قاتاردا مېڭىش كېرەك.

    بەشىنچى، رايونلارنىڭ ماس تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈش كېرەك. ئىقتىسادىي قانۇنىيەتكە ئەمەل قىلىپ، سېلىشتۇرما ئەۋزەللىكنى جارى قىلدۇرۇپ، گىرەلەشمە تەرەققىيات جەريانىدا ماس تەرەققىياتنى ئىشقا ئاشۇرۇش كېرەك. كورلا شىنجاڭدىكى يانداش مەركىزىي شەھەر بولۇش ئىقتىدارىنى كۈچەيتىش، يەنجى ئويمانلىقى بىرلىشىپ تەرەققىي قىلىشى كېرەك. كورلا بىلەن ئۆزئارا بىر – بىرىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، باشقا ناھىيەلەر«تىرەك نۇقتىسى» بولۇش سۈپىتى بىلەن، كورلا بىلەن ماس بىرلەشمە ھەرىكەتنى كۈچەيتىپ، ئۈستۈنلۈكتىن ئۆزئارا پايدىلىنىشتىكى رايون تەرەققىيات ئورتاق گەۋدىسىنى بەرپا قىلىش كېرەك.

    ئالتىنچى، ئۇل ئەسلىھە قۇرۇلۇشى تىرىكىنى كۈچەيتىش كېرەك. دۆلەتنىڭ ئۇل ئەسلىھەلەر قاتارلىق ساھەلەردىكى كەمتۈكلۈكنى تولۇقلاش سالمىقىنى ئاشۇرۇشتىكى پايدىلىق پۇرسەتنى چىڭ تۇتۇپ، ئىسلاھات چارىلىرىدىن پايدىلىنىش، بازارلاشتۇرۇپ يۈرۈشتۈرۈش ئۇسۇلىدا چىڭ تۇرۇپ، ئەپچىللىك بىلەن ئىجتىمائىي كاپىتالنى قاتناش، سۇ قۇرۇلۇشى، ئېنېرگىيە مەنبەسى، شەھەر – بازار قاتارلىق ئۇل مۇئەسسەسە ساھەسىگە سېلىپ، ئىقتىسادىي تەرەققىياتنىڭ زاپاس كۈچىنى يەنىمۇ كۈچەيتىش كېرەك.

    يەتتىنچى، مالىيە، باج، پۇل مۇئامىلە خىزمىتىنىڭ سالمىقىنى ئاشۇرۇش كېرەك. مالىيە، باج كىرىمىنى تەھلىل قىلىشنى كۈچەيتىپ، دۆلەتنىڭ باجنى كېمەيتىپ، ھەقنى تۆۋەنلىتىش سىياسىتىنى ئەستايىدىل ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، مالىيە چىقىم قۇرۇلمىسىنى ئەلالاشتۇرۇپ، خامچوت نەتىجە – ئۈنۈمىنى باشقۇرۇشنى ئومۇميۈزلۈك ئىلگىرى سۈرۈپ، پۇل مۇئامىلە مۇلازىمىتىنى ھەقىقىي كۈچەيتىپ، كۆپ خىل مەبلەغ يۈرۈشتۈرۈش ۋاسىتىسىدىن ھەر تەرەپلىمە پايدىلىنىپ، يەرلىكنىڭ پۇل مۇئامىلىسىنىڭ ئەمەلىي ئىقتىسادنى قوللاشتىكى ئىقتىدارى ۋە سەۋىيەسىنى ئۆستۈرۈش كېرەك.

    سەككىزىنچى، پۇقراۋى ئىگىلىكنى زور كۈچ بىلەن راۋاجلاندۇرۇش كېرەك. پۇقراۋى ئىگىلىكنىڭ تەرەققىياتىغا توسالغۇ بولۇۋاتقان توسالغۇلارنى پۈتۈن كۈچ بىلەن يوقىتىپ، ئەل ئىچىدىكى مەبلەغ سېلىش ساھەسىنى يەنىمۇ قويىۋېتىش كېرەك؛ سودا قىلىش مۇھىتىنى سەرخىللاشتۇرۇپ، تىرىشىپ يېقىن، پاك يېڭى تىپتىكى ھۆكۈمەت – سودىگەرلەر مۇناسىۋىتىنى كۈچەپ ئورنىتىش كېرەك؛ تىپىنى ئۆزگەرتىپ، دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈشنى تېز ئىلگىرى سۈرۈپ، تېخىمۇ كۆپ پۇقراۋى كارخانىلارنى شىركەت تۈزۈمى ئىسلاھاتىغا قاتنىشىپ، زامانىۋى كارخانا تۈزۈمىنى بەرپا قىلىش سېپىگە قوشۇلۇشىغا ئىلھام بېرىش ۋە يېتەكلەش كېرەك.

    توققۇزىنچى، خەلق تۇرمۇشىنى سىجىل ياخشىلاش كېرەك. مۇقىم ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇشنى تېخىمۇ گەۋدىلىك ئورۇنغا قويۇپ، مائارىپنى ئالدىن تەرەققىي قىلدۇرۇشتا تەۋرەنمەي چىڭ تۇرۇپ، ئومۇمىي خەلقنىڭ سەھىيە ساغلاملىق سەۋىيەسىنى ئۆستۈرۈپ، ئىجتىمائىي كاپالەت تۈزۈمىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، شەھەر – يېزا ئاھالىسىنىڭ ئەمىن ئۆي قۇرۇلۇشى خىزمەتلىرىنى ياخشى ئىشلەپ، بىخەتەرلىك سىستېمىسى قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىپ، ھەر مىللەت ئاممىنىڭ ئېرىشىش تۇيغۇسى، بەخت تۇيغۇسى، بىخەتەرلىك تۇيغۇسىنى ئاشۇرۇش كېرەك.

    ئونىنچى، يۇغۇرما تەرەققىيات سۈپىتىنى ئۈزلۈكسىز ئۆستۈرۈش كېرەك. يۇغۇرما تەرەققىيات ئىدىيەسىنى مۇستەھكەم تۇرغۇزۇپ، بىڭتۈەن بىلەن يەرلىكنىڭ، نېفىتلىك بىلەن يەرلىكنىڭ، ئارمىيە بىلەن يەرلىكنىڭ، تۆمۈريول بىلەن يەرلىكنىڭ ئورتاق بەرپا قىلىش، ئورتاق بىرىكىشىنى ئۈزلۈكسىز چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، رايون تەرەققىياتىنىڭ بىرىكمە كۈچىنى مۇجەسسەملەش كېرەك.

    يىغىندا مۇنۇلار كۆرسىتىلدى: يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىيات ئۈچۈن، ئىناق، مۇقىم ئىجتىمائىي مۇھىت يارىتىش كېرەك. مەركەز ئىقتىساد خىزمىتى يىغىنى، ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ ئىقتىساد خىزمىتى يىغىنىنىڭ روھىنى ئۆگىنىش، ئىزچىللاشتۇرۇشنى يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرى، بولۇپمۇ ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىك باش نىشانىنى ئىزچىللاشتۇرۇش، ئەمەلىيلەشتۈرۈش بىلەن بىرلەشتۈرۈپ، تېخىمۇ پۇختا، ئېھتىياتچان، ئەتراپلىق، ئىنچىكە بولۇشنى مۇھىم پىرىنسىپ قىلىپ، «ئىككى يۈرۈش بەنزە» خىزمەت مېخانىزمىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ئىجتىمائىي ئومۇملۇقنىڭ سىجىل مۇقىملىقىنى، ئۇزاق مۇددەتلىك مۇقىملىقىنى، ئومۇميۈزلۈك مۇقىملىقىنى تىرىشىپ ئىشقا ئاشۇرۇپ، يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتنى تېخىمۇ ياخشى ئىلگىرى سۈرۈش كېرەك.

    يىغىندا مۇنۇلار تەكىتلەندى: پارتىيەنىڭ ئىقتىساد خىزمىتىگە رەھبەرلىك قىلىش ئىقتىدارى ۋە سەۋىيەسىنى ھەقىقىي ئۆستۈرۈش كېرەك. ھەر دەرىجىلىك پارتىيە، ھۆكۈمەتلەر ۋە ھەر دەرىجىلىك كادىرلار  روھىنى يەنىمۇ ئۇرغۇتۇپ، ئوبيېكتىپ باھانە سەۋەبلەرنى ئاز سۆزلەپ، سۇبيېكتىپ جەھەتتىن كۆپرەك تىرىشىپ، پۈتۈن كۈچى بىلەن ئىستىلنى ياخشىلاپ، نەتىجە يارىتىشنى كۆزلەپ، ئەمەلىي تەلەپنى خىزمەتنىڭ پۈتكۈل جەريانىغا سىڭدۈرۈپ، سىياسىي ئىقتىدار، رەھبەرلىك قىلىش ئىقتىدارى، خىزمەت ئىقتىدارىنى ھەقىقىي ئۆستۈرۈپ، مۈشكۈل ۋەزىپىنى ئورۇنداش داۋامىدا سىناقلارغا               بەرداشلىق بېرىپ، مەسئۇلىيەتنى زىممىسىگە ئېلىشقا جۈرئەت قىلىش، ماھىر بولۇش ۋە مەسئۇلىيەتنى زىممىسىگە ئالالايدىغان بولۇش جاسارىتى ۋە ئىقتىدارىنى ئۈزلۈكسىز ئۆستۈرۈپ، بېكىتىلگەن يىللىق نىشان – ۋەزىپىلەرنى پۈتۈن كۈچى بىلەن ئورۇندىشى كېرەك.

    يىغىندا مۇنۇلار چاقىرىق قىلىندى: شى جىنپىڭنىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنى يېتەكچى قىلىپ، پارتىيە 19 ـ قۇرۇلتىيى ۋە پارتىيە 19 ـ نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتنىڭ  2-، 3 – ئومۇمىي يىغىنلىرىنىڭ روھىنى چوڭقۇر ئىزچىللاشتۇرۇپ، شى جىنپىڭنىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىقتىساد ئىدىيەسىنى ئىزچىللاشتۇرۇپ ۋە ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، مەركەزنىڭ ئىقتىساد خىزمىتى يىغىنى، ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ ئىقتىساد خىزمىتى يىغىنىنىڭ روھىنى ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، يېڭى تەرەققىيات ئىدىيەسىنى ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىك باش نىشانىنى زىچ چۆرىدەپ، يۇقىرى – تۆۋەن بىر نىيەتتە بولۇپ، قىيىنچىلىقلارنى يېڭىپ ئالغا ئىلگىرلەپ، ئىجتىمائىي ئومۇملۇقنىڭ مۇقىملىقى ۋە ئىقتىسادنىڭ سىجىل، ساغلام تەرەققىياتىنى تىرىشىپ ئىشقا ئاشۇرۇپ، ئەلا نەتىجىلەر بىلەن جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى قۇرۇلغانلىقىنىڭ 70 يىللىقىنى تەبرىكلىشىمىز كېرەك.

    يىغىن تېلېۋىزىيە – تېلېفون يىغىنى شەكلىدە ئېچىلدى. ئوبلاستلىق خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتى، خەلق ھۆكۈمىتى، سىياسىي كېڭەش رەھبەرلىك بەنزىسى ئەزالىرى، ئوبلاستلىق سوت، تەپتىش مەھكىمىلىرى، قوراللىق ساقچى قىسىم بايىنغولىن تارماق ئەترىتىنىڭ ئاساسلىق رەھبەرلىرى، ئوبلاستقا بىۋاسىتە قاراشلىق ئورۇنلاردىكى ئاساسلىق مەسئۇل يولداشلار قاتارلىقلار  ئاساسىي يىغىن مەيدانىدا يىغىنغا قاتناشتى.

رىزۋانگۈل ئىبراھىم، ئامانگۈل روزى تەرجىمىسى

    دىققەتنى باش نىشانغا مەركەزلەشتۈرۈپ، ئىقتىسادنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرەيلى

    ـــ ئوبلاستلىق پارتكوم ئىقتىساد خىزمىتى يىغىنىنىڭ روھىنى ئىزچىللاشتۇرۇش، ئەمەلىيلەشتۈرۈش توغرىسىدا

    1 – ئاينىڭ  22 – كۈنى ئوبلاستلىق پارتكوم ئىقتىساد خىزمىتى يىغىنى ئاچتى. يىغىندا شى جىنپىڭنىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسى يېتەكچى قىلىنىپ، پارتىيە 19 – قۇرۇلتىيى ۋە پارتىيە 19 – نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتىنىڭ 2 -، 3 – ئومۇمىي يىغىنىنىڭ روھى ئىزچىللاشتۇرۇلۇپ ۋە ئەمەلىيلەشتۈرۈلۈپ، مەركەزنىڭ ئىقتىساد خىزمىتى يىغىنى، يېزا خىزمىتى يىغىنى ۋە ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ ئىقتىساد خىزمىتى يىغىنىنىڭ روھى ئىزچىللاشتۇرۇلۇپ ۋە ئەمەلىيلەشتۈرۈلۈپ، يېڭى تەرەققىيات ئىدىيەسى ئىزچىللاشتۇرۇلۇپ،پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ شىىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرى، بولۇپمۇ ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىك باش نىشانى زىچ چۆرىدىلىپ، 2018 – يىللىق ئىقتىسادىي خىزمەتلەر خۇلاسىلەندى شۇنداقلا نۆۋەتتىكى ئىقتىسادىي ۋەزىيەت چوڭقۇر ئانالىز قىلىنىپ،2019 – يىللىق ئىقتىسادىي خىزمەتلەر مۇزاكىرە قىلىنىپ ئورۇنلاشتۇرۇلدى. يىغىندا مۇنداق تەكىتلەندى: پۇرسەتنى چىڭ تۇتۇپ، تەشەببۇسكارلىق بىلەن نەتىجە يارىتىپ، يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتنى ئىلگىرى سۈرۈشتە يېڭى بۆسۈش ھاسىل قىلىش كېرەك.

    باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مەركەزنىڭ ئىقتىساد خىزمىتى يىغىنىدا قىلغان مۇھىم سۆزى بىزنىڭ بۇ يىللىق ئىقتىسادىي خىزمەتلەرنى ياخشى ئىشلىشمىز ئۈچۈن يۆنىلىش كۆرسىتىپ بەردى شۇنداقلا تۈپ قوللانما بىلەن تەمىنلىدى. ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ ئىقتىساد خىزمىتى يىغىنىدا بىزنىڭ نۆۋەتتىكى ۋە بۇنىڭدىن كېيىنكى بىر مەزگىللىك ئىقتىسادىي خىزمەتلەرنى ياخشى ئىشلىشىمىزدىكى كونكرېت تەلەپلەر ئايدىڭلاشتۇرۇلدى. مەركەز ۋە ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ ئىقتىساد خىزمىتى يىغىنىنىڭ روھىنى ئەستايىدىل ئۆگىنىش ۋە ئىگىلەش نۆۋەتتىكى ۋە بۇنىڭدىن كېيىنكى بىر مەزگىللىك مۇھىم ۋەزىپە. بىز چوقۇم سىياسىي يۈكسەكلىكىمىزنى ئۆستۈرۈپ، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ ئىقتىسادىي ۋەزىيەت توغرىسىدىكى ھۆكۈمىنى چوڭقۇر ئىگىلەپ، ئىسلاھات، ئېچىۋېتىشنىڭ ئىقتىسادىي تەرەققىياتتىكى مۇھىم ئەھمىيىتىنى چوڭقۇر ئىگىلەپ، يېڭى ۋەزىيەتتە ئىقتىساد خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەشتىكى «بەش چوقۇم»نى چوڭقۇر ئىگىلەپ، ئېلىمىزنىڭ تەرەققىياتى يەنىلا ھەم ئۇزاققىچە مۇھىم ئىستراتېگىيەلىك پۇرسەت مەزگىلىدە تۇرىدىغانلىقى توغرىسىدىكى ئاساسى ھۆكۈمنى چوڭقۇر ئىگىلەپ، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ بۇ يىللىق ئىقتىساد خىزمىتى توغرىسىدىكى سىياسەت يۆنىلىشىنى چوڭقۇر ئىگىلەپ، بۇ يىللىق ئىقتىساد خىزمىتىدىكى نۇقتىلىق ۋەزىپىلەرنى چوڭقۇر ئىگىلەپ، باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مۇھىم سۆزلىرىدىكى يېڭى كۆز قاراش، يېڭى تەلەپلەرنى چوڭقۇر ئىگىلەپ، مۇقىملىق ۋە تەرەققىياتنىڭ دىيالىكتىكلىق مۇناسىۋىتىنى چوڭقۇر ئىگىلەپ، ئىدىيە ۋە ھەرىكىتىمىزنى قەتئىي ھالدا مەركەزنىڭ ئىقتىساد خىزمىتى يىغىنى، بولۇپمۇ باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مۇھىم سۆزىنىڭ روھىغا بىرلىككە كەلتۈرۈپ، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ بۇ يىللىق ئىقتىساد خىزمىتىدىكى تەدبىر -ئورۇنلاشتۇرمىلىرىغا بىرلىككە كەلتۈرۈپ، ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ كونكرېت تەلەپلىرىگە بىرلىككە كەلتۈرۈپ، ئوبلاستىمىز ئىقتسادىنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈشتە يېڭى نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈرۈشىمىز كېرەك.

    2018 – يىلى بىز شى جىنپىڭنىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىقتىساد ئىدىيەسىنى ئەستايىدىل ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىك باش نىشانىنى زىچ چۆرىدەپ، يېڭى تەرەققىيات ئىدىيەسىنى ئىزچىللاشتۇرۇپ، مۇقىملىق ئاساسىدا ئىلگىرىلەش خىزمەت باش رېتىمىدا، يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتتا چىڭ تۇرۇپ، تەمىنلەش تەرەپلىك قۇرۇلمىلىق ئىسلاھاتنى ئاساسىي لىنىيە قىلىپ، مۇقىم ئېشىش، ئىسلاھاتنى ئىلگىرى سۈرۈش، قۇرۇلمىنى تەڭشەش، خەلق تۇرمۇشىغا نەپ يەتكۈزۈش، خەۋپ – خەتەرنىڭ ئالدىنى ئېلىش، مۇقىملىقنى قوغداشتىكى تۈرلۈك خىزمەتلەرنى بىر تۇتاش پىلانلاپ ئىلگىرى سۈرۈپ، ئوبلاستىمىزنىڭ ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي ئىشلىرى مۇقىملىق ئاساسىدا ئىلگىرىلەش، مۇقىملىق ئاساسىدا ياخشىلىنىشقا يۈزلىنىشتەك ياخشى ۋەزىيەتنى ساقلىدۇق. بـۇلار ئاساسلىقى مۇقىملىق

    ۋەزىيىتىنىڭ سىجىل ياخشى بولۇشى، ئىقتسادىي تەرەققىيات سۈپىتى ۋە ئۈنۈمىنىڭ كۆرۈنەرلىك يۇقىرى كۆتۈرۈلۈشى، نۇقتىلىق خىزمەت ئورۇنلاشتۇرمىلىرىنىڭ تەرتىپلىك ئىلگىرى سۈرۈلۈشى، ئىقتسادىي تەرەققىيات زاپاس كۈچىنىڭ ئۈزلۈكسىز جۇغلىنىشى، تۈرلۈك ئىسلاھاتنىڭ ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇرلىشىشى، خەلق تۇرمۇشىنىڭ سىجىل ياخشلىنىشى قاتارلىق جەھەتلەردە ئىپادىلىنىدۇ.ئىقتسادىي تەرەققىياتتا قولغا كەلتۈرۈلگەن نەتىجىلەرگە نىسبەتەن بىز تولۇپ تاشقان ئىشەنچ بىلەن غەيرەت ئۈستىگە غەيرەت قوشۇشىمىز كېرەك؛ خىرىسنى يېڭىش، قىيىنچىلىقلارنى يېڭىپ ئالغا ئىلگىرىلەش تەجىرىبىسىگە نىسبەتەن بىز ئىلمىي خۇلاسىلەپ، بوشاشماسلىقىمىز كېرەك؛ ئىقتىسادنىڭ ئايلىنىش داۋامىدا دۇچ كەلگەن قىيىنچىلىقلارغا نىسبەتەن بىز ئىرادىنى چىڭىتىپ، دادىل يۈزلىنىشىمىز كېرەك؛ مۇقىملىق ۋە تەرەققىيات جەھەتتىكى مەسىلىلەرگە نىسبەتەن، بىز چىڭ تۇتۇپ قويۇۋەتمەي، پائال تاقابىل تۇرۇپ، ئۈنۈملۈك ھەل قىلىشىمىز كېرەك.

    ئوبلاستلىق پارتكوم ئىقتساد خىزمىتى يىغىنىدا ئايدىڭلاشتۇرۇلغان بۇ يىللىق ئىقتىساد خىزمىتىنىڭ ئومۇمىي تەلەپلىرىدە شى جىنپىڭنىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسيالىزم ئىقتىساد ئىدىيەسىنىڭ چوڭقۇر ئۆزلەشتۈرۈلۈشى، مەركەز ۋە ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم ئىقتىساد خىزمىتى يىغىنى روھىنىڭ ئىزچىللاشتۇرۇلۇشى ۋە ئەمەلىيلەشتۈرۈلۈشى گەۋدىلەندۈرۈلدى. بۇ ئوبلاستىمىز ئىقتىسادىنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتى ئۈچۈن مۇھىم يېتەكچى ئەھمىيەتكە ئىگە. بىز بۇ ئومۇمىي تەلەپنى پۇختا ئىگىلەپ، قەتئىيلىك بىلەن ئومۇمىي تەلەپنى دەل جايىدا ئەمەلىيلەشتۈرگەندىلا، تۈرلۈك كۆزلىمە نىشاننى ئىشقا ئاشۇرۇپ، مۇقىملىق ئاساسىدا ئىلگىرىلەش، مۇقىملىق ئاساسىدا ياخشىلىنىشقا قاراپ يۈزلىنىش تەرەققىيات ۋەزىيىتىنى ساقلاشنى تامامەن ئىشقا ئاشۇرالايمىز.

     بۇ يىلدىكى ئاساسلىق كۆزلىمە نىشانىنى ئىشقا ئاشۇرۇشتا بىز يادرونى ئىگىلەپ، تەمىنلەش تەرەپلىك قۇرۇلمىلىق ئىسلاھاتتىكى يېڭى تەلەپنى ئىزچىللاشتۇرۇپ، مۇقىملىق ئاساسىدا ئىلگىرىلەشتە، دۆلەتنىڭ سىياسەتلىرىدىن تولۇق، ياخشى پايدىلىنىپ، ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم بېكىتكەن خىزمەت ئورۇنلاشتۇرمىلىرنى ئىنچىكە ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ئەۋزەل سىياسەتلەرنىڭ بىرىكىشى ۋە تېخىمۇ ياخشى ئەمەلىي ئۈنۈمىنى ئىشقا ئاشۇرۇشىمىز كېرەك.مالىيە چىقىمىنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىيات ۋە خەلق تۇرمۇشى ساھەسىگە مايىللاشتۇرۇلۇشىغا، مالىيە مەبلىغىنىڭ ئەمەلىي ئىقتىساد ۋە كارخانىلارغا مايىللاشتۇرۇلۇشىغا، مەبلەغنىڭ كەسپىي تۈر ۋە ئاساسىي ئاممىۋى مۇلازىمەت قۇرۇلۇشىغا مايىللاشتۇرۇلۇشىغا، ئىشقا ئورۇنلىشىشقا يار – يۆلەك بولۇشنىڭ ئالىي ئوتتۇرا تېخنىكومنى پۈتتۈرگەن ئوقۇغۇچىلار ۋە ئەمگەك كۈچلىرىنى يۆتكەشكە قاراپ مايىللاشتۇرۇلۇشىغا كاپالەتلىك قىلىش كېرەك. «مۇستەھكەملەش، كۈچەيتىش، يۇقىرى كۆتۈرۈش، راۋانلاشتۇرۇش»سەككىز خەتلىك فاڭجېنىغا ئاساسەن، تېخىمۇ كۆپ ئىسلاھات ئۇسۇللىرىنى قوللىنىپ، تېخىمۇ كۆپ بازارلاشقان، قانۇن – قانۇنچىللىق ۋاسىتىلەردىن پايدىلىنىپ، «ئۈچنى تۈگىتىش، بىرنى تۆۋەنلىتىش، بىرنى تولۇقلاش»نەتىجىلىرىنى زور كۈچ بىلەن مۇستەھكەملەپ، «كونىسىنى بۇزۇپ تاشلاش»، «يېڭىلىق يارىتىش»تا كۈچ سەرپ قىلىپ، يېڭى ئېنېرگىيەنىڭ داۋاملىشىشى ۋە ئالمىشىشىنى تېزلىتىشىمىز كېرەك. نۆۋەتتىكى تاشقى زەربە ۋە ئىچكى بېسىم يەنىلا مەۋجۇت بولۇۋاتقان، قىسقا مۇددەتلىك مەسىلىلەر بىلەن ئۇزۇن مۇددەتلىك زىددىيەتلەر ئۆزئارا گىرەلىشىپ كەتكەن كەسكىن ۋەزىيەتتە، بىز چوقۇم بوشاشماي قەيسەرلىك بىلەن ئالغا ئىلگىرىلەپ، ئىقتىسادنى يۈكسەلدۈرۈشتىكى زور يوشۇرۇن كۈچنى تېزلىكتە رېئاللىققا ئايلاندۇرۇپ، ئاپتونوم رايون بويىچە يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتنى قولغا كەلتۈرۈش داۋامىدا «ئەگىمە يولدىن ھالقىپ ئۆتىدىغان» غەلىبە قىلغۇچىلاردىن بولۇشىمىز كېرەك.

    قەلب ۋە كۈچنى مۇجەسسەملەپ، تەرەققىياتنى كۆزلەپ، جاسارەت بىلەن ئالغا ئىلگىرىلەپ يېڭى سەھىپە يۈتۈش كېرەك. بىز يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ ئەتراپىغا زىچ ئۇيۇشۇپ، ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىك باش نىشانىنى زىچ چۆرىدەپ، ئىشەنچنى چىڭىتىپ، جاپالىق، ئەمەلىي ئىشلەپ، ئىجتىمائىي ئومۇملۇقنىڭ ئىناق، مۇقىملىقنى تىرىشپ ئىشقا ئاشۇرۇپ، ئوبلاستىمىز ئىقتىسادىنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، ئەلا نەتىجىلىرىمىز ئارقىلىق جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى قۇرۇلغانلىقىنىڭ 70 يىللىقىنى كۈتۈۋالايلى.

ماھىرە تۇرسۇن تەرجىمىسى

(مەنبە:بايىنغولىن گېزىتى)

  • 巴州政府电子政务办公室
    (0996)2689222
  • يانفۇن بېتى
    ئىككىلىك كودنى سىكانىرلاڭ
ئۇستى