Warning: mysqli_query(): (HY000/14): Can't change size of file (Errcode: 28 "No space left on device") in G:\phpsite\uyg\wp-includes\wp-db.php on line 1942
ئوبلاستلىق تەشكىلات خىزمىتى ۋە پارتىيە قۇرۇلۇشى رەھبەرلىك گۇرۇپپىسىنىڭ 2 – قېتىملىق يىغىنىنىڭ روھىنى چۈشەندۈرۈش (11) - بايىنغولىن ئوبلاستلىق خەلق ھۆكمەت باش بېتى
Warning: mysqli_query(): (HY000/14): Can't change size of file (Errcode: 28 "No space left on device") in G:\phpsite\uyg\wp-includes\wp-db.php on line 1942
بايىنغولىن ئوبلاستلىق خەلق ھۆكمەت باش بېتى
باشقا يازمىلار
  • ئوبلاستلىق تەشكىلات خىزمىتى ۋە پارتىيە قۇرۇلۇشى رەھبەرلىك گۇرۇپپىسىنىڭ 2 – قېتىملىق يىغىنىنىڭ روھىنى چۈشەندۈرۈش (11)
  • يوللىغان ۋاقتى:2018- 09- 20 سەھىپە:سەھىپە ئايرىلمىغان ئاپتۇر: زىيارەت: 339 قېىتىم

ئوبلاستلىق تەشكىلات خىزمىتى ۋە پارتىيە قۇرۇلۇشى رەھبەرلىك گۇرۇپپىسىنىڭ 2 – قېتىملىق يىغىنىنىڭ روھىنى چۈشەندۈرۈش (11)

    مەسىلە يۆنىلىشىدە چىڭ تۇرۇپ، مەسىلىنىڭ مەنبەسىنى توغرا، ھەقىقىي تېپىپ چىقىش كېرەك.

    مەسىلە − دەۋرنىڭ ساداسى، مەسىلىنىڭ مەنبەسىنى توغرا، ھەقىقىي تېپىپ چىقىش يېڭى دەۋردىكى پارتىيە قۇرۇلۇشى ۋە تەشكىلات خىزمىتىنىڭ ئالدىنقى شەرتى. ئوبلاستلىق پارتكومنىڭ شۇجىسى لى گاڭ ئوبلاستلىق تەشكىلات خىزمىتى ۋە پارتىيە قۇرۇلۇشى رەھبەرلىك گۇرۇپپىسىنىڭ 2 – قېتىملىق يىغىنىدا مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: بىز شۇنى سەگەكلىك بىلەن تونۇپ يېتىشىمىز كېرەككى، ئوبلاستىمىز دۇچ كەلگەن مۇقىملىق، تەرەققىياتتىن ئىبارەت ئىككى «ئۈچ مەزگىل گىرەلىشىش» نىڭ كەسكىن ۋەزىيىتىدە تۈپ خاراكتېرلىك ئۆزگىرىش بولمىدى، ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىكنىڭ ۋەزىپىسى مۈشكۈل، پارتىيەنىڭ رەھبەرلىكى ئاجىزلىشىش، پارتىيە قۇرۇلۇشى يېتەرسىز بولۇش، پارتىيەنى باشقۇرۇش، ئىدارە قىلىش كۈچلۈك بولماسلىق قاتارلىق مەسىلىلەر يەنىلا ئوخشىمىغان دەرىجىدە مەۋجۇت، ئەمەلىيەت داۋامىدا بەزى يېڭى ئەھۋال، يېڭى مەسىلە يەنە كۆرۈلدى، بىز چوقۇم ‹تۈزەش› داۋامىدا ‹خەتەر›نى ئۇنۇتماي، ‹گۈللەندۈرۈش› داۋامىدا ‹غەم› نى ئۇنۇتماي، سەگەك ۋە ئاڭلىق بولۇشىمىز، ئىشەنچىمىز ۋە ئىرادىمىزنى يەنىمۇ چىڭىتىپ، ئىدىيە ۋە ھەرىكىتىمىزنى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى ۋە ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ يېڭى دەۋردىكى پارتىيە قۇرۇلۇشى ۋە تەشكىلىي خىزمەت ئورۇنلاشتۇرمىلىرىنىڭ تەلىپى ئاساسىدا بىرلىككە كەلتۈرۈپ، پارتىيە قۇرۇلۇشىنىڭ سۈپىتىنى ئۈزلۈكسىز ئۆستۈرۈپ، تەشكىلات خىزمىتىنىڭ يېڭى مەنـزىلىنى ئۈزلۈكسىز ئېچىشىمىز كېرەك.

    ئوبلاستىمىزدىكى ھەر دەرىجىلىك پارتىيە تەشكىلاتلىرى ۋە كەڭ پارتىيەلىك كادىرلار لى گاڭ شۇجىنىڭ بۇ يوليورۇق، تەلەپلىرىنى ئۆگىنىپ ۋە ئىزچىللاشتۇرۇپ، مەسىلە يۆنىلىشىدە چوقۇم چىڭ تۇرۇپ، مەسىلىنىڭ مەنبەسى پارتىيە قۇرۇلۇشى خىزمىتىدە ئوخشىمىغان دەرىجىدە ئاجىزلىشىش، مەۋھۇملىشىش، چەتنەشنىڭ مەۋجۇتلۇقىنى چوڭقۇر تۇنۇشى كېرەك، بۇ گەۋدىلىك ھالدا ئۈچ جەھەتتىن ئىپادىلىنىدۇ: بىرىنچى، تەشكىلىي سىستېمىنىڭ ئاجىزلىشىشى، مەۋھۇملىشىشى، چەتنىشى، پارتىيە تەشكىلاتى تەسىس قىلىنىش جەھەتتە مۇكەممەل، لېكىن بەزى پارتىيە تەشكىلاتلىرىنىڭ فۇنكسىيەلىك رولىنى جارى قىلدۇرۇشى بەكلا كەمچىل؛ ئىككىنچى، «ئىككىنى ئۆگىنىش، بىر بولۇش» نى دائىملىق تۈزۈملەشتۈرۈشنى ئەمەلىيلەشتۈرۈشتە يەنە خېلى چوڭ پەرق بار، ئاساسلىقى ئاساسىي قاتلام پارتىيە تەشكىلاتلىرىنىڭ تۈزۈم ئېڭى كۈچلۈك ئەمەس، تۈزۈمنى ئىجرا قىلىشى جايىدا بولمىغان؛ ئۈچىنچى، ئاساسىي قاتلام پارتىيە تەشكىلاتلىرىنىڭ تەشكىللەش ئىقتىدارى كۈچلۈك ئەمەس، پارتىيەنىڭ بارلىق خىزمەتلىرى ياچېيكىدا بولۇشنىڭ روشەن يۆنىلىشى بەزى ئاساسىي قاتلام ياچېيكىلىرىدا ئۈنۈملۈك تۇرغۇزۇلمىغان، پارتىيە ياچېيكىسىنىڭ جەڭگىۋارلىقى كۈچلۈك ئەمەس. بۇ مەسىلىلەرگە قارىتا، تۈزۈمنى مۇكەممەللەشتۈرۈش، تۈزۈمنى ئەمەلىيلەشتۈرۈش ئۇسۇلىنى قوللىنىپ ھەل قىلىش كېرەك. پارتىيە قۇرۇلۇشى خىزمىتىدىن مەلۇمات بېرىپ باھالاش خىزمىتىنى دائىملىق خىزمەت ئورۇنلاشتۇرمىسى بويىچە ئىلگىرى سۈرۈشكە قاتتىق ئەمەل قىلىپ، 9 – ئاينىڭ 30 -كۈنىدىن بۇرۇن، «خىزمەت ئورنىدا ساقلانغان مەسىلىلەرنىڭ مەنبەسى پارتىيە قۇرۇلۇشىنىڭ ئاجىزلىشىشى، مەۋھۇملىشىشى، چەتنىشى ئىكەنلىكىنى تونۇش»تىن ئىبارەت بۇ تېمىنى چۆرىدەپ، ئالدىنقى يېرىم يىللىق خىزمەت دوكلاتىدىن مەلۇمات بېرىپ باھالاشنى قانات يايدۇرۇپ، «ھەر يىلى ئىككى قېتىم خىزمىتىدىن مەلۇمات بېرىپ باھالاشنى قانات يايدۇرۇش»تىن ئىبارەت بۇ تەلەپنى قەتئىي ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، مەسىلىلەرنى ئۈزلۈكسىز تەكشۈرۈپ ئوتتۇرىغا قويۇپ، پارتىيە قۇرۇلۇشى ۋە تەشكىلات خىزمىتىنى ئۆلچەملەشتۈرۈش، قېلىپلاشتۇرۇشنى زور كۈچ بىلەن ئىلگىرى سۈرۈش كېرەك.

(بايىنغولىن ئوبلاستلىق پارتكوم تەشكىلات بۆلۈمى پېشقەدەم كادىرلار ئىدارىسى پارتىيە ياچېيكىسى )     (رامىلە غېنى تەرجىمىسى)

(مەنبە:بايىنغولىن گېزىتى)

  • 巴州政府电子政务办公室
    (0996)2689222
  • يانفۇن بېتى
    ئىككىلىك كودنى سىكانىرلاڭ
ئۇستى