بايىنغولىن ئوبلاستلىق خەلق ھۆكمەت باش بېتى
باشقا يازمىلار
  • «ئىلىم – پەن دەرسخانىسى» پائالىيىتى ئوبلاستىمىزنىڭ چارۋىچىلىق رايونلىرى، مەكتەپلەردە قانات يايدۇرۇلدى

پەننى ئومۇملاشتۇرۇش پائالىيىتى خەلق تۇرمۇشىغا مۇلازىمەت قىلىپ، ئاساسىي قاتلامغا كۆڭۈل بۆلىدۇ

    مۇخبىرىمىز جوۋ خەيشيا خەۋەر قىلىدۇ: 9 -ئاينىڭ 10 -كۈنى، ئوبلاستلىق پەن – تېخنىكا جەمئىيىتى خېجىڭ ناھىيەسى كىرئۇت يېزىسىنىڭ كىرئۇت كەنتىدە «ئىلىم  – پەن دەرسخانىسى» پائالىيىتىنى قانات يايدۇردى، پائالىيەتتە، ئوبلاستلىق كېسەللىكلەرنىڭ ئالدىنى ئېلىش – تىزگىنلەش مەركىزى يەرلىك كېسەللىكلەرنىڭ ئالدىنى ئېلىش بۆلۈمىنىڭ باشلىقى، مۇدىر ۋىراچ جاۋ ۋېنچىڭ ساغلاملىق بىلىملىرى توغرىسىدا لېكسىيە سۆزلىدى. ئاساسىي قاتلامدىكى كادىرلار، ئامما، «ئەلرايىنى بىلىش، ئەلگە نەپ يەتكۈزۈش، ئەلنى مايىل قىلىش» بويىچە كەنتتە تۇرۇشلۇق خىزمەت ئەترىتى ئەزالىرى ۋە ئاساسىي قاتلامدىكى كادىرلاردىن بولۇپ 40تىن ئارتۇق كىشى لېكسىيەگە قاتناشتى.

    چارۋىچى مىنجىردورجى  لېكسىيەنى ئاڭلىغاندىن كېيىن مۇنداق دېدى:  بىز باقمىچىلىق بىلەن شۇغۇللىنىمىز. بۇنىڭدىن كېيىن، كېسەللىكلەرنىڭ ئالدىنى ئېلىشقا كۆپرەك دىققەت قىلىپ، ئالدىنى ئېلىش خىزمىتىنى ھەر ۋاقىت ياخشى ئىشلەيمىز.

ئىگىلىنىشىچە، بۇ قېتىملىق «ئىلىم – پەن دەرسخانىسى» پائالىيىتى ئوبلاستلىق پەن  – تېخنىكا جەمئىيىتى قانات يايدۇرغان 2018 -يىللىق مەملىكەتلىك پەننى ئومۇملاشتۇرۇش كۈنى يۈرۈشلۈك پائالىيىتىنىڭ بىر تۈرى بولۇپ، بۇ پائالىيەتتە، خەلق تۇرمۇشىغا باشتىن – ئاخىر مۇلازىمەت قىلىش، ئاساسىي قاتلامغا كۆڭۈل بۆلۈش مۇھىم نوقتا قىلىنىپ، پەن – تېخنىكىنى ئومۇملاشتۇرۇش لېكسىيەسى تۇرمۇشقا، ئەمەلىيەتكە  تېخىمۇ يېقىنلاشتۇرۇلغان.

    2005 -يىلدىن باشلاپ، دۆلەت ھەر يىلى 9 -ئاينىڭ ئۈچىنچى ھەپتىسىدىكى دەم ئېلىش كۈنىنى مەملىكەتلىك پەننى ئومۇملاشتۇرۇش كۈنى پائالىيىتىنى مەركەزلىك قانات يايدۇرۇش كۈنى قىلىپ بېكىتتى.

    9 – ئاينىڭ بېشىدىن باشلاپ، ئوبلاستلىق پەن – تېخنىكا جەمئىيىتى «يېڭىلىق يارىتىش ــ دەۋرگە يېتەكچىلىك قىلىدۇ، ئەقىل – پاراسەت ــ تۇرمۇشنى نۇرلاندۇرىدۇ» دېگەن باش تېمىنى چۆرىدەپ، 2018 -يىللىق مەملىكەتلىك پەننى ئومۇملاشتۇرۇش كۈنى شىنجاڭ يۈرۈشلۈك پەننى ئومۇملاشتۇرۇش پائالىيىتىنى چوڭقۇر قانات يايدۇردى. «ئىلىم – پەن دەرسخانىسى»نى مەكتەپلەرگە كىرگۈزۈش پائالىيىتىنى چوڭقۇر قانات يايدۇرۇش جەريانىدا، ھەر مىللەت ياش -ئۆسمۈرلىرىگە ئىلىم – پەن بىلىملىرى، ئىلمىي ئۇسۇللار  ئۆگىتىلىپ، ئۇلارنىڭ ئىلمىي تەپەككۇرى ۋە يېڭىلىق يارىتىش ئېڭىنى شەكىللەندۈرۈشىگە ئىلھام بېرىلدى. شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، پەننى ئومۇملاشتۇرۇش تەشۋىقات ئاپتوموبىلى مەكتەپكە، مەھەللىلەرگە كىرگۈزۈلۈپ، دېھقانچلىق، چارۋىچىلىق رايونلىرىدا پەن -تېخنىكا ئارقىلىق نامراتلارنى يۆلەش قانات يايدۇرۇلدى.   (رىزۋانگۈل ئىبراھىم تەرجىمىسى)

(مەنبە:بايىنغولىن گېزىتى)

  • 巴州政府电子政务办公室
    (0996)2689222
  • يانفۇن بېتى
    ئىككىلىك كودنى سىكانىرلاڭ
ئۇستى