Warning: mysqli_query(): (HY000/14): Can't change size of file (Errcode: 28 "No space left on device") in G:\phpsite\uyg\wp-includes\wp-db.php on line 1942
شى جيەنيۇڭ يەنجى ناھىيەسىدىكى ئاساسىي قاتلام تەشكىلاتلىرى قۇرۇلۇشى ۋە «ئەلرايىنى بىلىش، ئەلگە نەپ يەتكۈزۈش، ئەلنى مايىل قىلىش» بويىچە كەنتتە تۇرۇش خىزمەتلىرىنى تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلدى ئىجتىمائىي مۇقىملىقنى قەتئىي بوشاشماي چىڭ تۇتۇپ، ئاممىۋى خىزمەتنى ئىزچىل ياخشى ئىشلەش كېرەك - بايىنغولىن ئوبلاستلىق خەلق ھۆكمەت باش بېتى
Warning: mysqli_query(): (HY000/14): Can't change size of file (Errcode: 28 "No space left on device") in G:\phpsite\uyg\wp-includes\wp-db.php on line 1942
بايىنغولىن ئوبلاستلىق خەلق ھۆكمەت باش بېتى
باشقا يازمىلار
  • شى جيەنيۇڭ يەنجى ناھىيەسىدىكى ئاساسىي قاتلام تەشكىلاتلىرى قۇرۇلۇشى ۋە «ئەلرايىنى بىلىش، ئەلگە نەپ يەتكۈزۈش، ئەلنى مايىل قىلىش» بويىچە كەنتتە تۇرۇش خىزمەتلىرىنى تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلدى ئىجتىمائىي مۇقىملىقنى قەتئىي بوشاشماي چىڭ تۇتۇپ، ئاممىۋى خىزمەتنى ئىزچىل ياخشى ئىشلەش كېرەك
  • يوللىغان ۋاقتى:2018- 09- 20 سەھىپە:سەھىپە ئايرىلمىغان ئاپتۇر: زىيارەت: 430 قېىتىم

شى جيەنيۇڭ يەنجى ناھىيەسىدىكى ئاساسىي قاتلام تەشكىلاتلىرى قۇرۇلۇشى ۋە «ئەلرايىنى بىلىش، ئەلگە نەپ يەتكۈزۈش، ئەلنى مايىل قىلىش» بويىچە كەنتتە تۇرۇش خىزمەتلىرىنى تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلدى

ئىجتىمائىي مۇقىملىقنى قەتئىي بوشاشماي چىڭ تۇتۇپ، ئاممىۋى خىزمەتنى ئىزچىل ياخشى ئىشلەش كېرەك

    ئىختىيارىي مۇخبىرىمىز جاۋ يى خەۋەر قىلىدۇ: 9 -ئاينىڭ 17 – كۈنى، ئوبلاستلىق خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ مۇدىرى شى جيەنيۇڭ يەنجى ناھىيەسى شىكشىن بازىرى شىكشىن كەنتىگە بېرىپ، ئاساسىي قاتلام تەشكىلاتلىرى قۇرۇلۇشى ۋە «ئەلرايىنى بىلىش، ئەلگە نەپ يەتكۈزۈش، ئەلنى مايىل قىلىش» بويىچە كەنتتە تۇرۇش خىزمەتلىرىنى تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلدى.

    شى جيەنيۇڭ شىكشىن كەنتىنىڭ بازا قۇرۇلۇشى ئەھۋالىنى نەق مەيداندا كۆزدىن كەچۈرۈپ مۇنداق دەپ كۆرسەتتى: يىرىكلىشىش، يېشىللىشىش، پار بىلەن تەمىنلەش قاتارلىق ئۇل ئەسلىھەلەرنى تېزدىن مۇكەممەللەشتۈرۈپ، كەنت دەرىجىلىك بازىنىڭ تېگىشلىك رولىنى جارى قىلدۇرۇش، كەنت دەرىجىلىك بازىلارنى ئاممىنى سەپەرۋەر قىلىدىغان، ئاممىنى تەشكىللەيدىغان، ئاممىنى قوزغايدىغان، ئاممىنى مۇجەسسەملەيدىغان جەڭگىۋار قورغانغا ئايلاندۇرۇش كېرەك.

    شى جيەنيۇڭ مۇنداق تەكىتلىدى: بىرىنچىدىن، ئىجتىمائىي مۇقىملىقنى قەتئىي بوشاشماي چىڭ تۇتۇش كېرەك. پارتىيەلىك كادىرلار «مۇقىملىق ھەممىنى بېسىپ چۈشىدۇ» دېگەن ئىدىيەنى باشتىن – ئاخىر تۇرغۇزۇپ، باش نىشاننى تۈرلۈك خىزمەتلەرگە يېتەكچى قىلىپ، دىققەتنى باشتىن – ئاخىر باش نىشانغا مەركەزلەشتۈرۈپ، «بىرىكمە مۇشت»نى ياخشى ئېتىپ، «ئۈچ مەيدان قاتتىق جەڭ»نى ياخشى قىلىپ، «بىر مەيدان خەلق ئۇرۇشى»دا غەلىبە قىلىپ، ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ تەدبىر، ئورۇنلاشتۇرمىلىرى ۋە ئاپتونوم ئوبلاستلىق پارتكومنىڭ خىزمەت ئورۇنلاشتۇرمىسىنى قەتئىي تەۋرەنمەي پۇختا، ھەقىقىي، كىچىك ھالقىلارغىچە ئەمەلىيلەشتۈرۈش كېرەك؛ ئىككىنچىدىن، «ئەلرايىنى بىلىش، ئەلگە نەپ يەتكۈزۈش، ئەلنى مايىل قىلىش» بويىچە كەنتتە تۇرۇش خىزمىتىنى داۋاملىق كۈچ ئۇلاپ قانات يايدۇرۇش كېرەك. «5+2+1» خىزمەت ۋەزىپىسىنى ئەستايىدىل ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، «1+4»، «1+2» نۇقتىلىق خىزمەتلىرىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، كەنتتە تۇرۇشلۇق خىزمەت ئەترىتىنىڭ ياردەم بېرىش ۋە يېتەكلەش رولىنى جارى قىلدۇرۇپ، پارتىيەلىك كادىرلارنى تەربىيەلەش، باشقۇرۇشنى تىرىشىپ كۈچەيتىپ، كەنت دەرىجىلىك زاپاس كادىرلار قوشۇنى قۇرۇلۇشىنى ياخشى تۇتۇپ، پارتىيە ئەزالىرى قوشۇنىنى ئۈزلۈكسىز زورايتىپ، ئاساسىي قاتلامنىڭ ئاساسىنى مۇستەھكەملەش كېرەك؛ ئۈچىنچىدىن، ئاممىۋى خىزمەتنى ئىزچىل ياخشى ئىشلەش كېرەك. «مىللەتلەر ئىتتىپاقلىشىپ بىر ئائىلە كىشىلىرىدەك بولۇش» ۋە «ئىككىنى ئومۇميۈزلۈك قاپلاش» خىزمەت تەلىپىنى قاتتىق ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، «ئەلرايىنى بىلىش» نى دائىملاشتۇرۇپ، «ئائىلە يىغىنى»نى داۋاملىق ياخشى ئېچىپ، ئاممىنىڭ قىيىنچىلىقى ۋە تەلىپىنى ۋاقتىدا چۈشىنىپ ۋە ئىگىلەپ، تۈرلۈك ئاماللار بىلەن ئاممىنىڭ ئەمەلىي قىيىنچىلىقىنى ھەل قىلىشىغا ياردەم بېرىپ، تىرىشىپ ئەمەلىي ئىش، ياخشى ئىشلارنى كۆپلەپ قىلىپ، پارتىيەنىڭ خەلققە نەپ يەتكۈزۈش سىياسىتىنى جايىدا ئەمەلىيلەشتۈرۈش، ھەر مىللەت ئاممىنى پارتىيە ۋە ھۆكۈمەتنىڭ ئەتراپىغا زىچ ئۇيۇشتۇرۇش كېرەك؛ تۆتىنچى، ھەممە بىر نىيەتتە نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش جېڭىنى ئىلگىرى سۈرۈش كېرەك. يېزا كوللېكتىپ مەبلىغى، مۈلۈك، بايلىق مەنبەسىنى ياخشى باشقۇرۇپ، يېزا كوللېكتىپ ئىقتىسادىي كۈچىنى زورايتىپ، كەنت دەرىجىلىك تەشكىلاتلار كېڭىشىش قائىدىسىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، كەنت دەرىجىلىك تەشكىلاتلارنى ئىش بېجىرىش ۋە ئاممىغا مۇلازىمەت قىلىش ئىقتىدارىغا ئىگە قىلىش كېرەك. كۈزلۈك يىغىم «ئالتۇن مەزگىلى»نى چىڭ تۇتۇپ، ئېشىنچا ئەمگەكچىلەرنى يېقىن ئەتراپتىكى يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرىنى پىششىقلاش كارخانىسىدا ئىشلەشكە تەرتىپلىك تەشكىللەپ، كەنت ئاھالىلىرىنىڭ ئىشىك ئالدىدىلا كىرىمىنى ئاشۇرۇشىغا ياردەم بېرىپ، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىشنى ئىلگىرى سۈرۈش كېرەك. (ئاينۇر قادىر تەرجىمىسى)

(مەنبە:بايىنغولىن گېزىتى)

  • 巴州政府电子政务办公室
    (0996)2689222
  • يانفۇن بېتى
    ئىككىلىك كودنى سىكانىرلاڭ
ئۇستى