Warning: mysqli_query(): (HY000/14): Can't change size of file (Errcode: 28 "No space left on device") in G:\phpsite\uyg\wp-includes\wp-db.php on line 1942
خېبېينىڭ شىنجاڭغا ياردەم بېرىش ئالدىنقى سەپ قوماندانلىق ئىشتابى كەسىپلەر بويىچە شىنجاڭغا ياردەم بېرىش خىزمىتىنى ئورۇنلاشتۇرۇش يىغىنى ئاچتى - بايىنغولىن ئوبلاستلىق خەلق ھۆكمەت باش بېتى
Warning: mysqli_query(): (HY000/14): Can't change size of file (Errcode: 28 "No space left on device") in G:\phpsite\uyg\wp-includes\wp-db.php on line 1942
بايىنغولىن ئوبلاستلىق خەلق ھۆكمەت باش بېتى
باشقا يازمىلار
  • خېبېينىڭ شىنجاڭغا ياردەم بېرىش ئالدىنقى سەپ قوماندانلىق ئىشتابى كەسىپلەر بويىچە شىنجاڭغا ياردەم بېرىش خىزمىتىنى ئورۇنلاشتۇرۇش يىغىنى ئاچتى
  • يوللىغان ۋاقتى:2018- 09- 20 سەھىپە:سەھىپە ئايرىلمىغان ئاپتۇر: زىيارەت: 229 قېىتىم

خېبېينىڭ شىنجاڭغا ياردەم بېرىش ئالدىنقى سەپ قوماندانلىق ئىشتابى كەسىپلەر بويىچە شىنجاڭغا ياردەم بېرىش خىزمىتىنى ئورۇنلاشتۇرۇش يىغىنى ئاچتى

    كەسىپلەر بويىچە شىنجاڭغا ياردەم بېرىش خىزمىتىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، كەسىپ تۈر قۇرۇلۇشىغا ياردەم بېرىش.

    مۇخبىرىمىز لياڭ شاۋخۇي خەۋەر قىلىدۇ:  كەسىپلەر بويىچە شىنجاڭغا ياردەم بېرىش خىزمىتىنى چوڭقۇر ئىلگىرى سۈرۈپ، خېبېي ئۆلكىسىدىن سەككىزىنچى تۈركۈمدە شىنجاڭغا ياردەم بېرىشكە كەلگەن كادىرلارنىڭ ئاپتونوم رايونىمىزغا كەلگەندىن بۇيانقى كەسىپلەر بويىچە شىنجاڭغا ياردەم بېرىش خىزمىتى ئەھۋالىنى خۇلاسە قىلىپ، نۆۋەتتە دۇچ كېلىۋاتقان ۋەزىيەت، ۋەزىپىلەرنى تەھلىل قىلىپ، ئوبلاستىمىزنىڭ كەسىپ تۈرى قۇرۇلۇشىغا ياردەم بېرىش ئۈچۈن، 9 – ئاينىڭ 18 – كۈنى، خېبېي ئۆلكىسىنىڭ شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىش خىزمىتى ئالدىنقى سەپ قوماندانلىق ئىشتابى شىنجاڭغا كەسىپلەر بويىچە ياردەم بېرىش خىزمىتىنى ئورۇنلاشتۇرۇش يىغىنى ئاچتى. ئوبلاستلىق پارتكوم دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، مۇئاۋىن ئوبلاست باشلىقى، خېبېي ئۆلكىسىنىڭ شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىش خىزمىتى ئالدىنقى سەپ قوماندانلىق ئىشتابى پارتكومىنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى جاڭ شۇشىن يىغىنغا رىياسەتچىلىك قىلدى ھەم سۆز قىلدى.

    يىغىندا، ھەرقايسى شەھەرلەرنىڭ شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىش خىزمىتى ئالدىنقى سەپ قوماندانلىق ئىشتابىنىڭ قوماندانى، ئالاقىدار مەسئۇل يولداشلار، شىنجاڭغا ماكانلاشقان ياردەم بېرىش تۈرى ئەھۋالى، كېڭىشىش قىلىۋاتقان شىنجاڭغا ياردەم بېرىش تۈرى ئەھۋالى، پىلانلىنىۋاتقان، ماھىيەتلىك ئىلگىرىلەشتىن ئۈمىد بولغان شىنجاڭغا ياردەم بېرىش تۈرى ئەھۋالىدىن دوكلات بەردى. ساقلانغان قىيىنچىلىق، مەسىلىلەر ۋە كېيىنكى قەدەمدىكى خىزمەت تەدبىرلىرىگە قارىتا چوڭقۇر تەھلىل ۋە مۇھاكىمە ئېلىپ باردى.

    يىغىندا مۇنۇلار كۆرسىتىلدى:  چوقۇم سىياسىي يۈكسەكلىكنى ئاشۇرۇپ، شىنجاڭغا كەسىپلەر بويىچە ياردەم بېرىش ــ شى جىنپىڭنىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسى ۋە پارتىيە 19 ـ قۇرۇلتىيىنىڭ روھىنى ئىزچىللاشتۇرۇش، يېڭى تەرەققىيات ئىدىيەسىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈشنىڭ كونكرېت ھەرىكىتى ۋە ئىپادىسى؛ يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرىنى ئىزچىللاشتۇرۇش ۋە ئەمەلىيلەشتۈرۈشنىڭ كونكرېت ھەرىكىتى ۋە ئىپادىسى؛ مەملىكەتلىك 6 ـ قېتىملىق شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىش خىزمىتى يىغىنىنى ئىزچىللاشتۇرۇش ۋە ئەمەلىيلەشتۈرۈشنىڭ كونكرېت ھەرىكىتى ۋە ئىپادىسى؛ ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ «ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىك باش نىشانىنى چۆرىدەپ، تەرەققىياتنى بوشاشتۇرماي چىڭ تۇتۇش» تەدبىر ـ ئورۇنلاشتۇرمىسىنى ئىزچىللاشتۇرۇش ۋە ئەمەلىيلەشتۈرۈشنىڭ كونكرېت ھەرىكىتى ۋە ئىپادىسى؛ خېبېي ئۆلكىلىك پارتكومنىڭ شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىش خىزمىتىنىڭ دەرىجىسىنى ئاشۇرۇپ ئورۇنلاشتۇرۇش تەلىپىنى ئىزچىللاشتۇرۇش ۋە ئەمەلىيلەشتۈرۈشنىڭ كونكرېت ھەرىكىتى ۋە ئىپادىسى، ئۇنىڭغا يەنە بايىنغولىن ئوبلاستلىق پارتكوم، ھۆكۈمەت ۋە بايىنغولىن ئوبلاستىدىكى ھەر مىللەت خەلقىنىڭ ئۈمىدى ۋە مۇھىم تاپشۇرۇقى سىڭگەن.

    يىغىندا مۇنۇلار تەكىتلەندى: ياردەم بېرىدىغان ۋە ياردەمگە ئېرىشكەن ئىككى تەرەپ بايلىق ۋە كەسىپ ئەۋزەللىكىنى چۆرىدەپ، تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىش ۋە ئالاقىنى تەشەببۇسكارلىق بىلەن قانات يايدۇرۇشى كېرەك. تۆۋەن چەكنى ئايدىڭلاشتۇرۇپ، پىكىر يولىنى كېڭەيتىپ، پۈتۈن ئەھۋاللارنى ئىگىلەپ، ئېكولوگىيەلىك قىزىل سىزىقنى چىڭ تۇتۇشى كېرەك. ماكانلاشقان تۈرلەرنىڭ ئەمەلىي ئۈنۈم ھاسىل قىلىشىغا تۈرتكە بولۇپ، كېڭىشىۋاتقان تۈرلەرنىڭ تېزدىن ئەمەلىيلىشىشىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، پىلانلىنىۋاتقان تۈرلەردە تېزدىن ماھىيەتلىك ئىلگىرىلەشلەرنى ھاسىل قىلىپ، كەسىپلەر بويىچە شىنجاڭغا ياردەم بېرىشنى يېڭى سەۋىيەگە كۆتۈرۈشنى ھەقىقىي ئىلگىرى سۈرۈش كېرەك.    (ئاينۇر قادىر تەرجىمىسى)

(مەنبە:بايىنغولىن گېزىتى)

  • 巴州政府电子政务办公室
    (0996)2689222
  • يانفۇن بېتى
    ئىككىلىك كودنى سىكانىرلاڭ
ئۇستى