Warning: mysqli_query(): (HY000/14): Can't change size of file (Errcode: 28 "No space left on device") in G:\phpsite\uyg\wp-includes\wp-db.php on line 1942
30دىن ئارتۇق ئاياللار ۋەكىلى خېبېي ئۆلكىسىدە گۈزەل ھويلا – ئارام ئىگىلىكى قۇرۇش بويىچە تەربىيەلىنىشكە قاتناشتى - بايىنغولىن ئوبلاستلىق خەلق ھۆكمەت باش بېتى
Warning: mysqli_query(): (HY000/14): Can't change size of file (Errcode: 28 "No space left on device") in G:\phpsite\uyg\wp-includes\wp-db.php on line 1942
بايىنغولىن ئوبلاستلىق خەلق ھۆكمەت باش بېتى
باشقا يازمىلار
  • 30دىن ئارتۇق ئاياللار ۋەكىلى خېبېي ئۆلكىسىدە گۈزەل ھويلا – ئارام ئىگىلىكى قۇرۇش بويىچە تەربىيەلىنىشكە قاتناشتى
  • يوللىغان ۋاقتى:2018- 09- 18 سەھىپە:سەھىپە ئايرىلمىغان ئاپتۇر: زىيارەت: 402 قېىتىم

30دىن ئارتۇق ئاياللار ۋەكىلى خېبېي ئۆلكىسىدە گۈزەل ھويلا – ئارام ئىگىلىكى قۇرۇش بويىچە تەربىيەلىنىشكە قاتناشتى

    مۇخبىرىمىز جى شياۋجېن، ئىختىيارىي مۇخبىرىمىز پەن شياڭيەن خەۋەر قىلىدۇ: يېقىنقى كۈنلەردىن بۇيان، ئوبلاستلىق ئاياللار بىرلەشمىسى ئوبلاستىمىزدىكى ھەر قايسى ناھىيە (شەھەر)لەردىكى 30دىن كۆپرەك ئاياللار ۋەكىلىنى خېبېي ئۆلكىسىدە گۈزەل ھويلا – ئارام ئىگىلىكى قۇرۇش بويىچە تەربىيەلىنىشكە تەشكىللىدى.

     بۇ قېتىمقى تەربىيەلىنىش ئوبلاستلىق ئاياللار بىرلەشمىسى پارتگۇرۇپپىسىنىڭ ئوبلاستلىق پارتكومنىڭ ھويلا – ئارام ئىگىلىكىنى تەرەققىي قىلدۇرۇش، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىشنى ئىلگىرى سۈرۈشتىكى مۇھىم تەدبىرلىرىنى ئىزچىللاشتۇرۇشى ۋە ئەمەلىيلەشتۈرۈشىدۇر. ئوبلاستلىق ئاياللار بىرلەشمىسى پارتگۇرۇپپىسى خېبېي ئۆلكىلىك ئاياللار بىرلەشمىسى بىلەن خىزمەتلەرنى ئۇدۇللاشتۇرۇپ، ھەر قايسى ناھىيە (شەھەر)دىكى ئاياللار بىرلەشمىسىگە مەسئۇل رەھبەر، ئاياللار بىرلەشمىسىدىكى گۈزەل ھويلا – ئارام قۇرۇشقا مەسئۇل كىشى، ئىگىلىك تىكلەشتىكى باشلامچىلار، يېزا – كەنتلەردىكى گۈزەل ھويلا – ئارام قۇرۇشتىكى ئۈلگىلىك ئائىلىلەرنى تەشكىللەپ، خېبېي ئۆلكىسىگە بېرىپ، گۈزەل ھويلا – ئارام قۇرۇش،  گۈزەل يېزا – كەنت قۇرۇش قاتارلىقلارنى نەق مەيداندا كۆزدىن كەچۈردى ۋە ئۆگەندى.

    بۇ قېتىمقى تەربىيەلەشنىڭ ۋاقتى بىر ھەپتە بولۇپ، تەربىيەلىنىشكە قاتناشقانلار مۇنۇلارنى بىلدۈردى: بۇ قېتىمقى تەبىيەلىنىش پۇرسىتىنى قەدىرلەپ، كۆپ كۆرۈپ، كۆپ ئاڭلاپ،  كۆپ ئۆگىنىپ، خېبېي ئۆلكىسىنىڭ گۈزەل ھويلا – ئارام قۇرۇشتىكى ئۇسۇلى ۋە تەجرىبىلىرىنى ئەمەلىيەتتە ئىشلىتىپ، ئوبلاستىمىزنىڭ گۈزەل يېزا – كەنت قۇرۇلۇشى، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش ۋە ھويلا – ئارام ئىگىلىكى قۇرۇلۇشى ئۈچۈن ھەسسە قوشىمىز.

    تەربىيەلەشتە، تەربىيەلىنىشكە قاتناشقۇچىلار زۇنخۇا شەھىرىدىكى گۇەنفاڭ كەنتى، تاغدىكى ھەر قايسى كەنتلەردىكى گۈزەل ھويلا – ئارام ۋە ئاياللار كۇرسى قۇرۇلۇشى ئەھۋالى، شاشىگۇ كەنتىدىكى كۆرگەزمىخانا ۋە ۋەتەنپەرۋەرلىك تەربىيە بازىسىنى كۆزدىن كەچۈردى، شۇنداقلا، شۇ جايدىكى ئاياللار بىرلەشمىسى گۈزەل ھويلا – ئارام قۇرۇش، ئاياللار كۇرسى قۇرۇلۇشىنى ئىلگىرى سۈرۈش قاتارلىق مەسىلىلەردە پىكىر ئالماشتۇردى ۋە مۇھاكىمە ئېلىپ باردى.   (ئامانگۈل روزى تەرجىمىسى)

(مەنبە:بايىنغولىن گېزىتى)

  • 巴州政府电子政务办公室
    (0996)2689222
  • يانفۇن بېتى
    ئىككىلىك كودنى سىكانىرلاڭ
ئۇستى