بايىنغولىن ئوبلاستلىق خەلق ھۆكمەت باش بېتى
باشقا يازمىلار
  • مەركەز مۇھىت ئاسراشنى نازارەت قىلىش گۇرۇپپىسى تۇنجى تۈركۈمدە ئىنكاس قىلىنغان ئەرزىيەت مەسىلىلىرىنى ئاپتونوم رايونغا تاپشۇردى

مەركەز مۇھىت ئاسراشنى نازارەت قىلىش گۇرۇپپىسى تۇنجى تۈركۈمدە ئىنكاس قىلىنغان ئەرزىيەت مەسىلىلىرىنى ئاپتونوم رايونغا تاپشۇردى

ۋاڭ يايۈن خەۋەر قىلىدۇ: مەركەز مۇھىت ئاسراشنى نازارەت قىلىش 8–گۇرۇپپىسى 8–ئاينىڭ 12–كۈنى سائەت 13تە ئامما تېلېفوندا تۇنجى تۈركۈمدە ئىنكاس قىلغان 14 پارچە ئەرزىيەت مەسىلىسىنى ئاپتونوم رايونغا تاپشۇردى.

ئاپتونوم رايونلۇق ئەرزىيەت ئىدارىسىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى شىرزات ساۋۇت ئەرزىيەت مەسىلىلىرىنى تاپشۇرۇۋالغاندىن كېيىن مۇنداق دېدى: بىز بۇ مەسىلىلەرنى مەركەز مۇھىت ئاسراشنى نازارەت قىلىش گۇرۇپپىسىنىڭ تەلىپى بويىچە دەرھال تۈزىتىپ، ئاممىنىڭ ئۈمىدىنى يەردە قويمايمىز. بۇ خىزمەتنىڭ يەنىمۇ قانات يايدۇرۇلۇشىغا ئەگىشىپ، ئاپتونوم رايونغا تاپشۇرۇلىدىغان ھەيدەكچىلىك قىلىپ بېجىرىلىدىغان دېلولار بارغانسېرى كۆپىيىدۇ، بىز چوقۇم بېجىرىش نەتىجىسىنى ۋاقتىدا، قەرەلىدە دوكلات قىلىپ، مەركەز مۇھىت ئاسراشنى نازارەت قىلىش گۇرۇپپىسىنى، ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم، خەلق ھۆكۈمىتىنى، شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت خەلقنى رازى قىلىمىز.

ئىگىلىنىشىچە، مەركەز مۇھىت ئاسراشنى نازارەت قىلىش گۇرۇپپىسى ئاپتونوم رايونغا تاپشۇرغان تۇنجى تۈركۈمدىكى ئەرزىيەت مەسىلىلىرى ئىچىدە ئاپتونوم رايونغا ئالاقىدار مەسىلە 11 (ئۈرۈمچى شەھىرىگە ئالاقىدار مەسىلە سەككىز، ئىلى ئوبلاستىغا ئالاقىدار مەسىلە ئىككى، قاراماي شەھىرىگە ئالاقىدار مەسىلە بىر)، شىنجاڭ ئىشلەپچىقىرىش–قۇرۇلۇش بىڭتۈەنىگە ئالاقىدار مەسىلە ئۈچ تۈرلۈك ئىكەن. بۇلارنىڭ كۆپىنچىسى ئامما ئىنكاس قىلغان ئەتراپتىكى مۇھىت ئاسراشقا ئالاقىدار مەسىلىلەر بولۇپ، ئاساسلىقى چاڭ–توزان، غەيرىي پۇراق ۋە ھاۋا بۇلغىنىشى قاتارلىقلارغا چېتىلىدىكەن؛ بۇنىڭ ئىچىدە ئاتموسفېرا ۋە شاۋقۇن مەسىلىسىگە چېتىلىدىغىنى تۆت، سۇ، چاڭ–توزان ۋە ئەخلەت بۇلغىنىشىغا چېتىلىدىغىنى بىر مەسىلە ئىكەن.


(مەنبە:تەڭرىتاغ تورى)

  • 巴州政府电子政务办公室
    (0996)2689222
  • يانفۇن بېتى
    ئىككىلىك كودنى سىكانىرلاڭ
ئۇستى