بايىنغولىن ئوبلاستلىق خەلق ھۆكمەت باش بېتى
باشقا يازمىلار
  • ئوبلاستىمىزدىكى ئىشقا ئورۇنلىشالمىغان 120 نەپەر ئالىي مەكتەپ ئوقۇغۇچىسى خېبېيغا تەربىيەلىنىشكە ئەۋەتىلدى

ئوبلاستىمىزدىكى ئىشقا ئورۇنلىشالمىغان 120 نەپەر ئالىي مەكتەپ ئوقۇغۇچىسى خېبېيغا تەربىيەلىنىشكە ئەۋەتىلدى

    مۇخبىرىمىز لى كې خەۋەر قىلىدۇ: 9 – ئاينىڭ 13 – كۈنى ئوبلاستىمىزدىكى ئىشقا ئورۇنلىشالمىغان ئالىي مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرىنىڭ خېبېي ئۆلكىسىدە تەربىيەلەش كۇرسىنىڭ ئېچىلىش مۇراسىمى كورلىدا ئۆتكۈزۈلدى. ئىشقا ئورۇنلىشىش ئارزۇسى بار ئادەتتىكى ئالىي مەكتەپنى پۈتكۈزگەن 120 نەپەر ئوقۇغۇچى 9 – ئاينىڭ 14 – كۈنى خېبېي ئۆلكىسىنىڭ شىجياجۇاڭ شەھىرىگە بېرىپ تەربىيەلىنىشكە قاتنىشىدۇ.

    «خېبېي ئۆلكىلىك ئادەم كۈچى بايلىقى ۋە ئىجتىمائىي كاپالەت ئىدارىسى ھەمدە بايىنغولىن ئوبلاستلىق ئادەم كۈچى بايلىقى ۋە ئىجتىمائىي كاپالەت ئىدارىسىنىڭ نىشانلىق ياردەم بېرىش كېلىشىمنامىسى» ۋە ئاپتونوم رايوندىكى ئىشقا ئورۇنلىشىش، ئىگىلىك تىكلەش ئارزۇسى بار ئالىي مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرىنى شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىۋاتقان ئۆلكە، شەھەرلەردە تەربىيەلەشنىڭ پىلان تەلىپىگە ئاساسەن، ئوبلاستلىق ئادەم كۈچى بايلىقى ۋە ئىجتىمائىي كاپالەت ئىدارىسى ئوبلاستىمىزدىن ئىشقا ئورۇنلىشالمىغان 120 نەپەر ئالىي مەكتەپ ئوقۇغۇچىسىنى تاللاپ، ئۆگىنىش – تەكشۈرۈش ئۆمىكى بولۇپ تەشكىللىنىپ، ۋاقتى 10 كۈنلۈك بولغان ئالىي مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرىنىڭ ئىشقا ئورۇنلىشىش، ئىگىلىك تىكلەش جەھەتتىكى ئۆگىنىش ۋە تەكشۈرۈشىنى قانات يايدۇردى.

    دەرسلىك ئورۇنلاشتۇرۇلۇشىغا ئاساسەن، تەربىيەلەش سىياسىي نەزەرىيەدە دەرس ئۆتۈش، دۆلەت ئەھۋالى، دۆلەت سىياسىتىنى چۈشىنىش، ۋەتەنپەرۋەرلىك تەربىيەسى، ئىشقا ئورۇنلىشىش ۋە ئىگىلىك تىكلەشنى ئاساس، شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىشتىكى ئۆلكە، شەھەرلەرنىڭ ئىشقا ئورۇنلىشىش، ئىگىلىك تىكلەش بويىچە تەربىيەلەش بازىسى، سانائەت كەسپى رايونى، ئىنقىلابىي ۋەتەنپەرۋەرلىك بازىسىنى كۆزدىن كەچۈرۈشنى قوشۇمچە قىلغان. تەربىيەلەشتىن كېيىن، ئوقۇغۇچىلار ئوبلاستىمىزدىكى 20 كارخانىدىكى 105 خىزمەت ئورنىغا بىر تۇتاش ئورۇنلاشتۇرۇلىدۇ.

    بۇ يىل شىنجاڭ سىفەن داشۆسىنى پۈتكۈزگەن مەخمۇت تۇرسۇن ۋە ئالدىنقى يىلى شەندۇڭ مالىيە – ئىقتىساد داشۆسىنى پۈتكۈزگەن چېن شياۋ بۇ 120 نەپەر ئوقۇغۇچى ئىچىدىكىلىرى.

    ئەمدىلا ئالىي مەكتەپنى پۈتكۈزگەن مەخمۇت بۇ خەۋەرنى ئاڭلىغاندىن كېيىنلا تىزىملاتتى: مەن ئىزچىل ئۆزۈم ئىگىلىك تىكلەشنى ئويلايتتىم، ئەمما بىر مەھەل نېمە قىلىشىمنى بىلەلمەي قالدىم. بۇ قېتىمقى تەربىيەلەشنىڭ ياردىمىدە، ئىچكىرى ئۆلكىگە بېرىپ بىلىمىمنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، نەزەر دائىرەمنى كېڭەيتەلەيدىغان بولدۇم، ئىچكىرى ئۆلكىدىكى ئاممىنىڭ ئېھتىياجىنى ئىگىلەپ، بۇنى شىنجاڭنىڭ ئالاھىدىلىكى بىلەن بىرلەشتۈرۈپ ئىگىلىك تىكلەيمەن.

    ــ ئوقۇش پۈتكۈزگەن بۇ بىر يىلدا، كەسپىمگە ماس كېلىدىغان خىزمەت تاپالمىدىم. بۇ مەزگىلدە ئىشقا ئورۇنلىشىش ۋە ئىگىلىك تىكلەش ئوتتۇرىسىدا ئىككىلىنىپ قالدىم، ئىلگىرى نېمە قىلىشىنى بىلەلمەي گاڭگىراپ قالغان چېن شياۋ ھازىر دىلى يورۇپ، تەربىيەلەش ئاخىرلاشقاندىن كېيىن، بايىنغولىندىكى ئاساسىي قاتلامغا بېرىپ، ئامما ئۈچۈن خىزمەت قىلماقچى.

    ئوبلاستلىق پارتكوم تەشكىلات بۆلۈمى ئاساسىي قاتلام ئىشخانىسىنىڭ مۇئاۋىن تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلغۇچىسى شيەن جىكەي مۇنداق دېدى: ھازىرغا قەدەر، بايىنغولىن ئوبلاستىدىكى 2018 – يىلى ئوقۇش پۈتكۈزگەن ئالىي مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرى 4262 نەپەر، ئىشقا ئورۇنلىشىپ تىزىملانغىنى 3851 نەپەر بولۇپ، ئىشقا ئورۇنلىشىش نىسبىتى %90.4 بولدى. تېخى ئىشقا ئورۇنلاشمىغان ئالىي مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرى بازار تەلىپىگە ماسلىشىپ، ئۆزى ئىش تېپىش ۋە ئۆز ئالدىغا ئىگىلىك تىكلەش ئارقىلىق، ئىشقا ئورۇنلىشىشنى ئىشقا ئاشۇرىدۇ. شۇ سەۋەبتىن، خېبېيدا تەربىيەلىنىش – ئوبلاستىمىزدىكى ئادەتتىكى ئالىي مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرىنىڭ ئىشقا ئورۇنلىشىش، ئىگىلىك تىكلەشتىكى مۇھىم يوللىرىنىڭ بىرى.  (ئامانگۈل روزى تەرجىمىسى)

(مەنبە:بايىنغولىن گېزىتى)

  • 巴州政府电子政务办公室
    (0996)2689222
  • يانفۇن بېتى
    ئىككىلىك كودنى سىكانىرلاڭ
ئۇستى