بايىنغولىن ئوبلاستلىق خەلق ھۆكمەت باش بېتى
باشقا يازمىلار
  • ئوبلاستلىق يېمەكلىك – دورا بۇيۇملىرىنى نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش ئىدارىسى كارخانىلار بىلەن بىرلىشىپ «باش شۇجىنىڭ كىتابىنى ئوقۇش، باش شۇجى ئوقۇغان كىتابنى ئوقۇش» ئومۇمىي خەلق كىتاب ئوقۇش پائالىيىتىنى قانات يايدۇردى

ئوبلاستلىق يېمەكلىك – دورا بۇيۇملىرىنى نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش ئىدارىسى كارخانىلار بىلەن بىرلىشىپ «باش شۇجىنىڭ كىتابىنى ئوقۇش،  باش شۇجى ئوقۇغان كىتابنى ئوقۇش» ئومۇمىي خەلق كىتاب ئوقۇش پائالىيىتىنى قانات يايدۇردى

    كىتاب ئوقۇش جەريانىدا كىتاب ئوقۇشنىڭ قۇدرىتىنى ھېس قىلىش.

    مۇخبىرىمىز شۆ يۈنشاۋ خەۋەر قىلىدۇ: يېقىنقى كۈنلەردە، كورلا خۇيجيا دەۋر سودا مەبلەغ سېلىش چەكلىك شىركىتىنىڭ بىرىنچى قەۋىتىدىكى يۇمىلاق زالدا كىتاب ئوقۇش  ساداسى ياڭرىدى. دېكلاماتسىيە  قىلىنغان مەزمۇن «لياڭجياخې» دېگەن كىتابنىڭ ئۈزۈندىلىرى بولۇپ، چېن ھېسسىيات ۋە ئاممىباب تىل بىلەن ئورۇندالغان دېكلاماتسىيە كىشىلەرنىڭ دېققىتىنى تارتاتتى.

    شۇ كۈنى، ئوبلاستلىق يېمەكلىك -دورا بۇيۇملىرىنى نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش ئىدارىسى كورلا خۇيجيا دەۋر سودا مەبلەغ سېلىش چەكلىك شىركىتى بىلەن بىرلىكتە «باش شۇجىنىڭ كىتابىنى ئوقۇش، باش شۇجى ئوقۇغان كىتابنى ئوقۇش» ئومۇمىي خەلق كىتاب ئوقۇش پائالىيىتىنى قانات يايدۇردى. مەزكۇر ئىدارىدىكى بارلىق پارتىيەلىك كادىرلار ۋە مەزكۇر شىركەتتىكى پارتىيە ئەزالىرى، بىر قىسىم كارخانا ۋەكىللىرى پائالىيەتكە قاتناشتى.

    كىتاب ئوقۇش پائالىيىتى سودا سارايدىكى خېرىدارلارنى جەلپ قىلدى. ئۇلارنىڭ بەزىلىرى قەدەملىرىنى توختىتىپ زېھىن قويۇپ ئاڭلىسا، بەزىلىرى ئورۇندۇقتا ئولتۇرۇپ ئاڭلىدى. دېكلاماتسىيە قىلىنغان مەزمۇن كىشىلەرنىڭ دىققەت -ئېتىبارىنى قوزغىغان ئىدى.

    نەق مەيداندىكى تاماشىبىن جاڭ شىنئەن مۇنداق دېدى: مەن «لياڭجياخې»دېگەن بۇ كىتابنى ئوقۇغان، پۈتۈن كىتابتا ئاساسلىقى باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ قىيىنچىلىقتىن قورقمايدىغان، جاپاغا چىداپ كۈرەش قىلغان ياشلىق باھارى تەسۋىرلەنگەن بولۇپ، باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ ۋەتەنگە، خەلققە تۆھپە قوشۇشتىكى مۇستەھكەم غايە – ئېتىقادى ۋە دەسلەپكى مەقسىتى شەرھىيلەنگەن.

    ئوبلاستلىق يېمەكلىك – دورا بۇيۇملىرىنى نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش ئىدارىسى پارتگۇرۇپپىسىنىڭ شۇجىسى، مۇئاۋىن ئىدارە باشلىقى خۇ جيۇبىن مۇنداق دېدى: ئوبلاستىمىزدا «باش شۇجىنىڭ كىتابىنى ئوقۇش، باش شۇجى ئوقۇغان كىتابنى ئوقۇش» ئومۇمىي خەلق كىتاب ئوقۇش پائالىيىتى قانات يايدۇرۇلغاندىن بۇيان، ئوبلاستىمىزدىكى ھەر دەرىجىلىك يېمەكلىك – دورا بۇيۇم تارماقلىرى كۆپ خىل شەكىل ئارقىلىق كىتاب ئوقۇش پائالىيىتىنى قانات يايدۇردى ھەمدە پۈتۈن ئوبلاستتىكى يېمەكلىك – دورا بۇيۇملىرىنى ئىشلەپچىقىرىش بىلەن شۇغۇللىنىدىغان كارخانىلارغا ئومۇمىي خەلق كىتاب ئوقۇش تەشەببۇسىنى ئوتتۇرىغا قويۇپ، مەركەزلىك ئۆگىنىش، كىتاب ئوقۇشتىن تەسىرات ئالماشتۇرۇش، كىتاب ئوقۇش خاتىرىسى يېزىش قاتارلىق كۆپ خىل شەكىللەر ئارقىلىق ئومۇمىي خەلق كىتاب ئوقۇش پائالىيىتىنى قانات يايدۇردى.

    كورلا خۇيجيا دەۋر سودا مەبلەغ سېلىش چەكلىك شىركىتى پارتىيە ياچېيكىسىنىڭ شۇجىسى لى جوڭۋېي مۇنداق دېدى: بۇ قېتىم يېمەكلىك – دورا تارماقلىرى بىلەن بىرلىشىپ قانات يايدۇرغان « باش شۇجىنىڭ كىتابىنى ئوقۇش، باش شۇجى ئوقۇغان كىتابنى ئوقۇش» ئومۇمىي خەلق كىتاب ئوقۇش پائالىيىتىنىڭ ئۈنۈمى ناھايىتى ياخشى بولدى، شىركەتتىكى بارلىق خادىملارنىڭ ھەممىسى پائالىيەتكە قاتناشتى. بىز كېيىنكى قەدەمدە كۆپ خىل شەكىلدىكى پائالىيەتلەرنى قانات يايدۇرۇپ، سودا سارايدىكى خادىملارنى پائالىيەتكە قاتنىشىشقا پائال يېتەكلەپ، بارلىق خادىملار كىتاب ئوقۇشقا ھېرىسمەن بولۇشتەك ياخشى كەيپىيات بەرپا قىلىمىز.  (رىزۋانگۈل ئىبراھىم تەرجىمىسى)

(مەنبە:بايىنغولىن گېزىتى)

  • 巴州政府电子政务办公室
    (0996)2689222
  • يانفۇن بېتى
    ئىككىلىك كودنى سىكانىرلاڭ
ئۇستى