بايىنغولىن ئوبلاستلىق خەلق ھۆكمەت باش بېتى
باشقا يازمىلار
  • كورلا شەھىرى يېمەك – ئىچمەك بۇسىدىن بۇلغىنىشنى تۈزەشتە «قايتىدىن قاراپ چىقىش»نى قانات يايدۇردى

 

    مۇخبىرىمىز جى شياۋجېن خەۋەر قىلىدۇ: يېقىندا، كورلا شەھىرىدىكى كۆپ تارماقلار بىرلىكتە مەركەز مۇھىت ئاسراشنى نازارەت قىلىش گۇرۇپپىسى نازارەت قىلىش مەزگىلىدە تاپشۇرغان يەتتە يېمەك – ئىچمەك ئورنىنىڭ شاۋقۇنى كۈچلۈك بولۇش، بۇس قويۇپ بېرىش ئەھۋالى ئېغىر بولۇش قاتارلىق مەسىلىلىرىنى قايتا تەكشۈرۈپ، ھەربىر ئەرزگە جاۋاب قايتۇرۇش، بىرمۇ بىر ئەمەلىيلەشتۈرۈشنى ئورۇندىدى.

    بۇ قېتىمقى بىرلەشمە قايتا تەكشۈرۈش گۇرۇپپىسى كورلا شەھەرلىك يېمەكلىك – دورا نازارەتچىلىكى ئىدارىسىنىڭ ئىنتىزام تەكشۈرۈش ئىشخانىسى باشچىلىقىدا، شەھەرلىك سودا – سانائەت مەمۇرىي باشقۇرۇش ئىدارىسى، سەھىيە ئىدارىسى، مۇھىت ئاسراش ئىدارىسى ۋە تەڭرىتاغ كوچا باشقارمىسى، يولۇچىلار بېكىتى مەھەللىسى قاتارلىق ئورۇنلارنىڭ خىزمەتچىلىرىدىن تەشكىللەنگەن. قايتا تەكشۈرۈش جەريانىدا، شەھەر ئىچىدىكى يەتتە يېمەك – ئىچمەك ئورنىنىڭ بۇس ساپلاشتۇرغۇچ، ماي بىلەن سۇنى ئايرىش ئەسۋابى ئورناتقانلىقى ۋە تۆۋەن سۈرئەت، تۆۋەن ئېنېرگىيەلىك، شاۋقۇنى تۆۋەن شامالدۇرغۇچ سەپلىگەنلىكى بايقالدى.

    بىرلەشمە تەكشۈرۈش گۇرۇپپىسى ھەر قايسى يېمەك – ئىچمەك ئورنىنىڭ تۈزىتىش، ئەمەلىيلەشتۈرۈش ئەھۋالىنى مۇئەييەنلەشتۈردى، شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا ساقلانغان ئىنتايىن ئاز ساندىكى ئاجىز ھالقىلارغا قارىتا تېخىمۇ يۇقىرى ئۆلچەم ۋە تەلەپلەرنى ئوتتۇرىغا قويدى. ئۇلار داۋاملىق نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش سالمىقىنى ئاشۇرۇپ، تۈزىتىش تەلەپلىرىنى ھەقىقىي ئەمەلىيلەشتۈرىدۇ.

خېجىڭ سانائەت رايونى قاتتىق تاشلاندۇقلارنى بىر تەرەپ قىلىش مەيدانىنىڭ مۇھىت باھالاش دوكلاتى تەكشۈرۈشتىن ئۆتتى

مۇخبىرىمىز جى شياۋجېن خەۋەر قىلىدۇ: يېقىندا، خېجىڭ سانائەت رايونى قاتتىق تاشلاندۇقلارنى كۆمۈپ بىر تەرەپ قىلىش مەيدانىنىڭ مۇھىت تەسىرىنى باھالاش دوكلاتى ئاپتونوم رايونلۇق مۇھىت ئاسراش نازارىتى مۇھىت تەسىرىنى باھالاش دوكلاتىنى باھالاش مەركىزىدىكى مۇتەخەسسىسلەر گۇرۇپپىسى ۋە بەش تەرەپ ئورۇننىڭ باھالىشىدىن ئۆتتى.

    مۇتەخەسسىسلەر گۇرۇپپىسى ئايرىم – ئايرىم ھالدا خېجىڭ سانائەت رايونى قاتتىق تاشلاندۇقلارنى كۆمۈپ بىر تەرەپ قىلىش مەيدانىنىڭ جۇغراپىيەلىك ئورنى، قۇرۇلۇش لايىھەسى شۇنىڭدەك مۇھىت تەسىرىنى باھالاش دوكلاتىنىڭ پاكىت ئاساسى ئۆلچىمى، قېلىپلاشتۇرۇش ئەھۋالىغا قارىتا مەسىلىلەرنى ئوتتۇرىغا قويدى ھەمدە قۇرۇلۇش قىلغۇچى ئورۇن، تەتقىقات دوكلاتىنى تۈزگۈچى ئورۇن، ئۈچىنچى تەرەپ مۇھىت باھالاش شىركىتى بىلەن مۇزاكىرە ئېلىپ باردى. مۇھىت باھالاش ئۆلچىمى، يېتەكچىلىك پىرىنسىپى توغرىسىدا ئەستايىدىللىق بىلەن سېلىشتۇرۇش ئېلىپ بارغاندىن كېيىن، مۇتەخەسسىسلەر گۇرۇپپىسى بۇ تۈر خېجىڭ ناھىيەسىنىڭ ئىقتىسادىي تەرەققىياتى ۋە مۇھىت ئاسراشنى ئۇزاق مۇددەت پىلانلاشقا پايدىلىق دەپ قارىدى، بۇ تۈرنىڭ مۇھىت تەسىرىنى باھالاش دوكلاتى مومكىنچىلىككە ۋە ئىشەنچىلىكلىككە ئىگە.

    ئىگىلىنىشىچە، خېجىڭ سانائەت رايونى قاتتىق تاشلاندۇقلارنى كۆمۈپ بىر تەرەپ قىلىش مەيدانىنىڭ تۈر تەتقىقات دوكلاتى 2017 – يىلى 9 – ئايدا تۈزۈلگەن بولۇپ، 2018 – يىلى 6 – ئايدا ئاپتونوم ئوبلاستلىق تەرەققىيات – ئىسلاھات كومىتېتىنىڭ تۈر تۇرغۇزۇش تەستىقىنى قولغا كەلتۈرگەن. بۇ تۈر پۈتسە، شىنشىڭ تۇرۇبىچىلىقى، جىنتې پولات – تۆمۈر قاتارلىق ئىككى پولات زاۋۇتىنىڭ كۆمۈر كۈلى، سۇغىرىش داشقىلى، پولات داشقىلىنى دۆۋىلەيدىغان يەر بولماسلىق مەسىلىسىنى ھەل قىلىپ، بۇ ناھىيەنىڭ ئىكولوگىيەلىك مۇھىتىنى قوغداش خىزمىتىدە ئاكتىپ رولىنى جارى قىلدۇرىدۇ.

    باغراش ناھىيەسى دەريا – كۆللەردىكى «تۆت قالايمىقان»نى تۈزەش خىزمىتىنى مەركەزلىك قانات يايدۇردى.

    مۇخبىرىمىز جى شياۋجېن، ئىختىيارىي مۇخبىرىمىز جاڭ جىندوۋ خەۋەر قىلىدۇ: يېقىندا، باغراش ناھىيەسىنىڭ دەريا (كۆل) باشلىقى تۈزۈمى ئىشخانىسى ۋە تارىم دەرياسى ۋادىسى بايىنغولىن باشقۇرۇش ئىدارىسى باغراش كۆلى ئەتراپىدىكى قانۇنسىز سۇ ئېلىش نۇقتىسىنى تەكشۈرۈپ بىر تەرەپ قىلدى.

    تەكشۈرۈپ بىر تەرەپ قىلىش جەريانىدا، قانۇن ئىجرا قىلغۇچى خادىملار قانۇنغا خىلاپلىق قىلغان ئالاقىدارلارغا قارىتا قانۇن – نىزام تەشۋىقات تەربىيەسى ئېلىپ باردى. تەشۋىقات ئارقىلىق، قانۇنغا خىلاپلىق قىلغۇچى قانۇنغا خىلاپلىق قىلغانلىقىنى تەشەببۇسكارلىق بىلەن ئېتىراپ قىلدى ھەمدە جازانى قوبۇل قىلدى، خىزمەتچى خادىملارغا ماسلىشىپ، قانۇنسىز سۇ ئېلىش ئېغىزىنى تىندۇرۇپ بىر تەرەپ قىلدى.

    باغراش ناھىيەلىك سۇچىلىق ئىدارىسىنىڭ باشلىقى پاڭ يۇڭ مۇنداق دېدى: باغراش ناھىيەلىك دەريا (كۆل) باشلىقى تۈزۈمى ئىشخانىسى بۇنىڭدىن كېيىن تەكشۈرۈش سالمىقىنى يەنىمۇ زورايتىپ، دەريا – كۆللەردىكى «تۆت قالايمىقان» (قالايمىقان ئىگىلىۋېلىش، قالايمىقان ئېچىش، قالايمىقان دۆۋىلەپ قويۇش، قالايمىقان قۇرۇلۇش قىلىش) مەسىلىسىنى ئومۇميۈزلۈك ئېنىقلاپ، قانۇنغا خىلاپ قىلمىشتىن بىرنى بايقىسا بىرنى بىر تەرەپ قىلىپ، سۇ ئېكولوگىيەسىنى قوغداش خىزمىتىنى پۈتۈن كۈچ بىلەن داۋاملىق چىڭ تۇتۇپ، باغراش ناھىيەسىنىڭ پۈتۈن رايون ساياھىتىدە ئۈلگە كۆرسىتىش رايونى قۇرۇلۇشىغا ياردەم بېرىدۇ. شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا سۇ توغرىسىدىكى قائىدە – نىزاملارنى تەشۋىق قىلىش سالمىقىنى ئاشۇرۇپ، كەڭ ئاممىنى سۇ مۇھىتىنى قوغداشقا پائال قاتنىشىشقا سەپەرۋەر قىلىدۇ.      ( ئاينۇر قادىر تەرجىمىسى)

(مەنبە:بايىنغولىن گېزىتى)

  • 巴州政府电子政务办公室
    (0996)2689222
  • يانفۇن بېتى
    ئىككىلىك كودنى سىكانىرلاڭ
ئۇستى