بايىنغولىن ئوبلاستلىق خەلق ھۆكمەت باش بېتى
باشقا يازمىلار
  • ئوبلاستىمىزنىڭ مائارىپ سىستېمىسىدا باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مەملىكەتلىك مائارىپ يىغىنىدا قىلغان مۇھىم سۆزىنىڭ روھىنى ئۆگىنىش ۋە ئىزچىللاشتۇرۇش دولقۇنى قوزغالدى

ئوبلاستىمىزنىڭ مائارىپ سىستېمىسىدا باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مەملىكەتلىك مائارىپ يىغىنىدا قىلغان مۇھىم سۆزىنىڭ روھىنى ئۆگىنىش ۋە ئىزچىللاشتۇرۇش دولقۇنى قوزغالدى

    ئوقۇغۇچىلارنى ئەخلاقىي، ئەقلىي، جىسمانىي، گۈزەللىك، ئەمگەك جەھەتلەردە ئەتراپلىق يېتىلدۈرۈش كېرەك

مۇخبىرىمىز يۈەن خەيجۈن خەۋەر قىلىدۇ: باش شۇجى شى جىنپىڭ مەملىكەتلىك مائارىپ يىغىنىدا «سوتسىيالىزمنىڭ ئەخلاقىي، ئەقلىي، جىسمانىي، گۈزەللىك، ئەمگەك جەھەتلەردە ئەتراپلىق يېتىلگەن  قۇرغۇچىلىرى ۋە ئىز باسارلىرىنى يېتىلدۈرۈش كېرەك. مائارىپنى زامانىۋىلاشتۇرۇش، مائارىپ كۈچلۈك دۆلىتى قۇرۇش، خەلق رازى بولىدىغان مائارىپ بەرپا قىلىشنى تېز ئالغا سىلجىتىش كېرەك» دەپ تەكىتلىدى. بىر قانچە كۈندىن بۇيان، ئوبلاستىمىزنىڭ مائارىپ سىستېمىسىدا باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مەملىكەتلىك مائارىپ يىغىنىدا قىلغان مۇھىم سۆزىنىڭ روھىنى ئۆگىنىش ۋە ئىزچىللاشتۇرۇش دولقۇنى قوزغالدى. كۆپچىلىك خىزمەت ئەمەلىيىتىگە بىرلەشتۈرۈپ، سوتسىيالىزمنىڭ ئەخلاقىي، ئەقلىي، جىسمانىي، گۈزەللىك، ئەمگەك جەھەتلەردە ئەتراپلىق يېتىلگەن قۇرغۇچىلىرى ۋە ئىز باسارلىرىنى تىرىشىپ يېتىلدۈرىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

    بايىنغولىن كەسىپ – تېخنىكا شۆيەنى سودا – ئىقتىساد باشقۇرۇش ئىنىستىتۇتىنىڭ ئوقۇتقۇچىسى ۋاڭ چۈنلى مۇنداق دېدى: سوتسىيالىزمنىڭ ئەخلاقىي، ئەقلىي، جىسمانىي، گۈزەللىك، ئەمگەك جەھەتلەردە ئەتراپلىق يېتىلگەن قۇرغۇچىلىرى ۋە ئىز باسارلىرىنى يېتىلدۈرۈش، مېنىڭ تىرىشىش نىشانىم. ئالىي مەكتەپ ئوقۇتقۇچىسى بولۇش سۈپىتىم بىلەن، يېڭى دەۋرگە ماسلىشىش، يېڭى نىشاننى ئەمەلگە ئاشۇرۇش، يېڭى ئورۇنلاشتۇرمىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈش ئىقتىدارىمنى ئومۇميۈزلۈك يۇقىرى كۆتۈرۈپ، پارتىيەنىڭ مائارىپ فاڭجېنىنى ئومۇميۈزلۈك ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئوقۇغۇچىلارنى ياخشى تەربىيەلەيمەن.

    ئوبلاستلىق 3 – ئوتتۇرا مەكتەپ ئەخلاق تەربىيەسى باشقارمىسىنىڭ مۇدىرى مېڭ چىڭيۈ مۇنداق دېدى: ئەخلاق تەربىيەسىنى كۈچەيتىشتە ئەخلاق جەھەتتىن تەربىيەلەشنى كۈچەيتىشكە كۈچ سەرپ قىلىپ، ئوقۇغۇچىلارنى سوتسىيالىستىك يادرولۇق قىممەت قارىشىنى ئەمەلىيەتتە كۆرسىتىپ، مېھىر – مۇھەببەتلىك، ئەخلاقلىق ئادەم بولۇشقا يېتەكلەش كېرەك. ئەخلاق تەربىيەسى خىزمىتىدە «ئەخلاق ئارقىلىق ئادەم تەربىيەلەش» تە چىڭ تۇرۇپ، ئوقۇغۇچىلارنى ئىدىيەۋى ئەخلاق – پەزىلەت جەھەتتىن تەربىيەلەشنى كۈچەيتىش كېرەك.

    چاقىلىق ناھىيەلىك ئوتتۇرا مەكتەپ ئوقۇتقۇچىسى گۇ تىۋېي مۇنداق دېدى: ئەقلىي تەربىيەنى كۈچەيتىشتە بىلىم ئاشۇرۇشقا كۈچ سەرپ قىلىش كېرەك. ئوقۇغۇچىلارنى ئۆگىنىش ۋاقتىنى قەدىرلەپ، قېتىرقىنىپ بىلىم ئۆگىنىپ، ھەقىقەت ئىزدەش، قائىدىنى چۈشىنىش، ئىش ئۇقۇش نىشانىنى بويلاپ ئالغا ئىلگىرىلەشكە يېتەكلەش كېرەك. تۈرلۈك ئوقۇتۇش خىزمىتىنى پۈتۈن كۈچ بىلەن چىڭ تۇتۇپ، مائارىپ خىزمىتىدە يېڭى ۋەزىيەت يارىتىش كېرەك.

كورلا شەھەرلىك 8 – باشلانغۇچ مەكتەپ تەنتەربىيە گۇرۇپپىسىنىڭ باشلىقى خۇ ۋېيچى مۇنداق دېدى: تەنتەربىيەنى كۈچەيتىشتە ساغلاملىق بىرىنچى دېگەن مائارىپ ئېڭىنى تۇرغۇزۇپ، تەنتەربىيە دەرىسىنى تولۇق ئېچىپ، ئوقۇغۇچىلارنى بەدەن چېنىقتۇرۇش داۋامىدا خۇشاللىق ئىزدەپ، بەدەن ساپاسىنى كۈچەيتىپ، ئىرادىسىنى تاۋلاشقا ياردەم بېرىش كېرەك. تىرىشچانلىقىمىز ئارقىلىق بارلىق ئوقۇغۇچىلارنىڭ ساغلام بەدەنگە ئىگە بولۇشىنى ئۈمىد قىلىمەن.

    خېجىڭ ناھىيەلىك 5 – باشلانغۇچ مەكتەپ ئوقۇتقۇچىسى فۇ چيۇڭشياڭ مۇنداق دېدى: مەكتەپنىڭ گۈزەللىك تەربىيەسىنى ئومۇميۈزلۈك كۈچەيتىپ ۋە ياخشىلاپ، گۈزەللىك ئارقىلىق ئادەم تەربىيەلەشتە چىڭ تۇرۇپ، ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئىستېتىك ۋە ئادىمىيلىك ساپاسىنى ئۆستۈرۈش كېرەك. يېزا مەكتەپلىرىمىزدە مۇزىكا ئوقۇتقۇچىسى، گۈزەل سەنئەت ئوقۇتقۇچىسى، ئۇسسۇل ئوقۇتقۇچىسى قاتارلىقلار بار بولۇپ، ئۇلار گۈزەللىك تەربىيەسىنىڭ ئالاھىدىلىكى ۋە ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئۆسۈپ يېتىلىش قانۇنىيىتىگە ئەمەل قىلىپ ئادەم تەربىيەلەيدۇ.

    كورلا شەھىرى توبرىچى يېزىلىق مەركىزىي مەكتەپنىڭ پېئونېرلار يېتەكچىسى روشەنگۈل مۇنداق دېدى: ئەمگەك تەربىيەسىنى كۈچەيتىشتە بىز ئوقۇغۇچىلار ئارىسىدا ئەمگەك روھىنى ئەۋج ئالدۇرۇپ، ئوقۇغۇچىلارنى ئەمگەكنى قەدىرلەشكە، ئەمگەكنى ھۆرمەتلەشكە، ئەمگەك قىلىشنىڭ ئەڭ شەرەپلىك، ئەڭ قەدىرلىك، ئەڭ ئۇلۇغ، ئەڭ گۈزەل ئىكەنلىكىنى چۈشىنىشكە يېتەكلىشىمىز كېرەك.    (مۇنىرە بەكرى تەرجىمىسى)

(مەنبە:بايىنغولىن گېزىتى)

  • 巴州政府电子政务办公室
    (0996)2689222
  • يانفۇن بېتى
    ئىككىلىك كودنى سىكانىرلاڭ
ئۇستى