بايىنغولىن ئوبلاستلىق خەلق ھۆكمەت باش بېتى
باشقا يازمىلار
  • ئوبلاستلىق تەشكىلات خىزمىتى ۋە پارتىيە قۇرۇلۇشى رەھبەرلىك گۇرۇپپىسىنىڭ 2 – قېتىملىق يىغىنىنىڭ روھىنى چۈشەندۈرۈش (7)

ئوبلاستلىق تەشكىلات خىزمىتى ۋە پارتىيە قۇرۇلۇشى رەھبەرلىك گۇرۇپپىسىنىڭ 2 – قېتىملىق يىغىنىنىڭ روھىنى چۈشەندۈرۈش

پارتىيەنى ئومۇميۈزلۈك قاتتىق ئىدارە قىلىش مەسئۇلىيىتىنى كۈچەيتىش كېرەك(7)

    پارتىيەنى ئومۇميۈزلۈك قاتتىق ئىدارە قىلىشنىڭ يادروسى پارتىيە رەھبەرلىكىنى كۈچەيتىش. ئوبلاستلىق پارتكومنىڭ شۇجىسى لى گاڭ ئاپتونوم ئوبلاستلىق تەشكىلات خىزمىتى ۋە پارتىيە قۇرۇلۇشى رەھبەرلىك گۇرۇپپىسىنىڭ 2 ـ قېتىملىق يىغىنىدا مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: «يېڭى دەۋردىكى پارتىيەنىڭ تەشكىلىي لۇشيەنىنىڭ ئەمەلىيلىشىشىنى ئىلگىرى سۈرۈشتە، رەھبەرلىكنى كۈچەيتىش ئاچقۇچ. ھەر دەرىجىلىك پارتىيە تەشكىلاتلىرى تەشەببۇسكارلىق بىلەن مەسئۇلىيەتنى ئۈستىگە ئېلىپ، يېڭى دەۋردىكى پارتىيەنىڭ تەشكىلىي لۇشيەنىنى پارتىيە قۇرۇلۇشى ۋە تەشكىلات خىزمىتىنىڭ پۈتكۈل جەريانىغا سىڭدۈرۈپ، مۇقىملىق، تەرەققىياتنىڭ تۈرلۈك ئىشلىرى ئۈچۈن كۈچلۈك تەشكىلىي كاپالەت بىلەن تەمىنلەش كېرەك.

    ئوبلاستىمىزدىكى ھەر دەرىجىلىك پارتىيە تەشكىلاتلىرى لى گاڭ شۇجىنىڭ بۇ يوليورۇق، تەلەپلىرىنى چوڭقۇر ئۆزلەشتۈرۈپ ۋە ئىگىلەپ، «پارتىيە قۇرۇلۇشىنى ياخشى تۇتۇش ئەڭ چوڭ سىياسىي نەتىجە» دەيدىغان ئىدىيەنى مۇستەھكەم تۇرغۇزۇپ، ئاساسىي مەسئۇلىيەتنى ئۈستىگە ئېلىپ، ئاساسىي كەسىپنى چىڭ تۇتۇپ، باش رولنى ياخشى ئېلىش كېرەك. خىزمەت مېخانىزمىدا يېڭىلىق يارىتىپ، خىزمەت ئىستىلىنى ياخشىلاپ، پارتىيە قۇرۇلۇشى خىزمىتى مەسئۇلىيىتىنى شۇجىغىچە يۈكلەپ، ياچېيكىغىچە بۆلۈپ، شەخسكىچە ئىنچىكىلەشتۈرۈپ، ئىش ئورنىغىچە مىقدارلاشتۇرۇپ، پارتىيە قۇرۇلۇشى خىزمىتى بىلەن مەركىزىي خىزمەتلەرنى چوڭقۇر بىرلەشتۈرۈشنى ئىلگىرى سۈرۈش كېرەك. پارتىيە تەشكىلاتى شۇجىلىرى پارتىيەنى باشقۇرۇش ۋە پارتىيەنى ئىدارە قىلىشتىكى 1 – مەسئۇل كىشى بولۇش سۈپىتى بىلەن، «پارتىيە قۇرۇلۇشىنى چىڭ تۇتۇش ۋەزىپىسىنى ئادا قىلغانلىق، پارتىيە قۇرۇلۇشىنى چىڭ تۇتماسلىق ۋەزىپىسىنى ئادا قىلمىغانلىق، پارتىيە قۇرۇلۇشىنى چىڭ تۇتالمىغانلىق، خىزمەتنىڭ ھۆددىسىدىن چىقالمىغانلىق» دېگەن قاراشنى تۇرغۇزۇپ، قەتئىي مەسئۇلىيەتچان بولۇش، مەسئۇلىيەت ئالدىدا جاۋابكار بولۇش، مەسئۇلىيەتنى ئادا قىلىشنى قەتئىي ئورۇنداش كېرەك. پارتىيە قۇرۇلۇشى ۋە تەشكىلات خىزمىتىنى داۋاملىق تەتقىق قىلىپ، ئورۇنلاشتۇرۇپ، قىيىن نۇقتا، نۇقتىلىق مەسىلىلەرنى ئۆزى ماسلاشتۇرۇپ ھەل قىلىپ، قاتلاممۇ ـ قاتلام بېسىم ھاسىل قىلىپ، تىرىشىپ پارتىيە قۇرۇلۇشى خىزمىتىنى پۇختا، ئىنچىكە، دەل جايىدا تۇتۇش كېرەك. ھەر دەرىجىلىك پارتىيە قۇرۇلۇشى خىزمىتىگە رەھبەرلىك قىلىش گۇرۇپپىلىرى پارتىيە قۇرۇلۇشى خىزمىتىنى ئىلگىرى سۈرۈشنى قاتتىق ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، فۇنكسىيەلىك رولىنى تولۇق جارى قىلدۇرۇپ، پارتىيە قۇرۇلۇشى ۋە تەشكىلات خىزمىتىنى كۈچەيتىپ، ئومۇمىي جەھەتتىن پىلانلاپ، باش بولۇپ ئومۇمىي جەھەتتىن تۇتۇپ، پارتىيە قۇرۇلۇشى خىزمىتى ئەھۋالىنى باھالاش، جاۋابكارلىقنى سۈرۈشتۈرۈش قاتارلىق خىزمەت مېخانىزمىنى ساغلاملاشتۇرۇپ ۋە مۇكەممەللەشتۈرۈپ، سۇبيېكتلىق مەسئۇلىيىتىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈش ئەھۋالىنى نازارەت قىلىش ـ تەكشۈرۈشنى سىجىل قانات يايدۇرۇپ، پارتىيە قۇرۇلۇشى خىزمىتىنى ئىنچىكە، ياخشى ئىشلەشنى ئىلگىرى سۈرۈش كېرەك.

(بايىنغولىن ئوبلاستلىق پارتكوم تەشكىلات بۆلۈمى پېشقەدەم كادىرلار ئىدارىسى پارتىيە ياچېيكىسى)     (ئاينۇر قادىر تەرجىمىسى)

(مەنبە:بايىنغولىن گېزىتى)

  • 巴州政府电子政务办公室
    (0996)2689222
  • يانفۇن بېتى
    ئىككىلىك كودنى سىكانىرلاڭ
ئۇستى