بايىنغولىن ئوبلاستلىق خەلق ھۆكمەت باش بېتى
باشقا يازمىلار
  • ئوبلاستلىق سىياسىي كېڭەشنىڭ لوپنۇر ناھىيەسى نۇرلۇق مەھەللىسىدە تۇرۇشلۇق خىزمەت ئەترىتى مەھەللە ۋە كەنتتىكى كادىرلارنى كورلا شەھىرىگە بېرىپ تەكشۈرۈش ۋە ئۆگىنىشكە تەشكىللىدى

ئوبلاستلىق سىياسىي كېڭەشنىڭ لوپنۇر ناھىيەسى نۇرلۇق مەھەللىسىدە تۇرۇشلۇق خىزمەت ئەترىتى مەھەللە ۋە كەنتتىكى كادىرلارنى كورلا شەھىرىگە بېرىپ تەكشۈرۈش ۋە ئۆگىنىشكە تەشكىللىدى

    خىزمەت ئەترىتى ئاساسىي قاتلام كادىرلىرىنى كورلىغا بېرىپ «ئېنېرگىيە تولۇقلاش»قا يېتەكلىدى.

    ئىختىيارىي مۇخبىرىمىز جياڭ كەي خەۋەر قىلىدۇ: 9 – ئاينىڭ 8 – كۈنى، ئوبلاستلىق سىياسىي كېڭەش ئورگىنى رەھبەرلىرىنىڭ كۆڭۈل بۆلۈپ قوللىشى بىلەن، ئوبلاستلىق سىياسىي كېڭەشنىڭ لوپنۇر ناھىيەسى لوپنۇر بازىرىنىڭ نۇرلۇق مەھەللىسىدە تۇرۇشلۇق خىزمەت ئەترىتى نۇرلۇق مەھەللىسى، دۆڭ مەھەللە كەنتى، نۇرباغ كەنتىدىكى پارتىيەلىك كادىرلار ۋە ئۇلارنىڭ ھەمراھلىرىدىن بولۇپ 21 كىشىدىن تەشكىللەنگەن تەكشۈرۈش گۇرۇپپىسى ئۇلارنى كورلا شەھىرىدە تەكشۈرۈش ۋە ئۆگىنىشكە ئۇيۇشتۇرۇپ، مەھەللە خىزمىتىنىڭ يەنىمۇ يېڭى پەللىگە كۆتۈرۈلۈشىنى ئىلگىرى سۈردى.

    تەكشۈرۈش گۇرۇپپىسى ۋە ئۇنىڭ ھەمراھلىرى نۇرلۇق مەھەللىسىنىڭ 1 – شۇجىسى، خىزمەت ئەترىتىنىڭ باشلىقى شىڭ گوفۇنىڭ يېتەكچىلىكىدە، يېڭى شەھەر كوچا باشقارمىسى نەنخۇ مەھەللىسىنىڭ پارتىيە قۇرۇلۇشى، يۇلتۇز دەرىجىلىك بەرپا قىلىش، «بىر يىغىن تۈزۈمى»، «يىغىن چاقىرغۇچى تۈزۈمى» شۇنداقلا نېرۋا كېسىلىگە گىرىپتار بولغۇچىلار، زەھەر چەككۈچىلەرنى باشقۇرۇش -كونترول قىلىش تۈزۈمى قاتارلىق جەھەتلەردىكى تەجرىبە – ئۇسۇللىرىنى تەپسىلىي ئىگىلىدى. ئارقىدىنلا، سۆھبەت يىغىنى ئېچىپ، كۆپچىلىك ئايرىم -ئايرىم ھالدا مەھەللىنىڭ نۆۋەتتىكى نۇقتىلىق خىزمىتىنى پىكىر ئالماشتۇرۇپ ئۆگىنىپ، ئاكتىپلىق بىلەن سوئال سوراپ پىكىر بايان قىلدى. مەھەللە پارتىيە ياچېيكىسىنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى ھېلىمەم ھاياجانلانغان ھالدا مۇنداق دېدى: نەنخۇ مەھەللىسىنى تەكشۈرۈپ ۋە ئۆگىنىپ، ئىدىيەسىنى ئازاد قىلىپ، نەزەر دائىرىسىنى كېڭەيتىپ، نۇرغۇن نەپ ئالدۇق.

    خىزمەت ئەترىتىنىڭ ئەزالىرى ۋە نۇرلۇق مەھەللىسى، دۆڭمەھەللە كەنتى، نۇرباغ مەھەللىسىدىكى كادىرلار بىردەك مۇنۇلارنى بىلدۈردى: بۇ قېتىمقى تەكشۈرۈش، ئۆگىنىش، پىكىر ئالماشتۇرۇش ئارقىلىق، مەھەللىنىڭ مۇقىم تەرەققىياتى، ئاممىغا خىزمەت قىلىش قاتارلىق خىزمەتلەردە زور ئىلھامغا ئىگە بولدۇق، نەنخۇ مەھەللىسىنىڭ ئىلغار تەجرىبىلىرى ۋە ئۇسۇللىرىنى ئۆگىنىپ، ئاساسىي قاتلامنىڭ مۇقىملىق تەرەققىياتىدىكى خىزمەت پىكىر يولىنى ئەستايىدىل پىلانلاپ، ئۆز خىزمىتىمىزنى ياخشى قىلىپ، ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىك باش نىشانىنى ئىشقا ئاشۇرۇش ئۈچۈن تۆھپە قوشىمىز.

    خىزمەت ئەترىتى يەنە كادىرلارنى كورلا پىلانلاش سارىيى، مىللىي ئۆرپ -ئادەت سارىيىنى ئېكىسكۇرسىيە قىلىشقا، پىيادە تاغقا چىقىش پائالىيىتىگە تەشكىللىدى.    (ئامانگۈل روزى تەرجىمىسى)

(مەنبە:بايىنغولىن گېزىتى)

  • 巴州政府电子政务办公室
    (0996)2689222
  • يانفۇن بېتى
    ئىككىلىك كودنى سىكانىرلاڭ
ئۇستى