بايىنغولىن ئوبلاستلىق خەلق ھۆكمەت باش بېتى
باشقا يازمىلار
  • ئوبلاستىمىزدا مەركەز مۇھىت ئاسراشنى نازارەت قىلىش قايتما ئىنكاس پىكرى بويىچە تۈزىتىش خىزمىتىگە قارىتا يۈز تۇرانە ھەيدەكچىلىك قىلىش يىغىنى ئېچىلدى

ئوبلاستىمىزدا مەركەز مۇھىت ئاسراشنى نازارەت قىلىش قايتما ئىنكاس پىكرى بويىچە تۈزىتىش خىزمىتىگە قارىتا يۈز تۇرانە ھەيدەكچىلىك قىلىش يىغىنى  ئېچىلدى

    قايتما ئىنكاس پىكرىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، تۈزەش ۋەزىپىسىنى قەرەلىدە تاماملاش كېرەك.

    مۇخبىرىمىز جى شياۋجېن خەۋەر قىلىدۇ: 9 – ئاينىڭ 10 – كۈنى ئوبلاستلىق مەركەز مۇھىت ئاسراشنى نازارەت قىلىش قايتما ئىنكاس پىكرىنى تۈزىتىش خىزمىتىگە رەھبەرلىك قىلىش گۇرۇپپىسىنىڭ تۈزەشكە يېتەكچىلىك قىلىش 4 – گۇرۇپپىسى ئوبلاستلىق ئالتۇنتاغ دۆلەت دەرىجىلىك تەبىئىيلىكى قوغدىلىدىغان رايوننى باشقۇرۇش ئىدارىسىدا مەركەز مۇھىت ئاسراشنى نازارەت قىلىش قايتما ئىنكاس پىكرى بويىچە تۈزىتىش خىزمىتىگە قارىتا يۈز تۇرانە ھەيدەكچىلىك قىلىش يىغىنى ئېچىپ، بۇ ئىدارىنىڭ مەركەز مۇھىت ئاسراشنى نازارەت قىلىش قايتما ئىنكاس پىكرىنى تۈزەش خىزمىتىدە ساقلانغان ئاساسلىق مەسىلىلەر ۋە 9 – ئاينىڭ ئاخىرىدىن بۇرۇن تاماملاشقا تېگىشلىك خىزمەت ۋەزىپىسىگە قارىتا قايتا ئورۇنلاشتۇرما، قايتا ئەمەلىيلەشتۈرۈش قىلدى.

    ئىگىلىنىشىچە، ئوبلاستلىق مەركەز مۇھىت ئاسراشنى نازارەت قىلىش قايتما ئىنكاس پىكرىنى تۈزىتىش خىزمىتىگە رەھبەرلىك قىلىش گۇرۇپپىسى 9 – ئاينىڭ 7 – كۈنىدىن باشلاپ، ئوبلاستىمىزدىكى ھەر قايسى ناھىيە، ئوبلاستىمىزدىكى مۇناسىۋەتلىك تارماقلاردا ئارقا – ئارقىدىن مەركەز مۇھىت ئاسراشنى نازارەت قىلىش قايتما ئىنكاس پىكرى بويىچە تۈزىتىش خىزمىتىگە قارىتا يۈز تۇرانە ھەيدەكچىلىك قىلىش يىغىنى ئېچىپ، ھەر قايسى ناھىيە، ئالاقىدار ئورۇنلارنىڭ نۆۋەتتىكى تۈزىتىش خىزمىتىدە ساقلانغان ئاساسلىق مەسىلىلىرى ۋە 9 – ئاينىڭ ئاخىرىدىن بۇرۇن تاماملاشقا تېگىشلىك خىزمەت ۋەزىپىسىگە قارىتا يۈز تۇرانە ھەيدەكچىلىك قىلدى. بۇ ئوبلاستىمىزدا قانات يايدۇرۇلغان تۈزەش ۋەزىپىسىنىڭ ھالقىلىق مەزگىلىدىكى يەنە بىر قېتىملىق مۇھىم تەدبىرى. يۈز تۇرانە ھەيدەكچىلىك قىلىش يىغىنىدا ھەر قايسى ناھىيە، ئاپتونوم ئوبلاستىمىزدىكى مۇناسىۋەتلىك تارماقلارنىڭ مەركەز مۇھىت ئاسراشنى نازارەت قىلىش قايتما ئىنكاس پىكرى بويىچە تۈزىتىش خىزمىتىنىڭ ئىلگىرىلەش ئەھۋالى توغرىسىدىكى قايتما ئىنكاس پىكرىنى ئومۇمىي ئۇقتۇرۇش قىلدى، ئالدىنقى بىر نەچچە ئايدا تۈزىتىش خىزمىتىدە ساقلانغان مەسىلىلەر ۋە قايتىدىن تۈزىتىشكە تېگىشلىك خىزمەت ۋەزىپىسىنى تاپشۇردى، ھەمدە قايتما ئىنكاس بېرىش ۋە ھەيدەكچىلىك ئالاقىسىغا ئىمزا قويۇش مۇراسىمى ئۆتكۈزدى.

    ئوبلاستلىق مەركەز مۇھىت ئاسراشنى نازارەت قىلىش قايتما ئىنكاس پىكرىنى تۈزىتىش خىزمىتىگە رەھبەرلىك قىلىش گۇرۇپپىسى مەركەز مۇھىت ئاسراشنى نازارەت قىلىش قايتما ئىنكاس پىكرى بويىچە تۈزىتىش خىزمىتىنى ئەستايىدىل ياخشى ئىشلەشكە قارىتا ئېنىق تەلەپلەرنى ئوتتۇرىغا قويدى: ھەر قايسى ناھىيە، ئالاقىدار تارماقلار سىياسىي ئورنىنى ئۆستۈرۈپ، سىياسىي مەسئۇلىيەتنى دادىل زىممىسىگە ئېلىشنى كۈچەيتىپ، مەركەز مۇھىت ئاسراشنى نازارەت قىلىش ـ تۈزىتىش خىزمىتىنىڭ زور سىياسىي ئەھمىيىتىنى تولۇق تونۇپ، ياخشى ئىشلىشى كېرەك. تۈزىتىش خىزمىتىگە «بىرىنچى قول رەھبەر» قۇرۇلۇشىنى كىرگۈزۈپ، «پارتىيە، ھۆكۈمەت تەڭ مەسئۇل بولۇش»، «بىر ئىش ئورنىدا قوش مەسئۇلىيەت بولۇش»نى قاتتىق ئەمەلىيلەشتۈرۈشى كېرەك. تۈزىتىش ۋەزىپىسىنى چوقۇم ئۆز قەرەلىدە تاماملاپ، ئاساسلىق تۈزىتىش خىزمىتى ۋەزىپىسى تۈزەشنى كۈچەيتىپ، «ساختا تۈزىتىش»، «يۈزەكى تۈزىتىش»، «قولىنىڭ ئۇچىدىلا تۈزىتىش»نىڭ قەتئىي ئالدىنى ئېلىپ، مەسئۇلىيەتنى كۈچەيتىشى كېرەك. ئۇزاق ئۈنۈملۈك باشقۇرۇش مېخانىزمىنى بەرپا قىلىپ ۋە مۇكەممەللەشتۈرۈپ، ئېكولوگىيە مەدەنىيلىكى قۇرۇلۇشى ۋە مەركەز مۇھىت ئاسراشنى نازارەت قىلىش قايتما ئىنكاس پىكرىنى تۈزەشنى بىر تۇتاش پىلانلاپ ماسلاشتۇرۇشنى ئىشقا ئاشۇرۇپ ۋە كېڭىشىپ ئورتاق ئىدارە قىلىپ، ئومۇميۈزلۈك قاپلاشقا، يۇچۇق قويماسلىق، چالا قويماسلىققا كاپالەتلىك قىلىپ، ئوبلاستىمىزنىڭ ئېكولوگىيەلىك مۇھىتىنى قوغداش خىزمىتىنى يېڭى پەللىگە كۆتۈرۈشى كېرەك.     (ئاينۇر قادىر تەرجىمىسى)

(مەنبە:بايىنغولىن گېزىتى)

  • 巴州政府电子政务办公室
    (0996)2689222
  • يانفۇن بېتى
    ئىككىلىك كودنى سىكانىرلاڭ
ئۇستى