بايىنغولىن ئوبلاستلىق خەلق ھۆكمەت باش بېتى
باشقا يازمىلار
  • كورلا شەھىرى رايونىدا ھاۋا مۇداپىئەسى بويىچە تۇيۇقسىز ھۇجۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش – تىزگىنلەش سىگنالى قويۇپ بېرىش توغرىسىدىكى ئۇقتۇرۇش

كورلا شەھىرى رايونىدا ھاۋا مۇداپىئەسى بويىچە تۇيۇقسىز ھۇجۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش – تىزگىنلەش سىگنالى قويۇپ بېرىش توغرىسىدىكى ئۇقتۇرۇش

    «شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايوننىڭ ‹جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى خەلق  ھاۋا مۇداپىئەسى قانۇنى›نى يولغا قويۇش چارىسى» دىكى مۇناسىۋەتلىك بەلگىلىمىگە ئاساسەن، «شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايوننىڭ خەلق ھاۋا مۇداپىئەسى بويىچە تۇيۇقسىز ھۇجۇمنـىڭ ئالدىنى ئېلىش – تىزگىنلەش سىگنالى قويۇپ بېرىش ۋاقتىلىق بەلگىلىمىسى» (شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى تارقاتقان [2005] 38 – نومۇرلۇق) ھۆججىتىنىڭ تەلىپىگە ئاساسەن، خەلق ھاۋا مۇداپىئەسى خەۋەرلىشىش – سىگنال بېرىش قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىش، سىگنال بېرىش تۈزۈمىنى قانۇن بويىچە ئەمەلىيلەشتۈرۈش، كورلا شەھەر رايونىنىڭ ھاۋا مۇداپىئەسى بويىچە تۇيۇقسىز ھۇجۇمىنىڭ ئالدىنى ئېلىش – تىزگىنلەش ئەسلىھەلىرىنى باشقۇرۇش ئەھۋالىنى تەكشۈرۈش، ئالدىن سىگنال بېرىش ئىقتىدارىنى ئۆستۈرۈش، ھەر مىللەت كادىر، ئاممىسىنىڭ دۆلەت مۇداپىئە قارىشى ۋە خەلق ھاۋا مۇداپىئە ئېڭىنى يەنىمۇ كۈچەيتىش ئۈچۈن، ئوبلاستلىق خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ تەستىقلىشى بىلەن  2018-يىلى  9-ئاينىڭ  18-كۈنى كورلا شەھەر رايونىدا (كورلا ئىقتىساد – تېخنىكا تەرەققىيات رايونىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ) ھاۋا مۇداپىئەسى بويىچە تۇيۇقسىز ھۇجۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش – تىزگىنلەش سىگنالى بىر تۇتاش قويۇپ بېرىلىدۇ. سىگنال قويۇپ بېرىش مەزگىلىدە، ئامما ئارىسىدا قالايمىقانچىلىق پەيدا بولۇشنىڭ ئالدىنى ئېلىش  ۋە  ئىشلەپچىقىرىش، خىزمەت، تۇرمۇش تەرتىپىنىڭ نورمال بولۇشىغا كاپالەتلىك قىلىش ئۈچۈن، كورلا شەھەر رايونىدىكى ئاھالىلەرگە تۆۋەندىكىدەك ھاۋا مۇداپىئەسى بويىچە        تۇيۇقسـىز ھۇجۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش – تىزگىنلەش سىگنالىنى قويۇپ بېرىش ئۇقتۇرۇشى چىقىرىلدى:

    بىرىنچى، ھاۋا مۇداپىئەسى بويىچە تۇيۇقسىز ھۇجۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش – تىزگىنلەش سىگنالىنى قويۇپ بېرىش ۋاقتى ۋە  تەرتىپى

2018-يىلى  9-ئاينىڭ  18-كۈنى سائەت 12:00دىن  12:19(بېيجىڭ ۋاقتى)غىچە كورلا شەھەر رايونىدا ھاۋا مۇداپىئەسى بويىچە تۇيۇقسىز ھۇجۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش -تىزگىنلەش سىگنالى بىر تۇتاش قويۇپ بېرىلىدۇ. گۈدۈك سىگنالىنى قويۇپ بېرىش تەرتىپى تۆۋەندىكىچە: ئالدىن گۈدۈك سىگنالى قويۇپ بېرىش، ھاۋا ھۇجۇمى گۈدۈك سىگنالى قويۇپ بېرىش، گۈدۈك سىگنالىنى توختىتىش.

    ئىككىنچى، ھاۋا مۇداپىئەسى بويىچە تۇيۇقسىز ھۇجۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش – تىزگىنلەش سىگنالىنى قۇيۇپ بېرىش ئۇسۇلى

ئالدىن گۈدۈك سىگنالى قويۇپ بېرىش: گۈدۈك سىگنالى  36سېكۇنت چېلىنىدۇ،  24سېكۇنت توختىلىدۇ، ئۈچ قېتىم تەكرارلىنىدۇ(ۋاقتى ئۈچ مىنۇت)

ھاۋا ھۇجۇمى سىگنالى: گۈدۈك سىگنالى ئالتە سېكۇنت چېلىنىدۇ، ئالتە سېكۇنت توختىلىدۇ، 15قېتىم تەكرارلىنىدۇ (ۋاقتى ئۈچ مىنۇت)

گۈدۈك سىگنالىنى توختىتىش: ئۇدا ئۈچ مىنۇت چېلىنىدۇ.

    ھەر بىر گۈدۈك سىگنالى ئارىلىقىنىڭ ۋاقتى بەش مىنۇت،  گۈدۈك سىگنالى بېرىش ۋاقتى  19مىنۇت

    ئۈچىنچى، تەلەپلەر

    ھەر قايسى ئورۇن ۋە ئىجتىمائىي تەشكىلاتلار سىگنال بېرىشتىكى تەشۋىقات خىزمىتىنى پائال ياخشى ئىشلەپ، ھەممە ئائىلىلەرگە، ھەممە كىشىلەرگە بىلدۈرۈپ، جەمئىيەتتە قالايمىقانچىلىق پەيدا بولۇشنىڭ ئالدىنى ئېلىشى، ئىشلەپچىقىرىش، خىزمەت، تۇرمۇش تەرتىپىنى نورمال ساقلاشقا كاپالەتلىك قىلىشى كېرەك.

    ئالاھىدە ئۇقتۇرۇش قىلىندى

    ئوبلاستلىق خەلق ھاۋا مۇداپىئەسى ئىشخانىسى

    2018-يىلى  9-ئاينىڭ 13-كۈنى

(مەنبە:بايىنغولىن گېزىتى)

  • 巴州政府电子政务办公室
    (0996)2689222
  • يانفۇن بېتى
    ئىككىلىك كودنى سىكانىرلاڭ
ئۇستى