بايىنغولىن ئوبلاستلىق خەلق ھۆكمەت باش بېتى
باشقا يازمىلار
  • ئوبلاستلىق خەلق ھۆكۈمىتى جۇڭتەي گۇرۇھى، جۇڭگو نېفىت – خىمىيە قۇرۇلۇش چەكلىك شىركىتى، فۇلىدا گۇرۇھى بىلەن يىلدا 4 مىليون توننا نېفىت بىلەن كۆمۈرنى تەڭ چەككىلەش ۋە تۆۋەنكى كەسىپ زەنجىرى بويىچە پولىئېستىر تۈرىنىڭ ئىستراتېگىيەلىك ھەمكارلىق كېلىشىمنامىسىنى ئىمزالاش مۇراسىمى بېيجىڭدا ئۆتكۈزۈلدى

ئوبلاستلىق خەلق ھۆكۈمىتى جۇڭتەي گۇرۇھى، جۇڭگو نېفىت – خىمىيە قۇرۇلۇش چەكلىك شىركىتى، فۇلىدا گۇرۇھى بىلەن يىلدا 4 مىليون توننا نېفىت بىلەن كۆمۈرنى تەڭ چەككىلەش ۋە تۆۋەنكى كەسىپ زەنجىرى بويىچە پولىئېستىر تۈرىنىڭ ئىستراتېگىيەلىك ھەمكارلىق كېلىشىمنامىسىنى ئىمزالاش مۇراسىمى بېيجىڭدا ئۆتكۈزۈلدى

    ئىختىيارىي مۇخبىرىمىز ئەي يىڭخۇ خەۋەر قىلىدۇ: 9 -ئاينىڭ 13 -كۈنى، ئوبلاستلىق خەلق ھۆكۈمىتى جۇڭتەي گۇرۇھى، جۇڭگو نېفىت – خىمىيە قۇرۇلۇش چەكلىك شىركىتى، فۇلىدا گۇرۇھى بىلەن يىلدا 4 مىليون توننا نېفىت بىلەن كۆمۈرنى تەڭ چەككىلەش ۋە تۆۋەنكى كەسىپ زەنجىرى بويىچە پولىئېستىر تۈرىنىڭ ئىستراتېگىيەلىك ھەمكارلىق كېلىشىمنامىسى ئىمزالاش مۇراسىمى بېيجىڭدا ئۆتكۈزۈلدى. بۇ ئوبلاستىمىز ۋە جۇڭتەي گۇرۇھىنىڭ باشلامچىلىق بىلەن جەنۇبىي شىنجاڭدىكى زامانىۋى خىمىيە سانائىتى تۈر قۇرۇلۇشى بوشلۇقىنى تولدۇرۇپ، شىنجاڭنىڭ نېفىت چەككىلەش، خىمىيەۋى سانائەت، توقۇمچىلىقىنى بىر گەۋدىلەشتۈرۈش جەھەتتە پۇختا قەدەم باسقانلىقىدىن دېرەك بېرىدۇ.

    ئاپتونوم رايونلۇق دۆلەت مۈلۈكىنى نازارەت قىلىش، باشقۇرۇش كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى، مۇدىرى جاڭ خۇييەن كېلىشىم ئىمزالاش مۇراسىمىغا قاتناشتى ھەمدە سۆز قىلدى. ئوبلاستلىق پارتكوم دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، ئوبلاستنىڭ دائىمىي ئىشلارغا مەسئۇل مۇئاۋىن باشلىقى ۋاڭ جيۇجۇڭ، جۇڭتەي گۇرۇھى پارتكومىنىڭ شۇجىسى، باش لېدىرى ۋاڭ خۇڭشىن، فۇلىدا گۇرۇھىنىڭ باش لېدىرى چى جيەنئېر قاتارلىق ئۈچ تەرەپ پولىئېستىر تۈر قۇرۇلۇشىنىڭ ئىستراتېگىيەلىك ھەمكارلىق كېلىشىمنامىسى ئىمزالىدى. جۇڭتەي گۇرۇھى پارتكومىنىڭ شۇجىسى، باش لېدىرى ۋاڭ خۇڭشىن، جۇڭگو نېفىت -خىمىيە قۇرۇلۇشى چەكلىك شىركىتى پارتكومنىڭ شۇجىسى، باش دىرېكتورى سۈن لىلى يىلدا 4 مىليون توننا نېفىت بىلەن كۆمۈرنى تەڭ چەككىلەش تۈر قۇرۇلۇشىنىڭ يولغا قويۇلۇشچان تەتقىقاتى ۋە ئومۇمىي ئىستراتېگىيەلىك ھەمكارلىق كېلىشىمنامىسى ئىمزالىدى. جاڭ خۇييەن ئاپتونوم رايونلۇق دۆلەت مۈلۈكىنى نازارەت قىلىش، باشقۇرۇش كومىتېتىغا ۋاكالىتەن كېلىشىمنىڭ مۇۋەپپەققىيەتلىك ئىمزالانغانلىقىنى تەبرىكلىدى. ھەمدە، ئوبلاستلىق خەلق ھۆكۈمىتى، جۇڭتەي گۇرۇھىنىڭ دۆلەت مۈلۈكىنى تېخىمۇ كۈچلەندۈرۈپ، تېخىمۇ ئۈستۈنلۈككە ئىگە قىلىپ، ئالىي دەرىجىلىك، نەپىس خىمىيە سانائىتى كەسىپلىرى توپىنى بەرپا قىلىشقا تىرىشچانلىق كۆرسەتكەنلىكىنى تولۇق مۇئەييەنلەشتۈردى. ئۇ مۇنۇلارنى كۆرسەتتى: ئىككى تۈر قۇرۇلۇشى ئاپتونوم رايوننىڭ دۆلەتنىڭ ئېنېرگىيە بىخەتەرلىكىگە تىرىشىپ كاپالەتلىك قىلىپ، نېفىت – خىمىيە تېخنىكىسىدا داۋاملىق يېڭىلىق يارىتىشنى ئىلگىرى سۈرۈپ، شىنجاڭنىڭ نېفىتىنى خىمىيە سانائەتلەشتۈرۈش يېڭى مۇساپىسىنىڭ مەركەزلىك نامايەندىسى. شۇنداقلا، يېڭى تەرەققىيات ئىدىيەسىنى ئەمەلىيەتتىن ئۆتكۈزۈپ، يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتنى ئىلگىرى سۈرۈپ، ئۆتكەلگە ھۇجۇم قىلىشتىكى ئۈچ چوڭ جەڭنى ياخشى قىلىپ، ئۈچ تۈرلۈك نۇقتىلىق خىزمەتنى چىڭ تۇتۇشتىكى جانلىق ئەمەلىيىتى، ھەم شۇنداقلا پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىك باش نىشانىنى زىچ چۆرىدەپ، توقۇمچىلىق كىيىم – كېچەك كەسىپلىرىنى زور كۈچ بىلەن جارىي قىلدۇرۇپ جەنۇبىي شىنجاڭدىكى مىليون كىشىنى ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇشنىڭ كونكرېت ئەمەلىيىتى بولۇپ، شىنجاڭنىڭ تەرەققىىيات ئەمەلىيىتىگە ئۇيغۇن. ھەر قايسى تەرەپلەر ئۆزئارا ماسلىشىپ، ئالاقىدار كارخانىلار كەسىپ ھەمكارلىقىنى شەكىللەندۈرۈپ، پەن – تېخنىكا ئارقىلىق ئۆتكەلگە ھۇجۇم قىلىشنى ئاكتىپ قانات يايدۇرۇپ، پەن -تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىشنى سىجىل ئىلگىرى سۈرۈپ، تۈر قۇرۇلۇشىنى مۇقىم تۈر قۇرۇلۇشى، خەلق تۇرمۇشى تۈر قۇرۇلۇشى ۋە پەن -تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىش تۈر قۇرۇلۇشى قىلىپ قۇرۇپ چىقىش لازىم.

    ۋاڭ جيۇجۇڭ مۇنداق دېدى: تۈر قۇرۇلۇشىنىڭ ئوڭۇشلۇق ئىمزالىنىشى ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم، خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ توغرا رەھبەرلىكىنىڭ نەتىجىسى، دۆلەتنىڭ مۇناسىۋەتلىك مىنىستىرلىق، كومىتېتىنى ۋە ئاپتونوم رايوندىكى ئالاقىدار نازارەت، ئىدارىلەرنىڭ زور كۈچ بىلەن قوللىغانلىقىنىڭ نەتىجىسى، شۇنداقلا، ھەر قايسى تەرەپلەرنىڭ بوشاشماي تىرىشچانلىق كۆرسەتكەنلىكىنىڭ نەتىجىسى. بۇ پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈش، دىققەتنى باش نىشانغا مەركەزلەشتۈرۈش، يېڭى تەرەققىيات ئىدىيەسىنى ئەمەلىيەتتىن ئۆتكۈزۈش، بايىنغولىنچە كەسىپلەر سىستېمىسىنى بەرپا قىلىپ، ئېقتىسادنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، جەنۇبىي شىنجاڭدىكى تېخىمۇ كۆپ ئاممىنىڭ ئىشقا ئورۇنلىشىشىغا تۈرتكە بولۇشتا مۇھىم ئەھمىيەتكە ئىگە. ئوبلاستىمىز كارخانىلارنىڭ ئوبلاستىمىزدىكى تەرەققىياتىنى بۇرۇنقىدەكلا قوللاپ، تۈر قۇرۇلۇشىنىڭ ماكانلىشىشىنى پۈتۈن كۈچ بىلەن ئىلگىرى سۈرىدۇ. جۇڭتەي گۇرۇھىنىڭ يىپەك يولى ئىقتىساد بەلبىغىدىكى يادرولۇق رايون قۇرۇلۇشى پۇرسىتىنى چىڭ تۇتۇپ، ھەر قايسى تەرەپلەرنىڭ تېخنىكا تەرەققىياتى ۋە ھەمكارلىقىنى كۈچەيتىپ، نېفىت بىلەن كۆمۈرنى تەڭ چەككىلەش تۈرىگە ۋاقتىدا ئۇل سېلىپ ۋە ئىشلەپچىقىرىشقا كىرىشتۈرۈپ، پولىئېستىر تۈر قۇرۇلۇشىنى بالدۇرراق قۇرۇپ ۋە ئىشلەپچىقىرىشقا كىرىشتۈرۈپ، نېفىت چەككىلەش، خىمىيە سانائەت، توقۇمچىلىقنى بىر گەۋدىلەشتۈرۈش توپىنى شەكىللەندۈرۈشنى تېزلىتىپ، شىنجاڭنىڭ توقۇمچىلىق، كىيىم كېچەك باشلامچى كارخانىلار ئەندىزىسىنى يارىتىپ، شىنجاڭنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتى، ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىك نىشانىنى ئىشقا ئاشۇرۇشقا ئاكتىپ تۆھپە قوشۇش كېرەك.

    جۇڭتەي گۇرۇھىدىن ۋاڭ خۇڭشىن، جۇڭگو نېفىت – خىمىيە قۇرۇلۇشى چەكلىك شىركىتىدىن سۈن لىلى، فۇلىدا گورۇھىدىن چىنجيەنئېر كېلىشىم ئىمزالاش مۇراسىمىدا سۆز قىلدى، ھەمدە ئۈستۈنلۈكنى جارى قىلدۇرۇپ، ئالاقىنى يەنىمۇ كۈچەيتىپ، ھەمكارلىقنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، تۈر قۇرۇلۇشىنى پۈتۈن كۈچ بىلەن ئالغا سىلجىتىپ، ئۈنۈمىنى كۆرۈش كېرەكلىكىنى بىلدۈردى.

    يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، ئوبلاستلىق پارتكوم، خەلق ھۆكۈمىتى باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ يېڭى تەرەققىيات ئىدىيەسىنى قەتئىي ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ئىقتىسادنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، زامانىۋى كەسىپلەر سېستىمىسى بەرپا قىلىش مۇھىم كۆرسەتمىسىنىڭ روھىنى قەتئىي ئەمەلىيلەشتۈردى. ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ تۈرلۈك قارار، ئورۇنلاشتۇرمىلىرىنى ئىزچىللاشتۇرۇپ ۋە ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىك باش نىشانىنى زىچ چۆرىدەپ، يىپەك يولى ئىقتىساد بەلبىغى يادرولۇق رايون قۇرۇلۇشىنى چىڭ تۇتۇپ، جۇڭگو پاكىستان ئىقتىساد كارىدورى ئۇنىۋېرسال كۆتۈرۈشچان رايونىنى بەرپا قىلىپ، خىمىيەۋى تالا، خىمىيەۋى سانائەت يېڭى ماتېرىياللىرى، نەپىس خىمىيەۋى سانائەت بۇيۇملىرى قاتارلىق ئالىي دەرىجىلىك بازار تەرەققىيات يۆنىلىشىدە چىڭ تۇرۇپ، كورلا شاڭخۇ ــ چەرچى نېفىت -خىمىيە كەسىپلەر باغچىسىنى  يۇقىرى ئۆلچەمدە پىلانلىدى. نۆۋەتتە، PTA ، ئېتاندىن ئېتىلىن ئىشلەپچىقىرىش، نېفىت بىلەن كۆمۈرنى تەڭ چەككىلەش  قاتارلىق بىر تۈركۈم چوڭ تۈر قۇرۇلۇشلىرى ئاللىقاچان ئوبلاستىمىزغا ماكانلاشتى ياكى ماكانلىشىش ئالدىدا تۇرماقتا، بۇلارغا جەمئىي 40 مىليارد يۈەن مەبلەغ سېلىنىدۇ، بۇلاردىن قىلىندىغان باج كىرىمى 10 مىليارد يۈەندىن ئېشىپ، 20 مىڭ كىشىنىڭ ئىشقا ئورۇنلىشىش مەسىلىسىنى ھەل قىلىدۇ. بۇ قېتىم ئىمزالانغان پولىئېستىر تۈر قۇرۇلۇشى، PTA تۆۋەن كەسىپ زەنجىرى تۈرىگە جەمئىي 5 مىليارد يۈەن مەبلەغ سېلىنىدۇ. نەپىس خىمىيە سانائەت ۋە توقۇمىچىلىق، كىيىم -كېچەك ئىككى كەسىپ ئارقىلىق شىنجاڭنىڭ توقۇمچىلىق، كىيىم – كېچەك كەسىپلىرىدىكى خىمىيەۋى تالا كەمچىل بولۇش كەمتۈكلۈكىنى تولۇقلاپ، ئومۇمىي كەسىپ قاتلىمىنى يۇقىرى كۆتۈرىدۇ.

    ئوبلاستلىق خەلق ھۆكۈمىتى، ئوبلاستىمىزنىڭ بېيجىڭدا تۇرۇشلۇق ئالاقە باشقارمىسىدىكى مۇناسىۋەتلىك خادىملار، جۇڭگو نېفىت -خىمىيە قۇرۇلۇشى چەكلىك شىركىتى، فۇلىدا گۇرۇھى، شەندۇڭ شىڭشېڭ گۇرۇھىنىڭ ئالاقىدار خادىملىرى كېلىشىم ئىمزالاش مۇراسىمىغا قاتناشتى. (ياسىنجان رەھمىتۇللا تەرجىمىسى)

(مەنبە:بايىنغولىن گېزىتى)

  • 巴州政府电子政务办公室
    (0996)2689222
  • يانفۇن بېتى
    ئىككىلىك كودنى سىكانىرلاڭ
ئۇستى