بايىنغولىن ئوبلاستلىق خەلق ھۆكمەت باش بېتى
باشقا يازمىلار
  • خىزمەت ئىستىلىنى ياخشىلاپ، مۇلازىمەت سۈپىتىنى يۇقىرى كۆتۈرۈش كېرەك

خىزمەت ئىستىلىنى ياخشىلاپ، مۇلازىمەت سۈپىتىنى يۇقىرى كۆتۈرۈش كېرەك

ــ ئوبلاستلىق قاتناش – ترانسپورت ئىدارىسى پارتىيە قۇرۇلۇشى ئارقىلىق يىپەك يولى ئىقتىساد بەلبېغى يادرولۇق رايونى قۇرۇلۇشىنى ئىلگىرى سۈردى

    نۆۋەتتە، شىنجاڭدا جەنۇبىي، شىمالىي شىنجاڭغىچە بولغان يۇقىرى سۈرئەتلىك تاشيولدا پەقەت ئۈرۈمچى ــ تۇرپان ــ كورلا يول لىنىيەسى بار.

    شىنجاڭنىڭ قاتنىشىنىڭ تەرەققىي قىلىشى بولۇپمۇ، جەنۇبىي، شىمالىي شىنجاڭنىڭ ئەشيا ئوبوروتى يول قۇرۇلۇشىدىكى ئاساسلىق جەڭ مەيدانى بايىنغولىن ئوبلاستىدا. يىپەك يولى ئىقتىساد بەلبېغىنىڭ يادرولۇق رايونى، مۇھىم تىرەش نۇقتىسى بايىنغولىن ئوبلاستىدا.

    مۇشۇنداق مۈشكۈل خىزمەت ۋەزىپىسى ئالدىدا، يېقىنقى يىللاردىن بۇيان ئوبلاستلىق قاتناش – ترانسپورت ئىدارىسى ئورگان پارتكومى تەشەببۇسكارلىق بىلەن ھۇجۇمغا ئۆتۈپ، ئۆگىنىشنى پۇختا قانات يايدۇرۇپ، ئىدىيەنى بىرلىككە كەلتۈرۈپ، ئىدىيەۋى ئاساسىنى پۇختىلىدى.

ئۆگىنىش جەريانىدا، ئورگاندىكى پارتىيە ئەزالىرى مۇنۇلارنى چۈشىنىپ يەتتى: ئوبلاستىمىزنىڭ قاتناش – تىرانسپورتىنىڭ تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، جەنۇبىي، شىمالىي شىنجاڭنىڭ قاتناش ترانسپورتىدىكى توسالغۇلارنى ئېچىشقا نىسبەتەن، جەنۇبىي، شىمالىي شىنجاڭنىڭ نىسپىي مۇستەقىللىقىنى، بىرلەشمە خەۋەرلىشىش راۋان بولماسلىقتىكى قاتناش ئەھۋاللىرىنى ئۆزگەرتىپ، جەنۇبىي ۋە شىمالىي شىنجاڭنىڭ ئالماشتۇرۇشى، ئالاقىلىشىشى، ئارىلىشىشى ۋە مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنى ئىلگىرى سۈرۈشتە ئىنتايىن مۇھىم ئىستراتېگىيەلىك ئەھمىيەتكە ئىگە. شۇڭلاشقا، ئوبلاستىمىزنىڭ تەرەققىياتى پۈتۈن شىنجاڭنىڭ تەرەققىياتىغا مۇناسىۋەتلىك، ئوبلاستىمىزنىڭ مۇقىملىقى پۈتۈن شىنجاڭنىڭ مۇقىملىقىغا مۇناسىۋەتلىك. بولۇپمۇ، بايىنغولىن ئوبلاستىنى يىپەك يولى ئىقتىساد بەلبېغى يادرولۇق رايونىنىڭ مۇھىم تىرەش نۇقتىسى قىلىش خىزمىتىدە، قاتناشنى راۋانلاشتۇرۇشنى پائال ئىلگىرى سۈرۈپ، كورلىنى شىنجاڭدىكى 2 – چوڭ قاتناش تۈگۈنى شەھىرى قىلىپ قۇرۇپ چىقىمىز. كورلا شەھىرى ــ شىنجاڭدىكى يەتتە چوڭ دۆلەت دەرىجىلىك تاشيول تۈگۈنى، ئاپتونوم رايون بويىچە 2 – چوڭ تۆمۈر يول تۈگۈنى، شىنجاڭدىكى ئىككىنچى چوڭ ئاۋىياتسىيە تۈگۈنى، غەربنىڭ گازىنى شەرققە يەتكۈزۈشتىكى تۇنجى بېكەت، جەنۇبىي شىنجاڭدىكى تېز يەتكۈزۈش تارقىتىش مەركىزى ۋە ئاپتونوم رايون بويىچە ئۇنىۋېرسال قاتناش تۈگۈنىنى نۇقتىدا سىناق قىلىش شەھىرى بولۇشتىكى تەرەققىيات شارائىتىنى ھازىرلايمىز.

    مانا مۇشۇنداق ئورتاق تونۇش بىلەن ئوبلاستلىق قاتناش – ترانسپورت ئىدارىسى ئورگان پارتكومى پارتىيە قۇرۇلۇشىنى تۇتقا قىلىپ، كەسپىي خىزمەتنى چوڭقۇر قانات يايدۇردى.

    تەپەككۇر چىقىش يولىنى بەلگىلەيدۇ. پۈتۈن ئىدارىدىكى پارتىيەلىك كادىرلار ئاپتونوم رايونلۇق، ئاپتونوم ئوبلاستلىق پارتكوم ۋە خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ ئىستراتېگىيەلىك ئورۇن بەلگىلىشى ۋە خىزمەت تەلىپىنى زىچ چۆرىدەپ، ناھايىتى تېزلا «13 – بەش يىللىق پىلان»دىكى ئومۇمىي نىشانىنى بېكىتتى: 2020 – يىلىغا بارغاندا، فۇنكسىيەسى مۇكەممەل، ئىقتىدارى تولۇق، قۇرۇلمىسى مۇۋاپىق، جىپسىلاشتۇرۇلۇشى راۋان، مۇلازىمىتى ئەلا بولغان قاتناش – تىرانسپورت سىستېمىسىنى شەكىللەندۈرۈپ، قاتناش ئاساسىي ئەسلىھەلىرى ۋە توشۇش مۇلازىمىتى ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەت قۇرۇش، ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىك باش نىشانىنى ئىشقا ئاشۇرۇش ئېھتىياجىنى قاندۇرىدۇ.

ئومۇمىي نىشان – ئاتاكىغا ئۆتۈش شۇئارى، ئالغا ئىلگىرىلەش دۇمبىقى. ئوبلاستلىق قاتناش – تىرانسىپورت ئىدارىسى ئورگان پارتكومى ئورگان پارتىيە ئەزالىرىنى خىزمەت ئىستىلىنى ياخشىلاشنى تەلەپ قىلىپ، مۇلازىمەت سۈپىتىنى يۇقىرى كۆتۈرۈپ، يۇقىرى دەرىجىلىك ئورۇنلار رازى بولغۇدەك جاۋاب قايتۇردى. «ئالتۇنتاغ ـ كوئېنلون تېغى بايلىق چوڭ يولى» نى تۇتاشتۇرۇش كۈنتەرتىپكە كىرگۈزۈلدى. ئۈرۈمچىدىن چاقىلىققىچە بولغان G0711 يولىنىڭ، يېتىمبۇلاقتىن نىيىگىچە بولغان G0612يۇقىرى سۈرئەتلىك تاشيولىنىڭ ھەمدە گولمۇدتىن كورلىغىچە، خوتەندىن چاقىلىققىچە، چاقىلىقتىن قۇمۇلغىچە بولغان تۆمۈر يولنىڭ ئارقا – ئارقىدىن قۇرۇلۇشىغا ئەگىشىپ، چاقىلىق، چەرچەندىن ئىبارەت ئىككى ناھىيە 958 كىلومېتىرلىق بايلىق يولى قۇرۇلۇشىنى تېزدىن يولغا قويۇپ، «ئالتۇنتاغ ـ كوئېنلون تېغى بايلىق چوڭ يولى»نى تۇتاشتۇردى، ئوبلاستىمىز «13 – بەش يىللىق» پىلانىدىكى كانچىلىقنى گۈللەندۈرۈشكە ئاساس سالدى.

    تاشيول ياساش بىلەن بىر ۋاقىتتا، ئوبلاستلىق قاتناش تىرانسپورت ئىدارىسى يەنە دىققىتىنى يولۇچىلار بېكىتىگە مەركەزلەشتۈردى:  كورلا ئىقتىساد – تېخنىكا تەرەققىيات رايونىنىڭ 1 – دەرىجىلىك بېكىتىنى قۇرۇش، كورلا پويىز ئىستانسىسى تاشيول – تۆمۈر يول تۈگۈنى بېكىتى  ھەمدە خېجىڭ، چاقىلىق، چەرچەن ئىككىنچى دەرىجىلىك يولۇچىلار بېكىتىنى قۇرۇپ، كۈتۈۋېلىش بېكىتىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، بارلىق يېزا (بازار)، كەنتلەردە يولۇچىلار بېكىتى نۇقتىسى بولۇشنى، ھەممىسىدە يولۇچىلار ئاپتوموبىلى قاتناش نىشانىنى ئىشقا ئاشۇردى.    (ئامانگۈل روزى تەرجىمىسى)

(مەنبە:بايىنغولىن گېزىتى)

  • 巴州政府电子政务办公室
    (0996)2689222
  • يانفۇن بېتى
    ئىككىلىك كودنى سىكانىرلاڭ
ئۇستى