Warning: mysqli_query(): (HY000/14): Can't change size of file (Errcode: 28 "No space left on device") in G:\phpsite\uyg\wp-includes\wp-db.php on line 1942
ئوبلاستىمىز «پارتىيە قۇرۇلۇشى+» ئارقىلىق يېزىلارنى گۈللەندۈرۈشنى يېتەكلىدى - بايىنغولىن ئوبلاستلىق خەلق ھۆكمەت باش بېتى
Warning: mysqli_query(): (HY000/14): Can't change size of file (Errcode: 28 "No space left on device") in G:\phpsite\uyg\wp-includes\wp-db.php on line 1942
بايىنغولىن ئوبلاستلىق خەلق ھۆكمەت باش بېتى
باشقا يازمىلار
  • ئوبلاستىمىز «پارتىيە قۇرۇلۇشى+» ئارقىلىق يېزىلارنى گۈللەندۈرۈشنى يېتەكلىدى
  • يوللىغان ۋاقتى:2018- 09- 06 سەھىپە:سەھىپە ئايرىلمىغان ئاپتۇر: زىيارەت: 413 قېىتىم

    بۇ يىل كىرگەندىن بۇيان، ئوبلاستىمىز «پارتىيە قۇرۇلۇشى+» ئىدىيەسىنى ئومۇميۈزلۈك ئىلگىرى سۈرۈپ، ئاساسىي قاتلام پارتىيە تەشكىلاتلىرىنىڭ جەڭگىۋارلىق روھى، ئاساسىي قاتلام پارتىيە ئەزالىرىنىڭ ئاۋانگارتلىق، نەمۇنىلىك رولى ۋە ئاساسىي قاتلام كادىرلىرىنىڭ غوللۇق، باشلامچىلىق رولىنى ئۈنۈملۈك جارىي قىلدۇرۇپ، «پارتىيە قۇرۇلۇشى+» ئارقىلىق يېزىلارنى گۈللەندۈرۈشنى يېتەكلەپ، كەسىپلەر گۈللەنگەن، ئولتۇراقلىشىشقا ماس كېلىدىغان، يېزا ئىستىلى مەدەنىي بولغان، ئىدارە قىلىنىشى ئۈنۈملۈك، تۇرمۇشى باياشاد بولغان يېزا يېڭى ئۇلۇغۋار پىلانىنى ئىنچىكە تۈزۈپ چىقتى.

    يېقىندا، مۇخبىر خېجىڭ ناھىيەسى خارمودۇن بازىرى ئۇلانغازىر كەنتىدە تەكشى، سىلىق قاراماي يوللارنى، يوللارنىڭ ئىككى تەرىپىدىكى دەل –دەرەخلەرنىڭ بولسا بۈك -باراقسان ئۆسۈپ سايە تاشلاپ تۇرغانلىقىنى، يوللارغا قۇياش ئېنېرگىيەلىك يول چىرىغىنىڭ ئورنىتىلغانلىقىنى، ئەخلەت ساندۇقلىرىنىڭ رەتلىك تىزىلغانلىقىنى كۆردى. كەنت كومىتېتىنىڭ قورۇسىدا كەنت كادىرلىرى ۋە كەنتتە تۇرۇشلۇق خىزمەت ئەترىتىدىكىلەر ئىش بېجىرگىلى كەلگەن ئامما بىلەن قىزغىن پاراڭلىشىۋاتاتتى؛ ئېتىز –ئېرىق بويلىرىدا بولسا دېھقانلار دېھقانچىلىق تېخنىكىسى مۇتەخەسسىسلىرىنىڭ تېرىلغۇ ھەققىدىكى لېكسىيەسىنى ئاڭلىماقتا ئىدى…

    ئۇلانغازىر كەنت پارتىيە ياچېيكىسىنىڭ شۇجىسى جاۋ گوجۈن مۇنداق دېدى: «بىز پارتىيە تەشكىلاتلىرىنىڭ يېتەكچىلىكىگە، پارتىيە ئەزالىرىنىڭ نەمۇنىلىك، باشلامچىلىق رولىغا تايىنىپ، ئاممىنىڭ ئاكتىپ قاتنىشىشى ئارقىلىق مەنزىرىسى گۈزەل، كەسىپلەر گۈللەنگەن، خەلقى باياشاد بولغان بولۇشنى ئىشقا ئاشۇرۇپلا قالماستىن يەنە، بەنزىنى تېخىمۇ ئىتتىپاقلاشتۇرۇپ، پارتىيە بىلەن ئامما، كادىر بىلەن ئامما مۇناسىۋىتىنى تېخىمۇ زىچ ئىتتىپاقلاشتۇردۇق».

    ئاساسنى مۇستەھكەملەپ، پارتىيە قۇرۇلۇشىنى كاپالەتلەندۈرۈش سەۋىيەسىنى يۇقىرى كۆتۈرۈش

    «ئىلگىرى كەنتنىڭ ھەر قايسى گۇرۇپپىلىرىدا پائالىيەت سورۇنى يوق بولۇپ، پائالىيەتكە قاتنىشىش ئۈچۈن كەنت كومىتېتىنىڭ قورۇسىغا باراتتۇق. ھازىر پائالىيەتنى گۇرۇپپا پارتىيە ياچېيكىسىنىڭ پائالىيەت زالىدا قىلىمىز. زالدا يەنە خەلققە قولايلىق مۇلازىمەت زالى، مەدەنىيەت – تەنتەربىيە ئۆيى، خەلققە قولايلىق تاللا بازىرى، كۇتۇپخانا قاتارلىقلار بار. كۆپچىلىك بۇ جاينى تولىمۇ ياختۇرىدۇ». 8 -ئاينىڭ 26 -كۈنى، كورلا شەھىرى ئاۋات يېزىسى ئاقئېرىق كەنتى 2 -گۇرۇپپىدىكى پارتىيە ئەزاسى ھەسەن ناسىر مۇخبىرغا يۇقىرىدىكىلەرنى ئېيتتى.

    كورلا شەھىرى كەنـت گۇرۇپپا بازىسى قۇرۇلۇشىنى ئاساسىي قاتلامنى كۈچەيتىپ مۇستەھكەملەشتىكى مۇھىم ۋەزىپە قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، يۇقىرىنىڭ تۈر قۇرۇلۇشى، مالىيە تولۇقلىمىسى، ئىدارە -ئورۇنلارنىڭ ياردىمى، شىنجاڭغا ياردەم بەرگۈچى ئورۇنلارنىڭ ياردىمى قاتارلىقلاردىن پايدىلىنىپ، يېزا مەبلەغ غەملەش، كەنتتىكى بېيىش باشلامچىلىرى ياردەم قىلىش قاتارلىق ئالتە خىل يول ئارقىلىق كەنت گۇرۇپپىسىنىڭ پائالىيەت بازىسىغا مەبلەغ غەملىدى. ھازىرغا قەدەر، شەھەر بويىچە بارلىق كەنتتە بازا قۇرۇلۇشى تاماملىنىپ، بازا بىلەن پۈتۈنلەي قاپلىنىش ئىشقا ئاشتى.

    كورلا شەھەرلىك پارتكوم ئاساسىي قاتلام ئىشخانىسىنىڭ مۇئاۋىن مۇدىرى فۇ شياۋخي مۇنداق دېدى: بىر قانچە يىل تىرىشىش ئارقىلىق ھەر قايسى كەنتلەرنىڭ ئىشخانا مۇھىتى زور دەرىجىدە ياخشىلىنىپ، كەنت دەرىجىلىك بازىلار دائىم ئوچۇق بولۇش ئىشقا ئېشىپ، كادىرلار ھەر دائىم ئىش بېجىرىدىغان، ئامما خالىغان ۋاقىتتا كېلىپ ئىش بېجىرەلەيدىغان نىشان ئەمەلگە ئېشىپ، يېزىلارنى گۈللەندۈرۈشنى ئىشقا ئاشۇرۇشتا ئاكتىپ تۈرتكىلىك رول ئوينىدى.

     ئاساسىي قاتلامنى كۈچەيتىشنى كاپالەتلەندۈرۈشنى چۆرىدەپ، ئوبلاستىمىز بۇ يىل يەتتە مەھەللە بازىسى، 30 كەنت گۇرۇپپىسى بازىسى قۇرۇلۇشىنى تاماملاپ، يىل ئاخىرىدا بارلىق مەھەللىلەرنىڭ ئىش بېجىرىش، مۇلازىمەت زالىنىڭ 400 كۋادرات مېتىردىن ئېشىشىنى تىرىشىپ ئىشقا ئاشۇرىدۇ. پارتىيە قۇرۇلۇشىدا ئۈلگە كۆرسىتىپ يېتەكلەش ئارقىلىق ئاساسىي قاتلامنىڭ ئۇلى ئۈزلۈكسىز مۇستەھكەملىنىپ، ئاساسىي قاتلام پارتىيە تەشكىلاتى ئۈچۈن ئازادە ئىشخانا مۇھىتى ھازىرلىنىپ، كەنت گۇرۇپپىسى بازىسى كەنت دەرىجىلىك پارتىيە تەشكىلاتلىرىنىڭ ئۆگىنىش سۇپىسى، خىزمەت ئالاقە سۇپىسى، ئاممىنىڭ ئىش بېجىرىش سۇپىسى، پارتىيە ئەزالىرىنىڭ سالاپىتى سۇپىسىغا ئايلاندى.

    قوشۇننى مۇقىملاشتۇرۇش: «ئىككى كومىتېت» بەنزىسىنىڭ ۋەزىپىنى ئادا قىلىش ئىقتىدارىنى يۇقىرى كۆتۈرۈش

    يېزىلارنى گۈللەندۈرۈشتە چوقۇم يېزا ئىگىلىكنى چۈشىنىدىغان، يېزىلارنى، دېھقانلارنى ياقتۇرىدىغان كەنت كادىرلار قوشۇنى بولۇشى كېرەك. ئاساسىي قاتلام كادىرلار قوشۇنى قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىش ئۈچۈن، ئوبلاستىمىز كەنت كادىرلىرىنى كەسىپلەشتۈرۈپ باشقۇرۇشنى ئىلگىرى سۈرۈپ، شىنجاڭ ئىچى ۋە سىرتىدىكى ئالىي مەكتەپنى پۈتتۈرگەنلەرنى كەنتتە خىزمەت قىلىشقا تەكلىپ قىلىپ، كەنت كادىرلىرىنىڭ تەمىناتىنى ئومۇميۈزلۈك يۇقىرى كۆتۈرۈپ، كەنت كادىرلىرىنىڭ غېمىنى ئۈزۈل –كېسىل خالاس قىلدى.

    «ھەدە، بۈگۈن دورىڭىزنى ئىچتىڭىزمۇ؟». 8 -ئاينىڭ 27 -كۈنى، خېجىڭ ناھىيەسى قارامودۇن بازىرى ئۇلانغازىر كەنتىدىكى خەي يەننىڭ ئۆيىدە بۇ يىل ئەمدىلا ئاساسىي قاتلام خىزمەت ئورنىغا ئۆتكەن گەنسۇلۇق 23 ياشلىق يىگىت جاڭ خاۋ ئائىلىلەردىن ئەھۋال ئىگىلەش داۋامىدا خەي يەندىن ئەھۋال سورىدى. خەي يەن مۇخبىرغا مۇنداق دېدى: ئۇ ئىككى كۈندە بىر ئۆيۈمگە كېلىپ، ئەھۋالىمنى سوراپ تۇرىدۇ، مەن بۇنىڭدىن ناھايىتى خۇش بولدۇم.

بۇ يىل خېجىڭ ناھىيەسى كەنت كادىرلىرىنى كەسىپلەشتۈرۈپ باشقۇرۇشنى ئاكتىپ ئىلگىرى سۈردى. نۆۋەتتە، ناھىيە بويىچە قوبۇل قىلىنغان 120 ئاساسىي قاتلام كەنت كادىرى ۋە 24 زاپاس كادىر ھەر قايسى يېزا، بازارلارغا سەپلىنىپ، غوللۇق خادىملاردىن بولۇپ قالدى.

    باغراش ناھىيەسى ئاساسىي قاتلام خادىملىرى كەمچىل بولۇش، خىزمەت ۋەزىپىسى زور بولۇش قاتارلىق ئەمەلىيەتكە قارىتا ئىككى قېتىم مەملىكەتكە يۈزلەندۈرۈپ 210 كەسپىي ئىش ئورنى خادىمى قوبۇل قىلىپ، بۇلارنى كەنت، مەھەللىلەردە ئىشلەشكە بۆلۈپ، ئۇلار ئۈچۈن مەخسۇس مۇقىملىق تولۇقلىمىسى ئىلتىماس قىلىپ بەردى. ھەمدە ناھىيەدىن 40 يۈرۈش بىنا ئۆي ھازىرلاپ (كۆلىمى 100 كۋادرات مېتىردىن يۇقىرى) ئۇلارنى ھەقسىز ياتاق بىلەن تەمىنلەپ، ئۇلارنى يىلتىز تارتقۇزۇش ئۈچۈن ياخشى مۇھىت ياراتتى.

    بۇ يىل ئوبلاستىمىز يېزىلارنى گۈللەندۈرۈش بويىچە مۇتەخەسسىسلەر تۈر قۇرۇلۇشىنى يولغا قويۇپ، ئاساسىي قاتلام پارتىيە خىزمىتىئىختىساسلىقلىرى ۋە ئاساسىي قاتلام سىياسىي قانۇن ئىختىساسلىقلىرى قوشۇنى بەرپا قىلىپ، مۇقىملىقنى قوغداش، ئاساسىي قاتلام تەشكىلاتىنى كۈچەيتىش، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش قاتارلىق جەھەتلەردە ئۇلارنىڭ ئۇچۇرچى بولۇش، تەشۋىقاتچى بولۇش رولىنى جارىي قىلدۇردى. خېبېي ئۆلكىسىنىڭ ياردەم تۈرى بولغان «بايىنغولىن ئوبلاستىنىڭ ئاساسىي قاتلام پارتىيە خىزمەتچىلىرىنىڭ ئىقتىدارىنى يۇقىرى كۆتۈرۈش تۈرى» نى يولغا قويدى. ئوبلاست، ناھىيە بىرلىشىپ 880 كەنت، مەھەللە كادىرىنى تەربىيەلىدى. ئاساسىي قاتلام كادىرىدىن 84 كادىرنى خېبېي ئۆلكىسىنىڭ شىنجاڭغا ساھەلەر بويىچە ياردەم بېرىشتىكى شەھەر، ناھىيەلەرگە ۋەزىپە بىلەن ئەۋەتىپ چېنىقتۇردى؛ 1134 نەپەر ئاساسىي قاتلام كادىرىنى خېبېي ئۆلكىسىنىڭ شىنجاڭغا ساھالەر بويىچە ياردەم بېرىشتىكى شەھەر، ناھىيەلەرگە نۆۋەت بىلەن تەربىيەلەشكە ئەۋەتتى.

يادرونى كۈچەيتىش: ئاساسىي قاتلام پارتىيە تەشكىلاتلىرى يېزىلارنى گۈللەندۈرۈشكە تۈرتكە بولدى

    يېزىلار گۈللەندىمۇ يوق، كىشلىرى باياشادمۇ ئەمەسمۇ، ئاساسلىقى يەنىلا پارتىيە ياچېيكىسىغا قاراش كېرەك. ئوبلاستىمىز مەمۇرىي كەنتلەرنىڭ پارتىيە تەشكىلاتى سىستېما قۇرۇلۇشىنى تېزلىتىشنى ئىلگىرى سۈرۈپ، مەمۇرىي كەنتلەردە پارتىيە باش ياچېيكىسى قۇرۇش، كەنتتە بىر تۇتاش كەنت پارتىيە ياچېيكىسى قۇرۇش، كەنت گۇرۇپپىسىدا پارتىيە گۇرۇپپىسى قۇرۇش، شارائىتى يار بەرگەن كەنتتە تۇرۇشلۇق خىزمەت ئەترىتىنىڭ ھەممىسىدە ۋاقىتلىق پارتىيە ياچېيكىسىنى كەنتتە تۇرۇشلۇق خىزمەت ئەترىتى رەسمىي پارتىيە ياچېيكىسىغا ئۆزگەرتىشنى پۇختا ئىلگىرى سۈردى.

    يېقىندا، قاراشەھەر بازىرى شىكشىن بازىرى خورا كەنت ئاھالىسى تۇنساگۈل ئىبراھىم كەنت پارتىيە ياچېيكىسىغا پارتىيەگە كىرىش ئىلتىماسى تاپشۇردى.

    ئۇ مۇنداق دېدى: پارتىيەنىڭ ياخشى سىياسىتى بىزنى بارغانسېرى ياخشى كۈنگە ئېرىشتۈردى. كەنتتىكى پارتىيە ئەزالىرى ھەر قانداق ياخشى ئىشلار بولسا ئالدى بىلەن بىزنى ئويلىشىدۇ. ئۇلار بىزنىڭ ئۆگىنىش ئۈلگىمىز، مەن جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىگە كىرىپ، مەڭگۈ پارتىيەگە مىننەتدارلىق بىلدۈرۈپ، پارتىيەنىڭ گېپىنى ئاڭلاپ، پارتىيەگە ئەگىشىپ ماڭىمەن.

    پويىزنىڭ ئىتتىك مېڭىشى پاراۋۇزغا باغلىق. ئوبلاستلىق پارتكوم تەشكىلات بۆلۈمى، پېشقەدەم كادىرلار ئىدارىسىدىن خېجىڭ ناھىيەسى قارامودۇن بازىرى ئۇلانغازىر كەنتىدە تۇرۇشلۇق «ئەلرايىنى بىلىش، ئەلگە نەپ يەتكۈزۈش، ئەلنى مايىل قىلىش» خىزمەت ئەترىتى ئاساسىي قاتلامنىڭ ئۇلىنى مۇستەھكەملەش بىلەن بىرگە، ئاساسىي قاتلام پارتىيە تەشكىلاتلىرىنىڭ ئىقتىدارى ۋە سەۋىيەسىنى ئۆستۈردى. پارتىيەلىك كادىرلارنىڭ ئاممىغا مۇلازىمەت قىلىشتىكى ئاكتىپچانلىقىنى، تەشەببۇسكارلىقىنى قوزغىتىپ، ئاساسىي قاتلامنىڭ مەسىلىسىنى ھەل قىلىپ، پارتىيەنىڭ سىياسىي رەھبەرلىكى، ئىدىيەۋى يېتەكلەش كۈچى، ئاممىنى تەشكىللەش ئىقتىدارىنى يەنىمۇ كۈچەيتتى.    (ياسىنجان رەھمىتۇللا تەرجىمىسى)

(مەنبە:بايىنغولىن گېزىتى)

  • 巴州政府电子政务办公室
    (0996)2689222
  • يانفۇن بېتى
    ئىككىلىك كودنى سىكانىرلاڭ
ئۇستى