بايىنغولىن ئوبلاستلىق خەلق ھۆكمەت باش بېتى
باشقا يازمىلار
  • باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مۇھىم كۆرسەتمىسى ئوبلاستىمىز تېببىي ساھەسىدە كۈچلۈك ئىنكاس قوزغىدى

    خەلقنىڭ ساغلاملىقىنى ئۈزلۈكسىز ئاشۇرۇش ئۈچۈن، يېڭى تۆھپىلەرنى قوشۇش لازىم

    مۇخبىرىمىز لى رۈيخۇڭ خەۋەر قىلىدۇ: تۇنجى قېتىملىق «جۇڭگو ۋىراچلار بايرىمى» يېتىپ كېلىش ئالدىدا، باش شۇجى شى جىنپىڭ مۇھىم كۆرسەتمە بېرىپ مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: ھاياتلىقنى قەدىرلەپ ۋە ھۆرمەتلەپ، ئاغرىق -سىلاقلارنى قۇتقۇزۇپ، خالىسانە تۆھپە قوشۇپ، مېھىر -شەپقەت ياغدۇرۇشتەك روھنى ئەۋج ئالدۇرۇپ، خەلقنىڭ ساغلاملىقى ئۈچۈن جان دىل بىلەن خىزمەت قىلىپ، خەلقنىڭ ساغلاملىقىنى ئۈزلۈكسىز ئاشۇرۇش ئۈچۈن يېڭى تۆھپىلەرنى قوشۇش كېرەك. ساغلام جۇڭگو قۇرۇلۇشى ئۈچۈن، يېڭى سەھىپىلەرنى يېزىپ، دۆلىتىمىزنىڭ سەھىيە، ساغلاملىق ئىشلىرىدا تىرىشىپ يېڭى ۋەزىيەت يارىتىش لازىم. باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مۇھىم كۆرسەتمىسى ئوبلاستىمىز تېببىي ساھەسىدە كۈچلۈك ئىنكاس قوزغىدى.

    كورلا شەھەرلىك 2-خەلق دوختۇرخانىسى ئىچكى ئاجراتما كېسەللىكلىرى بۆلۈمىنىڭ مۇدىرى، مۇدىر ۋىراچ جاڭ شۆفېڭ مۇنداق دېدى:  «نەچچە مىليون دوختۇر ئىچىدىكى بىر دوختۇر بولۇش سۈپىتىم بىلەن، مەن بۇرچۇمنىڭ شەرەپلىك، مەسئۇلىيىتىمنىڭ ئېغىرلىقىنى ھېس قىلدىم. دوختۇرلار ئادەمنىڭ ھايات – ماماتى بىلەن ھەپىلىشىدۇ، بۇ دوختۇرلۇق كەسپىنىڭ باشقا كەسىپلەرگە ئوخشىمايدىغان تەرىپى. مەن دوختۇرلارنىڭ 16 خەتلىك كەسپىي روھىنى ئېڭىمغا سىڭدۈرۈپ، ئىنتىزامچان بولۇپ، ئۆزۈمنى سۆيۈپ ۋە ئىجتىمائىي مەسئۇلىيەتنى ئاڭلىق ھالدا دادىل زېممەمگە ئېلىپ، دوختۇرلۇق ۋىجدانىمنى ساقلاپ، پارتىيە ۋە دۆلەت، خەلقنىڭ كۈتكەن ئۈمىدىنى ئاقلايمەن.

    كورلا شەھىرى سايباغ كوچا باشقارمىسى نەشپۈتزار مەھەللىسى سەھىيە مۇلازىمەت پونكىتىنىڭ مەسئۇلى، ۋىراچ ماچىڭ مۇنداق دېدى: «مەن شۇنچە يىل دوختۇرلۇق بىلەن شۇغۇللاندىم، ھازىر ئۆزىمىزنىڭ بايرىمى بار بولدى. بۇنىڭدىن ئىنتايىن خوش بولدۇم ۋە ھاياجانلاندىم. خەلقنىڭ ساغلاملىقىنى كاپالەتكە ئىگە قىلىش تېببىي خادىملارنىڭ بۇرچىدۇر، بىز چوقۇم ئۆزىمىزنىڭ كەسپىي ساپاسىنى يۇقىرى كۆتۈرۈپ، بىمارلارنى كۆيۈمچانلىق بىلەن قۇتقۇزۇپ، كېسەللەرنى ھەقىقىي مېھرىمىز بىلەن داۋالاپ، تېخىمۇ كۆپ بىمارلارغا مۇھەببەت ئاتا قىلىشىمىز كېرەك.

مىليونلىغان كەنت دوختۇرلىرىنىڭ بىر ئەزاسى بولۇش سۈپىتى بىلەن، كورلا شەھىرى تېكىچى يېزىلىق دوختۇرخانا ھەرەمباغ كەنت سەھىيە ئۆيىنىڭ خادىمى مېھمان مەمەتنىڭ كەنت دوختۇرى بولغىنىغا 12 يىل بولدى. ئۇ مۇنداق دېدى: «جۇڭگو ۋراچلار بايرىمى»نىڭ تەسىس قىلىنغانلىقىنى ئاڭلاپ، ئىنتايىن خۇش بولدۇم. باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ سۆزىنى ئاڭلاپ، خۇشاللىقىمدىن ھاياجېنىمنى ئۇزۇنغىچە باسالماي قالدىم. «جۇڭگو ۋىراچلار بايرىمى»نىڭ تەسىس قىلىنىشى جەمئىيەتتە دوختۇرلارنى، سەھىيە خادىملارنى ھۆرمەتلەيدىغان ياخشى كەيپىيات يارىتىپ، تېببىي خادىملارنىڭ خىزمەت قىزغىنلىقىنى ئاشۇرۇپ، تېخىمۇ كۆپ خادىملارنى ئاساسىي قاتلامغا يىلتىز تارتقۇزۇپ، خالس تۆھپە قوشۇش ۋە پۇقرالارنىڭ ساغلاملىقىغا تۆھپە قوشۇشقا ئىلھام بېرىدۇ.

    ئوبلاستلىق خەلق دوختۇرخانىسى پارتكومىنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى، دوختۇرخانا باشلىقى جاۋ خۇاۋېي مۇنداق دېدى: «جۇڭگو ۋىراچلار بايرىمى»نىڭ تەسىس قىلىنىشى پارتىيە ۋە ھۆكۈمەتنىڭ دوختۇرلارغا كۆڭۈل بۆلگەنلىكى ۋە دوختۇرلارنى ئاسرايدىغانلىقىنى تولۇق نامايان قىلىپ بەردى. بۇ دوختۇرلارنىڭ  جەمئىيەتتىكى ئورنىنى يۇقىرى كۆتۈرۈش، دوختۇرلارنىڭ كەسىپ بىلەن شۇغۇللىنىش مۇھىتىنى ياخشىلاشتا مۇھىم ئەھمىيەتكە ئىگە. مۇشۇنداق بولغاچقا، مەن دوختۇر بولۇش سۈپىتىم بىلەن خەلقنىڭ ھاۋالىسى ۋە ئىشەنچىسىنى ھەسسىلەپ قەدىرلەپ، دوختۇرلۇق سەۋىيەمنى ئۈزلۈكسىز يۇقىرى كۆتۈرۈپ، دوختۇرلارنىڭ ئېسىل ئەخلاق -پەزىلىتىنى تېخىمۇ ياخشى جارىي قىلدۇرۇپ، ئىنتىزامچان بولۇپ، تېبىىي، سەھىيە ئىشلىرىنىڭ تەرەققىياتى ئۈچۈن تېخىمۇ كۆپ تۆھپە قوشىمەن. «جۇڭگو ۋىراچلار بايرىمى»نىڭ تەسىس قىلىنىشى دوختۇرلارنىڭ كەسپىي ئەخلاقىي روھىنى يەنىمۇ جارىي قىلدۇرۇپ، جەمئىيەتتە دوختۇرلارنى ھۆرمەتلەيدىغان، دوختۇرلارنى سۆيىدىغان كەيپىيات يارىتىپ، كەڭ تېببىي خادىملارنىڭ داۋالاش، سەھىيە ئىشلىرى ئىسلاھاتىغا ئۆزىنى بېغىشلىشىغا ئىلھام بېرىپ، دۆلىتىمىزنىڭ داۋالاش، سەھىيە ئىشلىرىنىڭ تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، ئىناق بولغان دوختۇر – بىمار مۇناسىۋىتىنى قۇرۇپ چىقىپ، يېڭى تۆھپىلەرنى قوشۇشتا تۈرتكىلىك رول ئوينايدۇ.

    يېڭى تارىخىي باشلىنىش نۇقتىسىدا، كەڭ تېببىي خادىملار مۇنۇلارنى بىلدۈردى: «جۇڭگو ۋىراچلار بايرىمى»نىڭ تەسىس قىلىنىشىنى تۇتقا قىلىپ، ئىش ئورنىمىزدا چىڭ تۇرۇپ، مەسئۇلىيەت، بۇرچ، شەرەپ تۇيغۇمىزنى تېخىمۇ كۈچەيتىپ، خەلقنىڭ ساغلاملىقى ئۈچۈن، ئۈزلۈكسىز يېڭى تۆھپىلەرنى قوشىمىز.    (ياسىنجان رەھمىتۇللا تەرجىمىسى)

(مەنبە:بايىنغولىن گېزىتى)

  • 巴州政府电子政务办公室
    (0996)2689222
  • يانفۇن بېتى
    ئىككىلىك كودنى سىكانىرلاڭ
ئۇستى