بايىنغولىن ئوبلاستلىق خەلق ھۆكمەت باش بېتى
باشقا يازمىلار
  • ئاپتونوم رايونىمىز 2018 – يىللىق كۈزگى بۇغداي تېرىش خىزمىتى تېلېۋىزىيە – تېلېفون يىغىنى ئاچتى

    مەسئۇلىيەتنى دادىل زىممىمىزگە ئېلىشنى كۈچەيتىپ، ئاشلىق بىخەتەرلىكىگە قەتئىي كاپالەتلىك قىلىشىمىز كېرەك.

    مۇخبىرىمىز جى شياۋجېن خەۋەر قىلىدۇ: 9 – ئاينىڭ 2 – كۈنى، ئاپتونوم رايونىمىز 2018 – يىللىق كۈزگى بۇغداي تېرىش خىزمىتى تېلېۋىزىيە – تېلېفون يىغىنى ئېچىپ، كۈزگى بۇغداي تېرىش خىزمىتىنى ئورۇنلاشتۇرۇپ، كېلەر يىللىق يازلىق ئاشلىقتىن مول ھوسۇل ئېلىش ئاساسىنى پۇختىلىدى.

ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، ئاپتونوم رايوننىڭ مۇئاۋىن رەئىسى ئەركىن تۇنىياز يىغىنغا قاتناشتى ھەم سۆز قىلدى.

يىغىندا مۇنداق كۆرسىتىلدى: بۇ يىل پۈتۈن ئاپتونوم رايوندا بۇغداي ئىشلەپچىقىرىش سۈپىتىدە يېڭى ئۆسۈش بولدى، شىمالىي شىنجاڭ بۇغداي تېرىقچىلىق رايونىدا 1 -دەرىجىلىك بۇغداينىڭ ئىگىلىگەن نىسبىتى %95 ئەتراپىدا بولۇپ، تارىختىكى يېڭى سەۋىيە يارىتىلدى. پۈتۈن ئاپتونوم رايوننىڭ ئاشلىق ئۇنىۋېرسال ئىشلەپچىقىرىش ئىقتىدارى ئۈزلۈكسىز كۈچىيىپ، ئاشلىقتىن ئۇدا مول ھوسۇل ئېلىش نىشانى ئەمەلگە ئېشىپ، ئاشلىق ئومۇمىي بىخەتەرلىك ئىستراتېگىيەسى ئوڭۇشلۇق يولغا قويۇلدى.

    يىغىندا مۇنداق تەكىتلەندى: شىنجاڭدا ئاشلىق بىخەتەرلىكىگە كاپالەتلىك قىلىش ـــ بۇغداي ئىشلەپچىقىرىش بىخەتەرلىكىگە كاپالەتلىك قىلىشتۇر، كۈزگى بۇغداي ئاپتونوم رايونىمىز بۇغداي ئومۇمىي ھوسۇلىنىڭ %70دىن كۆپرەكىنى ئىگىلەيدۇ، كۈزگى بۇغداي ئىشلەپچىقىرىشنى چىڭ تۇتقاندىلا، پۈتۈن ئاپتونوم رايوننىڭ ئاشلىق بىخەتەرلىكىگە كاپالەتلىك قىلىش تەشەببۇسكارلىق ھوقۇقىنى چىڭ تۇتقىلى بولىدۇ. پۈتۈن ئاپتونوم رايوندىكى ھەر دەرىجىلىك پارتكوم، ھۆكۈمەتلەر، ھەرقايسى ئالاقىدار تارماقلار بۇغداي ئىشلەپچىقىرىش مەسئۇلىيەت تۈزۈمى ۋە مەمۇرىي باشلىق مەسئۇل بولۇش تۈزۈمىنى ئومۇميۈزلۈك ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ئاشلىق بىخەتەرلىكىگە قەتئىي كاپالەتلىك قىلىشى كېرەك.

    يىغىندا مۇنۇلار تەلەپ قىلىندى: مەسئۇلىيەتنى زىممىگە ئېلىشنى كۈچەيتىپ، بۇغداي تېرىش يېتەكچى پىلانىنى قەتئىي ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، بۇغداي تەمىنلەش ھالقىسىدىكى قۇرۇلمىلىق ئىسلاھاتنى زور كۈچ بىلەن ئىلگىرى سۈرۈپ، يېتەكچىلىك قىلىش مۇلازىمىتىنى كۈچەيتىپ، كۈزگى بۇغداي تېرىش سۈپىتى ۋە ئۈنۈمىنى ئۆستۈرۈپ، دېھقانلارغا نەپ يەتكۈزۈش سىياسەتلىرىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، دېھقانلارنىڭ ئاشلىق تېرىش ئاكتىپلىقىنى ئومۇميۈزلۈك قوزغاپ، ئاپەتتىن مۇداپىئەلىنىش ۋە ئاپەت زىيىنىنى ئازايتىشنى چىڭ تۇتۇپ، بۇغداي ئىشلەپچىقىرىش بىخەتەرلىكىگە پۈتۈن كۈچ بىلەن كاپالەتلىك قىلىش كېرەك. مەسئۇلىيەتنى كۈچەيتىپ، كۈزگى بۇغداي تېرىش خىزمىتىنىڭ جايىدا ئەمەلىيلىشىشىگە قەتئىي كاپالەتلىك قىلىپ، پۈتۈن ئاپتونوم رايوننىڭ ئاشلىق بىخەتەرلىكىگە كاپالەتلىك قىلىش، تۈرلۈك ئىسلاھات، تەرەققىياتلارنى ئىلگىرى سۈرۈش، ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىكنى ئىشقا ئاشۇرۇشقا پۇختا ئاساس سېلىش ئۈچۈن تېگىشلىك تۆھپە قوشۇش كېرەك.

    ئوبلاستنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى فېڭ شۆخەي ۋە ئالاقىدار تارماقلارنىڭ مەسئۇللىرى ئوبلاستىمىزنىڭ شۆبە يىغىن مەيدانىدا يىغىنغا قاتناشتى.    (رامىلە غېنى تەرجىمىسى)

مەنبە:(بايىنغولىن گېزىتى)

  • 巴州政府电子政务办公室
    (0996)2689222
  • يانفۇن بېتى
    ئىككىلىك كودنى سىكانىرلاڭ
ئۇستى