Warning: mysqli_query(): (HY000/14): Can't change size of file (Errcode: 28 "No space left on device") in G:\phpsite\uyg\wp-includes\wp-db.php on line 1942
ئوبلاستىمىز جۇڭگو ــ ئاسىيا ـ ياۋروپا كۆرگەزمىسىدىن پايدىلىنىپ، مېھمانلارغا پۈتۈن رايون ساياھەتچىلىكىنى تونۇشتۇردى - بايىنغولىن ئوبلاستلىق خەلق ھۆكمەت باش بېتى
Warning: mysqli_query(): (HY000/14): Can't change size of file (Errcode: 28 "No space left on device") in G:\phpsite\uyg\wp-includes\wp-db.php on line 1942
بايىنغولىن ئوبلاستلىق خەلق ھۆكمەت باش بېتى
باشقا يازمىلار
  • ئوبلاستىمىز جۇڭگو ــ ئاسىيا ـ ياۋروپا كۆرگەزمىسىدىن پايدىلىنىپ، مېھمانلارغا پۈتۈن رايون ساياھەتچىلىكىنى تونۇشتۇردى
  • يوللىغان ۋاقتى:2018- 09- 05 سەھىپە:سەھىپە ئايرىلمىغان ئاپتۇر: زىيارەت: 425 قېىتىم

ئوبلاستىمىز جۇڭگو ــ ئاسىيا ـ ياۋروپا كۆرگەزمىسىدىن پايدىلىنىپ، مېھمانلارغا پۈتۈن رايون ساياھەتچىلىكىنى تونۇشتۇردى

    دۆلەت ئىچى ۋە سىرتىدىكى ساياھەتچىلەرنى كروراننىڭ سىرىنى تېپىپ، بايىنغولىننى ساياھەت قىلىشقا تەكلىپ قىلدى.

    مۇخبىرىمىز ياڭ شياۋدۇڭ خەۋەر قىلىدۇ: تېلېۋىزىيە مەخسۇس فىلىمى قويۇش، ساياھەت تەشۋىقات قوللانمىسى تارقىتىش، سەيلىگاھ لىنىيەلىرىنى تونۇشتۇرۇش… 6 -نۆۋەتلىك جۇڭگو ــ ئاسىيا -ياۋروپا كۆرگەزمىسى مەزگىلىدە، ئوبلاستىمىز ئوبلاستىمىزنىڭ گۈزەل مەنزىرىسى ۋە يېقىنقى يىللاردىن بۇيانقى ساياھەتچىلىك تەرەققىيات نەتىجىلىرىنى مېھمانلارغا مەركەزلىك كۆرگەزمە قىلىپ، دۆلەت ئىچى ۋە سىرتىدىكى سودىگەرلەر، ساياھەتچىلەرنى نەق مەيدانغا بېرىپ «كروراننىڭ سىرىنى تېپىپ، بايىنغولىن ئوبلاستىنى ساياھەت قىلىش» قا تەكلىپ قىلدى.

    بۇ قېتىمقى ئاسىيا -ياۋروپا كۆرگەزمىسىدە ئوبلاستىمىز تۇنجى قېتىم «كروراننىڭ مەخپىيىتىنى تېپىپ، بايىنغولىن ئوبلاستىنى ساياھەت قىلىش» باش تېمىلىق ساياھەت كەسىپلىرى رايونى تەسىس قىلدى. ئوبلاستىمىز ئوبلاستىمىزنىڭ ساياھەت مەخسۇس رايونىدا سۈرەت، يېزىق، ئۈن -سىن، تەشۋىقات قوللانمىسى قاتارلىقلاردىن پايدىلىنىپ، بايىنبۇلاق سەيلىگاھى، باغراش كۆلى سەيلىگاھى قاتارلىق چوڭ سەيلىگاھلار ۋە قول ھۈنەرۋەنچىلىك بويۇملىرى قاتارلىق ئالاھىدە مەھسۇلاتلارنى نۇقتىلىق تونۇشتۇردى.

    شاڭخەيدىن كەلگەن سودىگەر لياڭ خۇي ئوبلاستىمىزنىڭ ساياھەت تەشۋىقات قوللانمىسىنى كۆرگەندىن كېيىن مۇنداق دېدى: بايىنغولىن ئوبلاستىنىڭ قويۇق تارىخىي مەدەنىيەت ئالاھىدىلىكلىرى ۋە گۈزەل مەنزىرىسىنى كۆرگەندىن كېيىن، تولىمۇ ھاياجانلاندىم. پۇرسەت چىقىرىپ ئائىلەمدىكىلەرنى ئېلىپ بايىنغولىننى ساياھەت قىلغىلى چوقۇم بارىمەن.

    بايىنغولىن ئوبلاستى ساياھەت مەخسۇس رايونىدا بايىنغولىنچە ئالاھىدىلىككە ئىگە نەپىس ئۇسسۇللار ئوينىلىپ، كۆپلىگەن مېھمانلارنىڭ دىققىتىنى تارتتى. خىزمەتچى خادىملار بايىنغولىن ئوبلاستىنىڭ ساياھەت قوللانمىسى تەشۋىقاتىنى تارقىتىپ، بايىنغولىننىڭ گۈزەل مەنزىرىسىنى ئۇلارغا تونۇشتۇردى.

    بۇ قېتىمقى ئاسىيا -ياۋروپا يەرمەنكىسى مەزگىلىدە ئوبلاستىمىز يېڭى تاراتقۇلارنىڭ تارقىتىش دائىرىسى كەڭ بولۇش، ئۆزئارا تەسىرچانلىقى كۈچلۈك بولۇش، ئاددىي، قولايلىق بولۇش قاتارلىق ئالاھىدىلىكى ۋە ۋاڭيى خەۋەر تاراتقۇ سۇپىسىدىن پايدىلىنىپ، توردا بىۋاسىتە كۆرسىتىش ئۇسۇلى ئارقىلىق بايىنغولىننى كەڭ تەشۋىق قىلدى. شۇنىڭ بىلەن بىرگە، ھازىر مودا بولۇۋاتقان دوۋيىن سىن سۇپىسى ئارقىلىق سېتىپ چىقىرىشنى تەشۋىق قىلىپ، گۈزەل بايىنغولىن ئوبلاستىنى يېڭىچە ئۇسۇلدا تونۇشتۇردى.

    ئوبلاستلىق ساياھەتچىلىك ئىدارىسىنىڭ باشلىقى ما يەنچېڭ مۇنداق دېدى: يېڭى تەرەققىيات ئىدىيەسىنى ئىزچىللاشتۇرۇپ، پۈتۈن رايون ساياھىتىنى يارىتىش ئۈچۈن، ئوبلاستىمىز «ئۈچ ئۇزۇنتىسىغا، تۆت توغرىسىغا» بولغان قاتناش يول تورىغا تايىنىپ، شىمال، جەنۇب، ئوتتۇرا لىنىيەدە ئۈچ نادىر مەدەنىيەت – ساياھەت لىنىيەسىنى ئىنچىكە لايىھەلىدى. شىمالدا بولسا تەڭرىتاغ دۇنيا تەبىئەت مىراسلىرى يادرولۇق رايونى بايىنبۇلاقنى ئاساسىي لىنىيە قىلغان ئېكولوگىيەلىك مىللىي ئۆرپ – ئادەت ساياھىتى، جەنۇب لىنىيەسىدە قۇرۇم، قۇملۇقنى كېسىپ ئۆتۈش ساياھىتى، يەنى ساياھەتچىلەر ئالىي ئېكېسپىدىتسىيە ساياھىتى ئارقىلىق لوپ كۆلى، كروران قەدىمىي شەھىرى قاتارلىق جايلارنى ساياھەت قىلىش، ئوتتۇرا لىنىيەدە بولسا ساياھەتچىلەر قاراشەھەرنىڭ ئالاھىدە مەززىلىك تائاملىرىغا ئېغىز تېگىپ، باغراش كۆلىدە كېمىدە ئويناپ، پويىز بىلەن تارىم توغراق باغچىسىنى ساياھەت قىلىش ساياھەت لىنىيەسىنى پىلانلىدى. 2018 –يىلى ئالدىنقى يېرىم يىلدا، ئوبلاستىمىز ساياھەتچىلىكى دىققەتنى ئۆتۈشمە قۇرۇلۇشى، داڭلىق ماركىنى تونۇشتۇرۇشقا قارىتىپ، ئىلگىرى -كېيىن بولۇپ گۇاڭدۇڭ، سىچۈەن، خېبېي، شاڭخەي قاتارلىق جايلارغا بېرىپ، ئوبلاستىمىزنىڭ ساياھەتچىلىكىنى تونۇشتۇردى. ئوبلاستىمىز يەنە نۇقتىلىق تۈر قۇرۇلۇشىغا بولغان سېلىنمىنى ئاشۇرۇپ، كروران مەدەنىيىتى، قەدىمكى يىپەك يولى ھىراۋۇل مەھكىمىسى قاتارلىق تارىخىي مەدەنىيەت، شەرققە قايتىش ۋەتەنپەرۋەرلىك مەدەنىيىتى، جاڭغىر قەھرىمانلىق داستانى قاتارلىق ئالاھىدە مەدەنىيەت بايلىقلىرىنى چوڭقۇر قېزىپ، يايلاق، قۇملۇق، كۆل قاتارلىق تەبىئىي مەنزىرىگە تايىنىپ، ئوبلاستىمىزنىڭ مول تارىخىي مەدەنىيەت بايلىقىنى ساياھەت ئىقتىسادىي تەرەققىيات ئەۋزەللىكىگە ئايلاندۇرۇپ، ئوبلاستىمىز مەدەنىيىتى ۋە ساياھەتچىلىكىنىڭ چوڭقۇر بىرىكمە تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈردى.

    ما يەنچېڭ مۇنداق دېدى: كېيىنكى قەدەمدە ئوبلاستىمىز ئاپتونوم رايوننىڭ ساياھەت تەرەققىياتى يىغىنىنىڭ روھىنى ئەستايىدىل ئىزچىللاشتۇرۇپ، ساياھەت كەسىپلىرىنىڭ تۈرلىرى ۋە خاسلىقىنى تېخىمۇ بېيىتىپ، پۈتۈن رايون ساياھەتچىلىك يېڭى ئەندىزىسىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، ساياھەتچىلىكنى زورايتىپ، باغراش كۆلى ۋە بايىنبۇلاقتىن ئىبارەت ئىككى سەيلىگاھنىڭ 5A سەيلىگاھ بولۇش ئاساسىدا، لوپنۇرلۇقلار كەنتى سەيلىگاھنى 5A سەيلىگاھ قىلىپ قۇرۇپ چىقىپ، ئوبلاستىمىزنىڭ پۈتۈن رايون ساياھىتى تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، «غەربىي يۇرتتىكى گۈزەل مەنزرىرە•گۈزەللىك بايىنغولىندا» ساياھەت داڭلىق ماركىسىنى يارىتىدۇ.    (ياسىنجان رەھمىتۇللا تەرجىمىسى)

مەنبە:(بايىنغولىن گېزىتى)

  • 巴州政府电子政务办公室
    (0996)2689222
  • يانفۇن بېتى
    ئىككىلىك كودنى سىكانىرلاڭ
ئۇستى