Warning: mysqli_query(): (HY000/14): Can't change size of file (Errcode: 28 "No space left on device") in G:\phpsite\uyg\wp-includes\wp-db.php on line 1942
ئالىي مەكتەپلەرنىڭ ئالىي كەسپى تېخنىكوم (مەخسۇس كۇرس) تۈركۈمى بويىچە ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىش خىزمىتى 15 -ئاۋغۇست باشلاندى - بايىنغولىن ئوبلاستلىق خەلق ھۆكمەت باش بېتى
Warning: mysqli_query(): (HY000/14): Can't change size of file (Errcode: 28 "No space left on device") in G:\phpsite\uyg\wp-includes\wp-db.php on line 1942
بايىنغولىن ئوبلاستلىق خەلق ھۆكمەت باش بېتى
باشقا يازمىلار
  • ئالىي مەكتەپلەرنىڭ ئالىي كەسپى تېخنىكوم (مەخسۇس كۇرس) تۈركۈمى بويىچە ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىش خىزمىتى 15 -ئاۋغۇست باشلاندى
  • يوللىغان ۋاقتى:2018- 08- 16 سەھىپە:سەھىپە ئايرىلمىغان ئاپتۇر: زىيارەت: 998 قېىتىم

ئالىي مەكتەپلەرنىڭ ئالىي كەسپى تېخنىكوم (مەخسۇس كۇرس) تۈركۈمى بويىچە ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىش خىزمىتى 15 -ئاۋغۇست باشلاندى

    مۇخبىرىمىز يۈەن خەيجۈن خەۋەر قىلىدۇ: 8 – ئاينىڭ 15 – كۈنى، ئاپتونوم رايونىمىز 2018 – يىللىق ئادەتتىكى ئالىي مەكتەپلەرگە ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىش ئالىي  كەسپى تېخنىكوم (مەخسۇس كۇرس) تۈركۈمىگە رەسمىي ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلدى، بۇ، ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ بۇ يىللىق ئادەتتىكى ئالىي مەكتەپلەرگە ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىشنىڭ ئەڭ ئاخىرقى بىر تۈركۈمدىكى ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىشىدۇر. بۇ تۈركۈمدە رايون ئىچى – سىرتىدىكى 595 مەكتەپ شىنجاڭدىن 64 مىڭ 410 ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىشنى پىلانلىدى.

    ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىشنىڭ كونكرېت ۋاقىت ئورۇنلاشتۇرۇشىغا ئاساسەن، 8 – ئاينىڭ 14 – كۈنى، خەنزۇتىلى، ئاز سانلىق مىللەت تىلى (موڭغۇل تىلىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ) ۋە قوش تىل سىنىپى بولۇپ ئۈچ تۈر بويىچە ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىش پىلانى بويىچە ئالدىن (تەقلىدىي) ئارخىپى ئېلىنىدۇ، 8 – ئاينىڭ 15 – كۈنىدىن 17 – كۈنىگىچە رەسمىي ئارخىپى ئېلىنىپ قوبۇل قىلىنىدۇ؛ 8 – ئاينىڭ 17 – كۈنى، خەنزۇچە ئوقۇغان مىللىيلارنىڭ پىلان بويىچە ئالدىن (تەقلىدىي) ئارخىپى ئېلىنىدۇ، 8 – ئاينىڭ 18 – كۈنىدىن 19 – كۈنىگىچە رەسمىي ئارخىپى ئېلىنىپ قوبۇل قىلىنىدۇ.

    ئوبلاستلىق ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىش ئىشخانىسىنىڭ تونۇشتۇرۇشىچە، 8 – ئاينىڭ 19 – كۈنى 8:00 دىن 18:00گىچە، بۇ يىللىق ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىش خىزمىتىنىڭ 4 – قېتىملىق ئارزۇنى جەملەش خىزمىتى ئېلىپ بېرىلىدىكەن، بۇلار خەنزۇتىلى، ئاز سانلىق مىللەت تىلى (موڭغۇل تىلىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ) ۋە قوش تىل سىنىپى بولۇپ ئۈچ تۈر بويىچە ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىش پىلانىنىڭ ئالىي كەسپى تېخنىكومغا (مەخسۇس كۇرس) ئالدىن قوبۇل قىلىنىدىغانلار ۋە ئالىي كەسپى تېخنىكوم (مەخسۇس كۇرس) تۈركۈمى بويىچە پىلاننى ئورۇنداپ بولالمىغانلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدىكەن؛ 8 – ئاينىڭ 22 – كۈنى 8:00 دىن 18:00گىچە، خەنزۇ تىلىدا ئوقۇغان مىللىيلارنىڭ ئالىي كەسپى تېخنىكوم (مەخسۇس كۇرس) غا ئالدىن قوبۇل قىلىنىدىغانلار ۋە ئالىي كەسپى تېخنىكوم (مەخسۇس كۇرس) تۈركۈمى بويىچە ئارزۇنى جەملەش پىلانىنى ئورۇنداپ بولالمىغانلار. قوبۇل قىلىنالمىغان ئىمتىھان بەرگۈچىلەر مۇددەتتىن بۇرۇن ياخشى تەييارلىق قىلىشى كېرەك.

    قوبۇل قىلىش مەزگىلىدە، ئاپتونوم رايونلۇق مائارىپ ئىمتىھان يۇرتى قوبۇل قىلىش جەريانىغا ئاساسەن، قوبۇل قىلىش نەتىجىسىنى ۋاقتىدا ئېلان قىلىدۇ، ئىمتىھان بەرگۈچىلەر «شىنجاڭ ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىش تورى»غا چىقىپ، ئىمتىھان بېرىشكە رۇخسەت قىلىش گۇۋاھنامە نومۇرى ۋە مەخپىي نومۇرىغا ئاساسەن، شەخسىي قوبۇل قىلىنىش نەتىجىسىنى تەكشۈرسە بولىدۇ.

    ئوبلاستلىق ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىش ئىشخانىسى ئىمتىھان بەرگەن ئوقۇغۇچىلار ۋە ئاتا – ئانىلارغا شۇنى ئەسكەرتىدۇكى: ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ ئادەتتىكى ئالىي مەكتەپلەرگە ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىش خىزمىتى خىزمەت پىلانى بويىچە تەرتىپلىك ئېلىپ بېرىلىۋاتىدۇ. ئوقۇغۇچىلار ۋە ئاتا – ئانىلار قوبۇل قىلىش خىزمىتىنىڭ ئىلگىرىلەش ئەھۋالىنى چۈشەنمەكچى بولسا، «شىنجاڭ ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىش تورى»، «شىنجاڭ ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىش» ھۆكۈمەت تەرەپ ئۈندىدارىنى قوشۇپ، بۇ تور ۋە ئۈندىداردا ئېلان قىلىنغان مۇناسىۋەتلىك ئۇچۇرغا ئىگە بولسا بولىدۇ؛ ئەگەر ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىشتا ئالدامچىلىق ئەھۋاللىرىغا ئۇچرىسا، ئاپتونوم رايونلۇق مائارىپ ئىمتىھان يۇرتىغا تېلېفون قىلسا، پاش قىلىش، نازارەت قىلىش تېلېفون نومۇرى (8758128-0991) ياكى 110 غا تېلېفون قىلىپ پاش قىلسا، ئىنكاس قىلسا بولىدۇ؛ ئەگەر گۇمانى تۇيغۇدا بولسا، يېقىن ئەتراپتىكى ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىش ئىمتىھان ئاپپاراتىدىن مەسلىھەت سورىسا ياكى ئاپتونوم رايونلۇق مائارىپ ئىمتىھان يۇرتى قوبۇل قىلىش خىزمىتىدىن مەسلىھەت بېرىش ئورنىغا بېرىپ ياكى ئاپتونوم رايونلۇق مائارىپ ئىمتىھان يۇرتىنىڭ مـەخسۇس تېلېفونىغا (8750000-0991) تېلېفون قىلىپ مەسلىھەت سورىسا بولىدۇ.  (رامىلە غېنى تەرجىمىسى)

(مەنبە:بايىنغولىن گېزىتى)

  • 巴州政府电子政务办公室
    (0996)2689222
  • يانفۇن بېتى
    ئىككىلىك كودنى سىكانىرلاڭ
ئۇستى