Warning: mysqli_query(): (HY000/14): Can't change size of file (Errcode: 28 "No space left on device") in G:\phpsite\uyg\wp-includes\wp-db.php on line 1942
نەشپۈت شەھىرى خوجىلىق باشقۇرۇشنى ئىنچىكىلەشتۈرۈپ، تۇرالغۇ مۇھىتىنى ئەلالاشتۇردى - بايىنغولىن ئوبلاستلىق خەلق ھۆكمەت باش بېتى
Warning: mysqli_query(): (HY000/14): Can't change size of file (Errcode: 28 "No space left on device") in G:\phpsite\uyg\wp-includes\wp-db.php on line 1942
بايىنغولىن ئوبلاستلىق خەلق ھۆكمەت باش بېتى
باشقا يازمىلار
  • نەشپۈت شەھىرى خوجىلىق باشقۇرۇشنى ئىنچىكىلەشتۈرۈپ، تۇرالغۇ مۇھىتىنى ئەلالاشتۇردى
  • يوللىغان ۋاقتى:2018- 08- 16 سەھىپە:سەھىپە ئايرىلمىغان ئاپتۇر: زىيارەت: 893 قېىتىم

    مۇخبىرىمىز چېن شىن خەۋەر قىلىدۇ: 8 – ئاينىڭ 13 – كۈنى چۈشتىن بۇرۇن، ئۆي – زېمىن ئىدارىسى ئىنچىكىلەشتۈرۈپ باشقۇرۇش خىزمىتى تەكشۈرۈش گۇرۇپپىسىنىڭ نازارەتچىلىكىدە، كورلا شەھىرى تەڭرىتاغ كوچا باشقارمىسى چېنگۇاڭلىيۈەن مەھەللىسى قۇرۇلۇش ئەخلەتلىرىنى تازىلاش خىزمىتىنى قانات يايدۇرۇپ، مەھەللە ئىچىدىكى قۇرۇلۇش ئەخلەتلىرىنىڭ ھەممىسىنى تازىلاپ، مەھەللىدىكى ئاھالىلەرنىڭ كۈنلەردىن بۇيانقى قۇرۇلۇش ئەخلەتلىرىنى دۆۋىلەپ قويۇشى ۋە چاڭ – توزان چىقىرىشى قاتارلىق مەسىلىلەر ھەل قىلىندى.

    كورلا شەھەرلىك ئۆي – زېمىن ئىدارىسى تۇرالغۇ ئۆي كاپالىتى ئىشخانىسىنىڭ مۇدىرى شېن جىپېڭ مۇنداق دېدى: بىز كورلا شەھىرىنىڭ ئىنچىكىلەشتۈرۈپ باشقۇرۇش خىزمىتىنىڭ تەلىپىگە ئاساسەن، 7 – ئاينىڭ 25 – كۈنى چېنگۇاڭلىيۈەن مەھەللىسىگە تەكشۈرۈشنى قانات يايدۇردۇق، تەكشۈرۈش داۋامىدا، بۇ مەھەللىدە قۇرۇلۇش ئەخلەتلىرىنى دۆۋىلەپ قويۇش ۋاقتى ئېشىپ كەتكەن، كۆكەرتىش جايىدا بولمىغان مەسىلىلەرنى بايقىدۇق، شۇنداقلا مەھەللە خوجىلىقى شىنجاڭ يېڭى ئېنېرگىيە شېنكېيۈەن خوجىلىق مۇلازىمىتى چەكلىك شىركىتى تارماق شىركىتىگە تۈزەش پىكرىنى بەردۇق.

    شۇ كۈنى، شىنجاڭ يېڭى ئېنېرگىيە شېنكېيۈەن خوجىلىق مۇلازىمىتى چەكلىك شىركىتى تارماق شىركىتى مەھەللە قۇرۇلۇش ئەخلەتلىرى ۋە كۆكەرتىش قاتارلىق مەسىلىلەرنىڭ ھەممىسىنى تۈزەشنى تاماملىدى، شۇنداقلا كورلا شەھەرلىك ئۆي – زېمىن ئىدارىسىنىڭ مۇناسىۋەتلىك مەسئۇللىرىغا دوكلات قىلدى.

    مۇخبىرنىڭ ئىگىلىشىچە، 7 – ئاينىڭ 23 – كۈنىدىن باشلاپ كورلا شەھەرلىك ئۆي – زېمىن ئىدارىسى ئىنچىكىلەشتۈرۈپ باشقۇرۇش خىزمىتىنى باشلاپ، پۈتۈن ئىدارىدە يەتتە تەكشۈرۈش گۇرۇپپىسى تەسىس قىلىپ، كورلا شەھىرىدىكى 539 مەھەللىگە ئىنچىكىلەشتۈرۈپ باشقۇرۇش بويىچە مەخسۇس تەكشۈرۈپ، مەھەللە مۇھىتى، تازىلىق ئەھۋالى ۋە خىزمەت ھېسابات خاتىرىسى، ئەخلەت ساندۇقى ياكى ئەخلەت ئۆيىنى باشقۇرۇش ۋە مەھەللە ئىچىدىكى چاپلانغان كىچىك ئېلانلار مەسىلىسى قاتارلىق 34 تۈرلۈك خىزمەتكە ئومۇميۈزلۈك، چوڭقۇر، ئىنچىكە، پۇختا بولغان چوڭ تەكشۈرۈشنى قانات يايدۇردى. ھازىر 450 مەھەللە تەكشۈرۈلدى ھەمدە، بۇنىڭ ئىچىدىكى 113 مەھەللىگە قايتا تەكشۈرۈش -تۈزەش خىزمىتىنى قانات يايدۇردى.

    مۇخبىرنىڭ ئىگىلىشىچە، كورلا شەھەرلىك ئۆي – زېمىن ئىدارىسىنىڭ خىزمەتچى خادىملىرى خىزمەتنى قانات يايدۇرۇش ئاساسىدا، مەھەللە ئاھالىلىرى بىلەن كەڭ كۆلەمدە پىكىرلىشىپ، مەھەللە مۇھىتىنى ئۇنىۋېرسال تۈزەش خىزمىتىنىڭ ئىلگىرىلەش ئەھۋالى ۋە ئاھالىلەرنىڭ دەۋا تەلىپىنى ۋاقتىدا ئىگىلىدى. شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، كورلا شەھەرلىك ئۆي – زېمىن ئىدارىسىنىڭ خىزمەتچى خادىملىرى كوچا باشقارمىسى ۋە مەھەللىلەر بىلەن بىرلىشىپ، ھەر قايسى مەھەللىلەرنى مۈلۈك ئىگىلىرى كومىتېتى قۇرۇشقا پائال سەپەرۋەر قىلىپ، مۈلۈك ئىگىلىرىنىڭ ئۆزىنى باشقۇرۇشىنى ئىشقا ئاشۇرۇپ، مۈلۈك ئىگىلىرىنىڭ ھوقۇق – مەنپەئىتىنى كاپالەتلەندۈرۈشنى، شۇنداقلا قەرەللىك ھالدا قايتا تەكشۈرۈش خىزمىتىنى قانات يايدۇرۇپ، تۈزەش ئۈنۈملىرىنى ئەمەلىيلەشتۈردى.

    كورلا شەھەرلىك ئۆي – زېمىن ئىدارىسىنىڭ باشلىقى لى سۇيىڭ مۇنداق دېدى: بۇ قېتىمقى ئىنچىكىلەشتۈرۈپ باشقۇرۇش ۋە تەكشۈرۈشتە، كوچا باشقارمىسى، پىلانلاش ئىدارىسى، تۇرالغۇ – قۇرۇلۇش ئىدارىسى ۋە ئوت ئۆچۈرۈش ئەترىتى قاتارلىق تارماقلار بىلەن بىرىكمە كۈچ شەكىللەندۈرۈپ، مەھەللىدە يۈز بەرگەن مەسىلىلەرنى كۆپ تارماقلار بىرلىكتە باشقۇرۇپ، خوجىلىق بۆلۈمىنىڭ خىزمىتىنى چەكلەپ ۋە قېلىپلاشتۇرۇپ، خوجىلىق باشقۇرۇشنى ئىنچىكىلەشتۈرۈپ، تۇرالغۇ مۇھىتىنى ئەلالاشتۇرۇپ، ھەر بىر مەھەللىنىڭ تېخىمۇ پاكىزە، رەتلىك بولۇشىنى ئىشقا ئاشۇرىمىز.(ئامانگۈل روزى تەرجىمىسى)

(مەنبە:بايىنغولىن گېزىتى)

  • 巴州政府电子政务办公室
    (0996)2689222
  • يانفۇن بېتى
    ئىككىلىك كودنى سىكانىرلاڭ
ئۇستى