Warning: mysqli_query(): (HY000/14): Can't change size of file (Errcode: 28 "No space left on device") in G:\phpsite\uyg\wp-includes\wp-db.php on line 1942
«بايىنغولىندىكى نەزەرىيە ماھىرى» ئۆگىنىش سۇپىسى ئارقىلىق قويۇق ئۆگىنىش كەيپىياتى يارىتىلدى مەزمۇنى مول، تېمىسى روشەن، جاۋاب بېرىش قولايلىق - بايىنغولىن ئوبلاستلىق خەلق ھۆكمەت باش بېتى
Warning: mysqli_query(): (HY000/14): Can't change size of file (Errcode: 28 "No space left on device") in G:\phpsite\uyg\wp-includes\wp-db.php on line 1942
بايىنغولىن ئوبلاستلىق خەلق ھۆكمەت باش بېتى
باشقا يازمىلار
  • «بايىنغولىندىكى نەزەرىيە ماھىرى» ئۆگىنىش سۇپىسى ئارقىلىق قويۇق ئۆگىنىش كەيپىياتى يارىتىلدى مەزمۇنى مول، تېمىسى روشەن، جاۋاب بېرىش قولايلىق
  • يوللىغان ۋاقتى:2018- 08- 16 سەھىپە:سەھىپە ئايرىلمىغان ئاپتۇر: زىيارەت: 808 قېىتىم

«بايىنغولىندىكى نەزەرىيە ماھىرى» ئۆگىنىش سۇپىسى ئارقىلىق قويۇق ئۆگىنىش كەيپىياتى يارىتىلدى

مەزمۇنى مول، تېمىسى روشەن، جاۋاب بېرىش قولايلىق

    مۇخبىرىمىز شۆ يۈنشاۋ خەۋەر قىلىدۇ: 8 -ئاينىڭ 13 -كۈنى، مۇخبىرنىڭ ئوبلاستلىق پارتكوم تەشۋىقات بۆلۈمىدىن ئىگىلىشىچە، «بايىنغولىندىكى نەزەرىيە ماھىرى» ئۆگىنىش سۇپىسى7 -ئاينىڭ 1 -كۈنىدىن باشلاپ رەسمىي يولغا قويۇلغاندىن بۇيان، ئوبلاستىمىزدىكى كەڭ پارتىيەلىك كادىر، ئامما ئاكتىپلىق بىلەن قاتنىشىپ، نەزەرىيە ئۆگىنىشنىڭ ياخشى مۇھىتىنى بەرپا قىلدى. ئوبلاستلىق پارتكوم تەشۋىقات بۆلۈمى  كەڭ پارتىيەلىك كادىر، ئاممىنىڭ سوئاللارغا جاۋاب بېرىش ئەھۋالىغا بىرلەشتۈرۈپ، مەزكۇر ئۆگىنىش سۇپىسىدىكى «ھەر كۈنى سوئاللارغا جاۋاب بېرىش»، «ھەر كۈنى ئۆگىنىش»سەھىپىسىدىكى سوئاللارنى ۋە نومۇر قويۇش ئەھۋالىنى تەڭشىدى، بۇ ئارقىلىق سوئاللارنىڭ مەزمۇنى مول، تېمىسى روشەن قىلىنىپ، كەڭ پارتىيەلىك كادىر، ئاممىنىڭ سوئاللارغا جاۋاب بېرىشى تېخىمۇ قولايلىق بولدى.

    ئوبلاستلىق پارتكوم تەشۋىقات بۆلۈمىنىڭ مۇناسىۋەتلىك مەسئۇللىرىنىڭ تونۇشتۇرۇشىچە، «بايىنغولىندىكى نەزەرىيە ماھىرى» ئۆگىنىش سۇپىسى ئىشقا كىرىشتۈرۈلگەندىن بۇيان، ئوبلاستىمىزدىكى كەڭ پارتىيەلىك كادىر، ئاممىنىڭ سوئاللارغا جاۋاب بېرىش قىزغىنلىقى يۇقىرى بولغان، بولۇپمۇ مەزكۇر سۇپىنى  زىيارەت قىلىش قېتىم سانى يۇقىرى پەللىگە يەتكەن ۋاقىتتا، «بايىنغولىندىكى نەزەرىيە ماھىرى» ئۆگىنىش سۇپىسىنىڭ ئىلگىرى تەسىس قىلغان مۇلازىمىتېرى زىيارەت قىلغۇچىلارنىڭ ئېھتىياجىنى قاندۇرالمىغان. بۇ ئەھۋالغا قارىتا، ئوبلاستلىق پارتكوم تەشۋىقات بۆلۈمى تېخنىكلارنى ئۆز ۋاقىتىدا ماسلاشتۇرۇپ، مەسىلىنى ھەل قىلىش لايىھەسىنى ئوتتۇرىغا قويۇپ، مۇلازىمىتېرنىڭ سىغىمىنى ئەڭ قىسقا ۋاقىت ئىچىدە كېڭەيتتى، شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، مۇناسىۋەتلىك يۇمشاق دېتال بىخەتەرلىك گۇۋاھنامىسىنىڭ دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈپ، كومپيۇتېرنىڭ قېتىپ قېلىشى قاتارلىق مەسىلىلەرنىڭ يۈز بېرىشىنىڭ  ئالدىنى ئالدى.

    كورلا شەھىرى سايباغ كوچا باشقارمىسى پارتىيە، مەمۇرىيەت خىزمىتى ئىشخانىسىنىڭ مۇدىرى چېن شۈن مۇنداق دېدى: ھازىر «بايىنغولىندىكى نەزەرىيە ماھىرى»نىڭ سوئاللىرى يېڭىلاندى، جاۋاب بېرىش تولىمۇ قولايلىق بولدى.

    ئوبلاستلىق پارتكوم تەشۋىقات بۆلۈمى كەڭ پارتىيەلىك كادىر، ئاممىنىڭ  قايتما ئىنكاس ئەھۋالىغا ئاساسەن، سوئاللارغا جاۋاب بېرىش ئەمەلىيىتىگە بىرلەشتۈرۈپ، «ھەر كۈنى سوئاللارغا جاۋاب بېرىش» سەھىپىسىدىكى، مۇسابىقە سەھىپىسىدىكى ۋە «ھەر كۈنى ئۆگىنىش» سەھىپىسىدىكى سوئاللارنىڭ سانىنى ئۈچكە ئازايتتى ھەمدە سوئاللارغا جاۋاب بەرگەندە ساختىلىق قىلىش ئەھۋاللىرىنىڭ يۈز بېرىشنىڭ ئالدىنى ئېلىپ، جاۋاب بېرىشكە تېگىشلىكلىرىگە ئىمكانقەدەر جاۋاب بېرىش، ئومۇميۈزلۈك قاپلاش، پۈتۈنلەي ئىلگىرى سۈرۈشكە كاپالەتلىك قىلدى. 8 -ئايدىن باشلاپ، «بايىنغولىن گېزىتى»، «كورلا كەچلىك گېزىتى»، «بايىنغولىن ئوبلاستى نۆل ئارىلىق سۇپىسى»، «يىپەك يولىدىكى كروران تورى» قاتارلىق تاراتقۇلاردا ھەر ھەپتىدە ئالدىنقى ئورۇندا تۇرۇۋاتقان ئورۇن ۋە شەخس (ئالدىنقى 20گە كىرگەن)لەرنى ئېلان قىلىپ ۋە ئۇلارنى تەقدىرلىدى؛ بايىنغولىن تېلېۋىزىيە ئىستانسىسى پىلانلىغان «بايىنغولىندىكى نەزەرىيە ماھىرى» پروگراممىسى 8 -ئاينىڭ ئاخىرلىرىدا قويۇلىدۇ.

    ئوبلاستلىق پارتكوم تەشۋىقات بۆلۈمى مۇنۇلارنى تەلەپ قىلدى: ھەر قايسى ناھىيە (شەھەر)، ھەر قايسى ئورۇنلار ئۆگىنىش داۋامىدا، تەشەببۇسكارلىق ئېڭىنى تۇرغۇزۇپ، ئۆگىنىشنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك بولۇشىغا، ئۈنۈم ۋە نەتىجە يارىتىشقا ئەھمىيەت بېرىشى كېرەك. «بايىنغولىندىكى نەزەرىيە ماھىرى»ئۆگىنىش سۇپىسىدا سوئاللارغا جاۋاب بېرىپ، ئۆگىنىش پائالىيىتىنى قانات يايدۇرۇش ئارقىلىق، شى جىنپىڭنىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسى ۋە پارتىيە 19 -قۇرۇلتىيىنىڭ روھىنى كىشىلەر قەلبىگە سىڭدۈرۈپ، ئۆگىنىش، تەشۋىق قىلىش، ئىزچىللاشتۇرۇشنىڭ ئۈنۈمىنى خىزمەتلەرنى پۇختا ئىشلەشتىكى ئىقتىدار ۋە قابىلىيەتكە ئايلاندۇرۇپ، ئوبلاستىمىزنىڭ ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىكىنىڭ يېڭى ۋەزىيىتىنى تىرىشىپ يارىتىشى كېرەك.    (رىزۋانگۈل ئىبراھىم تەرجىمىسى)

(مەنبە:بايىنغولىن گېزىتى)

  • 巴州政府电子政务办公室
    (0996)2689222
  • يانفۇن بېتى
    ئىككىلىك كودنى سىكانىرلاڭ
ئۇستى