Warning: mysqli_query(): (HY000/14): Can't change size of file (Errcode: 28 "No space left on device") in G:\phpsite\uyg\wp-includes\wp-db.php on line 1942
4 – قېتىملىق مەملىكەتلىك ئىقتىسادنى ئومۇميۈزلۈك تەكشۈرۈش خىزمىتى ئوبلاستىمىزدا ئومۇميۈزلۈك باشلاندى - بايىنغولىن ئوبلاستلىق خەلق ھۆكمەت باش بېتى
Warning: mysqli_query(): (HY000/14): Can't change size of file (Errcode: 28 "No space left on device") in G:\phpsite\uyg\wp-includes\wp-db.php on line 1942
بايىنغولىن ئوبلاستلىق خەلق ھۆكمەت باش بېتى
باشقا يازمىلار
  • 4 – قېتىملىق مەملىكەتلىك ئىقتىسادنى ئومۇميۈزلۈك تەكشۈرۈش خىزمىتى ئوبلاستىمىزدا ئومۇميۈزلۈك باشلاندى
  • يوللىغان ۋاقتى:2018- 08- 16 سەھىپە:سەھىپە ئايرىلمىغان ئاپتۇر: زىيارەت: 476 قېىتىم

4 – قېتىملىق مەملىكەتلىك ئىقتىسادنى ئومۇميۈزلۈك تەكشۈرۈش خىزمىتى ئوبلاستىمىزدا ئومۇميۈزلۈك باشلاندى

    ئىقتىسادنى ئومۇميۈزلۈك تەكشۈرۈشنىڭ تۈرلۈك خىزمەت ۋەزىپىلىرىنى يۇقىرى ئۆلچەم، يۇقىرى ئۈنۈم، يۇقىرى سۈپەتتە تاماملاش كېرەك

    مۇخبىرىمىز شيې شاۋيەن خەۋەر قىلىدۇ: 8 -ئاينىڭ 13 -كۈنى ئوبلاستىمىزدا 4 – قېتىملىق مەملىكەتلىك ئىقتىسادنى ئومۇميۈزلۈك تەكشۈرۈش تېلېۋىزىيە – تېلېفون يىغىنى ئېچىدى، بۇ  4 – قېتىملىق مەملىكەتلىك ئىقتىسادنى ئومۇميۈزلۈك تەكشۈرۈش خىزمىتىنىڭ ئوبلاستىمىزدا ئومۇميۈزلۈك باشلانغانلىقىدىن دېرەك بېرىدۇ.

ئوبلاستلىق پارتكوم دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، دائىمىي ئىشلارغا مەسئۇل مۇئاۋىن ئوبلاست باشلىقى ۋاڭ جيۇجۇڭ يىغىنغا قاتناشتى ھەمدە سۆز قىلدى.

    4 – قېتىملىق مەملىكەتلىك ئىقتىسادنى ئومۇميۈزلۈك تەكشۈرۈش ــ پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى، گوۋۇيۈەن چىقارغان بىر تۈرلۈك زور تەدبىر، ئورۇنلاشتۇرما. پارتىيە 19 – قۇرۇلتىيى غەلىبىلىك ئېچىلغان، جۇڭگوچە سوتسىيالىزم يېڭى دەۋرگە قەدەم قويغاندىن كېيىنكى تۇنجى قېتىملىق دۆلەت ئەھۋالىنى تەكشۈرۈشى بولۇپ، بۇ دەل ئىسلاھات، ئېچىۋېتىشنىڭ 40 يىللىقىغا توغرا كەلگەچكە، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى، گوۋۇيۈەن بۇنىڭغا يۈكسەك ئەھمىيەت بەردى، جەمئىيەتتىكى ھەر ساھە ناھايىتى كۆڭۈل بۆلدى.

    ئىگىلىنىشىچە،  4 – قېتىملىق مەملىكەتلىك ئىقتىسادنى ئومۇميۈزلۈك تەكشۈرۈش ئوبيېكتى بولسا دۆلىتىمىز چېگراسى ئىچىدىكى 2 –، 3 – كەسىپ بىلەن شۇغۇللىنىدىغان بارلىق قانۇنىي ئىگە ئورۇنلار، كەسپىي پائالىيەت ئورۇنلىرى ۋە يەككە تىجارەتچىلەرنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. 4 – قېتىملىق مەملىكەتلىك ئىقتىسادنى ئومۇميۈزلۈك تەكشۈرۈشنىڭ ئۆلچەملىك ۋاقتى 2018 – يىلى 12 – ئاينىڭ 31 –كۈنى بولۇپ، ئومۇميۈزلۈك تەكشۈرۈپ تىزىملاش ۋاقتىدا، ۋاقىت نۇقتىسى كۆرسەتكۈچىگە 2018 – يىلى 12 – ئاينىڭ 31 –كۈنىدىكى سانلىق مەلۇماتنى تولدۇرۇش، ۋاقىت كۆرسەتكۈچىگە 2018 – يىلى 1 – ئاينىڭ 1 –كۈنىدىن 2018 – يىلى 12 – ئاينىڭ 31 –كۈنىگىچە بولغان سانلىق مەلۇماتلارنى تولدۇرۇش كېرەك.

    4 – قېتىملىق مەملىكەتلىك ئىقتىسادنى ئومۇميۈزلۈك تەكشۈرۈشتە «گىلەمسىمان» تەكشۈرۈش ئۇسۇلى قوللىنىلىپ، تەۋەلىكتىكى بارلىق قانۇنىي ئىگە ئورۇنلار، كەسپىي پائالىيەت ئورۇنلىرى ۋە 2 –، 3 – كەسىپتىكى يەككە تىجارەتچىلەرگە قارىتا ئومۇميۈزلۈك تەكشۈرۈش ئېلىپ بېرىلىدۇ. ئومۇميۈزلۈك تەكشۈرۈپ ئېنىقلانغاندىن كېيىن، 2 –، 3 – كەسىپتىكى قانۇنىي ئىگە ئورۇنلار، كەسپىي پائالىيەت ئورۇنلىرى ۋە چەك تارتىپ تاللانغان يەككە تىجارەتچىلەر ئۆزىنىڭ تىجارەت پائالىيىتى قىلىدىغان جايىدا ئومۇميۈزلۈك تەكشۈرۈپ تىزىملاش ئېلىپ بارىدۇ، بىناكارلىق قانۇنىي ئىگە ئورۇنلار ئۆزىنىڭ رويخەتكە ئالدۇرغان جايىدا ئومۇميۈزلۈك تەكشۈرۈپ تىزىملاش ئېلىپ بارىدۇ.

    يىغىندا مۇنۇلار تەلەپ قىلىندى: ھەر قايسى ناھىيە (شەھەر)، تارماقلار، ئىقتىسادنى ئومۇميۈزلۈك تەكشۈرۈشنىڭ مۇھىملىقىنى، جىددىيلىكىنى  تولۇق تونۇپ يېتىپ، ئىقتىسادنى ئومۇميۈزلۈك تەكشۈرۈشنىڭ تۈرلۈك خىزمەت ۋەزىپىلىرىنى يۇقىرى ئۆلچەم، يۇقىرى ئۈنۈم، يۇقىرى سۈپەتتە تاماملاش كېرەك. خىزمەتنىڭ مۇھىم نۇقتىسىنى چىڭ تۇتۇپ، ئومۇميۈزلۈك تەكشۈرۈشنى پۇختا ئىلگىرى سۈرۈپ، فۇنكسىيەنى، مەسئۇلىيەتنى ھەقىقىي ئادا قىلىپ، ئومۇميۈزلۈك تەكشۈرۈش خىزمىتىنى مۇۋاپىق ئىلگىرى سۈرۈش كېرەك. ئومۇميۈزلۈك تەكشۈرۈشنى قانۇن بويىچە قانات يايدۇرۇپ، ئومۇميۈزلۈك تەكشۈرۈش سانلىق مەلۇمات سۈپىتىگە ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىش كېرەك. ئومۇميۈزلۈك تەكشۈرۈش خىزمىتىگە بولغان تەشكىلىي رەھبەرلىكنى كۈچەيتىپ ۋە خىزمەتلەرنى ئىلگىرى سۈرۈپ، تەشۋىقات سەپەرۋەرلىكىنى كۈچەيتىپ، خىراجەت كاپالىتىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، نازارەت قىلىش، تەكشۈرۈش سالمىقىنى ئاشۇرۇپ، ئوبلاستىمىزنىڭ 4 – قېتىملىق مەملىكەتلىك ئىقتىسادنى ئومۇميۈزلۈك تەكشۈرۈش خىزمەت ۋەزىپىسىنى مۇۋەپپەقىيەتلىك تاماملاشقا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىشى، ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەت قۇرۇپ چىقىش، ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىك باش نىشانىنى ئىشقا ئاشۇرۇش ئۈچۈن، پائال تۆھپە قوشۇشى كېرەك.    (ئاينۇر قادىر تەرجىمىسى)

(مەنبە:بايىنغولىن گېزىتى)

  • 巴州政府电子政务办公室
    (0996)2689222
  • يانفۇن بېتى
    ئىككىلىك كودنى سىكانىرلاڭ
ئۇستى