Warning: mysqli_query(): (HY000/14): Can't change size of file (Errcode: 28 "No space left on device") in G:\phpsite\uyg\wp-includes\wp-db.php on line 1942
ئاپتونوم رايوننىڭ «100 قانۇنشۇناس 100 مەيدان دوكلات بېرىش يىغىنى» بويىچە قانۇنچىللىقنى تەشۋىق قىلىش پائالىيىتىنىڭ ئوبلاستىمىزدا مەخسۇس دوكلات بېرىش يىغىنى ئېچىلدى - بايىنغولىن ئوبلاستلىق خەلق ھۆكمەت باش بېتى
Warning: mysqli_query(): (HY000/14): Can't change size of file (Errcode: 28 "No space left on device") in G:\phpsite\uyg\wp-includes\wp-db.php on line 1942
بايىنغولىن ئوبلاستلىق خەلق ھۆكمەت باش بېتى
باشقا يازمىلار
  • ئاپتونوم رايوننىڭ «100 قانۇنشۇناس 100 مەيدان دوكلات بېرىش يىغىنى» بويىچە قانۇنچىللىقنى تەشۋىق قىلىش پائالىيىتىنىڭ ئوبلاستىمىزدا مەخسۇس دوكلات بېرىش يىغىنى ئېچىلدى
  • يوللىغان ۋاقتى:2018- 08- 15 سەھىپە:سەھىپە ئايرىلمىغان ئاپتۇر: زىيارەت: 461 قېىتىم

ئاپتونوم رايوننىڭ «100 قانۇنشۇناس 100 مەيدان دوكلات
بېرىش يىغىنى» بويىچە قانۇنچىللىقنى تەشۋىق قىلىش پائالىيىتىنىڭ ئوبلاستىمىزدا مەخسۇس
دوكلات بېرىش يىغىنى ئېچىلدى

سۈرەتتە: 8 -ئاينىڭ 13 -كۈنى، ئاپتونوم رايوننىڭ «100 قانۇنشۇناس 100 مەيدان دوكلات بېرىش يىغىنى» بويىچە قانۇنچىللىقنى تەشۋىق قىلىش پائالىيىتىنىڭ ئوبلاستىمىزدا مەخسۇس دوكلات بېرىش يىغىنى بايىنغولىن مېھمانخانىسى بايىن يىغىن زالىدا ئېچىلدى.   (مۇخبىرىمىز ياڭ كۇن فوتوسى)

    مۇخبىرىمىز ياڭ شياۋدۇڭ خەۋەر قىلىدۇ: 8 -ئاينىڭ 13 -كۈنى، ئاپتونوم رايوننىڭ «100 قانۇنشۇناس 100 مەيدان دوكلات بېرىش يىغىنى»بويىچە قانۇنچىللىقنى تەشۋىق قىلىش پائالىيىتىنىڭ ئوبلاستىمىزدا مەخسۇس دوكلات بېرىش يىغىنى بايىنغولىن مېھمانخانىسى بايىن يىغىن زالىدا ئېچىلدى. شىنجاڭ ئىشلەپچىقىرىش – قۇرۇلۇش بىڭتۈەنى پارتكومى دائىمىي كومىتېتىنىڭ سابىق ئەزاسى، تەشۋىقات بۆلۈمىنىڭ سابىق باشلىقى، شىنجاڭ قانۇنشۇناسلىق جەمئىيىتى قانۇن نەزەرىيەسى ۋە قانۇن تارىخى تەتقىقات جەمئىيىتىنىڭ باشلىقى گو يوڭخۇي «شى جىنپىڭنىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم قانۇنچىللىق قۇرۇلۇشى توغرىسىدىكى مۇھىم بايانى» دېگەن ئاساسىي تېمىدا دوكلات بەردى. شىنجاڭ قانۇنشۇناسلىق جەمئىيىتى پارتگۇرۇپپىسىنـىڭ ئەزاسى، باش كاتىپى،« 100قانۇنشۇناس 100 مەيدان دوكلات بېرىش يىغىنى» تەشكىلىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى ۋە قوشۇمچە ئىشخانا مۇدىرى ۋاڭ شيا دوكلات بېرىش يىغىنىغا قاتناشتى ھەمدە سۆز قىلدى.

    ئوبلاست رەھبەرلىرىدىن لى گاڭ، تۈگجەجاپ، جيا چۈنلىن، لى جېنگو، ۋاڭ جيۇجۇڭ، ئويىنسەن، ئەن فېڭ، خۇ يەن، جاڭ شۇشىن دوكلات بېرىش يىغىنىنى ئاڭلىدى. ئوبلاستلىق پارتكومنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى، سىياسىي – قانۇن كومىتېتىنىڭ شۇجىسى جۈ ۋېي دوكلات بېرىش يىغىنىغا رىياسەتچىلىك قىلدى.

    دوكلات بېرىش يىغىنىدا، گو يوڭخۇي شى جىنپىڭنىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم قانۇنچىللىق قۇرۇلۇشى توغرىسىدىكى مۇھىم بايانىنى زىچ چۆرىدەپ، «شى جىنپىڭنىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم قانۇنچىللىق قۇرۇلۇشى توغرىسىدىكى مۇھىم بايانىنىڭ رېئال ئەھمىيىتى، نەزەرىيەۋى ئاساسى، ئاساسىي مەزمۇنى ۋە ئالاھىدىلىكى»قاتارلىق ئۈچ جەھەتنى ئاساس قىلىپ،كۆپچىلىككە بىر مەيدان جانلىق دوكلات بەردى. ۋاڭ شيا سىياسىي يۈكسەكلىكنى ئۆستۈرۈش، يېتەكچى ئىدىيەنى ئايدىڭلاشتۇرۇش، كونكرېت تەلەپلەرنى ئىگىلەش قاتارلىق ئۈچ جەھەتتىن    2018- يىللىق ئاپتونوم رايوننىڭ « 100قانۇنشۇناس  100مەيدان دوكلات بېرىش يىغىنى» بويىچە مەخسۇس تېمىلىق كونسۇلتاتسىيە دوكلاتى بەردى ھەمدە ئوبلاستىمىزنىڭ « 100قانۇنشۇناس 100مەيدان دوكلات بېرىش يىغىنى» پائالىيىتىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇشقا، ئاساسىي قاتلامغىچە كېڭەيتىشكە قارىتا كونكرېت تەلەپلەرنى ئوتتۇرىغا قويدى.

    جۈ ۋېي مۇنۇلارنى ئوتتۇرىغا قويدى: دوكلاتنىڭ باش تېمىسى روشەن، نەزەرىيە بىلەن ئەمەلىيەت بىرلەشتۈرۈلگەن، مەزمۇنى مول، مۇھىم نۇقتا گەۋدىلەندۈرۈلگەن، يېزىقچىلىق ئۇسلۇبى ئاددىي، تىلى جانلىق،قاراتمىلىقى ۋە تەسىر قىلىش كۈچى كۈچلۈك بولۇپ، شى جىنپىڭنىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسى بولۇپمۇ قانۇنچىللىق قۇرۇلۇشى توغرىسىدىكى مۇھىم بايانىنى چوڭقۇر ئۆزلەشتۈرۈپ، قانۇنچىللىق تەپەككۇرى ئارقىلىق مېڭىنى قوراللاندۇرۇپ، ئەمەلىيەتكە يېتەكچىلىك قىلىپ، خىزمەتلەرنى ئىلگىرى سۈرۈشتە ئىنتايىن مۇھىم يېتەكچى  ئەھمىيەتكە ئىگە. بىز بۇ قېتىملىق دوكلات بېرىش يىغىنىنى پۇرسەت دەپ بىلىپ، چوڭقۇر ئۆزلەشتۈرۈپ، توغرا ئىگىلەپ، شى جىنپىڭنىڭ يېڭى دەۋر جوڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسى بولۇپمۇ قانۇنچىللىق قۇرۇلۇشى توغرىسـىدىـكى مۇھـىم بايانىنى كەم –كوتسىز ئىزچىللاشتۇرۇپ ۋە ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، قانۇنچىللىق ئىقتىدارىمىز ۋە سەۋىيەمىزنى ئۈزلۈكسىز يۇقىرى كۆتۈرۈشىمىز كېرەك.

    جۈ ۋېي مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: ئۆگىنىش ئۈنۈمىنى يەنىمۇ يۇقىرى كۆتۈرۈش كېرەك. ھەر دەرىجىلىك پارتىيەلىك كادىرلار ئۆزىگە، مەسئۇلىيىتىگە، خىزمىتىگە ئاڭلىق بىرلەشتۈرۈشتە چىڭ تۇرۇپ، تېخىمۇ چوڭقۇر ئۆگىنىپ، مۇھاكىمە قىلىپ، تېخىمۇ پۇختا ئىزچىللاشتۇرۇشى كېرەك. تەشكىلات تارماقلىرى قانۇنچىللىق ئۆگىنىشىنى كادىرلارنى تەربىيەلەش پىلانىغا كىرگۈزۈپ، «100قانۇنشۇناس 100مەيدان دوكلات بېرىش يىغىنى» پائالىيىتىنى پارتىيە مەكتەپلىرىگە، ھەر دەرىجىلىك رەھبىرىي ئورگانلار، رەھبەرلىك بەنزىسى ۋە رەھبىرىي كادىرلارنى تەربىيەلەش سىنىپىغا كىرگۈزۈشنى ئىلگىرى سۈرۈشى كېرەك. تەشۋىقات تارماقلىرى قانۇنچىللىق ئۆگىنىشنى پارتكوم مەركىزىي گۇرۇپپىسى ئۆگىنىش پىلانىغا كىرگۈزۈپ،  «100قانۇنشۇناس 100مەيدان دوكلات بېرىش يىغىنى»پائالىيىتىنى قانۇنچىللىق ئۆگىنىشىنىڭ ئۈنۈملۈك يولى ۋە كۈچلۈك تۇتقـىسى قىلىـشى كېرەك. سىياسىي –قانۇن تارماقلىرى  «100قانۇنشۇناس 100مەيدان دوكلات بېرىش يىغىنى»پائالىيىتىنى ياخشى تەشكىللىشى ھەمدە پائالىيەتنى قانات يايدۇرۇشقا شەرت-شارائىت ھازىرلىشى كېرەك، ئەدلىيە ئىدارىسى «100قانۇنشۇناس 100مەيدان دوكلات بېرىش يىغىنى» پائالىيىتىنى قانۇنچىللىقنى تەشۋىق قىلىش تەربىيەسى ئومۇمىي ئورۇنلاشتۇرمىسى ۋە باھالاش سىستېمىسىغا كىرگۈزۈپ، «قوش 100»  پائالىيىتىنى يەنىمۇ تۈزۈملەشتۈرۈش، قېلىپلاشتۇرۇشنى ئىلگىرى سۈرۈشى كېرەك. تەشۋىقات ئارقىلىق يېتەكلەشنى يەنىمۇ چىڭ تۇتۇشى كېرەك. مەركەز، ئاپتونوم رايونلۇق ۋە ئاپتونوم ئوبلاستلىق قانۇنچىللىق قۇرۇلۇشىنىڭ مۇۋەپپەقىيەتلىرىنى كۈچەپ تەشۋىق قىلىپ، ئاساسىي قانۇن ۋە قانۇن ھەممىدىن ئەلا، قانۇن ئالدىدا ھەممە ئادەم باراۋەر دېگەن قانۇنچىللىق ئىدىيەنى ئەۋج ئالدۇرۇشى كېرەك. كادىر، ئامما ياقتۇرىدىغان ئۇسۇل ۋە چۈشىنىشلىك تىل ئارقىلىق، شىنجاڭنى قانۇن ئارقىلىق ئىدارە قىلىدىغان، ئىتتىپاق -مۇقىم بولغان، شىنجاڭنى ئۇزاققىچە گۈللەندۈرىدىغان ۋە قانۇن ئارقىلىق ئوبلاستنى ئىدارە قىلىدىغان جانلىق ئەمەلىيەتنى كۈچەپ تەشۋىق قىلىپ، ھەر مىللەت كادىر، ئاممىسىنىڭ قانۇنچىللىق قۇرۇلۇشىغا ئۆزىنى بېغىشلاشتىكى ئاكتىپچانلىقى ۋە تەشەببۇسكارلىقىنى تېخىمۇ ياخشى قوزغىتىشى كېرەك. ئىزچىللاشتۇرۇش، ئەمەلىيلەشتۈرۈشـنى تېخىـمۇ چىڭ تۇتۇشى كېرەك.

    ئوبلاستلىق خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتى، خەلق ھۆكۈمىتى، سىياسىي كېڭەشنىڭ رەھبەرلىك بەنزە ئەزالىرى، ئوبلاستلىق سوت، تەپتىش مەھكىمىلىرىنىڭ ئاساسلىق رەھبەرلىرى، ئوبلاستلىق پارتكومنىڭ ھەرقايسى تارماقلىرى، ئوبلاستىمىزدىكى ھەر قايسى كومىتېت، ئىشخانا، ئىدارە، خەلق تەشكىلاتلىرى، بىۋاسىتە باشقۇرۇلىدىغان ئورۇنلار، ئوبلاستقا بىۋاسىتە قاراشلىق كەسپىي ئورۇنلارنىڭ ئاساسلىق مەسئۇللىرى، ئوبلاستلىق پارتكوم سىياسىي – قانۇن كومىتېتىدىكى بارلىق كادىرلار، ئوبلاستلىق پارتكوم پارتىيە مەكتىپىدىكى ئوقۇتقۇچىلار ۋەكىللىرى، ئوبلاستلىق سوت، تەپتىش مەھكىمىسى، جامائەت خەۋپسىزلىكى ئىدارىسى، ئەدلىيە ئىدارىسى، دۆلەت خەۋپسىزلىكى ئىدارىسىنىڭ رەھبەرلىك بەنزە ئەزالىرى ، كادىر، ساقچىلار نەق مەيداندا دوكلات بېرىش يىغىنىنى ئاڭلىدى.    (رىزۋانگۈل ئىبراھىم تەرجىمىسى)

(مەنبە:بايىنغولىن گېزىتى)

  • 巴州政府电子政务办公室
    (0996)2689222
  • يانفۇن بېتى
    ئىككىلىك كودنى سىكانىرلاڭ
ئۇستى