بايىنغولىن ئوبلاستلىق خەلق ھۆكمەت باش بېتى
باشقا يازمىلار
  • ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم ئىسلاھاتنى ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇرلاشتۇرۇش بويىچە ئۆزئارا ئۆگىنىش، ئۆزئارا تەكشۈرۈش، خۇلاسىلەش – دوكلات قىلىش تېلېۋىزىيە – تېلېفون يىغىنى ئاچتى

ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم ئىسلاھاتنى ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇرلاشتۇرۇش بويىچە ئۆزئارا ئۆگىنىش، ئۆزئارا تەكشۈرۈش، خۇلاسىلەش – دوكلات قىلىش تېلېۋىزىيە – تېلېفون يىغىنى ئاچتى

ئىسلاھاتنى چوڭقۇر تەرەققىي قىلدۇرۇشنى تېخىمۇ زور سالماق بىلەن ئىلگىرى سۈرۈش كېرەك

    مۇخبىرىمىز ياڭ شياۋدۇڭ خەۋەر قىلىدۇ: 8 – ئاينىڭ  10 – كۈنى چۈشتىن كېيىن، ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم ئىسلاھاتنى ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇرلاشتۇرۇش بويىچە ئۆزئارا ئۆگىنىش، ئۆزئارا تەكشۈرۈش، خۇلاسىلەش – دوكلات قىلىش تېلېۋىزىيە – تېلېفون يىغىنى ئېچىپ، باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مەركەز ئىسلاھاتنى ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇرلاشتۇرۇش كومىتېتىنىڭ 1 -، 2 -، 3 -قېتىملىق يىغىنىدا قىلغان مۇھىم سۆزىنىڭ روھىنى ئەستايىدىل ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىك باش نىشانىنى زىچ چۆرىدەپ، ئۆزئارا ئۆگىنىش، ئۆزئارا تەكشۈرۈش خىزمىتىنى ۋە ئاپتونوم رايوننىڭ ئىسلاھات خىزمىتى ئەھۋالىنى خۇلاسىلەپ، ئىسلاھاتنى چوڭقۇر تەرەققىي قىلدۇرۇشنى يەنىمۇ ئىلگىرى سۈرۈشنى ئورۇنلاشتۇردى.

    ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى، ئىسلاھاتنى ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇرلاشتۇرۇشقا رەھبەرلىك قىلىش گۇرۇپپىسى ئىشخانىسىنىڭ مۇدىرى لى پېڭشىن يىغىنغا قاتناشتى ھەم سۆز قىلدى.

    يىغىندا مۇنداق كۆرسىتىلدى: ئىسلاھاتتا ئۆزئارا ئۆگىنىش، ئۆزئارا تەكشۈرۈش خىزمىتىنى قانات يايدۇرۇش ئارقىلىق، پۈتۈن ئاپتونوم رايوننىڭ ئىسلاھات خىزمىتىنىڭ تەرەققىياتى ئىلگىرى سۈرۈلدى. ئالدىنقى يېرىم يىلدا، ھەر قايسى مەخسۇس تۈر گۇرۇپپىلىرى، جايلار، تارماقلار ئىسلاھات خىزمىتى مېخانىزمىنى ئۈزلۈكسىز مۇكەممەللەشتۈرۈپ، كۈچلۈك كۈچ سەپلەپ، ئەمەلىيلەشتۈرۈشكە ھەيدەكچىلىك قىلىش سالمىقىنى ئاشۇرۇپ، تەكشۈرۈش، تەتقىق قىلىشنى پائال قانات يايدۇرۇپ، تاللاپ تىپ تۇرغۇزۇپ، نۇقتا ئارقىلىق دائىرىنى يېتەكلەپ، ئومۇمىي جەھەتتىن ئىلگىرى سۈردى. ئاپتونوم رايون، ۋىلايەت، ئوبلاست، شەھەرلەرنىڭ ئىسلاھات خىزمىتى ئوڭۇشلۇق ئىلگىرى سۈرۈلۈپ، «ۋاقىتنىڭ يېرىمى ئۆتكەندە، ۋەزىپىنىڭمۇ يېرىمىنى تاماملاش» ئاساسىي جەھەتتىن ئىشقا ئاشۇرۇلدى.

    يىغىندا مۇنداق تەكىتلەندى: ئاپتونوم رايوننىڭ ئىسلاھات خىزمىتىنى چوڭقۇر ئىلگىرى سۈرۈشتە، يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ ئىسلاھاتنى ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇرلاشتۇرۇش خىزمىتى توغرىسىدىكى يېڭى تەلەپ، يېڭى ئورۇنلاشتۇرمىسىنى چوقۇم چوڭقۇر ئۆگىنىپ ۋە ئۆزلەشتۈرۈپ، توغرا يۆنىلىشنى پۇختا ئىگىلەپ، ئىسلاھات تەلىپىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈشنى چىڭ تۇتۇشنى زور سىياسىي ۋەزىپە ۋە مۇھىم سىياسىي مەسئۇلىيەت قىلىش؛ ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىك باش نىشانىنى زىچ چۆرىدەپ، ئىسلاھاتنىڭ سىستېمىلىقلىقى، بىر پۈتۈنلۈكلۈكى، ماسلىشىشچانلىقىغا ئەھمىيەت بېرىپ ئىرادە، ئىشەنچنى چىڭىتىپ، دىققەتنى مۇھىم نۇقتا، قىيىن نۇقتىلارغا مەركەزلەشتۈرۈپ، ئاساسىي قاتلامنىڭ ئەمەلىيىتىگە ھۆرمەت قىلىپ، تەجرىبىلەرنى ئۆز ۋاقتىدا يەكۈنلەپ، كۈچنى مەركەزلەشتۈرۈپ ئۆتكەلگە ھۇجۇم قىلىش جېڭىنى ياخشى قىلىپ، ئاپتونوم رايوننىڭ ئىسلاھات خىزمىتىنىڭ يېڭى پەللىگە كۆتۈرۈلۈشىگە تۈرتكە بولۇش كېرەك.

    يىغىندا مۇنداق كۆرسىتىلدى:ھازىر، ئىسلاھات ۋەزىپىسى يەنىلا مۈشكۈل ھەم ئېغىر، شۇڭا، چوقۇم مەسئۇلىيەتنى كۈچەيتىپ، ئەمەلىيلەشتۈرۈشنى چىڭ تۇتۇش كېرەك. سىياسىي ئىرادىنى كۈچەيتىپ، مەسىلە ھەل قىلىش يۆنىلىشىدە چىڭ تۇرۇپ، تەكشۈرۈشكە ھەيدەكچىلىك قىلىشنى كۈچەيتىپ، خىزمەت ئۇسۇلىنى ياخشىلاپ، «تۆت ئاڭ»نى يەنىمۇ مۇستەھكەملەپ،«تۆت ئىشەنچ»نى چىڭىتىپ، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ ئىسلاھات توغرىسىدىكى قارار -ئورۇنلاشتۇرمىلىرىنى كەم – كوتسىز ئەمەلىيلەشتۈرۈشكە كاپالەتلىك قىلىش كېرەك. ئۆزئارا ئۆگىنىش، ئۆزئارا تەكشۈرۈشتە بايقالغان مەسىلىلەرگە قارىتا، تۈرلەر بويىچە سەۋەبىنى ئېنىقلاپ، تۈگۈننى توغرا تېپىپ، ھەر بىرىدە بۆسۈش ھاسىل قىلىپ، قىيىنچىلىقتىن قورقۇش كەيپىياتى ۋە «ساقلاپ تۇرۇش، تايىنىۋېلىش» ئىدىيەسىنى قەتئىي يېڭىپ، ئىسلاھات ۋەزىپىلىرى بىلەن ئەستايىدىل سېلىشتۇرۇپ، خىزمەتتىكى كەمتۈكلۈكنى تېزدىن تولۇقلاپ، ئىسلاھاتنىڭ تۈرلۈك ۋەزىپىلىرىنى ۋاقتىدا تاماملاشقا كاپالەتلىك قىلىش كېرەك.

    يىغىندا مۇنداق تەكىتلەندى: ئاپتونوم رايوننىڭ ئاپپارات ئىسلاھاتى ئەمەلىي مەشغۇلات باسقۇچىغا قەدەم قويدى، ئاپپارات ئىسلاھاتى بىلەن ئىسلاھات ۋەزىپىسىنى ياخشى تاماملاشتا «ئىككى قولدا تۇتۇش، ئىككىلا قول قاتتىق بولۇش»تا چىڭ تۇرۇپ، ئاپپارات ئىسلاھاتىنى باھانە قىلىپ ئىسلاھات ۋەزىپىسىنى كەينىگە سۈرگەنلەرنىڭ مەسئۇلىيىتىنى، جاۋابكارلىقىنى قاتتىق سۈرۈشتۈرۈش كېرەك.

    ئاپتونوم رايون رەھبەرلىرىدىن تيەن ۋېن، جاڭ چۈنلىن قاتارلىقلار يىغىنغا قاتناشتى.

    ئوبلاستىمىز رەھبەرلىرىدىن سۈي جىنسۇڭ، ئەنۋەر ئابلا، ۋاڭ جيۇجۇڭ، ياڭ لىڭ قاتارلىقلار بايىنغولىن شۆبە يىغىن مەيدانىدا يىغىنغا قاتناشتى.    (ئاينۇر قادىر تەرجىمىسى)

(مەنبە:بايىنغولىن گېزىتى)

  • 巴州政府电子政务办公室
    (0996)2689222
  • يانفۇن بېتى
    ئىككىلىك كودنى سىكانىرلاڭ
ئۇستى