Warning: mysqli_query(): (HY000/14): Can't change size of file (Errcode: 28 "No space left on device") in G:\phpsite\uyg\wp-includes\wp-db.php on line 1942
پۈتۈن شىنجاڭ بويىچە 17 ناھىيە (شەھەر)گە «ئاپتونوم رايون بويىچە يېمەكلىكى بىخەتەر شەھەر» دەپ نام بېرىلىپ تەقدىرلەندى - بايىنغولىن ئوبلاستلىق خەلق ھۆكمەت باش بېتى
Warning: mysqli_query(): (HY000/14): Can't change size of file (Errcode: 28 "No space left on device") in G:\phpsite\uyg\wp-includes\wp-db.php on line 1942
بايىنغولىن ئوبلاستلىق خەلق ھۆكمەت باش بېتى
باشقا يازمىلار
  • پۈتۈن شىنجاڭ بويىچە 17 ناھىيە (شەھەر)گە «ئاپتونوم رايون بويىچە يېمەكلىكى بىخەتەر شەھەر» دەپ نام بېرىلىپ تەقدىرلەندى
  • يوللىغان ۋاقتى:2018- 08- 15 سەھىپە:سەھىپە ئايرىلمىغان ئاپتۇر: زىيارەت: 607 قېىتىم

پۈتۈن شىنجاڭ بويىچە 17 ناھىيە (شەھەر)گە «ئاپتونوم رايون بويىچە يېمەكلىكى بىخەتەر شەھەر» دەپ نام بېرىلىپ تەقدىرلەندى

كورلا شەھىرى، چاقىلىق ناھىيەسى بۇنىڭ قاتارىدىن ئورۇن ئالدى

    مۇخبىرىمىز شۆ يۈنشياۋ، ئىختىيارىي مۇخبىرىمىز جاۋ شۆلۇڭ خەۋەر قىلىدۇ: 8 – ئاينىڭ 9 – كۈنى، مۇخبىرنىڭ يېمەكلىك بىخەتەرلىكى كومىتېتىدىن ئىگىلىشىچە، يېقىنقى كۈنلەردىن بۇيان، ئاپتونوم رايونلۇق يېمەكلىك بىخەتەرلىكى كومىتېتى پۈتۈن شىنجاڭ بويىچە 17 ناھىيە (شەھەر)گە «ئاپتونوم رايون بويىچە يېمەكلىكى بىخەتەر شەھەر» دەپ نام بېرىپ تەقدىرلىدى. ئوبلاستىمىزدىكى كورلا شەھىرى، چاقىلىق ناھىيەسى بۇنىڭ قاتارىدىن ئورۇن ئالدى.

ئاپتونوم رايون تۇنجى تۈركۈمدە نام بېرىپ تەقدىرلىگەن «ئاپتونوم رايون بويىچە يېمەكلىكى بىخەتەر شەھەر»لەر: ئىلى قازاق ئاپتونوم ئوبلاستىنىڭ كۇيتۇن شەھىرى، غۇلجا شەھىرى، سانجى خۇيزۇ ئاپتونوم ئاپتونوم ئوبلاستىنىڭ سانجى شەھىرى، فۇكاڭ شەھىرى، تارباغاتاي ۋىلايىتىنىڭ ۋۇسۇ شەھىرى، چۆچەك شەھىرى، ئالتاي ۋىلايىتىنىڭ كۆكتوقاي ناھىيەسى، بايىنغولىن موڭغۇل ئاپتونوم ئوبلاستىنىڭ كورلا شەھىرى، چاقىلىق ناھىيەسى، ئاقسۇ ۋىلايىتىنىڭ ئاقسۇ شەھىرى، باي ناھىيەسى، قۇمۇل شەھىرىنىڭ ئېۋىرغول رايونى، تۇرپان شەھىرىنىڭ ئىدىقۇت رايونى، بورتالا موڭغۇل ئاپتونوم ئوبلاستىنىڭ بورتالا شەھىرى شۇنداقلا، ئالار شەھىرى، تۇمشۇق شەھىرى، بەيتۈن شەھىرى قاتارلىقلار.

    بۇ قېتىمقى «ئاپتونوم رايون بويىچە يېمەكلىكى بىخەتەر شەھەر» بەرپا قىلىش جەريانىدا، كورلا شەھەرلىك يېمەكلىك بىخەتەرلىكى كومىتېتى كورلا شەھەرلىك يېمەكلىك، دورىلارنى نازارەت قىلىش – باشقۇرۇش ئىدارىسى خەلق ئاممىسىنىڭ يېمەكلىك بىخەتەرلىكىگە كاپالەتلىك قىلىشنى مەركەز قىلىپ، يېڭىلىق يارىتىشنى كۆزلەپ، ئەمەلىي ئۈنۈم يارىتىش ئۈستىدە ئىزدىنىپ، يېمەكلىك بىخەتەرلىكىنى نازارەت قىلىش – باشقۇرۇش تۈزۈمىنى ئۈزلۈكسىز مۇكەممەللەشتۈردى. كورلا شەھىرىدە ستېرېئولۇق، ئومۇميۈزلۈك قاپلاشتىكى نازارەت قىلىش – باشقۇرۇش تورى بەرپا قىلىپ، ئاشلىق تېرىش (بېقىش)، كۆپەيتىش، ئىشلەپچىقىرىش، پىششىقلاپ ئىشلەش، ئوبوروت تىجارىتى، يېمەك – ئىچمەك ئىستېمالىدىكى «تۆت ئۆتكەل»نى چىڭىتىپ، ئېتىز – ئېرىقتىن تاماق ئۈستىلىگىچە بولغان پۈتۈن زەنجىر، پۈتۈن جەرياندىكى يېمەكلىك بىخەتەرلىكىگە كاپالەتلىك قىلدى.

    «ئەقلىي ئىقتىدارلىق يېمەكلىك – دورا» سۇپىسى قۇرۇش جەھەتتە، ھازىرغا قەدەر كورلا شەھىرىدە 9500 يېمەكلىك ئىشلەپچىقىرىش تىجارەت ئورنى، گىرىم بۇيۇملىرى، ساغلاملىق يېمەكلىكى ھەمدە دورا ۋە داۋالاش ئەسلىھەلىرى تىجارىتى ئورنى سەمىمىيەت ئۇچۇر سىستېمىسىغا كىرگۈزۈلۈپ، 579 يېمەك – ئىچمەك ئورنى قۇياش نۇرى ئاشخانا قۇرۇلۇشىنى تاماملاپ، 380 ئورۇن يېمەكلىك خام – ماتېرىيالىنىڭ ئېلېكتىرونلۇق ھېساباتىنى يۇقىرىغا يوللىدى؛ «پاكىزە، يورۇق ئاشخانا» بولۇش ئۈلگە قۇرۇلۇشى بەرپا قىلىشتا، ھازىرغا قەدەر، كورلا شەھىرىدە 1500دىن كۆپرەك يېمەك – ئىچمەك ئورنى «پاكىزە، يورۇق ئاشخانا» بولۇشنى ئىشقا ئاشۇرغان بولۇپ، 1200دىن كۆپرەك كونا يېمەك – ئىچمەك مۇلازىمەت ئورنى قازناقنى ئۆزگەرتىشنى يولغا قويۇپ، ئوتتۇرا، چوڭ تىپتىكى 579 يېمەك – ئىچمەك ئورنى، مەكتەپ ئاشخانىلىرى كۆرۈنمە چاستوتىلىق نازارەت قىلىش سىستېمىسى ئورنىتىپ، قازناقنىڭ نۇقتىلىق پىششىقلاپ ئىشلەش رايونىنىڭ يۇقىرى ئېنىقلىقتىكى سۈرىتىنى ئۆز ۋاقتىدا تاماق زالىغا يوللاپ، نازارەت قىلىش، باشقۇرۇش تارمىقى بىلەن تورلىشىشنى ئىشقا ئاشۇرۇپ، غىزالىنىدىغان ئامما ۋە نازارەت قىلىش – باشقۇرۇش تارماقلىرىنىڭ نازارەت قىلىشىنى ئاڭلىق قوبۇل قىلدى.

    چاقىلىق ناھىيەلىك يېمەكلىك بىخەتەرلىكى كومىتېتى ئىشخانىسىنىڭ مۇدىرى جاڭ گېنتاۋ مۇنداق دېدى: يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، ناھىيەلىك يېمەكلىك بىخەتەرلىكى كومىتېتى ناھىيەلىك پارتكوم، ناھىيەلىك خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ رەھبەرلىكىدە، «ئاپتونوم رايون بويىچە يېمەكلىكى بىخەتەر شەھەر» بەرپا قىلىش خىزمىتىنى بۆسۈش نۇقتىسى قىلىپ، كۈچنى مەركەزلەشتۈرۈپ، ئۆلچەمنى بىرلىككە كەلتۈرۈپ، مەسئۇلىيەتنى ھەر بىر كىشىگىچە ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ئېلان قىلىش ئارقىلىق ئاشكارىلاش تۈزۈمى، سۆھبەت تۈزۈمى ھەمدە تۈرلۈك تۈزۈملەرنى بىرلىككە كەلتۈرۈش، قوش يۆنىلىشلىك ئارخىپ تۇرغۇزۇش قاتارلىق يېڭىلىق يارىتىش تەدبىرلىرىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، «ئاپتونوم رايون بويىچە يېمەكلىكى بىخەتەر شەھەر» بەرپا قىلىش خىزمىتى ۋەزىپىسىنى ئومۇميۈزلۈك تاماملىدى ھەمدە بەرپا قىلىش پائالىيىتىدە، كىچىك ھۈنەرۋەنچىلىك دۇكانلىرىنى تۈزەش، يېمەكلىككە قانۇنسىز ھالدا خۇرۇچ قوشۇش ۋە قالايمىقان ئىشلىتىشنى تۈزەش، ياز پەسلىدىكى يېمەكلىك بىخەتەرلىكى بويىچە ئۇنىۋېرسال تۈزەش قاتارلىق مەخسۇس تۈردىكى تۈزەش ھەرىكىتىنى قانات يايدۇرۇپ، يېمەك – ئىچمەك مۇلازىمىتى تىجارىتىنى قېلىپلاشتۇرۇپ، پۈتۈن ناھىيەنىڭ يېمەكلىك بىخەتەرلىكىنى كاپالەتكە ئىگە قىلىش ئومۇمىي سەۋىيەسىنى كۆرۈنەرلىك يۇقىرى كۆتۈردى. شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، چاقىلىق ناھىيەسى بۇ شان – شەرەپنى قەدىرلەپ، غەيرەت ئۈستىگە غەيرەت قوشۇپ، بەرپا قىلىش نەتىجىلىرىنى مۇستەھكەملەپ، ئۈزلۈكسىز يېڭىلىق يارىتىپ ۋە سۈپەتنى قولغا كەلتۈرۈپ، ئۈلگە بولۇش، يېتەكلەش رولىنى تولۇق جارى قىلدۇرۇپ، پۈتۈن رايوننىڭ يېمەكلىك بىخەتەرلىكىنى كاپالەتكە ئىگە قىلىش سەۋىيەسىنى ئومۇميۈزلۈك يۇقىرى كۆتۈرۈش، ساغلام شىنجاڭ قۇرۇشنى ئىلگىرى سۈرۈش، ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەت قۇرۇپ چىقىش ئۈچۈن تېخىمۇ زور تۆھپە قوشىدۇ.    (ئامانگۈل روزى تەرجىمىسى)

(مەنبە:بايىنغولىن گېزىتى)

  • 巴州政府电子政务办公室
    (0996)2689222
  • يانفۇن بېتى
    ئىككىلىك كودنى سىكانىرلاڭ
ئۇستى