بايىنغولىن ئوبلاستلىق خەلق ھۆكمەت باش بېتى
باشقا يازمىلار
  • 6 – نۆۋەتلىك جۇڭگو – ئاسىيا – ياۋروپا كۆرگەزمىسى بويىچە ئوبلاستىمىز ۋەكىللەر ئۆمىكى 2 – قېتىملىق تەييارلىق يىغىنى ئاچتى

6 – نۆۋەتلىك جۇڭگو – ئاسىيا – ياۋروپا كۆرگەزمىسى بويىچە ئوبلاستىمىز ۋەكىللەر ئۆمىكى 2 – قېتىملىق تەييارلىق يىغىنى ئاچتى

    تەييارلىق خىزمىتىگە پۇختا تەييارلىق قىلىپ، ئوبلاستىمىزنىڭ ئاسىيا – ياۋروپا كۆرگەزمىسىدە تېخىمۇ ياخشى نەتىجىلەرنى يارىتىشىغا كاپالەتلىك قىلىش كېرەك

    مۇخبىرىمىز ياڭ شياۋدۇڭ خەۋەر قىلىدۇ: 8 – ئاينىڭ 13 – كۈنى، 6 – نۆۋەتلىك جۇڭگو – ئاسىيا – ياۋروپا كۆرگەزمىسى بويىچە ئوبلاستىمىز ۋەكىللەر ئۆمىكى 2 – قېتىملىق تەييارلىق يىغىنى ئاچتى، يىغىندا كۆرگەزمىگە قاتنىشىشقا تەييارلىق قىلىش ئەھۋالى ئاڭلاپ ئۆتۈلۈپ، كېيىنكى قەدەمدىكى خىزمەتلەر ئورۇنلاشتۇرۇلدى.

    ئوبلاستلىق پارتكوم دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى قۇربانجان قۇتلۇق يىغىنغا رىياسەتچىلىك قىلدى ھەمدە سۆز قىلدى.

    يىغىندا مۇنۇلار تەكىتلەندى: ھەر قايسى ناھىيە (شەھەر)، تارماقلار ئومۇميۈزلۈك بۇ رولغا كىرىپ، خىزمەت رېتىمىنى تېزلىتىپ، ئىش تەقسىماتى ھەمكارلىقىنى ياخشىلاپ، تۈرلۈك خىزمەتلەرنى چىڭ، ئەمەلىي، ئىنچىكە تۇتۇپ، ئۈنۈم يارىتىشى كېرەك. سودا تارماقلىرى ھەرقايسى ناھىيە، شەھەردىكى داڭلىق كارخانىلار ۋە داڭلىق مەھسۇلاتلارنى كۆرگەزمىگە قاتناشتۇرۇشقا تولۇق سەپەرۋەر قىلىپ ۋە تەشكىللەپ، كارخانىلارنىڭ ھەر خىل تونۇشتۇرۇش پائالىيىتىنى قانات يايدۇرۇشىغا ياردەم بېرىشى كېرەك. ھەر قايسى ناھىيە (شەھەر)، ھەر قايسى باغچا رايونى كۆرگەزمە بۇيۇملىرىنى كۆرگەزمە قىلىش تەلىپى بويىچە، كۆرگەزمە بۇيۇملىرىنى نىشانلىق تاللاپ، كۆرگەزمە بۇيۇملىرىنى تاللىغاندا، ئىنچىكىلىك بىلەن ياخشىلىرى ئىچىدىن ئەلالىرىنى تاللىشى كېرەك. خېرىدار چاقىرىش تارماقلىرى سىرتتىن كىرگۈزۈش، سىرتقا چىقىرىش سالمىقىنى ئاشۇرۇپ، دۆلەت ئىچى ۋە سىرتىدىكى رايونلار ئارا، كارخانىلار ئارا چوڭقۇر قاتلاملىق ئىقتىساد – سودا ھەمكارلىقىنى كۈچەيتىپ، بىر تۈركۈم زور خېرىدار چاقىرىش تۈرىنى كىرگۈزۈشى كېرەك. ساياھەت تارماقلىرى ئوبلاستىمىزنىڭ ساياھەتچىلىكنى تەرەققىي قىلدۇرۇش يېڭى ئىدىيەسى، يېڭى تەدبىرى، يېڭى نەتىجىلىرىنى زور كۈچ بىلەن تەشۋىق قىلىپ، ئوبلاستىمىزنىڭ ساياھەت بايلىقىنى تولۇق، ياخشى نامايان قىلىپ، كۆپلىگەن ساياھەتچىلەرنى ئوبلاستىمىزغا ساياھەتكە كېلىشكە جەلپ قىلىشى كېرەك. تەشۋىقات تارماقلىرى كۆڭۈل قويۇپ پىلانلاپ، بىرقاتار تەشۋىقات پائالىيىتى قانات يايدۇرۇپ، ئوبلاستىمىزنى تەشۋىق قىلىش، تونۇشتۇرۇش دولقۇنىنى يۇقىرى كۆتۈرۈشى كېرەك. ھەر قايسى ئەزا ئورۇنلار پۈتۈن كۈچى بىلەن ئاتلىنىپ، تەڭ قەدەمدە ھەرىكەتلىنىپ، بىر تاختا شاھماتتەك ئىلگىرى سۈرۈپ، تۈرلۈك تەييارلىق خىزمەتلىرىنى پۇختا ئىشلەپ، ئوبلاستىمىزنىڭ بۇ نۆۋەتلىك جۇڭگو -ئاسىيا – ياۋروپا كۆرگەزمىسىدە يەنىمۇ ياخشى نەتىجىلەرنى يارىتىشىغا كاپالەتلىك قىلىشى كېرەك.

    ئوبلاستلىق پارتكوم دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، ئوبلاستنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى جاڭ شۇشىن، ئوبلاستلىق سىياسىي كېڭەشنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى لى تيەنيۇ يىغىنغا قاتناشتى.    (رامىلە غېنى تەرجىمىسى)

(مەنبە:بايىنغولىن گېزىتى)

  • 巴州政府电子政务办公室
    (0996)2689222
  • يانفۇن بېتى
    ئىككىلىك كودنى سىكانىرلاڭ
ئۇستى