Warning: mysqli_query(): (HY000/14): Can't change size of file (Errcode: 28 "No space left on device") in G:\phpsite\uyg\wp-includes\wp-db.php on line 1942
ئوبلاستلىق خەلق ھۆكۈمىتى جۇڭگو قاتناش ئايروپورت چەكلىك شىركىتى بىلەن ئىستراتېگىيەلىك ھەمكارلىق رامكا كېلىشىمى ئىمزالىدى - بايىنغولىن ئوبلاستلىق خەلق ھۆكمەت باش بېتى
Warning: mysqli_query(): (HY000/14): Can't change size of file (Errcode: 28 "No space left on device") in G:\phpsite\uyg\wp-includes\wp-db.php on line 1942
بايىنغولىن ئوبلاستلىق خەلق ھۆكمەت باش بېتى
باشقا يازمىلار
  • ئوبلاستلىق خەلق ھۆكۈمىتى جۇڭگو قاتناش ئايروپورت چەكلىك شىركىتى بىلەن ئىستراتېگىيەلىك ھەمكارلىق رامكا كېلىشىمى ئىمزالىدى
  • يوللىغان ۋاقتى:2018- 08- 15 سەھىپە:سەھىپە ئايرىلمىغان ئاپتۇر: زىيارەت: 138 قېىتىم

ئوبلاستلىق خەلق ھۆكۈمىتى جۇڭگو قاتناش ئايروپورت چەكلىك شىركىتى بىلەن ئىستراتېگىيەلىك ھەمكارلىق رامكا كېلىشىمى ئىمزالىدى

ئوبلاستىمىزنىڭ ئاۋىئاتسىيە كەسپىنىڭ دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈشكە ياردەم بېرىش كېرەك

    مۇخبىرىمىز شيې شياۋيەن خەۋەر قىلىدۇ: 8 – ئاينىڭ 13 – كۈنى، ئوبلاستلىق خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ جۇڭگو قاتناش ئايروپورت چەكلىك شىركىتى بىلەن ئىستراتېگىيەلىك ھەمكارلىق رامكا كېلىشىمى ئىمزالاش مۇراسىمى بايىنغولىن مېھمانخانىسىدا ئۆتكۈزۈلدى. بۇ، ئوبلاستىمىزنىڭ دۆلەت ئىچىدىكى ئاۋىئاتسىيە كەسپىدىكى باشلامچى كارخانا بىلەن ھەمكارلىقنى چوڭقۇرلاشتۇرغانلىقىنىڭ مۇھىم نەتىجىسى. شۇنداقلا، ئوبلاستىمىزنىڭ ئايروپورتقا يېقىن ئىقتىسادىي تەرەققىياتنىڭ ئالدىغا قاراپ ئىلگىرىلىگەندىكى خۇشاللىنارلىق بىر قەدەم.

    ئوبلاستلىق پارتكومنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى، ئوبلاست باشلىقى تۈگجەجاپ كېلىشىم ئىمزالاش مۇراسىمىغا رىياسەتچىلىك قىلدى.

ئوبلاستلىق پارتكوم دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، ئوبلاستنىڭ دائىمىي ئىشلارغا مەسئۇل مۇئاۋىن باشلىقى ۋاڭ جيۇجۇڭ ئوبلاستلىق خەلق ھۆكۈمىتىگە ۋاكالىتەن جۇڭگو قاتناش ئايروپورت چەكلىك شىركىتى پارتكومىنىڭ شۇجىسى، باش دىرېكتور ياۋ گۇاڭچېڭ بىلەن ئىستراتېگىيەلىك ھەمكارلىق رامكا كېلىشىمى ئىمزالىدى.

    يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، گوۋۇيۈەن بەنگۇڭتىڭى، ئاپتونوم رايون ۋە ئوبلاستىمىز ھەممىباب ئاۋىئاتسىيە كەسپى ۋە خەلق ئاۋىئاتسىيە كەسپىنى تەرەققىي قىلدۇرۇش توغرىسىدىكى يېتەكچىلىك پىكرىنى ئۈزلۈكسىز ئوتتۇرىغا قويدى. خېجىڭ ناھىيەسى بالغۇنتاي ئايرودرومى، بۈگۈر ناھىيەسى ئوتتۇرا تارىم ئايرودرومىدىن ئىبارەت ئىككى تارماق لىنىيەلىك ئايرودروم مەملىكەت بويىچە پۇقراۋى تىرانسپورت ئايرودرومىنى ئورۇنلاشتۇرۇش پىلانىغا، 18 ئۇنىۋېرسال ئايرودروم ئاپتونوم رايوننىڭ 13 – بەش يىللىق ئۇنىۋېرسال ئايرودروم قۇرۇلۇشى پىلانىغا كىرگۈزۈلدى. ئوبلاستىمىزنىڭ ئۇنىۋېرسال ئاۋىئاتسىيە كەسپى ۋە خەلق ئاۋىئاتسىيە كەسپى مىسلى كۆرۈلمىگەن تەرەققىيات پۇرسىتىنى كۈتۈۋالدى.

    ئىگىلىنىشىچە، جۇڭگو قاتناش ئايروپورت چەكلىك شىركىتى جۇڭگو قاتناش قۇرۇلۇش گۇرۇھى چەكلىك شىركىتى پاي كونترول شىركىتى بولۇپ. بۇ شىركەت ئاۋىئاتسىيە ئاساسىي ئەسلىھەلىرىگە مەبلەغ سېلىش، يۈرۈشلەشتۈرۈشكە بولغان باشقۇرۇش ۋە ئايروپورتقا يېقىن كەسىپ ئارقىلىق بىرىكتۈرۈش سۇپىسىنى ئورۇن بەلگىلەپ، دۆلەت ئىچىدىكى ئالدىنقى قاتاردىكى، خەلقئارادىكى داڭلىق ئايرودرومغا ئايلىنىشتىكى بايلىقىنى بىرىكتۈرۈش سۇپىسىنى تىرىشىپ يارىتىدۇ. بۇنىڭدىن كېيىن، ھەمكارلاشقۇچى ئىككى تەرەپ ئۇنىۋېرسال ئايرودروم تورىنى مەبلەغ سېلىپ يۈرۈشتۈرۈشنى باشلىنىش نۇقتىسى قىلىپ، تارماق لىنىيەلىك ئايرودورۇمغا مەبلەغ سېلىپ يۈرۈشتۈرۈش، قاتناش ساياھىتى، ئاۋىئاتسىيە ئەشيا ئوبورتى، ئۆزگىچە ئاۋىئاتسىيە كىچىك بازىرى ۋە ئۆزگىچە سالامەتلىكنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش – كۈتۈنۈش تۈرى، ئاۋىئاتسىيە قاتنىشى كەسىپنى كىرگۈزۈش قاتارلىق ساھەلەرنى تەدرىجىي كېڭەيتىپ، ھەر تەرەپلىمىلىك ھەمكارلىشىش، ئورتاق پايدا ئېلىشنى ئىشقا ئاشۇرۇش كېرەك.

    سۆھبەت يىغىنىدا تۈگجەجاپ مۇنداق دېدى: بايا بىز ئوبلاستلىق خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ جۇڭگو قاتناش ئايروپورت چەكلىك شىركىتى بىلەن ئىستراتېگىيەلىك ھەمكارلىق رامكا كېلىشى ئىمزالىشىغا بىرلىكتە شاھىت بولدۇق. بۇ، ئوبلاستىمىزنىڭ جۇڭگو قاتناش ئايروپورت چەكلىك شىركىتى بىلەن بولغان ھەمكارلىقنىڭ ياخشى باشلانغانلىقىنى بىلدۈرىدۇ، جۇڭگو قاتناش ئايروپورت چەكلىك شىركىتىنىڭ تېخنىكا، مەبلەغ، ئىختىساسلىق خادىملار ۋە تەجرىبە ئەۋزەللىكىنى ئوبلاستىمىزنىڭ رايون ئورنى، جۇغراپىيەلىك ئورنى، بايلىقى ۋە قاتناش ئەۋزەللىكى بىلەن چوڭقۇر بىرلەشتۈرۈپ، ئوبلاستىمىزنىڭ ئاۋىئاتسىيە كەسپىنىڭ دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈشكە ياردەم بېرىپ، ئايروپورتقا يېقىن ئىقتىسادنىڭ يۇقىرى باشلىنىش نۇقتىسى، يۇقىرى سەۋىيەلىك ئورۇنلاشتۇرۇلۇشى ۋە تەرەققىي قىلىشىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، يېڭى ئىقتىسادنىڭ ئېشىش نۇقتىسىنى تېزدىن شەكىللەندۈرۈش ئىنتايىن مۇھىم ئەھمىيەتكە ئىگە. بىز جۇڭگو قاتناش ئايروپورت چەكلىك شىركىتىنىڭ بايىنغولىندىكى تەرەققىياتىنى ھەر قايسى جەھەتتىن قوللاپ، تۈرلۈك مۇلازىمەت، كاپالەتلەندۈرۈش خىزمىتىنى پۈتۈن كۈچ بىلەن ياخشى ئىشلەپ، ئۆزئارا نەپ يەتكۈزۈپ، ئورتاق نەپ ئېلىپ تەرەققىي قىلىدىغان يېڭى سەھىپىنى بىرلىكتە يېزىپ چىقىمىز.

    ئوبلاستلىق تەرەققىيات – ئىسلاھات كومىتېتى، ئوبلاستلىق مالىيە ئىدارىسى، ئوبلاستلىق دۆلەت زېمىن بايلىقى ئىدارىسى، ئوبلاستلىق مۇھىت ئاسراش ئىدارىسى، ئوبلاستلىق قاتناش ئىدارىسى قاتارلىق تارماقلارنىڭ مۇناسىۋەتلىك مەسئۇللىرى كېلىشىم ئىمزالاش مۇراسىمىغا قاتناشتى.    (ئامانگۈل روزى تەرجىمىسى)

(مەنبە:بايىنغولىن گېزىتى)

  • 巴州政府电子政务办公室
    (0996)2689222
  • يانفۇن بېتى
    ئىككىلىك كودنى سىكانىرلاڭ
ئۇستى